«بايان ۋە مۇھاكىمە» قىسمىدىكى ماقالە يېزىشتا پايدىلىنىش ئۆرنىكى
تېما تاللاشتىكى تەلەپلەر
1. ئىخچام ۋە مەزمۇنلۇق بولۇش، ماتېرىيالدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇددىئا ئېنىق بولۇش كېرەك.
2. تېمىدا ئىپادىلەنگەن مەزمۇن كىچىكرەك بولسا ياخشى، ساختا، زىيادە دەبدەبىلىك، قۇرۇق سۆز جۈملىلەرنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
3. ئۇزۇن قىسقىلىقى مۇۋاپىق بولۇش كېرەك، قوشۇمچە تېما قويۇشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش كېرەك.
تۆۋەندىكىلەر بىر قەدەر ياخشى قويۇلىدىغان تېمىلار ھېسابلىنىدۇ: «خەلق تۇرمۇشىدا كىچىك ئىش يوق»، «تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆي چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرايلى»، «شەھۋانىيلىققا زەربە بېرىشتە ئۇزاق مۇددەتلىك مېخانىزم ئورنىتىش زۆرۈر»،«تورخانىلارنى تۈزەشتە ھادىسىدىن ۋە ماھىيەتتتىن تۈزەشكە تەڭ ئېتىبار بېرىش كېرەك».
تۆۋەندىكى تېمىلار بىر قەدەر ناچار قويۇلغان تېمىلار ھېسابلىنىدۇ« ناھىيە ئىقتىسادىدا يېڭىلىق يارىتىش قەدىمىنى تېزلىتەيلى»، «خەلق تۇرمۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك».
ماقالىنىڭ تېكىستى
1) باشلىنىش قىسمى: مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، ھادىسە بايان قىلىندۇ، ئاقىۋىتى شەرھلىنىدۇ،ھەل قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى قاتارلىقلار قىسقىچە ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.
تۆۋەندىكىدەك باشلانسا بىر قەدەر مۇۋاپىق بولىدۇ.
دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە راۋاجلىنىشغا ئەگىشىپ.......(بۇ بوش ئورۇنغا ماتېرىيالغا ياكى تېمىغا مۇناسىۋەتلىك قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ئىخچام ۋە مېغىزلىق بايان قىلىنىدۇ)........بولسىمۇ، ئەمما .......(بۇ بۆلەكتە تەھلىل قىلماقچى بولغان ھادىسىنىڭ نېمىلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ)..........مەسىلىسىمۇ كۈنسايىن گەۋدىلىنىشكە باشلىدى. بۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرى بولسا............ ، .......... ، .......... ۋە قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇ مەسىلىلەر نۆۋەتتە خەلق ئاممىسىنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغاپ، جەمىئىيەتتىكى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى ۋە ۋە نۇرغۇنلىغان سەلبىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئەگەر بۇ مەسىلە مۇۋاپىق ھەل قىلىنمىسا، بىۋاستە خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە تەسىر كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، ئىقتىسادنىڭ تەرققىياتىغا، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خەلق ئاممىسى قەلبىدىكى ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، ئاخىرىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش ۋە سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش ئىشلىرىغا زرو زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.
(ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن بۇ يەردىكى ئادەتكە ئايلانغان سۆز-جۈملىلەرنى مۇۋاپىق ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ. مەسىلەن : ‹دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە راۋاجلىنىشغا ئەگىشىپ ........› دېگەن بۇ بۆلەكنى ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتى بۇيان..........، يېقىقى يىللاردىن بۇيان........... دېگندەك سۆز- ئىبارىلەرگە ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ.)
2.مەسىلىنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش. ئادەتتە تەمىنلەنگەن ماتېرىيالدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھادىسىلەرنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق پايدىلىنىپ شەكىللىنىش سەۋەبلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا بولىدۇ.
قېلىن مۇز بىر كۈندە قاتقان ئەمەس، .................نىڭ كېلىپ چىقىىشى نۇرغۇنلىغان ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ ئامىللارنىڭ ئورتاق تەسىز كۆرسىتىشىدە شەكىللەنگەن بولۇپ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
1) (ئوبيېكتىپ سەۋەب) دۆلەت ئەھۋالىدىن قارىغاندا دۆلىتىمىزنىڭ زېمىنى كەڭرى، نوپۇسى كۆپ، رايونلارنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسى ۋە نوپۇسنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىدە روشەن پەرقلەر مەۋجۇت. دۆلىتىمىزدە ھازىر دەل ئىجتىمائىي بۇرۇلۇش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ تەرققىيات ئەمەلىيىتىدىن قارىغاندا بۇ باسقۇچ ھەر خىل ئىجتىمائىي زىددىيەتلەر كۆپلەپ يۈز بېرىدىغان بىر دەۋردىن ئىبارەت. ...........مەسىلىسىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ئىجتىمائىي بۇرۇلۇشنىڭ مەھسۇلى بولۇپ ئىنتايىن قىسقا مۇددەت ئىچىدە بىر تەرپ قىلىش قىيىنغا توختايدۇ.(بۇ سەۋەبنىڭ مەزمۇنىنى پىششىق ئىگىلىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن)
2) سىياسەت تۈزۈلمىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-قائىدىلەر مۇكەممەل ئەمەس، قانۇن تۈزۈملەرنىڭ ئىجىراسىدىمۇ مۇئەييەن يوچۇقلار ساقلانغان، ...............
3) جەمئىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسى كۈچلۈك ئەمەس..............
4) خەلق ئاممىسىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئاڭ-سەۋىيىسى تولۇق يېتىلمىگەن.
5) مالىيە جەھەتتىكى قوللاش سالمىقى يېتەرسىز بولۇپ..........
6) .... جەھەتتىكى پەن تېخنىك تەرەققىياتى تېخى تولۇق پىشىپ يېتىلمىگەن .
7) .............
8) .....................
(ماتېرىيال مەزمۇنى ۋە ماقالە تەلىپىگە ئاساسەن باشقىچە شەكىللىنىش سەۋبلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە يۇقارقىلارنى ئېھتىياجغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ يېزىش كېرەك.)
3.ھەل قىلىش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش.
بىز ئۆزىمىز ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبلىرىگە ئاساسەن ھەل قىلىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىمىز.
.................مەسىلىسى گەرچە نۇرغۇنلىغان ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ ئامىللارنىڭ ئورتاق تەسىر كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن بولۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تەلتۆكۈس ھەل قىلىش قىينغا توختايدۇ. ئەمما بۇ ھەرگىز مۇ ھەل قىلغىلى بولمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس. تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتە خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئارقىلىق ...........مەسىلىسىنى مۇئەييەن دەرىجىدە ھەل قىلىشقا بولىدۇ.
1) ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ئىلمىي تەرەققىيات كۆز قارىشىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ........مەسىلىسىنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈشى، .....قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم. ۋەزىپە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتە قىلىش تۈزۈمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ۋە مۇكەممەللشتۈرۈپ، رەھبەرلەر سۈرۈشتە قىلىش ۋە مەسئۇلىيەتنى قاتتىق ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
2) ........جەھەتتىكى سىياسەت ۋە قانۇن تۈزۈم قانۇن تۈزۈم مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ ........نى سىياسەت ۋە قانۇن تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. دۆلەت سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىشى، بۇ جەھەتتىكى قانۇن تۈزۈملەرنى مۇكەمللەشتۈرۈپ، .............نى سىياسەت ۋە قانۇن كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. تايىنىدىغان قانۇن بولۇش، قانۇن بولغانىكەن چوقۇم تايىنىش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى قەتئىي سۈرۈشتە قىلىش ۋە قاتتىق جازالاشنى ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە قانۇن ئىجىراسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، .........مەسىلىسىگە قارىتا مەخسۇسۇ تۈزەش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشنى دائىلىق خىزمەتكە ئايلاندۇرۇش، مەسىلە بايقالغان ھامان تۈزىتىش، ئىنتىزامغا خىلاپىلىق قىلغانلارغا ئىنتىزام جازاسى، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارغا قانۇنىي جازا بېرىش كېرەك. شۇ ئارقىلىق ...............مەسىلىسىنى تۈزەشنى مۇكەممەل بولغان سىياسەت ۋە قانۇن تۈزۈم مۇھىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
3) خەلق ئاممىسىنىڭ پەن مەدەنىيەت ساپاسى ۋە ئەخلاق ساپاسىنى تىرىشىپ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تەربىيىلەپ، ئۇلارنىڭ .........جەھەتتىكى ئاڭ سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش، ئەخلاقنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، خەلق ئاممىسىنى ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشقا، ........مەسىلسى بىلەن ئاكتىپ كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك.
4) رادىئو-تېلېۋىزىيە، گېزىت، ژۇرنال، تور، يانفون ۋە باشقا تەشۋىقات ۋاستىلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ .........جەھەتتىكى تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش، شۇ ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنى تەربىيىلەش، ئەلا بولغان جامائەت پىكىرى مۇھىتى ۋە ئىجتىمائىي نازارەت تورى بەرپا قىلىش كېرەك. ھەر خىل شەكىللەردىن پايدىلىنىپ ساقلانغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا پاش قىلىپ، ...........مەسىلىسىنى بىخ ھالىتىدە ئۇجۇقتۇرۇپ تاشلاش ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ نازارەت قىلىشىغا، مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى توغرا تونۇۋېلىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك.
5) دۆلەت مالىيە، باج قاتارلىق جەھەتلەردە قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ،.........مەسىلىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق ھەل قىلىنىشغا ئەۋزەل شارائىت ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك.
6) ..........جەھەتتىكى پەن تېخنىك ئېچىش سالمىقىنى زورايتىپ، ......نىڭ ھەل قىلىنى ئۈچۈن پەن-تېخنىكا كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
(ماتېرىيال مەزمۇنى ۋە ماقالە تەلىپىگە ئاساسەن باشقىچە ھەل قىلىش چارىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە يۇقارقىلارنى ھەل قىلىش چارىلىرىنى ئېھتىياجغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ يېزىش كېرەك.)
4.ماقالىنى ئاخىرلاشتۇرۇش
.........مەسىلىسىنىڭ ھەل بولۇش بولماسلىقى خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش ئومۇمىيىتىگە ۋە سوتسىيالىستىىك جەمئىيەت ئىناقلىقىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ توغرا رەھبەرلىكى ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىسىدا ،........... مەسىلىسى مۇۋاپىق ھەل قىلىنىپ، جەمئىيىتىمىزنىڭ تېخىمۇ ئىناق بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل.
(ئاخىرلاشتۇرۇش قىسمى يۇقارقى شەكىلدىن پايدىلىنىش ئاساسىدا تېخمۇ كونكرېت يېزىلسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ )
دىققەت: يۇقارقى ماقالە ئۆرنىكىدىن پەقەت پايدىلىنىشقىلا بولىدۇ، ئىمتىھاندا كېلىپ چىققان ھەر قانداق ئاقىۋەتكە نىسبەتەن ئاپتور ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ. ھەر بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ئىمتىھاندا ياخشى نەتىجە ئېلىشىغا تىلەكداشمەن. شۇنداقلا كۆپچىلىكىنىڭ تۈزىتىش پىكىرى بېرىشىنى قارشى ئالىمەن.
تەييارلىغۇچى: نىجات
E-mail:nijat389@163.com
2012-يىلى 30-ئاۋغۇست