مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 542|ئىنكاس: 7

نەلەردە قالدى ئىنسانلىقىمىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72959
يازما سانى: 1510
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4763
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 03:19:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

نەلەردە قالدى ئىنسانلىقىمىز


(مۇھەممەتجان راشىدىن)

ھايۋان ئىزدىن كەتتۇق بەزىلەر،
نەلەردە قالدى ئىنسانلىقىمىز؟
قالدى تەڭرىگە قىلغان لەۋزىلەر،
نەلەردە قالدى ئىنسانلىقىمىز؟

ئەخلاق بىغىدا ئۈندى شۇم بۇيا،
قىنى قىزىل گۈل، قىنى مەرگىياھ؟
تۇرغان يىرىمىز خەتەرلىك قىيا،
نەلەردە قالدى ئىنسانلىقىمىز؟

ئوغۇرلۇق -نەسلىك چاشقانىڭ ئىشى،
غاجايدۇ كۆچەت ئۆچكىنىڭ چىشى.
شۇلاردەك ئۆتسە ئەگەر ھەر كىشى.
نەلەردە قالدى ئىنسانلىقىمىز؟

بىرى كۆڭلىدە ھايۋانى ھەۋەس،
بىرى كوچىدا ياتار بىھۇش-مەست.
ئىنساننىڭ يولى ئەسلى بۇ ئەمەس،
نەلەردە قالدى ئىنسانلىقىمىز؟

بىزدە نىشان ھارامدىن بىيىش،
قۇزغۇندەك ياشاپ ھايۋاندەك يىيىش.
سۈزۈك سۈلاردا بۇلغىنىش، لىيىش،
نەلەردە قالدى ئىنسانلىقىمىز؟

پارىخوردا ئۇنتۇلدى خەلق ،
خىيانەتكە بۇلغاندى قەلب.
ئەقىل ھارامغا قىلىندى سەرىپ،
نەلەردە قالدى ئىنسانلىقىمىز؟



مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ ‹‹ياخشىلارغا ناخشىلار تولا›› ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن ئېلىندى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tahrir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-8 11:34 AM  


ئادەم ئۆزىگە تايىنىش كىرەك!!!

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1799
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5766
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 721 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 12:05:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز بىر ئىنسان بولغانكەنمىز، بىرمىللەت ياكى بىر پىرقىلەرنى ئەمەس پۈتۈن ئىنسانىيەننىڭ مەنپئەتى ئۈچۈن كۆرەش قىلىشىمىز كىرەك

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83225
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3362
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 107 سائەت
تىزىم: 2012-7-30
ئاخىرقى: 2012-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 12:07:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شائىردەكلا  شائىردە ،     مۇھەممەتجان راشىدىن   ئاكىمىز .  . . .

ئۆتمۈشىڭىز ئۈچۈن ياش تۆكۈۋاتقان بولسىڭىز ، كەلگۈسىڭىزنى ئۆزىڭىز يېزىپ چىقىڭ ! ! !

ئۇزۇن سەپەر ...

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 674
يازما سانى: 1117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 40011
تۆھپە نۇمۇرى: 482
توردا: 3197 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2014-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 12:22:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قالدى تەڭرىگە قىلغان لەۋزىلەر،
نەلەردە قالدى ئىنسانلىقىمىز ؟



ماۋۇ مىسرانى چۈشەندۈرۈشكە بىركۈن يەتمىگۈدەك ، ئاددىي قىسقا قۇرلار ئارقىلىق چوڭقۇر ھەم كۆپ مەنانى ئىپادىلەشمۇ ئاسان ئەمەس بولۇپمۇ شېئىرلاردا ،شېئىر شېئىر بولسىلا ھېساپ ئەمەس ، ھەقىقەتەن قول قويدۇم ماۋۇ شېئىرغا ھەم شېئىرنىڭ يازغۇچىسىغا ...



(مۇھەممەتجان راشىدىن) ئاكىمىزنىڭ مەن ئۇقۇمىغان شېئىرلىرى ھەقىقەتەن كۆپ ئوخشايدۇ تېخى ...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-8 12:27 PM  


خۇشچىراي ، شېرىن سۆز ( بولسا ) ، مال - دۇنيا بېرىلسە ، بۇ ئۈچ نەرسە ئەتراپىغا ئەركىن كىشىلەرمۇ توپلىنىدۇ . قۇتادغۇبىلىكتىن :

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82484
يازما سانى: 1191
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5776
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 207 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2014-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 12:43:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل‹‹‹‹‹

ياماننىڭ قولىدا خارلانماي تۇرۇپ ياخشىنىڭ قەدرىگە يەتمەيسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 3902
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17690
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1560 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 05:43:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنسانلىقنىڭ بەلگىسى نىمە ؟
ئەدەپ ، ئەخلاق ، بىلىم ، دىيانەت .
ئادەملىكنىڭ پەللىسى نىمە ؟
توغرا يولدا تاپماق ھىدايەت .
ھاياتلىقنىڭ غەلبىسى نىمە ؟
پاك ئەقىدە ، سۇلماس مۇھەببەت .

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

غەلبە تىرىشچانلارغا مەنسۇپ!!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1501
يازما سانى: 1359
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7090
تۆھپە نۇمۇرى: 198
توردا: 1002 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2014-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 09:14:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي ئادەمنى بىك ئويغا سالىدىغان شېئر  ئىكەن جۇمۇ !!!!!توغرا ئىنسانلىقىمىز زادى نەدە قالدى؟؟!!

ئەگەر ئۆزۈڭىزنىڭ مۆجىزە يارىتالمايدىغىنىڭىزنى بىلسىڭىز،تىرىشىپ تىرىشچانلىقىڭىز ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى مۆجىزىگە ئايلاندۇرۇڭ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83254
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3119
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2012-7-31
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 08:48:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي ئادەمنى بىك ئويغا سالىدىغان شېئر  ئىكەن جۇمۇ !!!!!توغرا ئىنسانلىقىمىز زادى نەدە قالدى؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش