مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6568|ئىنكاس: 33

بېرما مۇسۇلمانلىرنىڭ ئەھۋالى(2) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80496
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7596
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 606 سائەت
تىزىم: 2012-5-22
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 08:48:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بېرما مۇسۇلمانلىرنىڭ ئەھۋالى(2)




5.تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ،دۆلەت ئىچىدىكى مۇسۇلمانلارغا بولغان كونتروللۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتىش




«11-سېنتەبىر›› ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن بېرما ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا ئالدىراپ ئىنكاس قايتۇرمىدى،بىراق ئامېرىكىدىكى «نيويورك ۋاقىت گېزىتى›› 2001-يىل سېنتەبىردە ئەنگلىيەنىڭ «جەيىن ئاخبارات ئوبزورى›› 26-ئىيۇندا بېرمىنىڭ تېرروچى بىن لادىننىڭ بازا تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىسى  بولغان 34 دۆلەتنىڭ بىرسى ئىكەنلىكىنى قايتا تىلغا ئالغاندا  بولسا بېرما ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن ئالدىراپ ئىنكار قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن دەرھال پوزىتسىيەسىنى دەرھال ئۆزگەرتىپ  خەلقئارالىق تېررولۇققا قارشى ھەرىكەتكە ئاكتىپ قاتناشتى ھەم تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ دۆلەت ئىچىدىكى مۇسۇلمانلارغا بولغان باشقۇرۇش ۋە تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىماقچى بولدى.




ئامېرىكا 2001-يىل 7-ئۆكتەبىر ئافغانىستاندىكى تالىبان ھاكىميىتىگە ھەربى ھۇجۇم قوزغىغاندىن كېيىن بېرمىدىكى مۇسۇلمان ئاممسىنىڭ كەيپىياتى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ ئامېركىغا قارشى كەيپىيات  ئۇلغايدى.رادىكال مۇسۇلمانلار يازغان كىتابچە ئامېرىكىنىڭ تولۇق ئىسپات يوق ئەھۋال ئاستىدا ئافغانىستانغا ھاۋا ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى سۆكتى ھەم بېرمىدىكى مۇسۇلمانلارنى ئامېرىكىغا قارشى«جىھاد›› قا چاقىردى.بۇ كىتابچىلەر دەسلەپتە بېرمىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بەزى شەھەرلەردە پەيدا بولغان بولسا كېيىن 10-ئۆكتەبىر رانگونغا يېتىپ باردى.بېرما ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن غەرب دۆلەتلىرنىڭ بېرمىدا تۇرۇشلۇق ئورگانلىرىنى قوغداشنى كۈچەيتتى،يەنە بىر تەرەپتىن رانگون،ماندالاي قاتارلىق چوڭ-ئوتتۇرا شەھەرلەردىكى مۇسۇلمانلارنى قاتتىق نازارەت قىلدى ھەم زور تۈركۈم ھەربى-ساقچىلارنى ئىشقا سېلىپ تەرتىپ ساقلىدى.بېرما ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى بارلىق ساقچى ۋە ئاخبارات ئورۇنلىرىغا بېرما مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا كەڭ تارقىلىپ يۈرگەن كىتابچىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئېنىقلاشقا بۇيرۇق چۈشۈردى.2001-يىل 28-ئۆكتەبىر بېرما ھەربى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋە ساقچى باش تەپتىشى قاتارلىقلار بېرما مۇسۇلمانلار بىرلەشمە تەشكىلاتىنىڭ رەئسى ھاجى قاتارلىق بەش كىشىنى قوبۇل قىلىپ ئۇلاردىن مەزكۇر تەشكىلات ئەزالىرنىڭ ھەركىتىنى چەكلەپ دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلىرى ۋە جەمىئيەتنىڭ ئامانلىقىغا تەسىر يەتكۈزدىغان چېكىدىن ئاشقان قىلمىشلارنى سادىر قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلدى.شۇ يىلى دېكابىردا،ئامېرىكا ئافغانىستان ئۇرۇشىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى،بېرمىدىكى نۇرغۇن مۇسۇلمانلار ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇش قىلمىشىغا يەنىلا قارشى ئىدى،ئىسلام ئەللىرنىڭ ئامېرىكىغا قارشى «جىھاد››ىغا مەدەت بەردى ھەم ئامېرىكىنىڭ چەتئەللەردە تۇرۇشلۇق ئورگانلىرى ۋە خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلىپ ئۆچ ئالىمىز دەپ جار سالدى.شۇنىڭ ئۈچۈن بېرما ھۆكۈمىتى« بېرما-بېنگال،بېرما-ھىندىستان چېگرىلىندىغان رايونلار ۋە رانگون،ماندالاي قاتارلىق 14 چوڭ-ئوتتۇرا شەھەرلەردىكى مۇسۇلمانلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بەلگىلمىسى››نى تۈزۈپ چىقتى.بۇ بەلگىلمىگە ئاساسەن،بېرما ھۆكۈمىتى ھەربى قىسىم،ساقچى ۋە ھەربى ئاخبارات خادىملىرنى تەشكىللەپ ئاراكاندىكى توققۇز مۇسۇلمانلار مۇساپىرلار لاگېرى ۋە رانگون قاتارلىق 14 چوڭ-ئوتتۇرا شەھەرلەردە مۇسۇلمانلارنى قاتتىق نازارەت قىلىپ  بازا تەشكىلاتى ئەزالىرنىڭ بېرمىغا كىرىشىدىن قاتتىق مۇداپىئەلەندى،بېرما ئارمىيەسى يەنە پۇرسەتتىن پايدىلنىپ بېرما بىلەن بېنگال چېگرىلىندىغان رايونلاردا نۇرغۇن  مەڭگۈلۈك ھەربى گازارما ۋە ئىستېھكاملارنى ياساپ چىقىپ  روھىڭيا مۇسۇلمان بۆلگۈنچىلىرىگە بولغان زەربىنى كۈچەيتتى.2002-يىل يانۋاردىن مارتقىچە،بېرما دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ،ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى،چېگرا رايونلار ۋە ئازسانلىق مىللەتلەر ئىلگىرلەش ۋە تەرەقىيات ئىشلىرى مىنىستىرلىكى ۋە كۆچمەنلەر ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بىرلىكتە ‹‹ئاراكان شتاتى چېگرا رايونلىردىكى مۇساپىرلار لاگېرنى باشقۇرۇش››،«بېرما-بېنگال،بېرما-ھىندىستان چېگرىلىندىغان رايونلاردىكى قانۇنسىز ئوغىرلىقچە ئۆتۈش قىلمىشىغا قاتتىق زەربە بېرىش›› قاتارلىق بەلگىلمىلەرنى تارقىتىپ ئارمىيەنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتكە ياردەملىشىپ بېنگال مۇھاجىرلىرى،ھىندىستان مۇھاجىرلىرى ۋە مۇسۇلمان مۇساپىرلىرىنى نازارەت قىلىشنى ،ھەرخىل تېررورلۇق پائالىيەتلىرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ قاتتىق زەربە بېرىشنى تەلەپ قىلدى.2002-يىل 17-ئىيۇن بېرما ھۆكۈمىتى «پۇل يۇيۇشنى تىزگىنلەش قانۇنى››نى ئېلان قىلدى.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،بېرما ھۆكۈمىتى ئالتە مۇسۇلمانلار مەكتىپى ۋە ئۈچ مۇسۇلمانلار تەشكىلاتىنى بىكار قىلدى.تېرروچىلارغا زەربە بېرىش پۇرسىتىدىن پايدىلنىپ بېرما بىلەن بېنگال مۇسۇلمان مۇساپىرلىرنى قايتۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىق مەسلىلەردە پىكىر ئالماشتۇردى، تېرروچىلارنىڭ پۇرسەتتىن پايدىلنىپ بېرمىغا كىرىپ بۇزغۇنچىلىق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بېرما ھۆكۈمىتى بېنگالدىن مۇسۇلمان مۇساپىرلىرنى بېرمىغا مەجبۇرى قايتۇرۋاتماسلىقىنى تەلەپ قىلدى.




ئەلۋەتتە،ئاشكارا سىياسەت قاتلىمىدا بېرما ھۆكۈمىتى دىنى-ئېتىقادنىڭ ئەركىن ئىكەنلىكنى تەكىتلەيتى،دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرىمۇ ئىسلام دىنىنىڭ تەرەقىياتىغا ئەھمىيەت بېرەتتى.مەسلەن بېرما ھەربى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈچىنچى نومۇرلىق رەھبىرى  كىن نيۇنت2002-يىل 9-ئىيۇن رانگوندىكى دۆلەت چوڭ تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن پەيغەمبەر تەۋەللۇتىنىڭ 1476 يىللىق تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان ھەم ئۆزى سۆز قىلغان ئىدى.




بېرما ھۆكۈمىتى مۇسۇلمانلارنى قاتتىق نازارەت قىلغانلى سەۋەبىدىن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى دېموكراتىيە ،ئىنسانى ھوقۇق ۋە ئەمگەك ئىشلىرى ئىدارىسى 2002-يىل 4-مارت تارقاتقان «2001-يىللىق ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىنسانى ھوقۇق دوكىلاتى››دا بېرما ئامېرىكا تەرپىدىن دىنى ئەركىنلىك جەھەتتە ‹‹كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا ئالاھىدە ئەرزىيدىغان دۆلەت››لەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.




6.بېرما مۇستەقىل بولغاندىن بۇيانقى بۇددىستلار بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ توقۇنۇشى




بېرمىدىكى مۇسۇلمانلار بىلەن بۇددىستلار ئوتتۇرسىدىكى زىدىيەت ۋە توقۇنۇش بېرما مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى دۆلەت ئىچى سىياسى ۋەزىيىتىگە تەسىر يەتكۈزدىغان مۇھىم ئامىل بولۇپ قالدى،ئەمما مۇسۇلمانلار بىلەن بۇددىستلار ئوتتۇرسىدىكى زىدىيەتكە ناھايىتى ئۇزۇن بولغان ئىدى.1824-يىلدىن ئاۋال،بېرمىدىكى مۇسۇلمانلار ئاساسلىقى ئاراكان شتاتى ۋە بېرمىنىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىز بويى شەھەر-بازارلىردا ئولتۇراقلاشقان،ئاۋا ۋە ماندالايلاردا ئازىراق بولسىمۇ بىراق ئومۇمى سانى ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى،مۇسۇلمانلار ۋە بۇددىستلار ئاساسى جەھەتتىن ئىناق ياشايتى.ئەنگلىيە بېرمىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن زور تۈركۈمدىكى ھىندىستانلىقلار بېرمىغا كەلدى،ئۇلارنىڭ يېرىمى دېگۈدەك مۇسۇلمان ئىدى.بۇ مۇسۇلمانلار ئىقتىسادى جەھەتتە بېرمىلىقلارغا قارىغاندا ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپلا قالماي ھەمدە ھىندىستاننىڭ دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىنىڭ تەرەقىياتىغا يېقىندىن ئەگىشىپ  بېرمىدا ئۆزنىڭ تەشكىلاتىنى قۇرۇپ مەنپەئەتىنى قوغدىدى ھەم بېرمىنىڭ ئىككى ئامىللىق سىياسى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىغا ئاكتىپ قاتناشتى.بېرمىنىڭ بۇددىست مىللەتچىلىرى بۇ مۇسۇلمانلارنى «چەتئەللىك كۆچمەنلەر››دەپ قارايتى،بۇ مۇسۇلمانلار بولسا ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ قوغدىشىنى ئىزدەيتى.ھىندىستان بىلەن بېرما بۆلۈپ باشقۇرۇلدىغان چاغدا،ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى ئۇلارنىڭ بېرما جەمىئيتىدىكى رەسمى سىياسى ئورنىغا كاپالەتلىك قىلدىغان بىر خىل  لاھىيە ئىزدىدى ،مەسلەن:قانۇن پالاتاسىدا مۇسۇلمانلارنىڭ ئورنىنى ساقلاپ قېلىش دېگەندەك،بىراق بۇ لاھىيەگە بېرما بۇددىستلىرى قارشى چىقتى،ئەنگلىيە ھۆكۈمىتمۇ قوبۇل قىلىشنى رەت قىلدى.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،بېرمىدىكى يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلدىغان بېرما مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى دائىمى كوممىتېتى قۇرۇلدى،مەزكۇر تەشكىلات بۇ توپنىڭ بېرما خاسلىقنى تەكىتلىدى ھەم بېرما جەمىئىيىتىدە ئىناقسىزلىق پەيدا قىلغان ھىندىستانلىق مۇسۇلمانلارنى ئەيىبلىدى،بۇ كىشلەرنى دۆلەت پۇقرالىققا ئېلىشقا قارشى تۇردى.بېرمىلىقلار ۋە ھىندىستانلىق مۇسۇلمانلار ئوتتۇرسىدىكى بۇخىل دۈشمەنلىق ۋە قارمۇ-قارشلىق (بولۇپمۇ نىكاھ قانۇنى ۋە ئىقتىسادى رىقابەت جەھەتتىكى) 1938-يىل ئيۇلدا زور كۆلەمدىكى ھىندىستانلىقلارغا قارشى غەلياننى كەلتۈرۈپ چىقاردى.بۇ قېتىملىق غەليان رانگون،ماندالاي قاتارلىق چوڭ-ئوتتۇرا شەھەرلەرگە  يېتىپ باردى ھەم كەڭ كەنت رايونلىرغا يامرىدى.جەمى 1227 ئادەم توقۇنۇشتا ئۆلدى،ئۇلارنىڭ 622 سى مۇسۇلمان،317سى بۇددىست بولدى،ئۇندىن باشقا 113 مەسچىت شۇ قېتىملىق غەلياندا ۋەيران قىلىۋېتىلدى.بۇ قېتېملىق توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان مىللەتلەر ئارا ئۆچمەنلىك بېرما مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى دىنى توقۇنۇش توختىماي يۈز بېرىشنىڭ تارىخى سەۋەبى ۋە مۇھىم مەنبەسى بولۇپ قالدى،بېرما بۇددىستلىرىنىڭ ھىندىستانلىقلارنى ئىزچىل «گېرا›› دەپ چاقىرشى بۇ ئىككى مىللەت ئوتتۇرسىدىكى ئارازلىقنى كۈچەيتىۋاتتى.




بېرمىدىكى بۇددا دىندا مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن بىر قايتىدىن گۈللىنىش جەريانى كۆرۈلدى،بىراق تاكى 60-يىللارنىڭ دەسلىپىگە قەدەر بېرمىلىقلار ۋە ھىندىستانلىق مۇسۇلمانلار ئارا ئېغىر زىدىيەت كۆرۈلمىدى،1961-يىل ئاۋغۇستتا ئۇنۇ ھۆكۈمىتى بۇددا دىنىنى بىر مەزگىل دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتتى،بىراق بۇ ناھايىتى تېزلا تاغلىق ئازسانلىق مىللەتلەر ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىدى،ئۇنۇ ھۆكۈمىتى نائىلاج بەزى ئۆزگەرتىشلەرنى ئېلىپ باردى،شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم پوزىتسىيەسى قاتتىق راھىبلار ۋە بۇددىستلار بۇددا دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىش ئەھمىيىتىنى يوقاتتى دەپ قارىدى،شۇ يىلى ئۆكتەبىردە بىر قسىم ياش راھىبلار ئۇيۇشمىسى رانگون شەھەر سىرتىدىكى مەسچىتنى ئىگەللىۋېلىپ مۇسۇلمانلارغا قارشى ھەركەتنى قۇتراتتى،بۇ يەنە بىر قېتىم كۆپ ئادەم ئۆلگەن ۋە يارىلانغان دىنى توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.




ھەربى ھۆكۈمەت 1988-يىلى يەنە بىر قېتىم تەختكە چىقتى،بېرمىدىكى دىنى توقۇنۇش بارغانسېرى ئاداپ كەتتى.بەزى چەتئەللىك ئالىملار بېرما ھەربى ھۆكۈمىتى ھەر قېتىم ئېغىر تەنقىدكە دۇچ كەلگەن چاغدا بۇ خىل توقۇنۇش قۇتىرتىلىپ پۇقرالارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ سىياسى نەتىجىسىنى ئىنچىكە كۆزىتىشكە چولىسى تەگمەي قالىدۇ،بولۇپمۇ ئاۋامنىڭ بېرمىدىكى ھەقىقى مەۋجۇد مەسلىگە بولغان دىققىتى بۇرۇۋېتىلدۇ دەپ قارىدى.




1988-يىلدىن بېرى بېرمىدا يۈز بەرگەن ئاساسلىق دىنى توقۇنۇش تۆۋەندىكىدەك:




1988-يىلنىڭ ئاخىرى،ھىندىستان بېرمىنىڭ دېموكىراتىيلىشىش ھەركىتىنى قوللاپ بېرمىدىن قېچىپ ھىندىستانغا كەلگەن ئۆكتىچى زاتلارغا پاناھلىق بەرگەنلىكى تۈپەيلىدىن تاۋڭگى،پرومې،پىنۇلۋىن قاتارلىق جايلاردا ھىندىستانغا قارشى مالىمانچىلىق پەيدا بولدى،تىغ ئۇچى ئاساسلىق ھىندىستانلىق مۇسۇلمانلارغا قارتىلدى.




1996-يىل  مايدا،شەن شتاتىدا ئىسلامغا قارشى ۋاراقچە پەيدا بولدى،بۇ شەن شتاتىدىكى تۆت شەھەر-بازاردا مۇسۇلمانلار بىلەن بۇددىستلار ئوتتۇرسىدىكى زوراۋانلىق توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شۇ يىلى ئۆكتەبىر  رانگوندا بۇددىستلارنى مۇسۇلمانلارنىڭ دۇكانلىرنى بايقۇت قىلىشقا مۇسۇلمانلار بىلەن توي قىلماسلىققا چاقىرىق قىلدىغان ۋاراقچە پەيدا بولدى.


1997-يىل 15-مارتتىن 28-مارتقىچە رانگون(Yangon)،ماندالاي(Mandalay)،پرومې(Prome)،مونىۋا(Monywa)،موۋلمېين(Moulmein)،كياۋكپۇ(Kyaukpyu) قاتارلىق ئۆلكىلەردە مۇسۇلمانلار بىلەن بۇددىستلار ئارا توقۇنۇش يۈز بەردى،نەچچە ئون مەسچىت بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى،ئۇنىڭ ئىچىدە ماندالاي رايونىدا 14سى،رانگون رايونىدا 12 سى،پاكېكۇدا 3 ى،باگو ئۆلكىسدە 4 ى ،باشقا رايونلاردا 7 سى  بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى.پرومېدىكى 3 مەسىچىت 24-مارت كېچىسى نەچچە يۈز بۇددا راھىبلىرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.بۇ قېتىمقى مالىمانچىلىق ماندالايدىن باشلانغان بولۇپ توقۇنۇشنىڭ بىۋاستە سەۋەبىدىن ئىككىسى بار ،بىرسى بىر مۇسۇلمان ئايالنىڭ يەنە بىر بۇددىست ئايالغا جىنسى پاراكەندىچىلىك سېلىشى بۇددستلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان.يەنە بىرسى 1997-يىل بېرما كالېندارىدىكى يېڭى يىل(4-ئاينىڭ 14-كۈنى) بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ يېڭى يىلى  بىر كۈندە كېلىپ قالغان بولۇپ بۇ كۈندە بۇددىستلار جانلىقلارنى ئازادلىققا قويۇپ بەرسە،مۇسۇلمانلار قۇربانلىق قىلغان.شۇنىڭ ئۈچۈن بۇددسىتلار 1997-يىلنى ئومۇميۈزلۈك ئاپەت يىلى دەپ قارىغان.




دەل مۇشۇ مەزگىلدە ماندالايدىكى بىر قەدىمى بۇتخانىدىكى بۇددانىڭ ھەيكىلىنىڭ كۆكرىكىگە دەز كەتكەن،شۇنىڭ بىلەن راھىبلار ئىككىنچى كۈنى مەسچىتكە ھۇجۇم قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاپەتنى تۈگىتىشنى قارار قىلغان.ماندالاي رايونىدىكى راھىبلارنىڭ ھەركىتى ناھايتى تېزلا پايتەخت رانگون ۋە باشقا رايونلارغا يېتىپ بارغان.ھەربى ھۆكۈمەت ئامالسىز سەككىز شەھەر-بازاردا كېچىدە يۈرۈشنى مەنئى قىلغان ھەم راھىبلارنىڭ مەسچىتكە ھۇجۇم قىلىشنى توسۇش ھەركىتىدە بىر راھىبنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ 100 دىن ئارتۇق راھىبنى قولغا ئالغان.ئەينى ۋاقىتتا دىنى ئىشلار مىنىستىرى لېيتنانت مىياۋنيۇ ئۆزى ماندالايغا بېرىپ ياراشتۇرغان ھەم رادىكال بۇددىستلار ۋە راھبىلارنى ئاگاھلاندۇرغان.ئەمەلىيەتتە بۇ قېتىمقى دىنى توقۇنۇشنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ ھەربى ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئاۋامنىڭ دىققىتىنى يۆتكەش ئامىلىمۇ،يەنە بۇددىستلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ھىندونېزىيە پرىزدېنتى ھاجى مۇھەممەد سۇھارتونىڭ بۈيۈك ئالتۇن مۇنارغا باردىغان يولنىڭ يېنىدىن يەر سېتىۋېلىپ جامە سېلىشىغا بولغان نارازىلىق ئامىلىمۇ بار.




2001-يىل بېرمىدىكى دىنى توقۇنۇش ئەڭ ئېغىر بولغان مەزگىل ھېسابلىندۇ،بۇ يىلنىڭ فېبرال،ماي ۋە ئۆكتەبىر ئايلىردا بېرمىدا بۇددىستلار بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈچ قېتملىق قان تۆكۈلۈش توقۇنۇشى يۈز بەردى،فېبرالنىڭ دەسلىپىدە بېرمىنىڭ ئاراكان شىتاتىنىڭ شىمالى قىسمىدا بۇددا دىنىغا ئىشنىدىغان ئاراكانلار بىلەن ھىندىستانلىق مۇسۇلمانلار ئارا زوراۋانلىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئۆي-قۇرۇلۇشلارنىڭ بۇزۇلۇشى ۋە ئادەملەرنىڭ ئۆلۈپ يارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى،ھەربى ھۆكۈمەت ئارمىيەنى ئىشقا سېلىش ۋە كېچدە يۈرۈشنى مەنئى قىلىش ئارقىلىق ۋەقەنى تىنجىتتى.شۇ يىلى ماينىڭ ئوتتۇرلىردا ئافغانىستاندىكى تالىبان ھاكىميىتى مارتتا بامىيان چوڭ بۇتىنى پارتىلتىۋەتكەنلىكى سەۋەبىدىن  ئالدى بىلەن تونگودا بۇددىستلار قىساس ئېلىش ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ دۇكانلىرنى ،تۇرالغۇلىرنى،مەسچىتلەرنى چېقىشتەك زوراۋانلىق ھەركىتى يۈز بەردى.بۇخىل دىنى توقۇنۇش ناھايىتى تېزلا باگو،برومې،پىنمانا ۋە تاڭگى قاتارلىق شەھەرلىرىگە يامرىدى،ھەربى ھۆكۈمەت يەنە ئامالىسز بۇ شەھەرلەردا كېچىدە يۈرۈشنى مەنئى قىلىش ۋە بىخەتەرلىك قىسمىلىرنى ئەۋەتىش ئارقىلىق توقۇنۇشى باستۇردى.8-ئۆكتەبىر برومېدىكى بىر بۇددىست ئايال بىر مۇسۇلمان ئەر بىلەن قېچىپ كېتىپ ئېتىقادىنى ئىسلام دىنىغا ئۆزگەرتىشى مەزكۇر شەھەردە يەنە بىر قېتىم بۇددىستلار بىلەن مۇسۇلمانلار ئوتتۇرسىدىكى توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى،بۇ توقۇنۇش ناھايىتى تېزلا باشقا رايونلارغا يېتىپ باردى.24-ئۆكتەبىر ھەربى ھۆكۈمەت برومې،بوگا،پاسېين ۋە موۋلمېين قاتارلىق 10 نەچچە شەھەر-بازارلاردا بىر ئاي كېچىدە يۈرۈشنى مەنئى قىلىش،قاتناش ۋە ئالاقىنى نازارەت قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈردى.2001-يىلدىكى نەچچە ئاي داۋاملاشقان دىنى توقۇنۇشتا ئۆلگەن- يارىلانغانلارنىڭ سانى نەچچە ئون ئادەمگە يەتكەن،بەزى تەشكىلاتلار ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ھەتتا نەچچە يۈزگە يەتكەن دەپ قارايدۇ.




7.بېرما مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى مۇسۇلمانلارنىڭ بۆلۈنمىچىلىك ھەركىتى




بېرما مۇستەقىل بولىشىغىلا،ئاراكان رايونىدا ۋۇشېڭدا(خەنچە ئاھاڭ تەرجىمىسى) رەھبەرلىك قىلغان ھۆكۈمەتكە قارشى مۇسۇلمان پارتىزانلار ئەترىتى پەيدا بولدى.50-يىللاردىن باشلاپ  ئاراكان رايونىدىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلدىغان روھىڭيالارمۇ ھۆكۈمەتكە قارشى پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى باشلىدى،50-يىللاردا بېنگال رايونى(ئەينى چاغدا شەرقى پاكىستان دېيىلەتتى) بېرمىنىڭ ئاراكان رايونىدەك گۈللەنگەن بولمىغاچقا،نۇرغۇن بېنگال مۇسۇلمانلىرى قانۇنسىز چېگرىدىن ئۆتەتتى.ئۇلار بىلەن ئاراكانلار ئوتتۇرسىدا دائىم توقۇنۇش يۈز بېرەتتى،بەزى چاغلاردا ھەتتا ئىسيان كۆتۈرلەتتى.مېيۇ دۆلەت چېگرا رايونى(بېرمىنىڭ ئاراكان رايونى بىلەن  بېنگال خوشنا رايون،1961-يىل ئالاھىدە مەمۇرى رايون قۇرۇلغان)دىكى ئاھالىلەر ئىچىدە چىتتاگوڭ(بېنگالنىڭ شەرقى-جەنۇبىدىكى بىر شەھەر)دىن كەلگەن مۇسۇلمانلار ناھايىتى چوڭ نىسبەتنى ئىگەللەيدۇ،بېرمىلىقلار بولسا ئاران %18 نى ئىگەللەيدۇ.بۇ كۆچمەنلەر ئەسلىدە پەسىللىك ئىشچىلار بولۇپ كېيىن مۇشۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان.بۇ مۇسۇلمانلار 1960-يىلدىن باشلاپ «مۇجاھىد›› ئىسيان ھەركىتىگە قاتناشقان ھەم مەزكۇر رايوننى شەرقى پاكىستان(بېنگال)غا قوشۇۋېتىشنى تەلەپ قىلغان.




ئۇنەۋىن ھۆكۈمىتى 1962-يىلى تەختكە چىققاندىن كېيىن قوللانغان تەدبىر روھىڭيالار بىلەن ھۆكۈمەت ئوتتۇرسىدىكى قارشىلىشىش كەيپىياتىنى تېخىمۇ جىددىلەشتۈرۋەتكەن ھەم 1964-يىلى روھىڭيالار زور كۆلەملىك قوراللىق توپىلاڭنى قوزغىغان.1964-يىلى ئۇنەۋىن رەھبەرلىكىدىكى ئىنقىلابى كوممىتېت مېيۇ چېگرا ئالاھىدە مەمۇرى رايونىنى بىكار قىلغان، روھىڭيا ياشلار جەمىئىيىتى،ئاراكان مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى ۋە ئاراكان مۇسۇلمان ياشلار تەشكىلاتى قاتارلىقلارنى قانۇسىز تەشكىلات دەپ ئېلان قىلغان.1965-يىل ئۆكتەبىردە بېرما رادىئو ئىستانسىسىنىڭ روھىڭيا تىلىدىكى پروگراممىسى بىكار قىلىنغان.ئەلۋەتتە ئىنقىلابى كوممىتېتنىڭ مايدا قىممىتى 50 ۋى 100 بولغان نەق پۇلنى بىكار قىلىشنى ئېلان قىلىشى مۇسۇلمانلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاشتىكى  يەنە بىر  مۇھىم  سەۋەب ھېسابلىندۇ.




1973-يىل روھىڭيالار ئاراكان شىتاتىدا تېخىمۇ كۆپ يەرلەرنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن روھىڭيا ۋەتەنپەرۋەلىك فرونتىنى قۇرغان،رەھبىرى جاپپار ھەبىبى بولغان. نۇرغۇن روھىڭيا ستۇدېنتلىرى،زىيالىلىرى،كەسپى خادىملىرىمۇ 1975-يىلى فرونتقا ئەگىشىپ يەر ئاستىغا يۆتكەلگەن.مەزكۇر فرونت ئەرەب مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ تاشقى دۇنياغا روھىڭيالارنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەندۈرگەن.خەۋەر قىلىنىشچە مەزكۇر فرونتنىڭ رەھبىرى ئىلگىرى فىلىپىننىڭ مىنداناۋ ئارىلىدىكى مور ئازادلىق فرونتىنىڭ رەھبىرى بىلەن كۆرۈشكەن.1978-يىلى، روھىڭيا ۋەتەنپەرۋەرلىك فرونتىدا ئېغىر نىزا پەيدا بولۇپ ناھايىتى تېزلا پارچىلنىپ كەتكەن.




1982-يىلى روھىڭيالار يەنە روھىڭيا ئىتتىپاقلىق تەشكىلاتىنى قۇرغان،ئۇنىڭ مەقسىدى روھىڭيا ئاپتونوم رايونى قۇرۇش ھەم ئىسلام شەرىئىتى ئارقىلىق باشقۇرۇش ئېلىپ بېرىش.مەزكۇر تەشكىلاتمۇ تۆت يىللىق پائالىيەتتىن كېيىن ئىچكى زىدىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشى تۈپەيلىدىن ئىككىگە پارچىلنىپ كەتكەن،بىرسىگە يۇنۇس يەنە بىرسىگە نۇر ئىسلام رەھبەرلىك قىلغان.1987-يىلى نۇر ئىسلام تەرەپتىكىلەر بىلەن روھىڭيا ۋەتەنپەرۋەرلىك فرونتىنىڭ قالدۇق ئەزالىرى بىرلىشىپ ئاراكان روھىڭيا ئىسلام فرونتىنى قۇرۇپ چىققان.شۇ يىلى ئاۋغۇسىتتا بارلىق روھىڭيا قوراللىق تەشكىلاتلىرى ئاراكان روھىڭيا ئىسلام فرونتى ئاسىتغا يىغىلىپ بىرلىك سەپنى ھاسىل قىلغان،بىراق مەزكۇر فرونت پائالىيەتلەرگە ئۈنۈملىك تەشكىللىيەلمىگەچكە ھەرقايسى قوراللىق تەشكىلاتلا بۇرۇنقىدەكلا ئۆزلىرى ئۈچۈن  جەڭ قىلغان.




ھىندىستانلىق مۇسۇلمانلار 19-ئەسىرنىڭ 80-يىللىردىن باشلاپ كايىن شتاتىغا كۆچكەن،نۆۋەتتە نەچچە مىڭ مۇسۇلمان شۇ يەردە ياشايدۇ.كايىن شىتاتىنى پائالىيەتنىڭ تايانىچ نۇقتىسى قىلغان بېرما مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ قوراللىق كۈچىگە ئىگە بولۇپ،مەزكۇر قوراللىق كۈچ 1983-يىلدىن باشلاپ بېرمىدىكى ئەڭ چوڭ ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچ كايىن مىللى ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىشىپ جەڭ قىلغان.80-يىللارنىڭ دەسلىپىدە تۆۋەنكى بېرمىدىكى موتاما،موۋلمېين قاتارلىق شەھەر-بازارلاردا مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈلگەن، شۇنىڭ بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى يەنە بىر قىسىم مۇسۇلمانلار بېرما مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقىغا قاتناشقان.1997-يىل 7-مارت مەزكۇر تەشكىلات بايانات ئېلان قىلىپ خەلقئارا جەمىئىيەتنى بولۇپمۇ شەرقى-جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى ئىسلام دۆلەتلىرنى بېرما ھەربى ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارتىلغان ئىنسانى ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشغا ئېتىبار بېرىشنى مۇراجىئەت قىلغان.ئۇندىن باشقا يەنە بېرمىنىڭ ھەرقايسى جايلىردىكى مۇسۇلمانلار تەشكىلاتىدىن تۈزۈلگەن بېرما مۇسۇلمانلار ئازادلىق تەشكىلاتى باشقا بىر ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق تەشكىلات بار بولۇپ،بېرما مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى ۋە بېرما مۇسۇلمانلار ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەر ئىككىلىسى 1988-يىلى قۇرۇلغان بېرما دېموكراتىيە ئىتتىپاقى(ئازسانلىق مىللەت قوراللىق تەشكىلاتلىرى ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن كۈرەش قىلدىغان ئۆكتىچى گۇرۇھلاردىن تەشكىللەنگەن ھۆكۈمەتكە قارشى بىرلىكسەپ)نىڭ ئىچىدىكى ئاكتىپلاردىن بولۇپ قالغان.




1995-يىلى روھىڭيالارنىڭ ئىتتىپاقلىقىدا يەنە بىر قېتىم پارچىلنىش يۈز بەرگەن،بىر تەرەپكە يەنىلا يۇنۇس رەھبەرلىك قىلغان،يەنە بىر تەرەپكە پروفېسسور زاكالىر رەھبەرلىك قىلغان.1988-يىلى روھىڭيالارنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلىرى ئىچكى قىسمىدا يەنە بىر قېتىم رەتلەنگەن،روھىڭيا ئىتتىپاقىلىق تەشكىلاتىدىن بۆلۈنۈپ چىكەتكەن گۇرۇھلار ئاراكان روھىڭيا ئىسلام فرونتى بىلەن روھىڭيا ۋەتەنپەرۋەرلىك فرونتىنىڭ قالدۇق ئەزالىرى  بىرلىشىپ ئاراكان روھىڭيا مىللى تەشكىلاتىنى قۇرۇپ چىققان، نۇر ئىسلام مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسلىكىنى،يۇنۇس ۋە سەپەر ئىسلام مۇئاۋىن رەئىسلىكىنى، زاكالىر باش سېكېرتارلىقىنى ئۈستىگە ئالغان. مالىيە جەھەتتىكى ئىختىلاپ ۋە بېسىم  روھىڭيالارنىڭ قوراللىق كۈچلىرنىڭ توختىماي بۆلۈنۈپ،قوشۇلۇشىنىڭ تۈپكى سەۋەبىدۇر.




ئىككىنچى نۆۋەتلىك روھىڭيا مىللى كوممىتېتى،ئاراكان روھىڭيا مىللى تەشكىلاتى ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى 2000-يىل 5-ئۆكتەبىردىن 7-ئۆكتەبىرگىچە ئېچىلغان،ھەرقايسى سىياسى پارتىيە ئەزالىرى،دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن ۋەكىللەر،ئۆلىمالار ۋە روھىڭيا مىللى ئارمىيەسىنىڭ قوماندانلىرى بۇ قېتىملىق قۇرۇلتايغا قاتناشقان.قاتناشقۇچىلار روھىڭيالارنىڭ ئەركىنلىك كۈرەشلىرى چېتىلدىغان بارلىق مەسلىلەر :سىياسى،ھەربى،ئىقتىسادى،ئىجىتمائى مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ئۈستىدە مۇزاكىرە  ئېلىپ بارغان.چەتئەل ۋە بېنگالدىكى مۇساپىرلار لاگىردا ياشايدىغان روھىڭيالار روھىڭيا مىللى كوممىتېتى مۇزاكىرە قىلدىغان مۇھىم قارالما بولغان،مەزكۇر كوممىتېت يەنە نۇر ئسىلام رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالغان مەركىزى ئىجرائىيە كوممىتېتىنى قۇرۇپ چىققان.بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا ئاراكان روھىڭيا مىللى تەشكىلاتى بىلەن بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلدىغان ئاراكان مىللى بىرلەشمە پارتىيەسىنىڭ سىياسى ئىتتىپاق قۇرۇشقا قوشۇلىشى كىشىنىڭ دىققتىنى ئەڭ بەك تارتىدىغان ئىش بولۇپ قالغان،بۇ ئاراكان شىتاتىدىكى بۇددىستلار ۋى مۇسۇلمانلارنىڭ ئاپتونومىيە ۋە مۇستەقىللىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاللىبۇرۇن بىرلىكتە ھەربى ھۆكۈمەتكە ئورتاق قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.


بېرما مۇستەقىل بولۇپ بۈگۈنگە قەدەر روھىڭيالارنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈرەشلىرى ئومۇمەن بىر قەدەر تارقاق بولغان ھەم ئاراكان شىتاتىغا يىغىلغان،ئۇلار بېرمىدىكى باشقا مۇسۇلمان گۇرۇھلىرى بىلەن بىرلەشمىگەن.بولۇپمۇ ئاراكان شىتاتىنىڭ سىرتدىكى چوڭ-ئوتتۇرا شەھەرلەردە ياشايدىغان مۇسۇلمانلار روھىڭيالارنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈرشىگە ھېسىداشلىق قىلمىغان،ئەكىسچە روھىڭيالارنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈرشىنى بېرما ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل مۇسۇلمانلارنى ئېزىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى مەنبە دەپ قارىغان.




ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيىتقاندا،روھىڭيالارنىڭ ھازىرقى ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرۇشتىكى نىشانى قارىماققا ئۆزگەرمەيدۇ،ئەمما ئۇلارنىڭ قوللانغان تەدبىرىدە ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن.ئۇلار ئىمكانقەدەر تېررورىزم بىلەن چەك-چېگرىنى ئېنىق ئايرىدى،بىراق ئۇلارنىڭ قوراللىق كۈرشىنىڭ ئىستىقبالى ئانچە ياخشى ئەمەس.«11-سېنتەبىر ۋەقەسى›› دىن كېيىن بېرما ھۆكۈمىتى يەنە روھىڭيالار بىلەن بازا تەشكىلاتىنىڭ چېتىشلىقى بارلىقنى دەستەك قىلىپ قورشاپ يوقىتىش كۈچىنى زورايىتتى.




8.ئىسلام مەسلىسى ۋە بېرمىنىڭ تاشقى مۇناسىۋىتى




بېرما ئۇزۇن مۇددەت بېكىنمىچىلىك سىياسىتى يۈرگۈزگەنلىكتىن،بېرمىدىكى مۇسۇلمانلار بىلەن دۆلەت سىرتىنىڭ ئالاقىسى ئانچە قويۇق ئەمەس ئىدى،بىراق بېرمىدىكى مۇسۇلمان مۇساپىرلار مەسلىسى ئىلگىرى ئۇنىڭ بېنگال ۋە باشقا ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە تەسىر قىلاتتى.




بېرما مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن بېرمىدا مۇھاجىر بولۇپ تۇرىۋاتقان ھىندىستانلىقلارنىڭ ھوقۇق مەسلىسى بېرما-ھىندىستان مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزدىغان مۇھىم ئامىل بولۇپ قالدى،بىراق بۇ مەسلىلەر بىلەن بېرمىدا مۇھاجىر بولۇپ تۇرۋاتقان ھىندىستانلىقلار دىنى ئېتىقادى بىلەن بىۋاستە باغلىنىشى يوق ئىدى.70-يىللاردىن بۇرۇن بېرمىدىكى مۇسۇلمانلار يەنە خەلقئارالىق كۈرەشلەرگە قاتناشقانىدى ھەم باشقا دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا ئىنتايىن ئېتىبار بېرەتتى.1956-يىلى،مىسىر سۈۋەيىش قانىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتۇرۋالدىغان چاغدا روھىڭيا مۇسۇلمانلىرى ئويلىمىغان يەردىن كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلىپ مىسىرگە بولغان قوللىشىنى بىلدۈرۈپ ئەنگلىيە،فرانسىيە ۋە ئىسرائىلىيەلەرنىڭ مىسىرگە بولغان ئۇرۇشغا قارشى تۇرغانىدى.1967-يىلى،1000دىن ئارتۇق روھىڭيا پىدائىلىرى كاراچىدىكى ئەرەب ئەلچىخانىسى ئارقىلىق ئۇلار توپلىغان ئىئانىنى تاپشۇرغاندىن باشقا يەنە ئۇلاردىن  ئۆزلىرنىڭ كۈرەشكە قاتنىشىشىقا رۇخسەت قىلىشنى ئۆتۈنگەنىدى.




1978-يىلنىڭ دەسلىپىدە،بېرما ھۆكۈمىتى ئاراكان شىتاتىدا بىر قېتىملىق «ئەجدىھا پىلانى›› نامىلىق كۆچمەنلەرنى تەكشۈرۈش ھەركىتىنى قانات يايدۇردى،شۇنىڭ بىلەن زور تۈركۈم مۇسۇلمان مۇساپىرلىرى بېرمىنىڭ ئاراكان شىتاتىدىن بېنگالغا قېچىپ بېرىۋالدى،بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى چېگرا  توقۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.ئەمەلىيەتتە چېگرا مەسلىسى 1942-يىلى باشلانغان بولۇپ ئەينى چاغدا دىنى خاراكتېرلىك ئىسيان يۈز بېرىپ بەزى مۇسۇلمانلار بېرمىغا قېچىپ بېرىۋالغانىدى.1971-يىلى بېنگال دۆلىتى قۇرۇلدى،ئۇندىن كېيىن چېگرا رايونلاردا مۇسۇلمانلار مەسلىسى تۈپەيلىدىن بەزى قىسقا توقۇنۇشلارمۇ يۈز بەرگەن بولسىمۇ بىراق بۇلار بېنگال-بېرما ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە ئانچە چوڭ تەسىرى بولمىغانىدى،ھەتتا مۇسۇلمانلارنىڭ بېرما تەرپىدىن قوغلىنىش شىكايەتلىرىمۇ ئىلگىرى ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدە ئوتتۇرغا قويۇلۇپ مۇزاكىرىمۇ قىلىنىپ بېقىلمىغانىدى.1975-يىلى بېنگال تۇنجى بولۇپ بۇ مەسلىنى ئوتتۇرغا قويدى،چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا تەخمىنەن 3500 ئادەم چېگرىدىن ھالقىپ بېنگالغا كىرگەنىدى.بېنگال پرىزدېنتى راھمان 1977-يىلى رانگوننى زىيارەت قىلغاندا بېرما ھۆكۈمىتىگە بۇ مەسلىنى ئوتتۇرغا قويغانىدى.




1978-يىلنىڭ دەسلىپىدە بېرما ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەرنى تەكشۈرۈشتىكى ئاساسلىق سەۋەبى  1974-يىلى ئاراكان ئازادلىق پارتىيەسى قۇرۇلىشى ھەم ئىككىنچى يىلى بېرمىدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ مەملىكەت خاراكتېرلىك بىرلەشمە تەشكىلاتى مىللى دېموكىراتىيە ئىتتىپاقلىق فرونتىغا قانتنىشىشىقا قوشۇلدى ئىدى.ئاراكان ئازادلىق پارتىيەسى ئاراكان شتاتىنى بېرمىدىن ئايرىپ چىقىپ مۇستەقىل بىر دۆلەت قۇرۇشنى مەقسەت قىلاتتى،ئۇنەۋىن ھۆكۈمىتى بۇنى بىلگەندىن كېيىن چېگرا رايونلارغا بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن دىدوڭ ۋە مېڭدۇ قاتارلىق جايلاردا كۆچمەنلەرنى تەكشۇردى،بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشتە بىۋاستە زىيانلانغۇچى مۇسۇلمانلار بولدى.ئۇندىن باشقا ئاراكان رايونىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىقتىسادى ئەمەلى كۈچىنىڭ بارغانسىېرى كۈچىيىشى،مۇسۇلمانلارنىڭ بېرما كومپارتىيەسىنى قوللىشىدىن گۇمانلىنىشى ئۇنەۋىن ھۆكۈمىتنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارىتا ھەرىكەت قوللىنىشىنىڭ سەۋەبلىردىن بىرى ھېسابلىندۇ.




بېرما ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئىستاتىسكىسىغا ئاساسلانغاندا ،1978-يىلى 5-ئىيۇلغا قەدەر ئاراكان شىتاتىدىن بېنگالغا قېچىپ كەتكەنلەر 14906 ئادەم بولغان،بىراق ئەمەلى سان بۇنىڭدىن كۆپ.بېنگال تەرەپنىڭ مۆلچەرلىشىچە ئەينى ۋاقىتتا ئاراكان شىتاتىدا 600مىڭ مۇسۇلمان بار ئىكەن.زور تۈركۈمدىكى مۇساپىرلارنىڭ بېسىپ كىرىشى ئاللىبۇرۇن 75 مىليون نوپۇسى بولغان بېنگالغا نۇرغۇن ئېغىر مەسلىلەرنى ئېلىپ كەلگەن،ئۇلارنىڭ پەقەت ھەر ئايلىق قۇتقۇزۇش ھەققىگىلا بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرى كەتكەن.شۇنىڭ ئۈچۈن بېنگال پرىزدېنتى راھمان بېرمىنىڭ مۇسۇلمانلارنى ياۋايىلارچە قوغلىغانلىقىنى ئەيبىپلەپلا قالماي ھەمدە بۇ مۇساپىرلارنى بېرمىغا قايتۇرۋېتىشنى تەلەپ قىلغان.بېنگال ھۆكۈمىتى بۇ مۇسۇلمانلارنى بېرما پۇقراسى دەپ قارىغان،بېرما ھۆكۈمىتى بولسا ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى قانۇنسىز كۆچمەن دەپ شىكايەت قىلغان.بېنگالغا قاچقان مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپچىلىكى ئۆزىنى ئوخشىمىغان ئۈچ توپقا تەۋە دەپ قارايدۇ.ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ بىر قىسمى روھىڭيالار بولۇپ بېرما-ېېنگال چېگرسىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان نافۇ دەرياسى بويلىردا ياشايدۇ.1982-يىلى 8-ئاپرېلدىكى ‹‹پايدىلنىش ئۇچۇرلىرى››غا ئاساسلانغاندا روھىڭيالار 1948-يىلى 1 مىليون 500 مىڭ نوپۇسقا ئىگە بولۇپ ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار ئەنگلىيە بىلەن ئايرىم سۆھبەتلىشىشنى تەلەپ قىلغان،بىراق ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ تەلىپىگە قوشۇلمىغان.ئۆتۈپ كەتكەن 40 نەچچە يىل ئىچىدە  كام دېگەندە نەچچە يۈزمىڭ (روھىڭيا ئىتتىپاقلىق رەھبىرنىڭ داھىيسى يۇنۇس بىر مىليون دەپ قارايدۇ) كىشى ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگە كۆچمەن بولغان.يەنە بەزى ماتېرىياللار بۈگۈنگە قەدەر تەخمىنەن 1 مىليون 500مىڭ روھىڭيا تۇرمۇش بېسىمىنىڭ سەۋەبىدىن ۋەتىنىدىن ئايرىلغان.يەنە بىر قىسمى بولسا كامانچىلار بولۇپ ئۇلارنىڭ ئەجدادىلىرى 18-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە بېرمىنىڭ ئاراكان رايونىغا كۆچكەن ،ئۇلار ئاساسلىق سودا قىلىش ئارقىلىق ياشىغان،ئۈچىنچى قىسمى بولسا بېنگاللىق دېھقانلار ۋە بېلىقچىلار بولۇپ ئەنگلىيە بېرمىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقىتتا چېگرىدىن ئۆتۈپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان،بېنگالغا قاچقان بۇ مۇساپىرلار ئارىسىدا گەرچە بەزىلىرنىڭ بېرما پۇقرالىق كىملىكى بولسىمۇ ،بىراق رېيتىر ئاگېنتىلىقىنىڭ مۆلچەرلىشىچە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى تەخمىنەن 20مىڭى بېنگال پۇقراسى ئىكەن،ئۇلارنىڭ بېرمىغا كىرىشتىكى يوللۇق رۇخسەتنامىسى ۋە تىزىملىكى يوق ئىكەن.بۇ رەقەملەر بەلكىم بىر قەدەر توغرا ۋە ئەمەلىيەتكە ماس كېلىشى مۇمكىن.




بېنگال ۋە بېرمىدىكى مۇسۇلمان مۇساپىرلار مەسلىسى دۇنيانى زىلزىلگە سالدى،نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئىسلام دۆلەتلىرى ئۇلارنىڭ دىنى قېرىنداشلىرىغا ياردەم بېرىمىز دەپ جار سالدى،ئۇلار بەلكىم قورال ۋە پۇل تەمنىلىگەن بولىشى مۇمكىن،ئەھۋالى فىلىپىندىكى مىللى ئازادلىق فرونتىغا ئوخشاپ كېتەتتى.بېرما ھۆكۈمىتى بۇ ئىشنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ بىر قېتىملىق غازىتىغا ئايلىنىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ بەزى مۇرەسسەلەرنى قىلدى،بېنگال بىلەن نەچچە قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق بېنگال-بېرما ئىككى دۆلەت 1978-يىل 9-ئىيۇل كېلىشىم ئىمزالىدى.بېرما ھۆكۈمىتى «شىڭشىتا››پىلانى ئارقىلىق 1978-يىل31-ئاغۇسىتتىن باشلاپ قايتۇرۇلغان مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلدى ھەم ئالدىنئالا 10 تال مۇساپىرلار لاگېرى قۇردى،جەمى 16 مىليون 700مىڭ بېرما دوللىرى پۇل ئاجرىتىپ مۇسۇلمانلارنىڭ ماكانىنى قايتا قۇرۇپ چىقتى.1979-يىلنىڭ ئاخىرغىچە بېرما قايتۇرۇلغان مۇساپىرلاردىن 188مىڭ كىشىنى قوبۇل قىلدى،بۇ قېتىملىق بېنگال-بېرما مۇسۇلمان مۇساپىرلار مەسلىسى شۇنىڭ بىلەن تىنىچ ھەل بولغان بولدى.




1989-يىلنىڭ ئاخىردا بېرما ھۆكۈمىتى مەجبۇرى ۋاستىلار بىلەن ئاراكان شىتاتىنىڭ شىمالى قىسمىدىكى مۇسۇلمانلار ئەۋزەللىك ئىگەللەيدىغان رايونلاردا بۇددىستلار ئولتۇراق نۇقتىسى قۇردى،بۇ بىر قىسىم مۇسۇلمانلارنىڭ بېنگالغا قېچىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى،1990-يىلى بېنگال سۇ ئاپىتىگە ئۇچرىدى،تەخمىنەن 600مىڭدىن 700مىڭغىچە بولغان بېنگاللار ياشاشقا ئىلاجىىسىز قېلىپ ئاراكانغا قېچىپ بېرىۋالدى،بېرما ھۆكۈمىتى كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئارقىلىق ئۇلارنى قوغلىدى،روھىڭيا ئىتتىپاقلىق تەشكىلاتى پارتىزانلىق ئەترىتى پۇرسەتتىن پايدىلنىپ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرغا ھۇجۇم قىلدى.1991-يىلنىڭ ئاخىردا بېرما ھۆكۈمىتى ئاراكان شىتاتىدا زور مىقداردىكى قوشۇن توپلاپ ئاراكان مۇسۇلمان روھىڭيا ئىتتىپاقلىق تەشكىلاتىنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلىرنى قوغلاپ يوقاتتى،21-دېكابىر بېرما تەرەپنىڭ چارلىغۇچى خادىملىرى بېنگالنىڭ چېگرا قاراۋۇلخانىسىغا ھۇجۇم قىلىپ بېنگال ئارمىيە ھەربىيسىدىن  2 نى ئۆلتۈردى 22 سىنى يارىلاندۇردى،ئۇندىن كېيىن بېنگال-بېرما ئىككى تەرەپ چېگرىغا زور مىقداردا ئەسكەر كۆپەيىتىپ قارشىلىشىش ھالىتىنى شەكىللەندۈردى.1992-يىلنىڭ دەسلىپىدە بېنگالغا قېچىپ بېرىۋالغان مۇسۇلمان مۇساپىرلارنىڭ سانى 200مىڭغا يېتىپ بېنگالغا غايەت زور بېسىم پەيدا قىلدى،بېنگال ئەسلىدە ئىككى تەرەپ دائىرسىدە مەسلىىنى ھەل قىلماقچى بولدى،لېكىن بېرما ھۆكۈمىتى زور تۈركۈمدىكى روھىڭيالار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددى ئەشيالىرغا ئېرىشىش ئۈچۈن بېنگالغا قېچىپ بېرىۋالغان،ھەرگىزمۇ بېرما ھۆكۈمىتىنىڭ قوغلاپ زىيانكەشلىك قىلىشىدىن كېلىپ چىقمىغان دەپ قارىدى.شۇڭلاشقا 1992-يىلى 7-يانۋار  بېرما-بېنگال چېگرا رايونىدىكى جىددى ۋەزىيەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلدىغان يىغىن قاتمال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى،ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى كۈنسېرى جىددىلەشتى.ئارقىدىنلا بېرما ھۆكۈمىتى 15مىڭ مۇنتىزىم قوشۇننى بېنگال-بېرما چېگرىلىندىغان رايونلارغا ئورۇنلاشتۇردى،شۇنىڭ بىلەن شۇ يەردى تۇرۇشلۇق ئارمىيەنىڭ ئومۇمى سانى 40مىڭغا يەتتى.بېنگال ئاسىيادىكى ئەڭ نامرات دۆلەت بولۇپ نوپۇسى گەرچە 100مىليوندىن ئاشسىمۇ بىراق پەقەت 103مىڭلا ئارمىيەسى بار ئىدى،بېرما بىلەن ھەربى جەھەتتە توقۇنۇشۇپ قېلىشنى خالىمايتى،شۇنىڭ بىلەن بېنگال خەلقئارلىق مۇنبەرلەردىن پايدىلنىپ بېرما-بېنگال چېگرىسىدىكى مۇسۇلمان مۇساپىرلار مەسلىسىنىڭ ئېغىرلىقىنى تەشۋىق قىلدى ھەم چېگرا توقۇنۇشىنى خەلقئارالاشتۇرماقچى بولدى.بېنگال ھۆكۈمىتنىڭ بۇ تەدبىرى بىر قەدەر زور رول ئوينىدى،بېرمىنىڭ ھەربى ھەركىتى ۋە مۇساپىرلار مەسلىسى خەلقئارا جەمىئىيەتنىڭ يۈكسەك دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىدى،نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇ مەسلىگە قارىتا بايانات ئېلان قىلدى.




1992-يىل فېبرالدا 46 دۆلەت ئوخشاش ۋاقىتتا بېرما ھۆكۈمىتىدىن مۇسۇلمانلارغا بولغان زىيانكەشلىكنى توختىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى.سەئۇدى ئەرەبىستان ناھايىتى  بېنگالنىڭ مۇساپىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تېزلا بېنگالغا ياردەم بەردى ھەم بېرما ھۆكۈمىتى ئەگەر مۇساپىرلار مەسلىسىدە يول قويمىسا سەئۇدى ئەرەبىستان «قۇملۇق بورىنى›› ھەركىتىنى قوللىنىپ بېرمىنى جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.بېنگال پرىزدېنتى راھمان ئاقسارايدا بېرما مۇسۇلمانلار مەسلىسى توغرىسىدا ئامېرىكا پرىزدېنتى بۇش بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى،بۇش مۇسۇلمان مۇساپىرلار ئۈچۈن 3 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تەمىنلەيدىغانلىقنى ھەم خەلقئارادىكى مۇسۇلمانلارنى قوغداش ۋە كۆچمەنلەرنى قۇتقۇزۇش ھەركىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.ئامېرىكا بارلىق بېرمىغا قارتىلغان ياردەم بېرىش پىلانلىرنى توڭلاتتى ھەم بېرمىغا ئېغىر بولغان ئىقتىسادى جازا قوللاندى،ئامېرىكا پارلامېنتىمۇ ئامېرىكىنىڭ بېرمىدا تۇرۇشلۇق يېڭى ئەلچىسىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەشنى تەستىقلاشنى كېچىكتۈردى.بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىمۇ بېرمىغا خادىم ئەۋەتىپ ئەمەلى ئەھۋالنى ئىگەللىدى.ئاپرېلدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىبى جان ئىلياسسون بېنگال ۋە بېرمىنى زىيارەت قىلىشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇساپىرلار مەسلىسىنى ھەل قىلىشقا بولغان پوزىتسىيەسىنى بىلدۈردى.مۇشۇ ئىش توغرىسدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى غالى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋىپسىزلىك كېڭىشىگە بىر قارار لايھىسىنى تاپشۇردى.بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلارنى قۇتقۇزۇش كوممىتېتى مۇسۇلمان مۇساپىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ياردەم بەردى ھەم مۇساپىرلار ئۈچۈن يېمەكلىك ،دورىلار بىلەن تەمنىلىدى.1992-يىل 20-مارت خەلقئارالىق كەچۈرۈم تەشكىلاتى كۆپ تەرەپلىمىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق بەزى بېرما ھۆكۈمىتىگە پايدىسىز بولغان تەپسلى ماتېرىياللارنى ئېلان قىلدى.ھىندونېزىيە،مالايسىيە،برۇنېي ۋە سىنگاپور قاتارلىق شەرقى-جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر دىپلوماتىيە يوللىرى ئارقىلىق مۇشۇ ئىشقا بولغان دىققەت-ئېتىبارىنى ئىپادىلدى.كىشلەر بۇ ئىشنىڭ رايون خاراكتېرلىك مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقرىشىدىن ئەنسىرەشتى،بېرما بولسا ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەركىتىگە قايتىدىن قوشۇلۇش ئارقىلىق بۇ خىل ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇردى.


1988-يىلى بېرما ھەربى ھۆكۈمىتى تەختكە چىققاندىن بېرى ئامېرىكىنى باش قىلغان غەرب دۆلەتلىرى بېرمىغا قارىتا ئىقتىسادى جازا يۈرگۈزۈپ كەلدى،بولۇپمۇ 1990-يىلى مايدا چوڭ سايلامدىن كېيىن ھەربى ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇق تاپشۇرماسلىقى جازانى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۋەتتى.بېنگال-بېرما مۇسۇلمان مۇساپىرلار مەسلىسى بېرمىنى دىپلوماتىيە جەھەتتە قىيىن ئەھۋالدا قالدۇرۇپ قالماي،بېرما ھۆكۈمىتىگە قارشى مۇسۇلمان قوراللىق تەشكىلاتلىرى پاناھقا ئېلىشقا ئادەم چىقمىغان نەچچە يۈزمىڭ چەتئەللەردىكى روھىڭيا مۇساپىرلىرنىڭ قوللىشى ئاستىدا بەلكىم بېرما ھۆكۈمىتى بىلەن ئاخىرغىچە قارشىلىشى مۇمكىن ئىدى.ۋەزىيەتنى پەسەيتىپ ئۆزىنىڭ خەلقئارلىق ئوبرازىنى ياخشىلاش ئۈچۈن بېرما ھەربى ھۆكۈمىتى قايتا تەشكىللەندى.1992-يىل 24-ئاپرېل سىياسى نەتىجىسى ئادەتكىچە بولغان بېرما ئامانلىق ساقلاش ۋە قۇرۇلۇش كوممىتېتى رەئىسى سۇماۋ«سالامەتلىك تۈپەيلىدىن›› ئىستېپا بەردى.28-ئاپرېل مەسلىھەتلىشىپ سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق بېنگال-بېرما ئىككى دۆلەت تاشقى مىنىستىرلىرى كېلىشىمنامە ئىمزالاپ « بىخەتەر ۋە ئۆزى خالىغان ئاساستا بېنگالغا قېچىپ بېرىۋالغان 223 مىڭ مۇسۇلمان مۇساپىرنى قايتۇرۇش››قا قوشۇلۇشتى،شۇنىڭ بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يەنە ياخشىلنىپ قالدى.1992-يىل سېنتەبىردە قايتۇرۇش خىزمىتى باشلاندى،1993-يىل نويابىردا بېرما ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر مۇساپىرلار ئىشلىرى مەھكىمىسى «بېنگالغا  قېچىپ كەتكەن مۇسۇلمانلارنى قايتۇرۇش مەسلىسى توغرىسىدىكى چۈشىنىشىش ئەسلەتمىسى››نى ئىمزالاپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ياردىمى ئاستىدا بېنگال بىلەن ھەمكارلىشىپ قايتۇرۇشقا قوشۇلدى.يۇقارقى ئەسلەتمىنىڭ روھى بويىچە 19994-يىلدىن بۇرۇن بارلىق مۇساپىرلار قايتۇرلۇپ بولىشى كېرەك ئىدى،بىراق بېرما ھۆكۈمەت تەرەپ گېزىتلىرنىڭ 1994-يىل 11-فېبرالغا قەدەر بولغان خەۋەرلىرگە ئاساسلانغاندا جەمى 52مىڭ 689 مۇساپىر قايتۇرۇلغان.




مۇسۇلمان مۇساپىرلىرنى قايتۇرۇش خىزمىتى تازا ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرلالمىدى ھەم بېرما-بېنگال مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشىغا ئۇزۇن مۇددەت تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسى توسالغۇغا ئايلىنىپ قالدى،ئىككى دۆلەت ھەريىلى  مۇشۇ ئىش توغرىسىدا مۇزاكىرە ،سۆھبەت ئېلىپ باراتتى.1998-يىل 18-ئاپرېل بېرما تاشقى مىنىستىرى ۋۇۋېڭجۆ(خەنچە ئاھاڭ تەرجىمسى) بېنگالنى زىيارەت قىلدى،ئىككى دۆلەت بېرما بېنگالنىڭ جەنۇبىدا تۇرۇپ قالغان 21 مىڭ مۇسۇلمان مۇساپىرنى قوبۇل قىلىش ۋە چېگرا سودىسىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق مەسلىلەر توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى،بېرما ھۆكۈمىتى مۇسۇلمان مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىشقا ماقۇل بولدى،ئىككى دۆلەت تاشقى مىنىستىرلىرى يەنە ببىر بىرلەشمە سودا كوممتېتىنى قۇردى،شۇندىن كېيىن بېنگالدا تۇرۇپ قالغان مۇساپىرلار قايتۇرۋېتىلىشنى خالىماي كۆپ قېتىم نارازىلىق پائالىيەتلىرنى ئۆتكۈزگەچكە قايتۇرۇش خىزمىتى نائىلاج توختاپ قالدى.12-نويابىر بېنگال تاشقى مىنىستىرى بېرمىنى زىيارەت قىلدى،ئىككى تەرەپ «بېرما-بېنگال چېگرا كېلىشىمى›› نى رەسمى ئىمزالاپ بېرما مۇساپىرلارنى ئۈزلۈكسىز قوبۇل قىلىشقا قوشۇلدى. بىراق دېكابىرنىڭ ئاخىرغا كەلگەندە بېرما ھۆكۈمىتى مۇسۇلمانلارنىڭ رامزان ئۆتكۈزىشىنى سەۋەب قىلىپ بېنگالدا تۇرۇپ قالغان مۇسۇلمان مۇساپىرلارنى قايتۇرۇش خىزمىتىنى ئۆز ئالدىغا توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى.بېنگال تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى 22-دېكابىر بېرمىنىڭ بېنگالدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا نوتا يوللاپ بېرما ھۆكۈمىتىدىن كېلىشىمنى ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.بۇ مەزگىلدە پەقەت 100 دەك مۇساپىر بېرمىغا قايتۇرۇلدى.2002-يىلنىڭ دەسلىپىگە قەدەر يەنە 20نەچچە مىڭ(بەزى ماتېرىياللاردا 60 نەچچە مىڭ ) مۇساپىر بېنگالدىكى مۇساپىرلار لاگېرىدا ياشىدى.2002-يىل دېكابىرنىڭ ئوتتۇرلىردا بېرما ھەربى ھۆكۈمىتىدىكى بىرنجى نومۇرلۇق شەخىس گېنېرال سان شۋ بېنگالدا رەسمى دوستانە زىيارەتتە بولدى،ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە ماھىيەتلىك ياخشىلنىش بولدى،بولۇپمۇ مۇسۇلمان مۇساپىرلار مەسلىسىنى ھەل قىلىش ۋە ھەمكارلىشىپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش جەھەتتە زور ئىلگىرلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى.




بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بېرما مەسلىسى ئالاھىدە ئەلچىسى ئىسمائىل 2002-يىل زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا: خەلقئارا ئىنسانى ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ كۆزىتىشىگە ئاساسلانغاندا بېرما ھەربى ھۆكۈمىتى مۇسۇلمانلار قاتارلىق ئازسانلىق توپلارغا بولغان زىيانكەشلىككە چېتىلىپ قالغانلىقنى بىلدۈردى،بىراق ئۇ يەنە بۇ ئاراكان رايونىدىن كەلگەن مۇسۇلمانلارنىڭ پۇقرالىق سالاھىيىتى بولسا بېرما ھۆكۈمىتى چوقۇم ئېتىراپ قىلىشى ھەم ئۇلارغا پۇقرالاردا بولۇشقا تېگىشلىك بارلىق ھوقۇقلارنى بېرىشى كېرەك.ئەگەر ئۇلارنىڭ پۇقرالىق سالاھىيتى بولمىسا ئۇ باشقا بىر ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.يېقىنقى يىللاردىن بېرى بېرمىدا يۈز بەرگەن دىنى توقۇنۇشلارغا قارىتا مالايسىيە مۇسۇلمان ياشلار ھەركىتى كۆپ قېتىم بېرما ھۆكۈمىتىگە ئېتراز بىلدۈردى.




بېنگال بىلەن بېرما ئوتتۇرسىدىكى مۇسۇلمان مۇساپىرلار مەسلىسى گەرچە ئاساسى جەھەتتىن ھەل بولغان بولسىمۇ بىراق يوشۇرۇن بالا-قازا تولۇق يوقىتىلمىدى.ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلار بېرمىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر قىلالاپلا قالماي يەنە بېرما ۋە ھەرقايسى ئسلام دۆلەتلىرى شۇنداقلار خەلقئارا جەمىئىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە تەسىر قىلالايدۇ.بۇ ئوبرازىنى ياخشىلاشقا ئالدىراۋاتقان ،چەتئەل مەبلىغىنى زور كۈز بىلەن جەلىب قىلىپ ئىقتىسادىنى تەرەقى قىلدۇرماقچى بولغان بېرمىغا نىسبەتەن بىر قەدەر قىيىن مەسلە بولۇپ قالدى،ھەربى ھۆكۈمەت يەنىلا ئېھتىياتچانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.




مەنبە: جوڭگو مۇسۇلمانلار تورى                                تەرجىمىدە:بىلگە




ئەسكەرتىش: بۇ تەرجىمە ماقالە پەقەت ئەسلى ماقالىغا ئاساسەن بىر خەتنى قوشماي ھەم چۈشۈرۈپ قويماي تەرجىمە قىلىندى،ماقالىنىڭ نۇقىتئىنەزىرى تەرجىمە قىلغۇچى بىلەن مۇناسىۋەتسىز.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Bilge تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-6 09:20 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
allo2010 + 100 دەلىللەر يېتەرلىك
باھادىر + 100

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 200   باھا خاتىرىسى

غەزەبلىنىش دۆتلۈكتىن باشلىنىپ،پۇشايمان بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80496
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7596
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 606 سائەت
تىزىم: 2012-5-22
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 09:32:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بېرمىدىكى بۇددا راھىبلىرى نامايىش قىلىپ ئاراكان شىتاتىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەسىگە قارشى تۇردى

2012-يىل بېرمىنىڭ ماندالايدا نۇرغۇن راھىبلار نامايىش قىلدى،ئۇلار "ئاراكان شىتاتىدىكى مالىماننى توختىتىش" دەيدىغان تاختايلارنى كۆتۈرۋالغانىدى.خەۋەر قىلىنشچە تەخمىنەن 1000دەك ئادەم بۇ قېتىملىق نامايىشقا قاتناشقان،ئۇلار بېرما پرىزدېنتى سېينسىڭنىڭ بېرمىنىڭ غەربى قىسىمىدىكى ئاراكان شىتاتىدىكى مۇسۇلمانلار بىلەن بۇددىستلار ئوتتۇرسىدىكى توقۇنۇشنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپىنى قوللىغان.

10297226_870290.jpg


10297230_941614.jpg


10297231_225439.jpg


مەنبە:http://yynews.cnnb.com.cn/system/2012/09/05/010375177.shtml


غەزەبلىنىش دۆتلۈكتىن باشلىنىپ،پۇشايمان بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 417
يازما سانى: 1775
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15691
تۆھپە نۇمۇرى: 476
توردا: 3425 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 09:49:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساراڭمىكىن دەيمە مۇشۇ بۇددىسلارنى .ئىت سىيۋەتسە پوش دىيەلمەيدىغان نەرسىگە چوقۇنۇپ ..

خەپ ! ئەرگە بىر نۆۋەت ، يەرگە بىر نۆۋەت.

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 2200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23733
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3746 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 09:51:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزى دۆلەتتە مۇسۇلمانلارنىڭ پۇت _ قولى كۆرۈنمەس پولات ئارقاندا باغلاقلىق .

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40939
يازما سانى: 757
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5061
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3082 سائەت
تىزىم: 2011-5-16
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 11:03:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇسۇلمانلارغا كېلىۋاتقان زۇلۇم چەكتىن ئېشىپ كەتتى !

راست سۆزلىگەن كىشى نېمىدىگەن سۆيۈملۈك كىشى ھە !

ھەر بىر مىنۇتنىڭ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52340
يازما سانى: 1535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8948
تۆھپە نۇمۇرى: 894
توردا: 3165 سائەت
تىزىم: 2011-8-20
ئاخىرقى: 2014-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 11:16:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ بارلىق مۇسۇلمانلارنى ساقلىسۇن

كۆپرەك  دوستۇم بولسا

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 3026
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5927
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2528 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 11:16:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇ شۇ  بېرما دېگەن قۇلۇقۇمغا بولما ، بارما دەپ ئاڭلىنىدۇ دېسە

باشقىلار ئادەمنىڭ تەغدىرى پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ دەيدۇ،لېكىن مەن تەغدىرىمنى ئۆزۈم يېزىپ چىقىمەن !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2975
يازما سانى: 329
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12386
تۆھپە نۇمۇرى: 367
توردا: 1923 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2014-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 11:46:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ مۇسۇلمانلارنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ بىرەر.مۇسلمان بولغىنى ئۈچۈن ئازاپ چىكىدىغان كۈنلەرگىمۇ خاتىمە بىرىلەر ئىنشائاللاھ

سىناپ باقماسلىقنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەت...
ياشىساڭ ئۆز ئەقىدەڭ يولىدا جان بىرەلىگۈدەك ياشا...
ئۈمىدسىزلىك ئىمانسىزلىق.
ئۈمىدنىڭ تومورى ئۈزۈلسە ھاياتلىقنىڭ ئۇمۇرتقىسى سۇنىدۇ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 2422
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11652
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1003 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2014-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 11:54:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇلار بۇ تۇرىشىدا ئۇ نامايىشچىلارنى باستۇرالمايدۇ،ئۇلار بۇ جەھەتتە قوشنا دۆلەتلەردىن ئۈلگە ئالسا بولغىدەك
213106z4calvvvvzwbeb4v[1].jpg


سۇمرۇغنىڭ قۇيرىقى بولغىچە خورازنىڭ تاجىسى بول!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76847
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3601
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 64 سائەت
تىزىم: 2012-3-2
ئاخىرقى: 2012-12-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 11:59:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز خەخ بۇ يەردە كومپىيۇتىرغا قادىلىپ ئولتۇرۇپ كۆزىمىزنىڭ گىرادۇسىنى، ساددا دىنى ھىسسىيات سەۋەبىدىن قېنىمىزنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇپ سالامەتلىكىمىزنى نابۇت قىلغان بىلەن بىرمىلىك بىرەرسى بىز خەخنى بىلىدۇ دىسە قۇلىقىمنى ئەمەس باشقا نەرسەمنىمۇ ساپالدا كىسىپ بىرىمەن.
بۇ مۇرەككەپ دۇنيادا قاچانغىچە كاناينى ياغلىماي سۇناينى ياغلارسەن نادان ئۇيغۇرۇم...
دىنى ئەسەبىلىك ئۇيغۇرغا نىمە كۈننى كۆرسىتەر؟!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mashrab تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-7 12:00 AM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش