تۇرمۇش ۋە مۇھەببەت ھەققىدە
تۇرمۇشتا بىرسىنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۈرۈش ۋەمۇھەببەتلىىشىپ ئۈتۈشتەك ئىشلار كىشلىك ھاياتتا ھەممە كىشىنىڭ بېشىدا بار ئىش ،بىز تۇرمۇشتا بۇنداق ئەھۋاللارنى كۆپ كۈرۈپ ۋە كۆپ ئاڭلاپ كەتكەن بولساقمۇ ، ئەمما كۆپىنچىسىنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى ئەكسىچە كىشنى ئانچە خوشال قىلارلىق ئەمەس . ئۇنداق بولسا يەنە نىمە ئۈچۈن ئادەمدە يەنە شۇنداق مەلۇم بىركىشنى كۆچلۈك ياخشى كۆرۈش ۋەمۇھەببەتلىىشىش تۇيغۇسى ۋە ھەركىتى بۇلىدۇ؟..سۆيگەن ئادىمىنى قانداق ياخشى كۆرگەندە ئاندىن ئۇنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرىشكىلى ۋە نەتىجە قازانغىلى بۇلىدۇ ؟...بىز بۇ تېمىغا پىكىر بىرىش ئارقىلىق بۇ مەسىللەر ئۆسىتدە ئازراق بولسىمۇ ئويلىنىپ كۆرەيلى .
ياخشى كۆرۈش ۋە مۇھەببەت بۇلسا ئاللاھنىڭ بىزلەرگە قىلغان ھىممىتى ، ھىچكىم بۇ ئۈمرۈمدەبىرسىنى ياخشى كۆرمەيمۇ ئۆتەلەيمەن دىيەلمەيدۇ ، شۇنداق بولغانلىغى ئۈچۈنلا بۇدۇنيا مۇشۇنداق رەڭدارلىققا ئىگە ،شۇڭا بۇ مەسلىگە جاۋاب بىرىشتە ئاۋۋال شۇكىشىنىڭ قانداق ئادەمنى سۆيگەنلىكىگە قاراش كېرەك ، ئەگەر سۆيگەن ئادىمى مەيلى قىزياكى ئۇغۇل بۇلۇشتىن قەتئىينەزەر ئەخلاق – پەزىلەتلىك ، ئۈمىدۋار ، ئىېتىقادقارىشى دۇرۇس ( يەنى ئىشنىڭ ياخشى تەرىپنى كۆپرەك ئويلاپ ئىش قىلىدىغان ئادەم)بولسا بۇنداق ئادەمنى بىر ئۈمۈر سۈيۈشكە ئەرزىىيدۇ ، ئەكسىچە بولسا بۇنداق ئادەمنى ياخشى كۆرگەن كىشى ئۈزىنى بەكلا چارچىتىۋالىدۇ ، ئاخىرىدا ئىرىشدىغىنى بولسا كۆپىنچىسى قۇرۇق ھەسرەت ۋە پۇشايمان بۇلۇپ قالىدۇ .
ئەمدى بۇ يەردىكى مەسلە شۇكى ھەر كىشىنىڭ ياخشى كۆرگەن ئادىمنىڭ پىشانسىگە بۇلىدۇ ياكى بولمايدۇدەپ يېزىقلىق ئەمەس ، ھەم شۇنداقلا ئۆزىمىزنىڭ پىشانىسىگىمۇ ياخشى ۋە ياكى يامان دەپ يېزىلغانلىغىنى ئۈزىمىزمۇ تۇلۇق بىلمەيمىز ، ھەم ئۆزىمىزنىڭ باھايىغىلا ئاساسلانساق ھەم بولمايدۇ ، شۇنداق بولغان ئىكەن كىشلىك تۇرمۇش ۋە مۇھەببەتكە قارىتا ئۈزىمىزنىڭ ھەم شۇنداقلا باشقىلارنىڭ تۇرمۇش تەجىربىلەردىن يەكۈنلىنىپ چىققان بىر قىسىم تەبئىي ۋە توغرا بولغان مۇھەببەت قارىشى بۇيىچە كىشلىك تۇرمۇش ۋە مۇھەببەتكە ئەمىلىي مۇئامىلەقىلىساق بۇ بەلكىم جىم ئولتۇرۇپ ھەسرەت چەككەندىن ۋە ياكى قارىغۇلارچە ئىش قىلىپ يۈرگەندىن كۆپ ياخشى – دەپ ئويلايمەن.
ئۇنداق بولسا توغرا بولغان كىشلىك تۇرمۇش ۋە مۇھەببەت قارىشى زادى قانداق بۇلىدۇ ؟....
كىشلىك تۇرمۇش جەھەتتە ئېلىپ ئېيتىقاندا ھەممەئادەمنىڭ كىشلىك تۇرمۇش قارىشى ئۆزگىچە بۇلىدۇ ، ئەمما يەنە مەلۇم ئورتاقلىقتىنمۇ چەتنەپ كېتەلمەيدۇ ، ئەگەرچەتنەپ كەتسە ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىشى مۈمكىن ، شۇڭا بۇجەھەتتە مەيلى قانداق ئوڭىشزلىق ۋە غەلبىنى قولغا كەلتۈرەيلى ،كەلگۈسىمىزنى توغرا بولغان تېرىشچانلىقىمىزغا تاينىپ يارىتىشىمىز ، قولغا كەلگەن ھەر قانداق بىر نەتىجىنى قەدىرلىشمىز ، يۇقىتىپ قويغانغا ئارتۇقچەھەسىرەت چەكمەي ، يەنە شۇنداق يوقتىشىلارنىڭ يۈز بىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز ۋە ئۈزىمىزنىڭ روھىنى پاك تۇتىشىمىز كېرەك .
كىشلىك تۇرمۇشقا شۇنداق مۇئامىلە قىلالىغاندىلا ئاندىن مۇھەببەتكىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىغلىبۇلىدۇ ، چۈنكى مۇھەببەت كىشلىك تۇرمۇشنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسىمى .
شۇنداق قىلالىغاندىلا ئاندىن چىن كۆڭلىدىكى پاك سۈيگۈسى بىلەن تەبئىي ھالدا قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىنى لال قىلالىغۇدەك ياخشى ھالەتتە مۇئامىلە قىلغىلى بۇلىدۇ ، بۇنداق قىلىشقا ئارتۇقچە ئىقتىساد كەتمەيدۇ ،بۇنىڭغا پەقەت ئۆزىمىزنىڭ توغرا ۋە ئەمىلىي بولغان روھىي ھالتىمىز ، گەپ – سۆزىمىز، ئىش – ھەركىتىمىزلا كىتىدۇ ، گەپنىڭ قىسىقى بۇ ئىشلاردا ئۇلۇغ خۇداغا بولغانسادىقلىق ، ئاتا – ئانىغا بولغان ئىشنىش ۋە دوسىتلارغا بولغان سەمىمىيلىك ۋە ياخشى كۆرگەن ئادىمىگە بولغان كۆڭۈل بۈلۈش ھەمدە ئۆزىمىزگە ۋە كەلگۈسىمىزگە نىسبەتەنئىشەنچ ۋە قەئىي ئىرادە بولغاندىلا ئاندىن بۇ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقاكاپالەتلىك قىلىغىلى بۇلىدۇ . چۈنكى مۇھەببەت ئىككىلا ئادەمنىڭ ئىشى بولغان بىلەن ئۇنىڭغا يىتىش ئىككىلا ئادەمنىڭ ئىشەنچىسىگە تاينىپ قولغا كىلدىغان ئىش ئەمەس .
تۇرمۇشتايەنە مۇنداق ئىشلارنىمۇ كۆپ ئۇچرىتىمىز .
يەنى ئوغۇل قىزنى ياخشى كۆرسە قىز باشقىنى ياخشى كۆرۈپ قالدىغان ، قىز ئۇغۇلنى ياخشى كۆرسە ئۇغۇل باشقىسنى ياخشى كۆرۈپ قالدىغان ياكى بىر- بىرىسنىڭ مۇھەببىتنى خاتا چۈشنىپ قالدىغان ۋە ياكى قەدىرىگە يەتمەيديغان ئىشلار كۆپ ئۇچرايدۇ ، قىز ۋە ئۇغۇل ئىككىلىسى بىر- بىرىنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۈرۈپ توي قىلىدىغان ئەھۋاللار بولسا ئاز ئۇچرايدۇ .
ئۇنداقتاھەققىي مۇھەببەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك ؟...
بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ھەقىقىي مۇھەببەتنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىشكە توغراكىلىدۇ .
بۇ ھەقتە مەلۇم تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتە تورغا چىقارغان مۇنۇمەزمۇنلارنى كۈرۈپ باقايلى .
<< ھەقىقىي مۇھەببەت – ئاتا قىلىش ۋەكۆڭۈل بۈلۈش ؛ ھەقىقىي مۇھەببەت - ئادەمنى ئۆزىگە ئىشەندۈرۈش ھەم مۇستەقىل قىلىش؛ھەقىقىي مۇھەببەت – ھۆرمەت قىلىش ؛ھەقىقىي مۇھەببەت تۇراقلىق بۇلۇشتىن ئىبارەت ،مانا مۇشۇنداق مۇھەببەت ئادەمنى چىن كۆڭلىدىن كۈلدۈرىدۇ ، خوشال قىلىدۇ ، بەختىلىكقىلىدۇ ، جاپادىمۇ ، ھالاۋەتتىمۇ ، ئازاب – ئۇقۇبەتتىمۇ ، مۇۋەپىقيەتلەردىمۇ بىللەبۇلۇپ ئۈتۈشكە كىشگە كۈچلۈك ئىشەنچ تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ >> .
يۇقارقىدىگەنلەرگە قارىغاندا ھەقىقىي مۇھەببەتكە ئېرىشمەكمۇ ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەسكەن ،شۇ سەۋەبىتن بىز ۋە نۇرغۇن كىشلەرنىڭ مۇھەببەتكە مۇۋەپىقيەت قازىنالمىغانلىغىدىن ئەجەبلىنەرلىك ھېس قىلمىساقمۇ بولغۇدەك ، ئەگەر بىز مۇھەببەتنىڭ بۇ جۈملىلىرىنى كۆرگەندىن باشلاپ ، كۆڭلىمىزدىكى شۇ مۇھەببەتكە ھەقىقىي تەشنا بولساق ، چۇقۇم بۇ جۈملىلەرنى خاتىرىمىزگە چۈشۈرۈپ قويايلى . بەلكىم بۇ بىزنىڭ بۇندىن كينكى ھايات مۇساپىمىزدىكى مۇھەببەت مۇۋەپىقيتىمىزنىڭ باشلىنشى بۇلۇپ قالار .
مەنمۇئىلگىرى بىرسىنى بەك ياخشى كۆرگەن ئىدىم ، ئەمما ئۇنىڭ كۆڭلىدە ياخشى تۇرمۇشقابولغان ئىنتىلىشنىڭ مەندىنمۇ يۇقىرىراق ئىكەنلىكىنى كىيىنچە ھېس قىلدىم ،مەن بۇنداق دىگۈدەك تۇرمۇشۇم ئۇنچىۋالا ناچارمۇ ئەمەس، پەقەت شۇ ئۇ قىز ئويلىغاندەك مۇقىم خىزمىتىم يوق بولۇپ قالغىنى ھەم يەنە مەن ئويلىمىغان باشقا ئەھۋاللارمۇ باردۇ ؟...
باشتاماڭا ئۇ قىز ئۇنداق يۇقىرى تەلەپتىكى گەپلەرنى دىمىگەن ، يەنى جاپانى تەڭ تارتىمىز دىگەن ئىدى . بىراق ئاخىرىغا بېرىپ مەنپەت ئالدىدا دىگەن گېپنى ئۇنتۇپ قالدى . قارىغانداقىز بالا دىگەننىڭ كۆپىنچىسى شۇنداق بۇلىدىغان ئوخشايدۇ ، شۇڭا ئالدانغان يىگىتلەرمۇ ئانچە بەك ئاھ ئۇرۇپ كەتمىسەبولغۇدەك ، پەقەت شۇ قىز بالىنى چۈشەنمىگەنلىكىدىن ئاھ ئۇرسا بولغۇدەك .
ئەمدى بۇ تېمىغا قارىتا مەن نۇرغۇن ئىشلارنى كۈرۈپ ۋە ئۆزۈممۇ باشتىن ئۆتكۈزۈپ مۇنداق قاراشقا كىلىپ قالدىم.
قىزئۇغۇلنى ياخشى كۆرسە ، ئەمما ئۇغۇل قىزنىڭ كۆڭلىنى يەنىلا چۈشەنمىسە ، ئۇھالدا قىز ئۈمىدىنى ئۆزسە ياخشى ، ئۇغۇل قىزنى ياخشى كۆرۈپ ، ئەمما قىز ئۇغۇلنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنمىسە ، يەنىلا ئۈمىىنى ئۈزگەن ياخشى،ئۈمىدۋار يۈرگەن تەقدىردىمۇ لىكىن بەك ئېسىلىۋالماسلىق كېرەك ، ئۆزىگە ئىشنىش روھىنى ساقلاپ قېلىش لازىم ، بولمىسا باشقىلاردا خاتا چۈشەنچە پەيدا بۇلۇپ قالىدۇ ،بۇلۇپمۇ قىزلار ئۆزى بەك ياخشى كۆرمىسمۇ ، ئەمما ئۈزىنى ياخشى كۆرگەن ئۇغۇللارچىقسا بەك تاللاپ ئولتۇرماي مۇۋاپىق بولسىلا توي قىلىغنى ياخشى ، چۈنكى ئايال كىشنىڭ قانچىلىك پۇلى ۋە چىراي بۇلۇپ كىتىشىتىن قەتئىينەزەر ئايال كىشى بەرىبىر ئايال كىشى، ئۇ مەڭگۈ ئەر كىشنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ ، ھەمدە قىزلارغا قارىغاندا بۇلۇپمۇ ئاياللار بەكرەك << ئەركىشنىڭ سەتى يوق >>دىگەن گەپنى توغرا دەپ چۈشىنىدۇ .. قىزلار ئۆزى ياخشى كۆرگەنگە قارىغاندا ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغانغاياتلىق بولسا كۈنلىرى خوشال – خورام ئۈتىدۇ ، ئۈمرىمۇ ئۇزۇن بۇلىدۇ ، ئۇغۇل بالائالىمەن دىگەننى ئالالايدۇ ، ئەمما قىز بالا ئۇنداق قىلالمايدۇ ، ھەم شۇنداقلاتۇرمۇشمىزدا بۇ توغرىلىق پالتاڭ بولسا ئۇتۇن كاممۇ ، ئوغلۇڭ بولسا خۇتۇن كاممۇ ؟..، ئەر كىشى قېرىسمۇ قىز ئالالايدۇ ، خۇتۇن كىشى قېرىسا كىم ئالىدۇ – دىگەندەك گەپلەرمۇ ئاز ئەمەس، ھەم شۇنداقلا بۇ گەپلەر سەلبىي مەندىكى گەپمۇ ئەمەس .
بۇنداق بۇلىشىدىكى سەۋەب شۇكى ئايال كىشنىڭ ئايال زاتى بۇلۇپ يارالغانلىغىدا ، يەنە ئايال زاتىنىڭ ئەرلەرنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ئۈچۈن يارالغانلىغىدا ، ئەر كىشنىڭ بولسا ئۆينى بېقىش ، قوغداش ۋە توغرا يولغا يىتەكلەش مەسئۇلىيتىنى ئۆستىگەئالغانلىغىدا ، يەنە ئايال كىشى ئۈچۈن تۇرمۇشتىكى ئەڭ مۇھىم بىلىش ئۈزىنىڭ ئايال زاتىغا تەئەللۇق ئىكەنلىكىدە . بۇنداق دىسەم قىزلارنىڭ كۆڭلىگە ئازراق كېلىشى مۈمكىن، ئەمما بۇ دىگەن تۇرمۇشنىڭ قانۇنيتى ، ھەم شۇنداقلا ئۆزگەرمەس بىر رىئاللىق ،شۇڭا بۇ يەردىكى قىز – ئاياللارنىڭ ئۈزىنى بىلىش تۇيغۇسىنى خەلقىمىزدىكى << بەك قاينىغان چۈگۈن ئۈزىگە تاشىدۇ >> دىگەن تەمسلگە بىرلەشتۈرۈپ چۈشەنسەكمۇ بۇلىدۇ .
بۇيەردە مەسئۇلىيەت توغرىلىق گەپ چىقىپقالدى ، بۇ ھەقتە ياخشى بىر مېسال بار .
ھازىركۈندە كەچ تېلۋۇزۇدا كورىيەنىڭ كۆپ قىسىملىق << ناياڭپارنىڭ قىزلىرى>> دىگەن فىلىمنى كۈرىۋاتىمەن ، بەلكىم باشقىلارمۇ كۆرىۋاتىدىغاندۇ ؟... بۇنىڭدا مەن تۆت قىزى بار بۇ ناياڭپار دىگەن دادىنىڭ ئائىلىسىنى باشقۇرۇش روھىغا خېلى قايىل بولدۇم ، بۇ فىلىمنى كۈرۈپ مەن ئۇغلى كۆپ ئۈيگە قارىغاندا قىزى كۆپ ئۆينى باشقۇرۇشنىڭ خېلى تەسلىكىنى تۇنۇپ يەتتىم ، ھەممىز بىلىمىز ، ئەگەر بىر ئۆيدە ئۇغۇل بالا سىرىتتا ئەسكى ئىش قىلىپ قويسا بەك ئەيبىلىنىپ كەتمەسلىكى مۈمكىن ، بىراق بىر قىز بالا سىرىتتا ئەسكى ئىش قىلىپ قويسا ، ئېغىربولغاندا ئۆزىنىڭ ۋە ئاتا – ئانىسنىڭ بىر ئۈمۈرلۈك قەدىر – قىمىمىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۈمكىن . شۇڭا قىز بالا يىگىت تاللىغاندا قارشى تەرەپنىڭ پۇل ۋە ھۇقۇق ۋە ئابرويىنى قوغلاشماي ، ئۇنىڭ ئىشەنچى ۋە ئىېتىقاد قارىشى ۋەئىرادىسىگە قاراپ تاللىسا ھەرگىز زىيان تارتىپ قالمايدۇ ، چۈنكى خەلقىمىزدە<< سەندە تۇرماس بۇ دۆلەت ، مەندە تۇرماس بۇ مەينەت >> دىگەن گەپلەرمۇبار ئەمەسمۇ ؟...شۇڭا بۇنداق يىگىتلەر قارىماققا ئىنتايىن ئاددىي كۆرۈنگەندەك قىلغان بىلەن ۋۇجۇدىغا نۇرغۇن يۇشۇرۇن كۈچلەر سىڭگەن بۇلىدۇ ،بۇنداق يۇشۇرۇن كۈچلەر ۋاقىتى كەلگەندە ئاجايىپ مول خۇشاللىق ۋە بايلىقلارنى يارىتالايدۇ ، بۇنداق كۈچنى بايقاش ياكى بايقىيالماسلىق ئەلۋەتتە شۇ قىزنىڭ ئەقلىگە باغلىق ، ئەگەر بۇنى بايقىيالىسا بۇ قىزنىڭ تەلىي ئوڭدىن كەلگىنى شۇ ، ئەگەر بايقىيالمىسا ئۇ ئۆزىنىڭ دۆتلىكى ، ئۇغۇللارمۇ ئۇنداق قىزلارغا چوڭ ئەپسۇسلىنىپ كەتمەيدۇ ، ئەگەر بۇيەردىكى چۈشنىش جايىدا بولسا ، ئۇھالدا ئۇلۇغ خۇدا بۇيرىسىلا بۇ ئۇغۇل بالىمۇ ۋاقتى كەلگەندە كۆڭلىنى چۈشەنگەن بۇ قىزنى ئالەمچە خۇشالللىققا ئىگە قىلىۋېتىشىمۈمكىن . ئەلۋەتتە بۇ يۇشۇرۈن كۈچنى قانداق جارى قىلدۇرۇش يەنە مەلۇمجەھەتلەردىن تاللىغان مۇھەببتىنىڭ ئەنەشۇنداق چۈشنىشىگىمۇ مۇناسىۋەتلىك بۇلىدۇ . بۇ يۇشۇرن كۈچنى نۇقۇل بىر تەرەپتىلابار دەپ قاراشقا ھەم بۇلمايدۇ ، قىزلارنىڭمۇ بۇ جەھەتتە ئوغۇللاردىن قېلىشمايدىغانلىقىغىمۇئىشنىمىز ، بىراق سۇنىمۇ سىڭگەن يەرگەسەپكەنگە ئوخشاش قىزلارمۇ بۇ جەھەتتە ئۈزىنى چۈشىندىغان ئادەمنى تاپالىغاندىلائاندىن ئوي – خىياللىرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىمۇ تېز بۇلىدۇ .
شۇڭامۇھەببەتىنىڭ يۇشۇرۇن كۈچىگە سەل قاراشقا قەتئىي بولمايدۇ . شۇڭا يۇقارقىلارغا سەل قاراش سەۋەپلىك ھازىرمۇ نۇرغۇن قىزلاردىن پۇل ئۈسىتىدە كۈمۈلۈپ ياتىسىمۇ ، ئۆزىنى شاھ ئوردىسىدىكى مۇز ھەيكەلدەك ھېس قىلىپ ،ھەردەم پۇشايمان يەپ ئۈتىۋاتقانلارمۇ ئازئەمەس .
يەنەبىرسى ئاياللار پۇلى كۆپەيگەنسىرى ئېرىنىڭ سىرتقا قاراپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ، ئەرلەر بولسا قېينچىلىق تارتىپ قالغان كۈنلەردە خۇتۇنىنىڭ ۋاپاسىزلىق قېلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ ، ئىشقىتىلىپ تۇرمۇشتا ئىشلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغى تەس ، ئەگەر ئارىمىزدا مۇھەببەت ۋە تۇرمۇشتا ئۈمىدسىزلىنىپ ياشاۋاتقان دوسىتلىرىمىز بولسا ، يەنە شۇ ئازاپلىق مۇھەببەت ناخشىلىرىنى تېڭشاۋەرمەي ، ئەرەب مىللىتىدىن چىققان مۇسۇلمان ناخشىچى ماھىر زاھىننىڭ << ئىنشا ئاللاھ >> دىگەن ناخشىىسىنى كۆپرەپ ، كۆڭلىمىزنى تېنىچلاندۇرايلى ، ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمىزغا تۆۋە قىلايلى ، ھەمدە داڭلىق ناخشچىمىز ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ << سۆيگەننى سۈيۈپ قوي >> دىگەن ناخشىسىنىمۇ ئانچە - مۇنچە ئاڭلاپ ، بىزلەرنى ياخشى كۆرگەن شۇ قىز - يېگىتلەرنىڭ كۆڭلىنمۇ چۈشنىپ قۇيايلى .
مەن بۇ ھەقتە ، تۆۋەندە مەلۇم بىرجۈپ ياش(دوستۇم) نىڭ ئوتلۇق مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەن كۈنلەردىكى چىن مۇھەببىتىنى خاتىرىلىگەن بۇ بىر پاچە ئەمىلىي رەسىمىنى يوللاش ئارقىلىق بۇمەسىللەرگە قارىتا يۈزەكى بولسىمۇ مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ باقساق دەپ ئويلايمەن ،بۇنىڭغا ئۇ يىگىت ئۈزى قۇشۇلغان . ( گەرچە ئۇلار تېخى توي قىلمىغان بولسىمۇ ) .
بۇ رەسىمگە قارسىاق بۇ ئىككىسى خېلى خوشالدەك كۈرۈنىدۇ ، بۇلۇپمۇ قىز بەك خوشالكەن ، ئۇغۇل بالا بولسا تەمكىن كۈرىنىدۇ ،بۇبىللە چۈشكەن رەسىمنىڭ رامكىغا ئېلىنىشى ۋە يېنىغا يازغان خەتلىرىمۇ خېلى ئۆزگىچىكەن، بىراق يېنغايازغان ئۇ خەتنى نىمە مەقسەتتە يازغاندۇ؟...ئۇ خەتنى قايسى تەرەپ يازغاندۇ ؟...ئەگەر بۇلار راستىنلا ئايرىلىپ كەتسە قايسىتەرەپنىڭ كۆڭلى بەكرەك ئازاپلىنار ؟...
مېنڭچە بولغاندا بۇ يىگىت بۇ قىزنى ئۈمۈرلۈك ھەمراھى قىىلپ تاللاپ بولغاندەك ، قىزمۇ ھەم شۇنداق ئوخشايدۇ ، قىزمۇ چىن كۆڭلىدىن بۇ يىگىتنى ياخشى كۈرىدىغانلىغى بىر قاراشىتنبىلىنىپ تۇرىدۇ . ئىشقىلىپ بۇ رەسىم خېلى ئوبدان لاھيلىنىپ چىقىپتۇ .
يۇقارقىلاربولسا مېنىڭ شەخشى كۆز – قاراشلىرىم ، داۋامىغا تورداشلارنىڭ سەمىمىي تەكلىپ – پىكىربىرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن .
تېمىنىڭ مەزمۇنى بەك ئۇزۇن بۇلۇپ كەتتى ، بەزىدە بىر ئوي - پىكىرنى ئىپادىلەش ئۈچۈن كۆپرەك چۈشنىشكە توغرا كىلىدىكەن ، سەۋىيەم چەكلىك ، شۇڭلاشقا تورداشلارنىڭ ھارماي ئۇقۇشىنى ۋە توغرا چۈشىنىنى ئۈمىد قىلىمەن .
يوللۇغ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-7 10:36 PM