بەزىلەر
ياخشى ئىشنى كۆرەلمەس ئۆزى قىلماي بەزىلەر،
تەييار ناننى يەيدۇ بەس تەر ئاققۇزماي بەزىلەر.
ئورا كولاپ ھارمايدۇ بىكار تۇرماي بەزىلەر ،
ئىسسىق ئۆيدە ئولتۇرار ئوتۇن يارماي بەزىلەر ،
بىزنى ئۈندەپ سوغۇققا ئۆزى چىقماس بەزىلەر .
ئىش چىققاندا ئەمەلىي سىزدىن كەلسۇن خوش دەيدۇ،
قوي سويغاندا ئالدىراش تەييار بولسا گۆش دەيدۇ .
يىغىلغاندا يارەنلەر يانچۇقۇم بەك بوش دەيدۇ ،
ئەسقاتىمەن بىر كۈنى كېرەك بولسا مۇش دەيدۇ ،
بېرىڭلار دەپ ھاشارغا ئۆزى بارماس بەزىلەر .
ئاتا-ئانا مىڭ تەستە بېقىپ قاتسا قاتارغا ،
خەۋەر ئالماي ھالىدىن كېتەر تاشلاپ جاپاغا.
قۇرۇتىدۇ ھەمياننى خەجلەپ كەيىپ-ساپاغا،
چىقىپ كەتسە بۈگۈنى كىرەر ئەتە ياتارغا ،
ۋاپا كۈتۈپ پەرزەنتتىن ئۈلگە بولماس بەزىلەر.
بېرىپ قويۇپ بىر جۈمە سانار ئۆزىن مۇسۇلمان،
ئۇغۇ مەيلى ئۇنىڭدىن بارمىغانلار بەك يامان .
گەپ-سۆزلىرى خوپ ئۇلۇغ ھەممە ئىشتا ئاتامان،
قىلىپ رىيا ئىبادەت ھارام يولدا ئۇ ھامان ،
ئەسلەپ ئۆلۈم-سوراقنى تۆۋە قىلماس بەزىلەر .
چاڭ سالىدۇ دائىما ئۆزگىلەرنىڭ ئېشىغا ،
ئەسلا ئىزدەپ كەپ قويماس يوقسۇللارنىڭ قېشىغا.
سۇ بولمىسا بولمايدۇ سايدا تۈگمەن تېشىغا ،
قانداق جاۋاپ بېرەركىن ئەجەل كەلسە بېشىغا ،
دەرتمەنلەرنىڭ دەردىگە قۇلاق سالماس بەزىلەر.
ئارافات مىجىت ئۇيغۇرى