تەڭ قىلىپ
بىر سېنىلا سۆيگەنتىم جىمى ئالەمگە تەڭ قىلىپ،
لېكىن ھىجراندا قالدۇردۇڭ ئويۇنچۇققا تەڭ قىلىپ.
چىن دىلىمدىن سۆيسەم مەن ئۆزۈمنى ئاشىق دەپ بىلىپ،
"بۇدۇشقاق"قا ئېرىشتىم،ئۆزۈمنى پەسكەشكە تەڭ قىلىپ.
بەرگەن ۋەدە ئۇنتۇلۇپ،ھەر ئاتاققا تۇتۇلۇپ،
ئۇۋالچىلىققا مەن قالدىم،غۇرۇرنى يەرگە تەڭ قىلىپ.
مەندىن كەتسە غۇنچە كېتۇر گەر پورەكلەپ ئاچىلسا گۈل،
گۈلمۇ ئاچىلماي توزىدى، قەلەندەرگە تەڭ قىلىپ.
مىڭ دەررىدىن ئېغىرراق سېنىڭ ئۇرغان بىر ئاھىڭ،
ئېزەتتىغۇ يۈرەكنى سېنى بۇ جانغا تەڭ قىلىپ.
ئەقىدەممۇ بولۇپ پايخان،دىلى-خانەم تېخى ۋەيران،
بۇ يوللاردا مەن سەرسان،ھەر نىمىگە تەڭ قىلىپ.
"نىمە بولساڭ بول نىگار"دېگۈم يوق ئەسلا زىنھار،
ياشىۋالغۇم تېخى يوق ۋەدەمنى پاخالغا تەڭ قىلىپ.
ئەمدە پەقەت بەخىتلا تىلىيەلەيمەن سەن ئۈچۈن،
نىمە دىسەڭ دە مەيلى ئۆزۈڭنى خانغا تەڭ قىلىپ.
ياشاي يىلتىز تارتىپ مەن ھىجران تېغى باغرىدا،
ھەر شامالغا پەرۋاسىز يىگانە شەمشادقا تەڭ قىلىپ.
مەنبە:قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yawa-xir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-7 05:26 PM