|
|
|
|
مۇھەممەتئېلىي زۇنۇن تەشنائىغا مەرىسىيە
نۇرمۇھەممەت مۇھەممەتئىمىن قاراساي
تۇساتتىنلا قۇياش يۇزىنى،
تۇسىۋالدى قاپقارا بۇلۇت ،
تۇيۇقسىزلا كەلگەن شۇم خەۋەر ،
ئېلىپ كەتتى يۈرەكنى يۇلۇپ.
تۇيۇقسىزلا كەلگەن شۇم خەۋەر ،
قۇيۇپ كەتى ھەسرەتتە بىزنى ،
«قوش مەسچىت»نى ئوقۇغان تۇرساق ،
قانداقسىگە ئۇنتارمىز سىزنى .
«گۈلمىھرىى»نى كىم يازغان دىسە،
نىمە دەرمەن سورىغانلارغا .
ئىزلىرىڭىنى سۆزلەيمىز چۇقۇم ،
كىين «كۆزى يۇرىغانلار»غا
شۇم خەۋەرنى ئاڭلىدۇق بۈگۈن،
مۇسىبەتكە تولدى يۈرۈڭقاش .
ياتقان جايىڭىز جەننەتتە بولسۇن،
ھەممىمىزنىڭ كۆزلىرىدە ياش
2012-يىلى9-ئاينىڭ 6-كۈنى قاراقاش كاۋاك بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nur8455 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-6 08:06 PM
|
|
|
|
|
|