ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ئەزىزلەر ، ھەممىڭلار سالامەت تۇردۇڭلارمۇ؟ مۇنبەردىشىڭلار مۇسىلىنەدىن ئېگىلىپ تۇرۇپ ئوتلۇق سالام،يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان 9- ئاينىڭ 10 –كۈنىدىكى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇنبەردىكى جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.
ئەزىز مۇنبەرداشلار ، ھەممىڭلارنىڭ تېنى سالامەت بولسۇن، ئىشلىرىڭلار ئۇتۇقلۇق بولسۇن، چېھرىڭلاردىن كۈلكىلەر ئۆچمىسۇن،باسقان قەدىمىڭلاردىن گۈللەر ئۈنسۇن.
ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك ، ئۇزۇن بوپتۇ ئالدىراش بولۇپ كېتىپ ،مۇنبەرگە تۈزۈك تېما يوللاپ باقمىغىلى، بۈگۈن مەن بىلەن كەسىپداش بولغان بارلىق مېھنەتكەش ئۇستازلارنىڭ يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تبرىكلەش يۈززىسىدىن ، مۇنبەر كەيپىياتىنى تېخىمۇ جانلاندۇرغان ئاساستا مۇشائىرە قىلىشايلى دېگەن مەقسەتتە بۇ مۇشائىرە سورۇنىنى ھازىرلىدىم،قېنى ئەمسە،مۇشائىرەگە مەرھەمەت قىلايلى.....
كەسپىڭگە ھەر ۋاقىت باغلا ساداقەت،
سەبىيلەر ھەققىگە قىلما خىيانەت.
سەبىيلەر ئاھلىرى تۇتسا بىر كۈنى،
چېكىسەن ئاخىرى پۇشمان –نادامەت.
ۋىجداننى ھەمراھ قىلغىن دائىما ،
ۋىجدانسىز ئالدىدا كۆزۈڭ ياشلىما.
غورۇر-ۋىجداننى ساتقان نامەردنى،
سىرتىغا قاراپلا ئادەم سانىما.
ئوقۇتقۇچىمەن جاپالارغا يارالغان،
بارلىقىم سەبىيلەر ئۈچۈن ئاتالغان.
مىننەتسىز مېھنىتىم چۈشەنگەچ ئاۋام،
‹‹ئۇستاز›› نامىم جايلارغا تارالغان.
گۈلخان بولدى كۆيدى يۈرىكىم،
ئىشقى ئوتۇڭ گوياكى بىر ئوق.
ئاھ،يۈرەككە كېلىپلا تەگدى ،
بۇ كۆيۈككە ھېچبىر ئامال يوق.
ئەسكەرتىش : يۇقارقى تۆت كۇبلىت شېئىر ئايرىم مەزمۇننى ئىپادىلەيدىغان شېئىرلاردۇر، مۇشائىرە قائىدىسى كۇبلىتلارنىڭ ئاخىرقى مىسراسى باش مىسرا قىلىنىپ باشلىنىدۇ،ئەگەر باشقا شەكىل،باشقا مەزمۇندىكى شېئىرلارنى يېزىپ بېقىشنى خالايدىغانلار بولسا ئۇنىڭغىمۇ مەرھەمەت،چۈنكى مۇنبەر ھەركىم ئۆزىنىڭ كۆڭۈل ئۈنچىلىرىنى چاچىدىغان سورۇن.....
قېنى ئەمسە ، مەرھەمەت...مېنى نائۈمىتتە قويمىغايسىلەر.....
مەنبە : كۆڭۈل ئۈنچىلىرىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-8 12:21 AM