بۇ تېما ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنى،بولۇپمۇ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنى خۇشال قىلىدىغان ئىسىل خۇش -خەۋەر ئىكەن.شۇڭا كۆچۈرۈلمە بولسىمۇ يوللاپ قويدۇم.كۆپرەك قېرىنداشلىرىمىز خەۋەر تاپسا دېگەن ئۈمىدتىمەن.
شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرسېتىتى ئەدەبىيات ئىنىستىتوتىنىڭ سېكىرتارى ئابدۇبەسىر شۇكۇرى مۇئەللىمنىڭ دېيىشىچە بۇ قېتىم يەنە بىر نۆۋەت يېڭىدىن دەرىسلىك كىتاب تۈزۈش ئېلىپ بېرىلىدىكەن. ئۆتكەن يىلى ش ئۇ ئا ر مائارىپ نازارىتى مەخسۇس ئادەم تەشكىللەپ ھازىر ئىشلىتىۋاتقان دەرسلىك ھەققىدە ئۈچ گۇرۇپقا بۆلۈنۈپ شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تەكشۇرۇش ۋە پىكىر ئېلىش ئېلىپ بېرىلغان ئىكەن. بۇ تۈرگە ئابدۇبەسىر مۇئەللىم باش بولغان بۇلۇپ، لايىھە پات ئارىدا تۈزۈلىدىكەن ۋە مۇشۇ لايىھە بۇيىچەباشلانغۇچ 1-يىللىقتىن باشلاپ تولۇق ئوتتۇرا يىللىققىچە قايتا كىتاب تۈزۈش ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
ئەدەبىيات كىتاب تۆۋەندىكى بىر قانچە پىرىنسىپ بويىچە تۈزۈلۈش ئېلىپ بېرىلىدىكەن:
1. مەخسۇس ئۇيغۇر تىلى كىتاب تەسىس قىلىنىدىكەن ھەمدە ھەپتىسىگە ئىككى سائەت قىلىپ ئۆتۈلىدىكەن.
2. ئەدەبىيات دەرسى ھەپتىسىگە تۆت سائەت قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.
3. ئەدەبىيات دەرسلىكتىكى زۆرۈر نەزەرىيۋى بىلىملەر قايتا كىرگۇزۇلۇپ بۇ ھەقتىكى بوشلۇق تولدۇرۇلىدىكەن.
4. ئەدەبىيات دەرسىدە «قوش تىل ۋە ئادەتتىكى دەرسلىك» دېگەن تەلەپ چىقىرىلىپ تاشلىنىپ، ئوخشاش ماتېرىيال ئىشلىتىدىكەن. «قوش تىل ئەدەبىيات كىتاب» دېگەن ئۇقۇم چىقىرىپ تاشلىنىدىكەن.
5. ئەدەبىياتتىكى دەرسلىكتە ئاساسەن ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى كىرگۇزۇلىدىكەن. تېكىستلەردە زور ئۆزگىرش بولىدىكەن.
6. دەرسلىكتىكى كىلاسسىك ئەسەرلەر مەزمۇنى تېخىمۇ كۆپەيتىلىدىكەن. يەنى بۇ قېتىملىق دەرس تۈزۈشتە كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزغا كۆپرەك كۈچ سەرپ قىلىنىدىغان بولۇپ، ئەسلىي قوليازما (مەتىن) ياكى خەلقئارالىق كود ئۆلچىمى بويىچە بېرىلىدىكەن. ھازىرقى زامان تىلدىكى يەشمىسى بېرىلمەيدىكەن. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قەدىمكى يېزىقىمىزنى ئوقۇيالمايدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، يېقىندا شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرسېتىتىدا ئۇچ ئايلىق تەربىيلەش ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
7. ھەر قايسى دەرىجىلىك تىل-ئەدەبىيات ئىمتىھانىنىڭ ماقالە يېزىقچىلىقىدا ماقالە ئەسەرگە قاتتىق تەلەپ قويۇلۇپ تەكشۇرۇلىدىكەن. شۇڭا تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ھازىردىن باشلاپ ئوقۇغۇچىلارنى يېزىقچىلىق تاپشۇرۇقىغا بولغان تەلەپنى كۈچۈيتىشىمىز كېرەككەن.
مەنبەسى:
http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=11902
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-8 08:16 PM