ئاچچىق ئازاب
مەن قاچانلاردىن باشلاپ ساڭا ئاشىق بىقارار بولغانلىقىمنى بىلمەيمەن . بىراق ئاشىق بولغاندىن بۇيان سېنىڭ كۆڭۈل خانەمنىڭ ئەڭ ئالىي ھۆكۈمرانى بولغانلىقىڭنى بىلىمەن . نە سەۋەپ ، نە ۋەجىدىن سەن كۆڭلۈمگە بۇنچە چوڭقۇر ئورناپ كەتتىڭكىن ؟ كەچلىرى سېنى ئويلاپ ئۇيقۇ يوق ، مەن سېنى قانچە كۆپ ئويلىغانسىرى سەن ماڭا بارا –بارا يىراقلاپ كېتىپ بارغاندەك تۇيۇلاتتىڭ . ھەم شۇنداق بولغان ئىدىڭ .
تۆۋۋە ، خۇددى جاھاندا سېنىڭدىن باشقا قىز يوقتەك ساڭا شۇنچە ئاشىق بوپتىكەنمەن ، بىراۋنى كۆڭۈلگە سىغدۇرماق ئاسان بولغىنى بىلەن ئۆچۈرمەك ئىنتايىن قىيىن ئىكەن . قىينىلاتتىم ، ھەسرەت ئازاپتىن يىلاندەك تولغىناتتىم . ساڭا توختىماي تەلمۈرەتتىم .............
ئويلىسام –ئويلىسام يۈرىكىم ئاچچىق ئازاپتىن ئېچىشىدۇ ، سەن يا ماڭا بىر قىزنىڭ بىر يىگىتكە قالدۇرغىدەك ئۇنتۇلغىسىز ئەسلىملىرىدىن بىرەنى قالدۇرمىغان ۋەياكى ماڭا بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئىللىق تەبەسسۇم قىلىپ قىلغان بىرەر ئىشىمنى قوللاپ باقمىساڭ مەن قانداق بولۇپ ،نىمىگە ئاساسەن سېنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندىمەن ؟ قۇندۇزدەك قاپقارا كۆزلىرىڭ ، سۈتتەك ئاپئاق چىرايىڭ ، مەجنۇنتالدەك زىلۋا بويلىرىڭ بولغانلىقى ئۈچۈن سېنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندىمەنمۇ ؟ بەلكىم بۇنىسىمۇ يىراق ئەمەس ، سىرتىڭغا قاراپ ئىچىڭمۇ شۇنداق گۈزەلدۇ دەپ ئويلاپتىمەن ، ئەپسۇس ئۇنداق چىقمىدى ، بەلكىم مەن ساڭا ياقمىغانلىقىم مومكىن ، ئەمدى مەن ئۇنداق ئازاپلارغا بەرداشلىق بېرەلمەيمەن چۈنكى ئۆزۈم بىر ئوغۇل تۇرۇپ مۇھەببەتنى دەپ ھەممىدىن كەچسەم ھەرگىز بولمايدۇ ....
خەيىر ماڭا ئەزەلدىن نىسىپ بولماس مۇھەببەت،
كېتەي ئەمدى يېنىڭدىن يىراقلارغا مەن پەقەت.
ئەسلىمەيمەن كەتكىنىم راستۇر مېنىڭ بۇ قېتىم،
كەتتىم نىگار يېنىڭدىن ئۇنتاي سېنى مەن ئەبەد.
2012-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى غۇلجا خاگوسەن (11:35)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Dakyanos تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-7 09:54 PM