مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 696|ئىنكاس: 8

ئاياللار مەسئۇلىيىتى كەلگۈسى بەختى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەلچۈن تىز يوللانمىسى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5613
يازما سانى: 888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9312
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 1142 سائەت
تىزىم: 2010-8-4
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-11 03:11:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاياللار مەسئۇلىيىتى كەلگۈسى بەختى

               1-كۆرۈنۈش ،توي كىيىملىرى دۇكىنى :3يىل ئاۋۋالقى ھاۋا ئوچۇق بىر كۈنى ،تويىمىزغا بىر نەچچە ھەپتە قالغان كۈن بولۇپ يولدىشىم ماڭا توي كۆينىكى تاللىشىپ بەرگىلى باردى ،ئۇ ئەتلەس كۆينەك تۇتاتتى مەن بولسام ئاق غەرىپچە كۆينەك تاللىدىم ،ئاخىر گىپىمىز بىر يەردىن چىقماي يولدىشىم چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى :

-ئۆز مىللىتىمىزنىڭ كىيمىنى كىيىڭ پاسونىنى ئۆزىڭىز تاللاڭ پەقەت بەكلا ئوچۇق بولمىسىلا مەن تىكتۈرۈپ بىرەي ساقلاپ قويساق كىيىن قىزىمىز بولغاندا قىزىمىزغا كىيگۈزەرمىز ،-دىدى.

مەن بولسام قەتئىي قوشۇلمىدىم ئاخىر ئۇيان تارتىشىپ بۇيان تارتىشىپ خىلى سىپتا

يەڭلىرى ئۇزۇن مەيدسى ئىتىك بىر كۆينەكنى تاللىدىم ،يولدىشىمنىڭ تويدا مىنىڭ گىرىم قىلغان ھالىتىمنى كۆرگۈسى يوق ئىكەن لىكىن مەن ئادەتتە گىرىم قىلمايدىغان بولغاچقا تويدا بىر كۈن قىلىپ باققۇم كەلدى بۇمۇ مىنىڭ گىپىم بويىچە بولدى

توي كۈنى4 -3سائەتلەپ گىرىم قىلدى لىكىن كەچتە ئۇ گىرىمىمنى يىرىم سائەتتىن ئارتۇق يۇدۇم قارىسام قاشلىرىمنى قىرىپ قولاق چاچلىرىمنى چۈشۈرۈپ گۆردىن قاچقان ئۆلۈكتەكلا قىلىپ قويۇپتۇ ،ھەي ئىرىمنىڭ گىپىنى ئاڭلىمىغانغا تويدۇم ،قىشىم ئۆسكۈچە يا گىرىم قىلالماي يا قىشىم تىز ئۆسمەي يۈردۈم شۇ پىتى .بەترەڭدەك ھازىر ئويلىنىپ باقسام،ھەي ئىسىت ئەينى چاغدا خەق كىيگەن كىيىمنى ئىجارە ئالغۇچە ئۆزىمىزنىڭ ئەتلىسىدىن تىكتۈرسەمچۇ ؟پۇشايمان ئالىدىغان قاچا يوق .

              2-كۆرۈنۈش ئاممىۋى ئاپتۇبۇس ئىچىدە

ئاپتۇبۇس كەلدى ئاپتۇبوسقا چىقىپ ئىككى ھەدەشنىڭ كەينىدىكى بىر ئورۇنغا كىلىپ ئولتۇردۇم ،ئۇلارنىڭ پاراڭلىرى ئەپ-چورىدىكى ئۇيغۇرلانىڭ دىققتىنى ئۆزىگە تارتتى ؛

-ئاداش ئى ماھىرە قونچاق تۇل تۇرۇپ 130پىڭفاڭلىق ئۆيدىن بىرنى ئاپتۇ ئوقتۇڭمۇ ؟

-ياق

-ۋاييەي نەلەردە يۈرىيسەن ئۇچۇ زادى ئاشۇنداق بىر چاغلاردا بىر ئۆزبەك بىلەن ئارلىشىپ يۈرگەن ئىلىپ بەرگەندۇ تائىنلىق .

-ۋاي راستما،ھەجەپ تەلىيى بار جۇمۇ ئۇنىڭ

ئا ئىرى دىگەن لاتىدىن ئايرىلىپ كىتىپ ياخشى قىپتۇ ئۇ ،ئۇنى قىلسام غورورۇم كۆتۈرمىدى بۇنى قىلسام غورورۇم كۆتەرمىدى دەپ يا خوتۇنىنى باقالماي يا ئۆزى جايلاپ ئىش قىلالماي شۇ ھالىغا ئەر بوپقاپتۇ ئۇ.....

-ھەي لىكىنزە ھازىر سودىسى ياخشىكەن .

-ۋاي نىمە كارىم ئىشقىلىپ مەنمۇ ئىرىمنى سوتلاپ تۇرىمەن قاچان تۈززۈك پۇل تاپالمىسا بەيبەي  يىنىدا.......ھا  ھا  ھا ئىككى ئايال تەڭ كۈلۈشۈپ كەتتى .

ئارىدىن بىرسى يەنە گەپ باشلىدى :

-قارا ئاداش قايسى كۈنى چايدىن يانسام ئا بلام دىگەن شۇم چوڭ ئۆيدىن قىچىپ چىقىپ ئىشىك ئالدىدا ئۇخلاپ قاپتۇ ،ئا ئاقساقال يان قوشنام كەلسەم بىر مۇنچە سۆزلىدى ،بۈگۈن تازا ئەدىپىنى بىرىپ ئاپىرىپ قويدۇم قانغۇچە ئويناپ كىلەيلى –ھە؟

-ئىرىڭچۇ ؟

-ئۇ كەچلىك ئىسمىنىدا ،بۈگۈن كەلمەيدۇ ئاداش ياشايمىز ئاھا ...ھا ...ھا ....

شۇنداق دىيىشىپ ئولتۇرغاندا ئۇلار فار-فۇر بويۇملىرى زاۋۇتى بىكىتىدە چزشۈپ كىتىشتى لىكىن كاللام ناھايىتى تىز ئۇلار سۆھبەتلەشكەن تىمىلاردا ئىدى ،توۋا قانداق ئانا ئۇ بالىسىنى چوڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇپ ئۆزى چايدىن كەلمەيدىغان ،قانداق ئايال ئۇ ئىرى كەچلىك ئىسمىندائىشلىسە ئۆي بالا بىلەن كارى يوق

كىچىلەپ ئوينايدىغان ،ئۆتكەن يىلى يۇرۇتقا بارغاندا ئۇ يەرنىڭ ئاياللىرىغا قاراپ ناھايىتى ئۆكۈندۈم بىز  بۇ يەردە ئىشلىدىم ،چارىدىم دەيدىكەنمىز لىكىن ئۇلار ئۇنداق دىمەي ئەتتىگەندە ،چۈشتە كەچتە شۇ ئىتىزدا ئەرلەر بىلەن باراۋەر دىگۈدەك ئىشلەپ تۇرۇپ يەنە تاماقنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ ياشايدىكەن ،توۋا بىز شەھەرنىڭ ئاياللىرى تۈگىمەس چاي ،تويلاردا ئالدىراش ،بالىلىرىمىزيا ئىشىك تۈۋىدە يا چوڭ ئۆيدە يولىمىزغا تەلمۈرۈپ تۇرغان بىلمىدىم كىينىكى بالىلىرىمىز چوڭ بولغۇچە يەنە قانداق ئولتۇرۇشلار بارلىققا كىلەكىن تىخى ......

 

ئەينەككە قارىساق ئۆزىمىزنى كۆرىمىز ئەيىپىمىزنى كۆرىمىز لىكىن ئىچكى ئويلىرىمىز بۇنىڭدىن مۇستەسنا ،مەيلى قانداق ۋاقىتتا قانداق ياشاشنى ئارزۇ قىلايلى ياكى قوغلىشايلى شۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىمىز شۇ نىشانغا قاراپ ماڭىمىز ،ياخشى ئايال ياخشى ئانا بولۇشنى ئويلىساق پۈتۈن زىھنىمىزنى پەرزەنتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئىرىمىزنىڭ سالامەتلىكى ،ئۆيىمىزنىڭ خاتىرجەملىكىگە قارىتىمىز ،ئويۇن –تاماششانى خالىساق ئاشۇنداق خۇپىيانە چىقشلار ئىرى ئۇقۇپ قالسا جان تىكىپ ئۇرۇشۇش ،بالىسى يىغلىسا 5مو بىرىپ ئالداپ ئۆتۈپ بارغانسىرى بەختنى ئويۇندىن تاپىدىغان بولىمىز .......ھەي ئانا ئاڭلاڭ پەرزەنتىڭىز قورسىقى ئاچ ئىرىڭىز ھارغان ،جەمئىيەت ئۈمۈتسىزلەنگەن ھالدا سىزنى ئۈنلۈك توۋلىماقتا .........ئانا ................ئايال .............ئەسلىڭنى تاپ .............

 

 

 

مەنبە ؛ئۆز قەلىمىم

 

 


ئەلچۈن تىز يوللانمىسى :مەملىكەت ئىچى -سىرتىغاتىز يەتكۈزۈش ،ئايرۇپىلان بىلىتى سىتىش،تىلفۇن پۇللىرىنى تاپشۇرۇش قاتارلىق كەسىپ ئىھتىياجىڭىزنى قاندۇرغۇسى .

غەلبە ئۈچۇن چەكك

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 755
يازما سانى: 3854
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21381
تۆھپە نۇمۇرى: 1195
توردا: 1685 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2013-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-11 03:56:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك تىما يوللاپسىز رەھمەت قىرىندىشىم

||★||★||★|叶城\js跑酷!|\(jasurPARKOUR)|★||\跑 酷 队!★★|| مىنىڭ ئىرادەم ھەممىنى قارار قىلىدۇ . ''

كۈلكە شەيتاننىڭ راھىتى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2385
يازما سانى: 2039
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13944
تۆھپە نۇمۇرى: 633
توردا: 9224 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-11 03:58:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئۆمرۇمنىڭ ئاخىرىچە قىز ئايال ئانا  مەسئۇلىيىتىمنى ئاللاھ خالىسا ئاتا قىلىمەن . ئايال بولۇپ تۇغۇلدۇم سالىھ ئايال بولۇپ بۇ دۇنيا بىلەن ئايرىللىمەن .

ئالدىمغا كەلدى دەپ يەۋەرمە ، ئىغىزىمغا كەلدى دەپ دەۋەرمە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3634
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8438
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 5439 سائەت
تىزىم: 2010-7-9
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-11 04:23:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئىنساپ بەرگەي.

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1695
يازما سانى: 3871
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 224353
تۆھپە نۇمۇرى: 1074
توردا: 11691 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-11 04:25:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋۇ ئاپتۇبۇسدىكى خۇتۇنلارنىڭ ئەرلىرى قانداق بىچارىلەردۇ،  ئاشۇنداق خۇتۇنلارنى................

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ دۇنيانىمۇ ئويلاپ قويايلى.

ئەلچۈن تىز يوللانمىسى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5613
يازما سانى: 888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9312
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 1142 سائەت
تىزىم: 2010-8-4
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-11 04:26:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت aysiman كە 2010-08-11 03:58 PMئەۋەتىلدى :
مەن ئۆمرۇمنىڭ ئاخىرىچە قىز ئايال ئانا  مەسئۇلىيىتىمنى ئاللاھ خالىسا ئاتا قىلىمەن . ئايال بولۇپ تۇغۇلدۇم سالىھ ئايال بولۇپ بۇ دۇنيا بىلەن ئايرىللىمەن .

ئاللاھ ئارزۇيىڭىزغا يەتكۈزگەي .......

ئەلچۈن تىز يوللانمىسى :مەملىكەت ئىچى -سىرتىغاتىز يەتكۈزۈش ،ئايرۇپىلان بىلىتى سىتىش،تىلفۇن پۇللىرىنى تاپشۇرۇش قاتارلىق كەسىپ ئىھتىياجىڭىزنى قاندۇرغۇسى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6029
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8486
تۆھپە نۇمۇرى: 342
توردا: 72 سائەت
تىزىم: 2010-8-10
ئاخىرقى: 2010-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-11 04:33:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يارايسىز [s:49]  [s:49] قەلىمىڭىزدەرت،كۈرمىسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3896
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8318
تۆھپە نۇمۇرى: 362
توردا: 1597 سائەت
تىزىم: 2010-7-13
ئاخىرقى: 2011-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-11 05:25:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن خىزمەتىن ھىرىپ كەلگەن بولسامۇ بالامنىڭ تاتلىق گپنى ئاڭلساملا  ئۇلارنىڭ ئامراق تاماقلرنى قىلشقا ئالدراپ كىتمەن ،ئاللاھ ياخشى ئانا بۇلشىمىغا مەدەت بەرگەي....

گۈل جەننەت

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 682
يازما سانى: 1803
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12230
تۆھپە نۇمۇرى: 435
توردا: 3977 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2014-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-12 10:59:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن باللىرىم ئۈچۈن بارلىقىمنى ئاتىغانمەن ، ئەگەر تاماق ۋاقتىدا زۈرۈر توي ياكى چايلارغا بېرىپ قالسام خەق نىمە دىسە دىسۇن دەپلا بالامنى ئېلىپ بارىمەن .

بۇ دۇنيادا ئەزەلدىن يول يوق ئىدى ،ئۇپەقەت كىشىلەرنىڭ مېڭىشى بىلەن پەيدا بولغان.   ئاق لالە
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش