كەشتە توقۇپ ئولتۇرغان قىزغا
كەشتە توقۇپ ئولتۇرغان قىزغا،
تۈمەن قۇياش كۆرسىتەر جامال.
قاراپ قالار نازلىنىپ گۈللەر،
چىمەن باغدا قوغلىشىپ شامال.
كەشتە توقۇپ ئولتۇرغان قىزغا،
سالام يوللار گۈلشەندىن بۇلبۇل.
مەپتۇن بولۇپ ھەۋەستە چەكسىز،
توختاپ قالار سەپەردىن دۇلدۇل.
كەشتە توقۇپ ئولتۇرغان قىزغا،
چاچقۇ چاچار ئويناقلاپ دەريا.
كۈمۈش دولقۇن ساماغا چۈشەر،
ھالقا نۇردەك پىرقىرىپ گويا.
كەشتە توقۇپ ئولتۇرغان قىزغا،
سۆيگۈ بېرەر پايانسىز دالا.
يېشىل ھايات جۇلالاپ تۇرار،
ناخشا ئېيتىپ كۈيخۇمار بالا.
كەشتە توقۇپ ئولتۇرغان قىزغا،
ئوردا ياسار ئاسماندا يۇلتۇز.
شېرىن پۇراق قاپلىغان ئالەم،
سالقىن تۈندە سېغىنار يالپۇز.
كەشتە توقۇپ ئولتۇرغان قىزغا،
نەزمە پۈتەر ھاياجان شائىر.
ئايان بولغان گۈزەللىك ئارا،
قىلىپ ئەلگە ئۆزىنى زاھىر.
مەنبە: ئىجادىيىتىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-7 11:15 AM