مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 11967|ئىنكاس: 68

ھېجرانلىق سۆيگۈ ( ھېكايە )   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6968
يازما سانى: 489
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 19844
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 1932 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 06:28:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھېجرانلىق سۆيگۈ

ھېكايە

ئاخسا شۇم


مۇقەددىمە ئورنىدا
ئۆزۈممۇ بىلمەيدىغان ھەم بىلىشنى خالىمايدىغان بىر سۇئالغا جاۋاپ ئىزدەۋاتقاندەك قىلاتتىم ، بىراق شۇ سۇئالنىڭ ئۆزىنىمۇ بىلمەيتتىم . بىر خىل قايمۇقۇش ، گاڭگىراش ، ياتسىراش ھېسلىرى مېنى قاپلىماقتا . ئىككى كىشلىك ياتاقتا ئۆزۈم يالغۇز ياتاتتىم ، ئۆي ئىچىنى قىزغۇچ يۇرتۇپ تۇرغان چىراق ، ئۇدۇلغا قويۇلغان 24 دىيۇملۇق رەڭلىك تىلىۋىزور ، يان تەرەپكە قويۇلغان كۈلدان ، كىچىككىنە ئىككى دانە ئىستاكان ، ئىككى تەخسە ، كارۋاتنىڭ يان تەرپىگە قويۇلغان نوقۇت رەڭلىك ئىككى سافا ، سافانىڭ يېنىغا قويۇلغان ئىككى كىشلىك ئۈستەل ، ئۈستەل ئۈستىدىكى گۈلدانغا سېلىپ قويۇلغان بىر تال غۇنچە ۋە يەنە بىر تال پورەكلەپ ئېچىلغان ئەتىرگۈل .ياتاق ئىچى شۇنچە ئاددىي ياسالغان بولسىمۇ ئازادە ۋە ئىللىق تۇيغۇ بېرەتتى ، بىراق مەن شۇ ئىللىق ۋە ئازادە مۇھىت ئىچدە ھەم قىسىلماقتا ھەم توڭلىماقتا ئىدىم .
ھەممە نەرسە كۆزۈمگە مېنى مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك ، مېنى يەكلەۋەتقاندەك تۇيغۇدا ئىدىم ، كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمۇپ مېنى يەكلىمەيدىغان ئاشۇ ئەسلىمىلەر قوينىغا شۇڭغۇماقچى ھەم ئەركىلمەكچى بولاتتىم ، ئۇنىڭ قوينى نەقەدەر ئىللىق نەقەدەر خۇشاللىق ، نەقەدەر ئازادە ھە ! ئەگەر شۇ ئەسلىمىلەر قوينىدا ياشاشنى ئارزۇ قىلغان ھەر بىر ئادەم ئۆزى ئارزۇ قىلغان ئەسلىمىلەر قوينىدا ياشيالىغان بولسا قانچىلىك ياخشى بولغان بولاتتى ، بۇنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا ھەر قانداق بىر ئادەم ھەم مەۋجۇدات ئاجىزلىق قىلسا كېرەك .
شۇنداق يەڭگىل ۋە ئازادىلىك ئىچدە ئەسلىمىلەر قوينىدا ئەللەيلەنمەكتە ئىدىم .....

1
ئانامنىڭ ، دادامنىڭ تاماق ئۈستۈلىدە ماڭا بۇ گەپتىن ئېغىز ئېچىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم . ئۇلارغا ھەم ھەيرانلىق ، ھەم قىزىقش ، ھەم خىجىللىق ئىلكىدە قارايتتىم ، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدە بولسا مەن مەنىسىنى ئۇقمايدىغان بىر خىل كۈچلۈك نۇر چاقنايتتى .
- ئانا ، بۇ تۇيۇقسىزلا بۇ گەپنى دەپ قالدىڭلارغۇ ؟
- بىزنىڭمۇ نەۋرە كۆرگىمىز بار – ئانام ئاغزىنى ئۆمەللەپ تۇرۇشىغا دادام گەپ باشلىدى
- قاچانغىچە بويتاق دىگەن لەقەمنى بوينۇڭغا ئارتىپ يۈرۈيسەن ، ئاڭلىسام بىر قىز بىلەن بىر يەردە تۇرغىنىڭنى كۆرگەنلەرمۇ يوقمىش ، سەندە چاتاق يوقتۇ ھە ، يېققىندا ژورناللاردا مۇشۇ ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ مۇھەببەتلىششى كۆپىيىپ قاپتىمىش .....
- توۋا دەڭلا دادىسى ، نەدە گەپنى دەيتىكەنسىلە .
- ھوي نەدە دىگەن گەپ ئەمەس ، ژورنالدا دىگەن گەپ ئۇ ...
- دىمىسىمىغۇ تىلىۋىزورلاردىمۇ ساپلا شۇ گەپ – ئاناممۇ ماڭا كۆزىنىڭ قۇيرىقىدا قاراپ قويدى .
- ئانا ، دادا – ئۇلارنىڭ ئىككىلىسى ماڭا قارىدى ، گەپنى زادى قانداق دىيىشنى بىلمەيتتىم ، راستتە دوسلۇرۇمنىڭ ئالدى توي قىلىپ بىردىن باللىرىنى يۆتلەپ يۈرسە ، ئاتا – ئانامنىڭمۇ مەندىن ئەنسىرىشى ئېنىق دە !
ھەي ، ھازىرغا قەدەر مەن بىلەن بىللە خىزمەت قىلىدىغان شۇ سېستىرا قىز بالىلارغىمۇ قىزارماي تۇرۇپ بىر-ئىككى ئېغىز چاخچاقنى قىلالمايدىغان بىر ئوغۇل بالىنى سىرىتلاردا قىزلار بىلەن يالغۇز تۇرۇپتۇ دىسە ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ دە !
- قانداق ، كۆڭلۈڭدە بېرەر قىز بارمۇ ؟
بېشىمنى قاشلىدىم ، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن كۆزلىرىمنى ئەپ قېچىشقا مەجبۇر ئىدىم ، بۇ سۇئال خۇددى بىرى مەندىن جان تەلەپ قىلىۋاتقاندەك تۇيۇلماقتا ئىدى .
- ياق ....- قىزاردىم ، خۇددى ئاتا ئانامنىڭ ئالدىدا ئۇياتلىق بىر ئىشنى قىلىپ قويغاندەك خىجىل بولاتتىم ، ئۇلار مەندىن كۈتكەن جاۋابنى ئالغاندەك بىر-بىرىگە مەنىلىك قاراشتى . ئۇلارنىڭ بۇ قاراشلىرىدىن يەنە قانداق مەنانىڭ چىقىدىغنى ماڭا سىر ئىدى .  
دادام ماڭا قاراپ كۈلۈپ قويدى ئاندىن ئانامغا قاراپ
- بولدى ئانىسى مۇشۇ شەنبىگە ھېلقى قىز بىلەن كۆرشۈشكە ماقۇل بولدى دىگەن جاۋابنى بېرىڭلار ، ئوغلۇمىزدىن خاتىرجەم بولسۇن – ئۇ گەپ ئارلىقىدا ماڭا قاراپ – ئەمسە ئوغلۇم توي ئىششىڭنى بىز بېكتىمىز ، بىز ساڭا لايىق تېپىپ قويغان ئالدىمىزدىكى شەنبە ۋاقتىڭ باردۇ ؟
- دادا...- بۇلارنىڭ مەندىن بۈگۈن نىمىشقا جاۋاپ ئالغۇسى كېلىپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئەمدى بىلدىم – مەن دوختۇر ئۆزۈڭمۇ بىلىسەن ، قانداق ۋاقىتتا ئوپراتسىيە بولدىغىننى بىلمەيمەن – ئانام ماڭا خاپا بولغاندەك قاراپ قويدى – بىراق ۋاقتىم چىقسىلا چوقۇم بارىمەن – ئاخىرقى گېپىمنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئاناممۇ داداممۇ ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ قويۇشتى .
ياستۇقنى قۇچاقلاپ ياتتىم ، ئۆز-ئۆزۈمگە كۈلگۈم كېلەتتى ، نىمىشقىكىن خىيال دېڭىزى مېنى تارتاتتى . تولۇق ئوتتۇردىكى مۇھەببەتنى كىچىكلىك ، شوخلۇق دەپ شۇنداقلا ئارلاشقان  ، ئايرىلغان بولسام ، ئالىي مەكتەپتە ياتاق ، سىنىپ ئاشخانا ئارسىدىكى ئالدىراشچىلىقتا ۋاقىت چىقىرالمىغاندەك شۇنداقلا ئۆتۈپ كەتكەن ئىدىم ، مانا خىزمەتكە چىقىپ بىر يىلمۇ بوپتۇ ، دوختۇرخانىدىكى بەزى قىزلارنى كىچىك دىسەم بەزىلىرىنى مۆڭ دەپ خىزمەتداشلىرىم بىلەن چاخچاقلىشىپ دىگەندەك ئۆتكۈزمەكتە ئىدىم .
بۈگۈنكى قىلغان ئىششىم بىر تۇتۇپ كاللامدىن ئۆتسە يەنە بىر تۇتۇرپ كاللامدىن ئۆتمەيتتى ، قىز بالا بىلەن بولغان بۇ قېتىمقى كۆرشۈشنى ھېسابقا ئالمىغاندىمۇ ، ھاياتىمدىكى ئەڭ چوڭ ئىشقا چاخچاق قىلىۋاتقاندەك تۇيۇلماقتا ئىدىم . ئەمدىكى مەسلە ھاياتىمدىكى شۇ چوڭ قىماردا ئۇتتۇرۇش ياكى ئۇتۇش مەسلىسى بوپ قالدى . مېنىڭ بۇ قېتىمقى قىماردا ئۇتۇشۇمدىن ئۇتتۇرۇشۇم كۆپرەك نىسبەتنى ئىگەللىسىمۇ ئويناشنى قارا قىلدىم ، ئەگەر شەنبە كۈندىكى ئۇچۇرشۇشقا بارالاپلا قالسام بۇ قېتىمقى توينى چوقۇم قىلىمەن . مانا بۇ مېنىڭ دوغا تىككەن ھاياتىم .
تەقدىرنىڭ بەلكىم بىر كۆزىنى ماڭا چىڭ يۇمغان چېغى ، ئۇچۇرۇشۇشقا بارالمىدىم . ئوپراتسىيەگە كىرىپ كەتتىم .
پۈتۈن زېھنىم ئوپراتسىيە ئۈستىدىكى كىشىنىڭ ھاياتنى قۇتقۇزۇشلا ئەمەس ، ئۇنى ئەڭ مۇككەممەل ھالەتتە ساقلاپ قېلىشقىلا مەركەزلەشكەن ، قولدىن-قولغا ئۆتۈۋاتقان ئوپراتسىيە پىچاقلىرى ، ئوپراتسىيە قايچىللىرى ، قېپقىزىل قانغا بويالغان پاختىلار ، كېسىلگەن تىرىلەر .
- نىمە ئىش بۇ ...- ماڭا قايچا سۇنغان ياردەمچى قىزغا ئاچچىق بىلەن ۋارقىرىدىم ، ئۇ جىددىيلەشكىنىدىن بولسا كېرەك ماڭا قايچىنى تەتۈر سۇنغان ئىدى . كۆزلىرىدە بىر خىل قورقۇمسىراش ، جىددىيلىك ، خىجىللىق چىقىپ تۇراتتى .
ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئوپراتسىيە قىلىشنى داۋاملاشتۇردۇم ، چېكىللىرىمدىن تەر قۇيۇلماقتا ... قوللۇرۇمدا يەنىلا پىچاق بىلەن قايچا توختىماستىن ئايلانماقتا .
ئوپراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولدى ، ئوپراتسىيەدىن كىيىن يىغىن بارلىقىنى ئۇختۇرۇپ قايتقان بۆلۈم باشلىقى مېنى ئىشخانىسىغا چاقىرىپ ئەكىردى .
- ئوپراتسىيە ۋاقتىدا چېچىلماسلىق كېرەكلىكىنى بىلمەمسىز ؟ كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەشنى ئۈگۈنۈڭ .
- بىراق .....
- نىمە بىراق – ئۇ كۆزەينىكىنى سەل ئۈستىگە قىلىپ – بىزمۇ ياش ۋاقىتلىرىمىزدا شۇنداق ئىدۇق ، سېستىرا ، ياردەمچى دوختۇر دىگەنلەرنى كۆزگە ئىلمايتتۇق ، ئۇلار بېرەر ئىشنى خاتا قىلسا چېچىلاتتۇق .
- ئۇ قىز ماڭا قايچىنى تەتۈر بەردى
بۆلۈم باشلىقى كۈلۈپ كەتتى ، ئۇنىڭ بۇ كۈلكىسىدىن مېنى زاڭلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ياكى ھېلقى قىزنى زاڭلىق قىلۋاتقانلىقنى بىلمەيتتىم . ئۇ كۈلكىسىدىن مىڭ بىر جاپادا توختاپ ماڭا قاراپ
- بولدى ، ئىشخانىڭىزغا قايتىڭ ، ھېلقى قىزدىن بولسا كەچۈرۈم سوراپ قويۇڭ .
بۆلۈم باشلىقنىڭ ئىشخانىسىدىن چىقىپ ئىشخانامغا ماڭدىم ، ئىشخانامغا كىرىپ بىر تال تاماكىنى تۇتاشتۇرۇپ دېرىزە سىرتىغا قارىدىم .
ياپيېشىل دوختۇخانا ھويلىسى ، جىمجىت يوللار ئادەمنى ئۆزىگە جەلىپ قىلاتتى ، خىيال دېڭىزىغا تارتاتتى ، بىراق بىز دوختۇرلارنىڭ خىيال قىلغۇدەك ، خىيالدىن ئېرىشكۈدەك يەنە نىمىمىز بار ، ئويلايدىغىنىمىز كىينكى ئوپراتسىيە قانداق ئوپراتسىيىدۇ ؟ بايقى ئوپراتسىيەدە قەيەرنى قانداق قىلىپ قالدىم دىگەندەك يەنە شۇ خىزمىتىمىزگە ئائىت خىياللار .
ئىشىكنىڭ يەڭگىل چېكىلىشىدىن قولۇمدىكى تاماكىنى ئۆچۈرۈپ كۈلدانغا باستىم ۋە ئورنۇمغا كېلىپ ئولتۇرۇپ قولۇمغا بىر كېسەللىك خاتىرىسىنى ئالدىم ۋە
- كىرىڭ – دەپ ئىشىك سىرتىدىكى ئادەمنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلدىم
ئىشكىتىن ياش جەھەتتە 23-24 لەردە بار بىر سېستىرا كىرىپ كەلدى .
- نىمە ئىش ئىدى ؟
ئۇ ماڭا قىزارغىنىچە قاراپ تىرنىقىنى تاتلىدى ، ئۇنىڭ بۇ ھەركەتلىرىدىن بىر ئىشنى دىيىشتىن خىجىل بولغانلىقى چىقىپ تۇراتتى ، بىراق  بۇ قىزنى مەن كۆرۈپ باقمىغان تۇرسام  نىمدىن خىجىل بولدىغاندۇ ؟
- بايا ئوپراتسىيەدىكى ئىشتا مەن خاتا قىپتىمەن ، بۇندىن كىيىن دىققەت قىلىمەن .
- بايا ... ئوپراتسىيە ؟ .... – بېشىمنى يەنە قاشلىدىم ، ئۇنىڭ يەڭگىل كۈلكىسى ئاڭلانغاندىلا ئاندىن كىچىك بالىدەك ، دادام بىلەن ئانام ئالدىدا كۆنۈپ قالغان يەنە شۇ بېشىمنى قاشلايدىغان قىلىقنى قىلىپ قالغانلىقىمنى ئېسىمگە ئېلىپ قولۇمنى بېشىمدىن چۈشۈردۈم ، شۇندىلا بايقى ئوپراتسىيەدىكى قايچا خاتالىقى يادىمغا كەلدى – ھە شۇ ئىشمىدى ، ھېچقىسى يوق ، ھەممەيلەن خاتالىشىپ تۇرىمىز ئەمەسمۇ ؟ مەنمۇ ئوپراتسىيە ئۈستىدە سىزگە چېچىلىپ قالدىم ، كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ ھە !
- يېڭى ئوپراتسىيەگە كىرىشىم ئىدى ، شۇڭلاشقا سەل جىددىيلىشىپ قالغاچقىمىكىن شۇنداق بولۇپ قالدى ، بۇندىن كىيىن كۆپرەك ئاتدارچلىق قىلارسىز !
- ھە بولىدۇ ، بۇندىن كىيىن يولۇققان مەسىلىلەر بولسا ئىزدىسىڭىز بولىدۇ .
ئۇ ماقۇل دىگەن مەندە بېشىنى لىڭىشتىپ كۈلۈپ قويدى ، كۈلگندە پەيدە بولغان زىناقلىرى ئۇنىڭ ئاشۇ كىچىككىنە ، ئۇرۇق يۈزىگە تولىمۇ ماسلاشقان ئىدى ، شۇ ۋاقىتتىلا مەن ئۇنىڭغا قايتا بىر سەپسېلىپ قاراپ چىقتىم .
كۆزلىرى چوڭ بولمىسىمۇ بىراق ئادەمگە بىر خىل ئىللىقلىق بېغىشلايتتى ، قاشلىرى تېرۋالغۇدەك بولمىسىمۇ ئالدىغا تاشلىنىپ تۇرغان چاچلىرى ئارسىدىن بىلىنەر بىلىنمەي كۆرنۈپ تۇراتتى ، بۇۇرنى ئاشۇ يۈزىگە قايسى بىر سەنئەتكار ئويۇپ قويغاندەك شۇنداق ماس كەلگەن ئىدى ...
- ئەمسە باشقا ئىش بولمىسا مەن چىقاي .
ئۇ شۇنداق دىگەندىلا ئاندىن ئېسىمگە كەلدىم ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدە بىر خىل خىجىللىق ئالامەتلىرى چىقىپ تۇراتتى . مەنمۇ چاندۇمايلا
- بولىدۇ ئىششىڭىزغا بېرىۋېرىڭ بايقى ئىشنى كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ ھە .
- ماقۇل – ئۇ شۇنداق دىگىنىچە ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتى .
قولۇمدىكى دەپتەرنى ئۈستەل يۈزىگە پاققىدە تاشلىدىم دە يانجۇقۇمدىن يەنە بىر تال تاماكىنى ئېلىپ تۇتاشتۇردۇم . دېرىزە سىرتىغا قاراپ يەنە ئاللىقانداق خىياللارنى سۈردۈم . شۇندىلا بۈگۈنكى ئۇچىرىشىش يادىمغا كېلىپ ئۆيگە تىلفۇن قىلدىم .
- ئانا ، ئوپراتسىيە بولۇپ قالغاچقا بارالمىدىم ،
- چۈشۈنىمەن ئوغلۇم ، ئوپراتسىيە قانداق بولدى .
- ئوڭۇشلۇق بولدى ئانا ،
- ئوڭۇشلۇق بولغان بولسىلا ياخشى ، باشقا ئىشلارغا زېھنىڭنى بەك چاچما . كەچتە كەلگەندە كۆرشەيلى .
- كەچتە كۆرشەيلى .
تىلفۇننى قويدۇم ، ھاياتىمدىكى ئەڭ چوڭ قىماردا ئۇتتۇممۇ ياكى ئۇتتاردىممۇ بىلمەيمەن ، بىراق ئۆزۈمنى شۇنداق يەڭەىل ھېس قىلدىم ، ئاناممۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندىمۇ شۇ گەپنى قىلاتتى ، ‹‹باشقا ئىشلارغا زېھنىڭنى چاچما ››شۇ گېپىنى ئاڭلىساملا خۇددى بىر ئىشنى قىلالمىغاندەك ياكى قىلالمايۋاتقاندەك ھېسياتتا بوپ قالاتتىم .

2
كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتقىممۇ كەلمىدى ، قايتسام يەنە شۇ ئاچچىقى يامان دادامنىڭ سېسىق گېپىنى ئاڭلىشىم ئېنىقلا ئىدى . بازار ئايلانغاچ شەھەرنىڭ مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلىنىشقا باشلىدىم ، كەيپىياتىمنى تەڭشىيەلمىگەن ياكى ئوپراتسىيە تازا كۆڭلۈمدىكىدەك چىقمىغان ۋاقىتلاردا مۇشۇنداق سىرىتلارنى ئايلىنىشنى ، دوسلۇرۇم ياكى خىزمەتداشلىرىم بىلەن سۇغا چۈشكىلى بېرىشنى ياخشى كۆرەتتىم ، بىراق بۈگۈن نىمىشقىكىن يەنىلا بازار ئايلانغۇم كېلىپلا تۇراتتى .
- زۇليار دوختۇر !
كەينىمدىن بىر قىزنىڭ چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى ، قارىسام بايقى سېستىرا قىزكەن ، مەن ئىسمىنى بىلمىگەچكە تۇرۇپلا قالدىم .
- ھە ... بۇ يەردە نىمە ئىش قىلىۋاتسىز ؟
- ئۆيگە كىرسەممۇ بىكارچىلىق ، قىلىدىغان باشقا ئىشمۇ يوق ، ئاتا-ئانامنىڭ قاش قاپقىغا قاراپ ئولتۇرغۇچە ئوپراتسىيە باركەن دەپ كەچرەك قايتمامدىم .
ئۇنىڭ بۇ گەپلىرى مېنىڭ ھازىرقى ھالىتىم بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشۇشۇپ كېتەتتى ، شۇڭلاشقىمىكىن بۇ قىزغا قاراپ كۈلۈپ قويدۇم .
- سىزچۇ ؟ ئايالىڭىز ئۆيدە ساقلاپ قالغاندۇ ھەقىچان – ئۇنىڭ بۇ سۇئالىغا قىزىرىپ كەتتىم . خۇددى بۇ سۇئالىمۇ مەندىن جان تەلەپ قىلىۋاتقاندەك جاۋاپ بېرىش شۇنداق قىيىن سۇئالدەك تۇيۇلماقتا ئىدى .
- مەن .... مەنمۇ تېخى بويتاق – خۇددى باشلانغۇچتا پىئونىرلار بوينىغا ئاسقان گالاستۇكتەك قىزاردىم .
- ھە – ئۇمۇ ئارتۇقچە سۇئالنى سوراپ قالغاندەك ماڭا قاراپ كۈلۈپ قويدى .
بىر نەچچە مىنۇت بىللە ماڭغان بولساقمۇ بىر ئېغىز سۆز قىلىشمىدۇق ، پەقەت بىر-بىرمىزگە كۆزىمىزنىڭ ئۇچىدا بېقىشىشلار .
- ئىسمىڭىز نىمۇ ؟ مەن تېخى بۇنىمۇ بىلمەيمەن
- زۇلفىرە – ئۇ ئىسمىنى شۇنداق چىرايلىق دېدىمۇ ياكى بۇ ئىسىم ماڭا شۇنداق چىرايلىق ئاڭلاندىمۇ بىلمەيمەن ، بىراق ئۇنىڭ ئىسمى ماڭا شۇنداق چىرايلىق بىلىندى .
- چىرايلىق ئىسىمكەن .
ئۇ ماڭا قاراپ كۈلۈپ قويدى ، ئۇياق – بۇياقتىن بىردەم پاراڭ سېلىشقاندىن كىيىن ئىككىلىمىز ئايرىلدۇق .
‹‹ ھەي دۆتلىكىمنى ، ئاپرىپ قويساممۇ بوپتىكەن ، بوپتىلا يەنە مۇشۇنداق پۇرسەت چىقىپ قالا ›› ئىچىمدە شۇلارنى دىگەچ يولۇمنى داۋاملاشتۇردۇم . ئاي بولسا ماڭا ھەۋەسلىنىپ قاراۋاتقاندەك ، يۇلتۇزلار ماڭا نىمىلەرنىدۇر دىمەكچى بولغاندەك چاقنايتتى ، ئاسماندىكى ئاشۇ ھەر بىر مۆجىزىدىن ئۆزۈمگە خۇشاللىق ئىزدەپ ئۆيۈمگىمۇ كېلىپ قالغان ئىدىم .
- قەيەرلەرگە باردىڭ مۇشۇ كەچكىچە ؟ - ئۆيگە كىرىشىمگە قاپاقلىرى توڭ كاۋىدەك ساڭگىلاپ كەتكەن دادام شۇلارنى دەپ ئۈلگۈردى .
- ئوپراتسىيە ....
- ساڭا شۇ ئوپراتسىيەلا بولسا بولدى شۇنداقمۇ ؟ ئېسىت سېنى دوختۇرلۇقتا ئوقۇتقۇنۇم ، ئوقۇتمىغان بولسام بۇ چاغقا تەڭ تۇشلۇرۇڭ بىلەن سودا ئىشلىرىغا كىرىشىپمۇ ، خوتۇن ئېلىپ بىر نەچچە بالىلىقىمۇ بولۇپ قالاتتىڭ !
- دادىسى – ئانام ھە دەپ دادامنى جىملەيتى ، بىراق دادام ھېچبىر جىم بولىدىغاندەك ئەمەس ئىدى .
- دوختۇرلۇقتا مەن ئوقۇيمەن دىگەنمۇ ؟ - ئاغزىمغا كەلگەن گەپلەرنى شۇنداق يۇتۇۋېتىشنى ئويلايتىميۇ بىراق ھېچ توختىيالمايتتىم – ئەينى ۋاقىتتا تەنتەربىيەدىن ئىمتاھان بېرىمەن دىسەم ‹‹ ئۇنداق ئىسمىنى ئاتىماي ، نۇمۇرنى توۋلايدىغان ، بىر – بىرنىڭ ئىسمىنى بىلمەي ، لەقىمىنى توۋلاپ ئۆتۈپ كېتىدىغان ئادەم بولمايسەن ›› دەپ ماڭا زورمۇزور دوختۇرلۇقنى يازدۇرغان كىمۇ ؟ دوختۇرلۇق مېنىڭ ئارزۇيۇممىدى ؟ مەن دوختۇر بولۇشقا ، ئاشۇ ئادەم قۇشخانىسدا ياشاشقا خۇشتارمۇ ؟ - كۆزلىرمدە لىق ياش لىغىرلايتتى ، دادام بولسا كۆزلىرىنى ئاشۇ ياشقا تولغان كۆزلىرىمدىن ئەپ قاچاتتى .
شۇلارنى دەپ بولۇپ دادامغا سەل قاتتىق تەگكىنىمنى ھېس قىلدىم ، بىراق بىر نەچچە يىل ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق دىيىلمىگەن گەپلەر يەنە بىر قېتىم ئۆيدە دىيىلگەندە دادامنىڭ قانداق ھېسىياتتا بولدىغىننى ئېنىق بىلسەممۇ ، بىراق يەنىلا شۇ گەپنى دىگىنىمگە ئازىراق پۇشايمانمۇ قىلدىم .
ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ ، كارۋاتقا ئۆزۈمنى تاشلاپ ياتتىم ، بىر نەچچە مىنۇت ئۆتمەيلا ئانام كىرىپ كەلدى . بىراق ماڭا دەيدىغان گېپىنى دىيەلمەيۋاتقاندەك ، بىر خىل تەڭقىسلىق ئىچىدە قالغانلىقى مانا-مەن دەپلا چىقىپ تۇراتتى .
- ئانا نىمە كىچك بالىدەك تىرناق تاتلاپ ئولتۇرسەن ، نىمە گەپ بولسا ئۇدۇللا دىمەمسەن ؟
ئانام گېپىمنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ماڭا قاراپ يەنە پەسكە قارىۋالدى ، نىمىشقىكىن ئېغىر بىر گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغان كىشىدەك مەنمۇ جىمجىت بولۇپ ئېغىر بىرنى تنىپ قويدۇم .
- بالام – ئانامنىڭ ئاۋازى شۇنچىلىك تۆۋەن ئىدى – داداڭمۇ نىمە ئىش قىلسا ساڭا ياخشى بولسۇن ، كىيىنلىكى ياخشى بولسۇن دەپ قىلدى ، ئۇنىڭ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى سەن ئۈچۈن ، سېنىڭ كەلگۈسۈڭ ئۈچۈنغۇ ، مانا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كېلىپلا خىزمەتكە چىقىپ ، بىزنى يەنە بىر قېتىم خۇشال قىلدىڭ ، ئاشۇ داداڭ ئىسمىنى يادلايدىغان ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن ۋاقتىڭدا ، داداڭ خۇددى كىچىك بالىدەك خۇشاللىقىدىن بىر نەچچە كېچە كىرپىك قاقماي چىققان ئىدى ، شۇ ۋاقىتلاردىكى ئۇنىڭ ئاشۇ خۇشالىقىنى دۇنيادىكى جىمى بايلىق بىلەن سېتىۋالغىلى بولمايدۇ بالام . ئەمدى قوپۇپ داداڭغا بۈگۈنكىدەك ئازار بەرسەڭ ئۇ قانداقمۇ يەنە شۇنداق مەغرۇرلۇنۇپ يۈرەلەيدۇ ، سەندىن شۇنداق پەخرىلىنىدۇ بالام .
ئانامنىڭ نىمە دىمەكچى بولغىننى چۈشەنمىدىم ، چۈشەنمىدىملا ئەمەس ، چۈشەنمەك قىيىن بولغان ئاشۇنداق سۆزلەرنى قىلىۋاتاتتى .
- ئۇ ئەزەلدىن مېنى ئويلاپ باققانمۇ ، كىچىكىمدىن مەكتەپتىكى مۇسابىقىلىرىمدىن پەخىرلىنىپ باققانمۇ ، مېنىڭ مەيداندىكى ھالىتىمنى باشقا بالىلارنىڭ دادىلىرىدەك كۆرۈپ باققانمۇ ، بېرەر بوتۇلكا سۇ ئېلىپ بېرىپ باققانمۇ ، تەرىمنى سۈرتۈپ قويۇپ باققانمۇ ، باشقا بالىلارنىڭ دادىلىرىدەك يېنىدا مۇسابىقە كۆرۋاتقانلارغا ئاۋۇ مېنىڭ ئوغلۇم دەپ پەخىرلىنىپ تۇرۇپ باققانمۇ ؟ شۇ ۋاقىتلاردا مەنمۇ دادامنىڭ يېنىمدا تۇرۇپ مەدەت بېرىشنى ئارزۇ قىلاتتىم ، مۇسابىقە مەيداننىڭ ئەتراپىدىن ئۇنىڭ مەندىن پەخىرلىنىپ تۇرغان ھالىتىنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلاتتىم ، بىراق بىر قېتىم بولسىمۇ ئۇنىڭ مەن مۇسابىقە مەيدانىدا تۇرۇپ باققىننى بىلمەيمەن ، بېرەر قېتىم ئۇنىڭ مېنىڭ مۇسابىقدە دەرىجە ئېلىپ قايتىپ كەلسەم كۈلۈپ باققىننى بىلمەيمەن . ئۇنىڭ دائىم كۈلكە كەتمەيدىغان ئاشۇ چىرايىدىن بىر خىل مەنسىتمەسلىكنى چىقىرىپ قويۇپ  مۇسابىقە نەتىجىسىدىكى دەرىجىنى كۆرسىلا ‹‹ نىمە چىقار مۇشۇ يۇملاقتىن ؟ ›› دەيتتى . مەندىن پەخىرلىنىش ھېسياتى بولماي كۆزگە ئېلماسلىق ھېسياتىلا بولاتتى . نىمىشقا ئانا ؟ - ئانام ماڭا قاراپ تۇۇرۇپلا قالغان ئىدى ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ھەيرانلىقلا ئەمەس ، بەلكى مېنى تۇنجى قېتىم كۆرۋاتقاندەك ئاجايىپ بىر خىل ھېسياتتا قاراپ تۇراتتى . – ئۇ يەنە دائىم ئۈگۈنۈش نەتىجەمنى كۆرسە ‹‹ سىنىپ بويۇنچە بىرىنجى بولالماپسەنغۇ ؟ مەن دىگەن بىرىنجى بولاتتىم ، ئىككىنجى بولۇپ قالسام بىر كېچە يىغلايتتىم ، قارا قىز بالىنىڭ كەينىدە قاپسەن ، نۇمۇس قىل ... ئىككىنجىلىكمۇ دەرىجە بولامدۇ ؟ ›› بىراق نىمىشقا دادام مەندىن بېرەر قېتىم ‹‹ نىمىشقا ئىككىنجى بولۇپ قالدىڭ ؟›› دەپ سوراپ قويمايدۇ ؟ نىمىشقا ئۇنىڭ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ قىزى ئىكەنلىكىنى دىيىشىمگە رۇخسەت قىلمايدۇ ؟ مېنىڭ گېپىمگە ئىشەنمەي ‹‹ باھانە تاپما ›› دەپلا تۈگۈتىدۇ ! بىر قېتىم بولسىمۇ مەن بىلەن نىمىشقا ياخشى بىر پاراڭلىشىپ باقمايدۇ ؟ توپ ئوينىشىمغا نىمىشقا رۇخسەت قىلمايدۇ ؟ ئانا ئەگەردە يەنە بىر قېتىم ئىمتاھان بېرىش پۇرسىتى بولۇپ قالسا مەن چوقۇم تەنتەربىيەدىن بېرەتتىم . مەن دوختۇرلۇقنى تاللاپ نىمىگە ئېرىشتىم ، پەقەت تىرشىش ، بىرسى بوينۇمدىن باسقاندەك دەرس ئۈگۈنەتتىم ، دادامنىڭ نەتىجىللىرىمنى كۆرۈپ مەندىن پەخىرلەنسۇن دەيتتىم ، بىراق ئۇنىڭ بىر قېتىم بولسىمۇ مەندىن پەخىرلىنىپ باقمىدى ، خىزمەتكە چىققاندىن كىيىنمۇ شۇ مەندىن پەخىرلىنىش ھېسياتىدا بولۇپ باقمىدى ، ئانا نىمىشقا ؟
ئانام مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ماڭا قايتا بىر نەزەردە قارىدى ، ماڭا چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن كىرىپ بىر مۇنچە دەرت ئاڭلاپ چىقىپ كېتىشىنى خىيالىغا كەلتۈرمىگەنمۇ بولغىيدى ، يا چىقىپ كېتىشىنى يا ئولتۇرشىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى ، بىراق كۆزلىرىدىن چىققان مېھرىبانلىق ماڭا يەنە بۇرۇنقىدەكلا پەخىرلىنىش ھېسياتىدا باقاتتى ، ئاستالا ئۇنىڭ قېشىغا باردىم ، قوينىغا بۇرۇنقىدەك كىرگۈم بار ئىدى ، بىراق بۇ قويۇنغا ئىككىنجى قېتىم بۇرۇنقىدەك پېتىشىم ناتايىن . ئۇنىڭ يوتىسىغا بېشىمنى قويۇپ ياتتىم .
چېكە چاچلىرى ئاقارغان ، بۇرۇنقى نۇرلۇق ئاپپاق يۈزلىرىدىن ئەت قاچقان ، كۆزلىرى ئەتراپىغا چۈشكەن قورۇقلار چىرايىغا مېھرىبانلىق ئىزنالىرىنى قالدۇرغان ، يىلنىڭ ئەمەس بەلكى مېنىڭ جاپايىمنى شۇ ئورۇنغا چەككەن ئىدى . ئۇنىڭ قوللىرىمۇ بۇرۇنقىدەك يۇمرانلىقىنى يوقاتقان ، يوتىسىدىكى گۆشلەرمۇ يۈتكەن بولۇپ بېشىم بىر خىل قاتتىق ياتتىم . ئۇنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ ئاستا يۈزۈمگە ياقتىم ، ئاناممۇ يۈزۈمنى ، چاچلىرىمنى ، كۆزۈمنى سىيپايتتى ، شۇ مىنۇتتا مېنى يىغا تۇتتى .

3
كۈز ئايلىرى بولسا كېرەك ، مېنىڭ تولۇقسىزدا ئوقۇيدىغان ناھايتى كەپسىز ۋاقىتلىرىم ئىدى . شۇ ۋاقىتلاردىمۇ توپقا ناھايتى ئامراق ئىدىم ، مەكتەپ كوماندىسىنىڭ مەشقىدىن چۈشۈپ ئۆيگە ماڭدىم ، بىراق توپ مەيدانىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ باشقا بالىلارنىڭ ناھايتى قىزىقىپ مۇسابىقە ئويناۋاتقىننى كۆرۈپ قالدىم ، بېرىش ئىستىكى بولسىمۇ بىراق بۇ كىيىملىرىم توپا بولۇپ بارسام دادامدىن تىلىشتىدىغىنىم ئىنىق ئىدى . شۇڭا مەكتەپ دەرۋازىسىغا قاراپ ماڭدىم .
- زۇليار !!  - كەينىمگە قارسام مەكتەپ كوماندىسدىكى بالىلار ئىكەن – كېلە بىللە توپ ئوينايمىز
- بولدى ، ئەتە چۈشتە ئوينايلى – شۇنداق بارغۇم بولسىمۇ بىراق يەنىلا رەت قىلدىم .
- كېلە ئاداش ، سېنى چەك دېدىقمۇ يا ئىچ دېدىقمۇ ؟ يامان ئىش ئەمەسقۇ بۇ توپ ئوينايمىز !
- شۇنداق ، بىر ئادەم يوق ، بىزمۇ قانداق قىلامىز دەپ تۇرغان ، كېلە !
بالىلارنىڭ زورى بىلەن سومكامنى يۈدۈگۈنۈمچە توپ مەيدانىغا قاراپ ماڭدىم . شۇنداق قىلىپ ئىككىگە تەڭشىلىپ بۆلۈنۈپ تەڭشىلىپ مۇسابىقىنى باشلاپ كەتتۇق .
شۇنداق قىزىپ ئويناۋاتاتتىم ، پۈتۈن ئەس يادىم توپتا ، ئەتراپتىكى ھەممىنى ئۇنۇتقان . بەلكىم مەنمۇ ئۇنتۇلغان بولغىيتتىم .
بىر ۋاقىتتا شۇنداق قاتتىق يىقىلدىم ، بالىلارمۇ ھەيران قالدى ، بىرى ئىتتىرگەندەكلا شۇنداق قاتتىق يىقلدىم ، بىر قولۇم ئاستىدىلا بېسلىپ قالغان ھېچ كۈچ بەرمەيتتى ، بالىلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئورنۇمدىن تۇردۇم . كىيىملىرىمنى ھەممىسى قېقىشتۇردى .
- زۇليار ، قولۇڭنى مىىدرلىتىپ باقە !
ئوڭ قولۇمنى مىدىرلىتالمايتتم ، بىر خىل ئۇيۇشقاندەك ئاغرىۋىتاتتى .  قولۇمنى باشقىلار ئەمەس ئۆزۈممۇ ناھايتى ئاۋايلايتتىم ، باشقىلارغا ھېچ تۇتقۇزمايتتىم . ياكى مىدىرلىتالمايتتىم .
- چىقىپ كەتكەن ئوخشايدۇ ئاداش
كىمدۇر بىرنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ كۆزلىرىمىگە لىققىدە ياش تولدى ، ناشقىلارغە بىلدۈرمىگىنىم بىلەن بۇ ئىشنى دادام ، ئانام ئۇقىدىغان بولسا يەنە بىر قولۇمنىمۇ ...
ئەنە شۇ خىياللار بىلەن تېرنىرنى ئىزدەپ ئۆيگە باردۇق ، تېرنىر دادام بىلەن تەڭ ياشتىكى ئادەم ئىدى ، مېنىڭ بۇ ھالىمنى كۆرۈپ ئۆزىمۇ شۇنداق ئەنسىرىدى .
- دېدىمغۇ ، مەن يوق ۋاقىتتا مۇسبىقە ئوينىماڭلار دەپ – ئۇ سەل چېچىلغاندەك قىلاتتى  - مانا گەپ ئاڭلىمىساڭلار مۇشۇنداق ئىش چىقىدىغان گەپ .
ئۇ بىردەم بىزگە ۋارقىراپ ئاچچىقىنى چىقارغاندىن كىيىن ماڭا قاراپ
- چىقىپ كېتىپتۇ – بالىلارنىڭ دىگىنىمۇ توغىردەك قىلاتتى - تېڭىقچىنىڭ ئۆيىگە ئاپرامدىم ياكى ئۆزۈم سالامدىم .
- سىلى ئۆزلىرى سەپ قويماملا – تېرنىر قولۇمنى بىردەم سىلاشتۇرغاندىن كىيىن ئۇنى بۇنى سورىدى ، مەنمۇ ھېچ توختىماي جاۋاپ بېرەتتىم .
- سەن قايسى ناخشىچىغا ئامراق ؟
- ئابدۇللا ئابدۇرېھىمغا
- قايسى ناخشىسىنى بەكرەك تىڭشايسەن
- ئۇزاق يول
- مەنمۇ شۇ ناخشىغا ئامرق
- شۇنداقمۇ  ئاااااااااااااااااااااااااا- شۇنداق قاتتىق ۋارقىرىۋەتتم ، تېخى ئۇنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا شۇنداق جاۋاپ بېرۋاتاتتىم ، قولۇمنى كۈچەپ بىر تارتىشىغا چىققان ئاۋزدىن يېنىمدىكى بالىلارمۇ بىر-بىرگە قاراپلا قېلىشتى . قولۇم جايىغا چۈشكەندەك قىلىۋاتاتتى . تېرنىر قولۇمنى تۇخۇم بىلەن سىلاپ بولغاندىن كىين كۆزۈمدىكى ياشقا قاراپ كۈلۈپ كېتىپ
- ئەركەك يىغلاپسەنغۇ ؟
- سىلىنىڭ قوللىرىنى مەن شۇنداق تارتىپ باقاي قېنى كۈلەملىكىن ؟
ئۇ كۈلۈپ كەتتى ، مېنىڭ بۇ سۆزۈمگە ئەتراپتىكى بالىلارمۇ كۈلۈپ كېتىشتى ، مەنمۇ بىر قولۇم بىلەن كۆزۈمدىكى ياشنى سۈرتكىنىمچە كۈلۈپ كەتتىم . شۇ ۋاقىتلاردىكى ئشۇ شىرىن كۈلكىلەرنى ، سەبىي خىجىل بولمايدىغان ئاشۇ بالىلىقىمنى ، قورقماس خۇشال چاغلىرىمنى قايتۇرۇپ كېلەلىسەم قانداق ياخشى بولاتتى ھە !
ئۆيگە قايتىدىغان ۋاقىتتا تېرنىر ماڭا قارپ كۈلۈپ قويۇپ
- ھېلقى ئۇزاق يولنىڭ ناخشا دېيىنى ئالغاچ كەلسەڭ ، مەنمۇ ئاڭلاپ باقاي ، ئامراق بولسام ئەجەپ ئەمەس .
ئەتراپتىن بالىلارنىڭ كۈلكە ئاۋازى يەنە بىر قېتىم كۆتۈرۈلدى ، تېرنىرمۇ ماڭا قاراپ شۇنداق ئېچىلىپ كۈلۈۋاتاتتى .
ئۆيگە مىڭ بىر جاپادا كىردىم ، دادام ئىشكىتىن كىرىشىمگىلا قولدىكى تاماكىنى تۇتۇپلا قالدى ، ئانامنىڭ قولىدىمۇ تازا جاپا تارتىۋاتقان سۈپۈرگە توختاپ قالغان ئىدى . دادام ماڭا قاراپ ھەيرانلىق چىراي ئىپادىسىگە كۈلكە يۈگۈرتۈپ
- ھە ئەركەك ، كىم بىلەن تۇتۇشۇپ ئا قولنى ئارىيەتكە بەردۇق ؟
خىجىللىقتىن ئاغزىمغا گەپمۇ كەلمەيتتى ، بىراق بۇ سۇئالغا جاۋاپ بەرمىسەم ئېنىقلا تۈگەشكىنىم شۇ ئىدى .نىمە دەپ جاۋپ بېرىشنى بىلمەي دۇدۇقلايتتىم .
- شۇ .. شۇ .. مەشىق قىلىپ ...توپ ئوينىغىچە . ...
- توپ ؟ ! – گېپىمنىڭ ئايىغى تۈگمەيلا ، ئانام ماڭا قاراپ ۋارقىرىدى – مانا مۇشۇ توپ ئوينىغان قوللۇرۇڭنى !!
ئانام شۇنداق دىگىنىچە ئالدىمغا سۈپۈرگىنى كۆتۈرۈپ كەلدى ، مەن ھويلىدا قاچاتتىم ، ئانام قوغلايتتى ، مەن قاچاتتىم ، خۇددى مۈشۈك بىلەن چاشقانغا ئوخشاش ، كەينىمگە ئانامنى توختىغان ئوخشايدۇ دەپ قارىدىم ، بىراق يەنە قوغلاۋاتاتتى .
كۆزۈمگە يۇلتۇز كۆرنۈپ كەتتى ، ئانامدىن قېچىپ ئارقامغا قاراپ ئالدىمغا شۇنداقلا قاراپ ھويلىدىكى چوڭ تۈۋرۈككە ئۈسسىۋالغان ھەم ئوڭدامغىلا چۈشكەن ئىدىم . ئانام بىلەن دادام بېشىمدا قاراپ تۇراتتى ، قولۇمنىڭ ئاغرىقىغا بۇ ئاغرىق قېتىلىپ مېنى ئىككى تەرەپتىن قىينايتتى ....
خىياللاردىن ئۆزۈمنى تارتىپ چىقاردىم
- ئانا – ئۇنىڭ قوللىرىنى ئاستا لېۋىمگە ياقتىم – كىچىكىمدە كەپسىزمىتىم ؟
- شۇنداق – ئانام بېشىمنى يەڭگىل نوقۇپ – ئاشۇ كەپسىزلىكىڭدىن قاچان قارىسا سېنى كۆتۈرۈپ يۈرەتتىم ، مانا قارا ! ھازىر مېنى كۆتۈرگۈدەك بولۇپ قالدىڭ . ھويلىدا ئولتۇرغۇزۇپ قويسام سىرىتتىن قەيەردىندۇر داڭگال تېرىپ كىرىپ شۇنى چايناپ خاپا سالاتتىڭ . ئۆيدىكى پۈتۈن شاملارنى يەپ تۈگۈتتەڭ ، سېنىڭ بۇ كەپسىزلىكىڭدىن بىر مىنۇت خاتىرجەم بولالمايتتىم – ئانام شۇنداق دەپ كۈلۈپ كەتتى .
- نىمىگە كۈلىسەن ئانا ؟ - قىزىق بىر گەپنىڭ چىقىدىغىنى ئېنىق ئىدى . شۇڭلاشقا بېشىمنى ئۇنىڭ قۇچقىدىن ئېلىپ يېنىدا ياتتىم .
- سەن مەكتەپكە بىر كەتسەڭ قوللۇرۇم ھېچقانداقا ئىشقا بارمايتتى ، قاچان قارىسا ئىششىككلىلا قارايتتىم ، سېنى قاچان كېلەر دەپ كۆزۈم تۆت ئىدى .
- ئەنسىرەيدىكەنسەن دە ؟
ئانام يەنە كۈلۈپ كەتتى . ماڭا مېھرىبانلىق بىلەن قاراپ
- شۇنداق ، دېنى يەنە قايسى پۇتى ياكى قايسى قولۇنى تاڭدۇرۇپ كېلەتتىكىن دەپ ئىشككە قاريتتىم .
ھەر ئىككەيلەن كۈلۈپ كەتتۇق . شۇنداق ھوزۇرلۇنۇپ ، شۇنداق ھوزۇرلۇنۇپ كۈلدۇق ، بۇنداق ساپ كۈلكىلەر بىزنىڭ ئۆيدە شۇنداق نۇرغۇن ئىدى ، بىراق بايقىدەك كىچىككىنە كۆڭۈلسىزلىك بۇ كۈلكىلەردىن دادامنى مەھرۇم قىلاتتى .
- ئانا ، بولدى دادامنىڭ قېشىغا چىققىن .
- ماقۇل ، ئۇ قېرىنىمۇ بىر كۈلدۈرۈپ 64 چىشىنى ساناپ بەرمىسەم
ئانام شۇنداق دىگىنىچە ئىشككە باردى ۋە ئارقىسىغا قاراپ
- زۇليار ، شەنبە كۈنى چۈشتە يەنە بىر ئۇچىرىشىش بار بۇ قېتىمقىسى ئالدىنقى قېتىمقى قىز ئەمەس ، ئۇنتۇپ قالما ھە ، بۇ داداڭنىڭ ئەڭ يېققىن دوستىنىڭ قىزى ، ئۇنتۇپ قېلىشقا باشقا ئىش چىقىپ قېلىشقا بولمايدۇ جۇمۇ !
ئانامغا قاراپ كۈلۈپ قويدۇم ، بىراق بۇ ئىككى قېرىنىڭ مېنى تىزىراق ئۆيلەپ قويۇپ زادى قانداق بىر خاسىيەتلىك نەرسىگە ئېرىشمەكچى بولغىننى بىلمەيتتىم . بەلكىم ئۇلار زىمىسدىكى يەنە بىر يۈكنى تىزىراق ئادا قىلشقا ئالدىراۋاتقاندۇ !
ئالدىنقى قېتىم ئۆز – ئۆزۈمگە دىگىنىمگە ئوخشاشلا بۇ قېتىممۇ يەنىلا ئۆزۈمگە ۋەدە بەرمەكتە ئىدىم ‹‹ پەقەت قىز بىلەن كۆرشەلسەملا ، قىز قوشۇلسىلا چوقۇم تويۇمنى قىلىمەن ! ›› ئۆز – ئۆزۈمگە شۇنداق دەپ پىچىرلىدىم . بەلكىم ھەر قېتىم كۆرۈشەلمەي كۆنۈپ قالغاچقا بۇ قېتىممۇ ئۆز بەختمىنى يەنە بىر قېتىم دوغا تىكىپ بولماقچى بولاتتىم . شۇنداق خىياللار ئىلكىدە ئۇيقا قوينىغا غەرىق بولغان ئىدىم .

4
ئىشخانىدىكى بىكارچىلار يىغىلىپ مېنىڭ ئىشخانامدا پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق ، ئۇلارنىڭ بەزى پاراڭلىرى ئەتراپىمىزدىكى كىچىك ئىشلار بولسا بەزىللىرى دۇنيانىڭ چوڭلىرى باش قاتۇرۋاتقان دۆلەت ، سىياسىي مەسىلىلەر ئىدى ، پات – پات يەنە دوختۇرخانىدىكى قىزىقارلىق ، ئادەمنى ھەيران قالىدىغان ئىشلار سۆزلىنىپمۇ قالاتتى .
- راست زۇليار ، قايسى كۈنى ئوپراتسىيەدە قايچا خاتالىقى يۈز بەرگەننىڭ گېپى بارغۇ ؟
- ھە .. – نىمە دىيىشىمنى بىلمىدىم – يېڭى كەلگەچكە جىددىيلىشىپ شۇنداق بولۇپ قاپتۇ .
- بەك چىرايلىق قىزمىشقۇ ؟
بۇلارنىڭ ئەمدى زۇلفىرەنىڭ ئۈستىدىن گەپ قىلىشى چىقىپلا تۇراتتى .
- زۇليار راست چىرايلىقمىكەن ؟
- مەن نىمە بىلەي – يۈزۈم بىلىنەر – بىلىنمەس قىزىشماقتا ئىدى – ئوپراتسىيەدە يۈزىگە ماسكا تارتىغلىق تۇرسا !
- ئىشخاناڭدىن چىقىپ كەتكىننى باشقىلار كۆرۈپتىغۇ ؟
نىمە دىيىشمنى بىلەلمەي تۇراتتىم ، تۇيۇقسىزلا جىددى سىگنال چېلىندى ، بوينۇمغا يۈرەك تىڭشىغۇچىنى ئېسىپلا ئىشخانىدىن ھەممەيلەن جىددى تارقىلىپ چىقىشقا باشلىدۇق . ئىشخانىدىن چىقىپلا بىرىگە سوقۇلۇپ كەتتىم .
- كەچۈرۈڭ
- ھېچقىسى يوق – شۇنداق يېقىملىق بىر ئاۋاز
- نەچچىنجى ياتاق ؟
- 16-ياتاق 2-كارۋات
- بىلدىم – شۇنداق دېدىم دە ئۇنىڭ ئالدىدىراق مېڭىپ كەتتىم ، زۇلفىرە ئىكەنلىكى ئېنىق ئىدى ، نىمىشقىدۇر ئۇنىڭ قېشىدا كۆپرەك تۇرغۇم بولسىمۇ بىراق باشقىلارنىڭ خاتا چۈشۈنۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتىم ، مانا 27 ياشتىن ئاشقان بىر يىگىتنىڭ ‹‹ ئەنىرىشنىڭ ›› نىمىدىن دېرەك بېردىغانلىقىنى بارلىق ئوغۇللار چۈشەنسە كېرەك .
ياتاققا كىېىپ جىددى قۇتقۇزۇشقا كىرىشىپ كەتتۇق ، يۈرەك تومۇرلۇرى توسۇلغاچقا تومۇرغا ‹‹ كۆۋرۈك ›› سالغان بىمارنىڭ يۈرەك سوقۇشى تىزلىشىپ كەتكەن ئىدى . قىززىق مۇشۇ يۈرەك دىگەن ئاجايىپ نەرسىكەن دىسە ، بىر بولسا تىز سوقۇپ كېتىپ قورقۇتقان بىر بولسا توختاپ قېلىپ . سىرىتتىكى بىمارنىڭ تۇققانلىرىنىڭ قانچىلىك جىددىيلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى قانچىلىك ئەنسىرەۋاتقانلىقنى بىر شۇلار ئۆزى بىلمىسە باشقىلار بىلىپ بولمايتتى . بىر مەھەل تىركىشىشتىن كىيىن بىمارنىڭ يۈرەك سوقۇشى ئەسلىگە كەلدى .
بىمار كۆزىنى ئېچىپ ماڭا بىر ھازا تىكىلدى ، ئۇنىڭ ماڭا تىكىلىشىنىڭ قايسى مەنىدە ئىكەنلىكىنى مەن بىلمەيتتىم ، ئۇ چىرايىغا بىر خىل مەنسىتمەسلىك كۈلكىسىنى بېرىپ
- مېنى ئۆلگىلى قويۇشساڭ ھەر قايسىڭدىن نىمە كېتىدۇ ؟
پۇت قولۇمنىلا ئەمەس پۈتۈن بەدىنىمنى تىتىرەك بېسىپ كەتتى ، شۇنداق ئاچچىق بىر تىتىرەك مېنى قىينايتتى ، ھەممە ئادەمنى ھاياتقا تويمايدۇ ، ھايات ياشاشنىلا ئويلايدۇ دەپ خىيال قىلىدىغان مەندەك بىر ئەخمەق بۇنداق گەپنى ئاڭلىسا قانداقمۇ تىتىرىمەي تۇرالىسۇن ؟
- سىزگە بېرەر نەرسە كېرەكمۇ ؟ - زۇلفىرە ئۇنىڭدىن شۇنداق سەپ سورىدى .
- ئەزرائىلنى چاقىرىپ بېرەلەمسىز ؟
بۇ سۇئالغا ھەر ئىككەيلەندە دەماللىققا ئىنكاس پەيدا بولمىدى ، بىر-بىرمىزگىمۇ ھەيرانلىق ئىلكىدە باقمىدۇق ، پەقەت گاڭگىراش ھېسلىرىلا بىزنىڭ كاللىمىزنى قاپلىغان ئىدى .
- سەل تەخىر قىلىپ تۇرۇڭ – زۇلفىرە شۇنداق دەپ ياتاق سىرتىغا ماڭدى ، مەن چۈشەنمىدىممۇ ياكى زۇلفىرەمۇ؟ ئۇ راستىنلا ...
سىرىتتىن 38 ياشلار چامىسىدا بىر ئايال كىرىپ كەلدى ، يۇيۇلمىغانلىقتىن پاخپايغان ھەم چۇۋۇق چاچلىرى ، ئۇخلىمىغانلىقتىن ھەمدە كۆپ يىغلىغانلىقتىن قىزارغان كۆزلىرىدىن بۇ ئايالنىڭ بىمارنىڭ ئايالى ئىكەنلىكىنى بىلمەك تەس ئەمەس ئىدى .
- كېرىم !
- سارەم !
خۇددى بىر ئاشىق مەشۇقنىڭ ھېكايىسىدىكى تەسىرلىك بىر كۆرنۈشنى كۆرۋاتقاندەك كۆزلىرىمگە ياش تىقىلدى ، ئۇلار بىر تەن بولماقچى بولغاندەك بىر-بىرىنى چىڭ قۇچاقلايتتى ، بىر-بىرىگە تويماي باقاتتى ، بىمارنىڭ قوللىرى ئايالىنىڭ چاچلىرىنى تارىماقچى بولغاندەك يۈزلىرى ئەتراپىدا ئايلىناتتى .
- مېنى چاقىرىپتىكەنسىز ؟
- ھە .... سىزنى كۆرگۈم كېلىپ .... – كېرەم شۇندىلا بىزگە رازىمەنلىك بىلەن باقتى .
- بالىلار بۈگۈن ماڭدى ، ئۇلار يەنە شۇ ئوقۇشنىڭ ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولمىسا بولمايدۇ ، بىزمۇ ئۇلارغا مەڭگۈلۈك باقىۋەندە ئەمەس دە !
- شۇنداق خوتۇن .
ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىنىڭ قانچىلىك چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى بىلمەك تەس بولمىسا كېرەك ، ئەگەر مەن شۇ بىمارنىڭ ئورنىدا ھازىر يېتىپ قالىدىغان بولسام (خۇدا ئۇنداق كۈنلەردىن نېرى قىلسۇن ) ، ئاتا ئانامدىن باشقا بېرەرسىنىڭ كېسەل كارۋىتىم يېنىدا تۇرشى تەس !
بىمارنىڭ ئەھۋالىنى مۇقۇملاشتۇرۇپ بولغاندىن كىين ياتاقتىن چىقىپ كەتتۇق ، ئۇنۇڭغا قارايدىغان سېستىراغا بەزى ئىشلارنى تاپشۇرغاندىن كىين سائەتكە قارىدىم ، سائەت ئاللىقاچان 2:00 بولغان ئىدى . ئالدىراش كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ ماشىنا ساقلاش ئۆيىگە قاراپ ماڭدىم .
ئەتىگەن دادام ئاللاھقا ئامانەتنىڭ ئورنىغا ماڭا تاپىلاپ ‹‹ سائەت ئۈچ بىلەن بېرىپ بول ، قىز ساقلاپ قالمىسۇن يەنە ››  دىگەچكىمىكىن سائەت ئىككىدىلا ئۇچراشماقچى بولغان جايغا قاراپ ئاتلاندىم . ئەمدىلا دوختۇرخانا بىناسىنىڭ ئالدىغا ماشىننى ئايلاندۇرۇپ چىقىرىشىمغا زۇلفىرەنى ئۇچۇرتۇپ قالدىم .
- قاياققا ماڭدىڭىز ؟ - ماشىنا ئەينىكىدىن بېشىمنى چىقىرىپ سورۇدۇم . ئۇ ماڭا قاراپ تەمتىرىدى بولغاي
- ھېچ  ... شۇ  .... بازارغا .
- ماشىنىغا چىقىۋېلىڭ – ئۇنىڭ تەمتىرەشلىرىگە پەرۋاسىزلا شۇنداق دېدىم ، ئۇمۇ ئىككى ئەتراپىغا قاراپ تۇرۇپ كېتىپ ماشىنىغا ئامال يوق چىقتى .
- سىزچۇ ؟ قاياققا ماڭدىڭىز ؟
- ئۇچىرىششىقا – پەرۋازىلا جاۋاپ بەردىم .
- ئۇچىرشىش ؟ - ئۇنىڭ چىرايىدىن ھەيرانلىق چىقىپ تۇراتتى .
- شۇنداق ، چوپ-چوڭلا بىر يىگىت بولۇپ قالدىم ، ئۆزۈم ياشلىقىمدا ئۈگۈنۈش ، ئۈگۈنۈش دەپلا ئۆتكۈزگەندىن كىيىن ئەمدى شۇ دادام بىلەن ئانامنىڭ ماڭا ئېلىپ بەرمەكچى بولغان قىز بالا بىلەن ئۇچىرشىشقا .
- قىز بالىنىڭ ئىسمىنى بىلەمسىز ؟
- ياق ، ئاق مايكا ، پادىچىلار ئىشتىنى ، قىزىل چاپان  ھە راست شاپتۇل چېچىكى رەڭدە سومكا !
- مۇشۇنداقمۇ ؟ - ئۇ كەينىمدىنلا ئۆزىنىڭ سومىكىسىنى تەڭلىدى ، ماشىنىغا جىددى تورمۇز بەردىم . ئۇنىڭ كىينىشىگە قايتا بىر قارىدىم ، مانا ئاق مايكىنىڭ ئۈستىگە قىزىل چاپان ، پادىچىلار ئىشتىنى ، قولىدا بولسا شاپتۇل چېچىكى رەڭدە سومكا .
- سىز .... بۇ ... !
- شۇنداق مەن ، نىسسان ماركىلىق مېغىز رەڭ ماشىنا ، پادىچىلار شىمى ، جىگەر رەڭلىك مايكا – ئۇ ئۈستى -بېشىمنى كۆرسىتپ تۇرۇپ كۈلۈپ كەتتى . مەنمۇ بېشىمنى قاشلاپلا تۇرۇپ قالدىم .
- قەيەرگە بېرىپ تاماق يەيمىز ؟ - ئارىمىزدىكى جىمجىتلىق ۋە ھەيرانلىقنى بۇزغۇدەك بۇنىڭدىنمۇ ياخشى گەپ بولمىسا كېرەك .
- توختاڭ ، سىز راست شۇمۇ ئەمەسمۇ مەن جەزىملەشتۈرۈشۈم كېرەك .
- توۋا ، ئەمدى مېنىڭمۇ جارىم بارمىكەن ؟
ھەر ئىككەيلەن قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتۇق ، ئۇنىڭ مۇشۇ كۈلكىسىنىڭ ئۆزى مەن ئۈچۈن ئەڭ چوڭ خۇشاللىق بولسا كېرەك . ماشىننى يەڭگىل ھەيدەپ شەھەر كوچىلىرىنىڭ مەنزىرىسىنى كۆرگەچ قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق . بىزنىڭ مۇشۇ پاراڭلىرىمىزنىڭ ئۆزى ھاياتىمىزنىڭ تۇنجى قەدىمى بولۇپ ھېساپلانسا كېرەك !

5
ماشىنىدا قانداق تۇيۇقسىز ئۇچراشقان بولساق ، تويۇمىزمۇ شۇنداق تۇيۇقسىز بولدى ، كەسىپداشلىرىم بولسا ماڭا ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن قاراپ
- ھە كاساپەت ، دىجورنىلىقنى  بىراقلا تۈگۈتەي دەپسەن دە  ؟ - دەپ جىلە قىلپمۇ قويدى .
توينى قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن شۇنداق خۇشال ئۆتەتتۇق ، بۇرۇن مۇھەببەتلىشىپ ئارلىشىپ توي قىلىشمىغان بولساقمۇ بىر-بىرمىزگە شۇنداق ئامراق ئىدىق ، بىر-بىرمىزنى شۇنداق قەدىرلەيتتۇق ، بىر-بىرمىزنى قوللايتۇق ، مەيلى كىچىك ياكى چوڭ ئوپراتسىيلەر بولسۇن ئامال بار بىللە قىلاتتۇق . شۇڭلاشقىمىكىن كەسىپداشلىرىمىز ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرمىز بىزنى خۇدا قوشقان بىر جۈپلەر دەپ ئاتايدىغان بولدى .
توي قىلىپ يېرىم يىلدىن ئاشقان بىر كۈنى زۇلفىرە قېشىمغا كەلدى .
- زۇليار ، سىزگە بىر گەپنى دەيمۇ ؟
ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم مېنىڭ ئالدىمدا بىر نىمىدىن قىسىلغاندەك ھالەتتە تۇرشى ئىدى .
- نىمە ئىش ئىدى ؟ دەۋېرىڭ ! نىمانداق مېنىمۇ خىجىل قىلىسىز دەيمەن !
- شۇ ... شۇ ...
ئۇ پەقەت تىلىنى چىشلەيتتى ، قولۇمدىكى گۈل سۇغۇرغۇچنى ئاستالا يەرگە قويدۇم ۋە ئۇنىڭغا قاراپ
- سىزگە بىر ئىش بولمىغاندۇ ؟
- ياق .. ماڭا ئەمەس ... دادام ئۇ  .. دادام ئۇ ...
قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەيتتىم ، دادام ئەتگەن تېخى ساپساقلا چىقىپ كەتكەن ئىدىغۇ ؟ نىمىشقا ؟
- ئېيتىڭە دادامغا نىمە بولدى ؟
- ئۇ چوڭ دادا بولىدىغان بولدى .
شۇنداق تىز سوققان يۈرەكلىرىم جايىدىلا توختىدى ، كۆزلىرىمگە ياماشقان ياش يۈزلىرىمنى بوياش ئۈچۈن يۈزلىرىمگە سىرغىپ چۈشۈشكە باشلىدى ، قوينۇمنى كەڭ ئاچقىنىمچە ئۇنى باغرىمغا بېسىش ئۈچۈن ئالدىمغا قاراپ ماڭدىم ، ئۇمۇ قوينىمغا سىڭىپ كىرمەكچى بولغاندەك بېشىنى قوينۇمغا تىقتى .
- مېنى ئەمدى بۇنچە قورقۇتماڭ بولامدۇ ؟
- قورقۇتمۇدۇمغۇ ؟ شۇ دادىڭىز چوڭ دادا بولسا سىز دادا بولسىز دىگەن گەپ .
- بىراق مېنى شۇنداقمۇ قورقۇتامسىز ؟
ئۇ ئەركىلىگىنچە يۈزۈمنى يەڭگىل سىيلاشقا باشلىدى ، ئۇنىڭ ئاشۇ مېھىرلىك قوللىرى ماڭا ھەممە – ھەممىنى ئاتا قىلاتتى .
ئەتىسى دوختۇرخانىغا چىقىپ ئىچكىردىكى دوختۇرخانىغا 6 ئايلىق تەربىيلىنىشكە چىقىدىغىنىمنى ئاڭلاپ گاڭگىراپلا قالدىم .
- نىمىشقا مەن بارىمەن ؟
- بىزدە تېخنىكا ئۈگۈنۈپ كەلگۈدەك سەندىن ياخشىراق دوختۇر يوق ، ئۇلار ئىشلەتكەن ھەر بىر دوختۇرلۇق سايمىنى بىزدە بار بىراق تېخنىكا يوق ، شۇڭلاشقا سەن بېرىپ شۇ تېخنىكىنى ئۈگۈنۈپ كېلىسەن
- مەندىن ياخشى دوختۇرلارمۇ بارغۇ ، ئادىلكام ، ئاتىكەم ھەدەم ، ئارىم شۇلار بارسىمۇ بولىدىغۇ ؟
- ماڭا قارا – دوختۇرخانا باشلىقى ماڭا قاراپ – بىلىمەن ، سەن زۇلفىرەگە ۋە ئاتا-ئاناڭغا تۇغۇلماقچى بولغان بالاڭغا قىيمايسەن ، سەن بايا دىگەنلەر بارسىمۇ بولىدۇ بىراق ئۇلار ياشىنىپ قالدى ، ئۈگەنمىكى تەس ، ئۈگەتمىكى تېخى تەس . شۇنداق ئىكەن سەن ياش ھەم ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىڭمۇ ياخشى . شۇڭلاشقا دوختۇرخانىدىكلەر مۇزاكرلىشىش ئارقىلىق سېنى ئەۋەتتۇق . ئاسپارانىتلىقتا ئوقۇغاندىن كىيىن ساڭا بۇ نەرسىلەر تەس كەلمەيدىغۇ دەيمەن . سەن بىز ئۈچۈن ئەمەس ، بەلكى ئۆزۈڭ ھەم مىللىتىڭ ئۈچۈن بارىسەن !
بۆلۈم باشلىقى بىلەن تەگىشىپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنى قالمىغاندەك قىلاتتى ، ئىككى كۈنلىك ئارام ئېلىشتىن كىيىنلا كۆڭلۈم خالىمايدىغان يۇرۇتقا قاراپ ئاتلىناتتىم . شۇڭلاشقىمىكىن روھىسز ھالدا ئۆيگە قايتتىم .
- ئاڭلىسام ئىچكىرىگە تەربىيلىنىشكە بارغۇدەكسىز ؟
- شۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ !
- بوپتۇ ئەمسە مەن يۈك تاقلىرىڭىزنى يۇغۇشتۇرۇپ قوياي – ئۇ شۇنداق دەپ ياتاق ئۆيگە قاراپ ماڭدى . ئۇنىڭغا نىمە دىيىشىمنى راستىنى ئېيتقاندا مۇشۇ ئالتە ئاي ۋاقىتنى قانداق قىلىپ ئۆتكۈزۈشنى بىلمەيتتىم .
بىزنىڭ تۇنجى ئايرىلىشىمىز مۇشۇ ئىدى ، بۇندىن بۇرۇن بىرسىمىز جىرگەنلىكتە تۇرۇپ قالساق يەنە بىرمىز بىرگە تۇرۇپ ، بىرمىزنىڭ يېندىن بىر مىنۇت ئايرىلىپ باقمىغان ئىدۇق ، بىراق بۇ قېتىم راستىنلا جاپا بولغان ئىدى . جاپالا ئەەمس تەس كەلگەن ئىدى .
يېرىم كېچە ، ئۇنىڭ ھەر بىر ئۇھسىنىشلىرىدىن ئۇخلىمىغانلىقىنى بىلىپ تۇراتتىم ، مەنمۇ تاماكىنى ئۈزمەي چېكىپ ئۆينىڭ ئىچىنى لىق ئىسقا توشقۇزغان ئىدىم . نۇرغۇن گەپلەرنى ئۇنىڭغا دىگۈم بار بىراق گەپنى قەيەردىن باشلاشنى بىلمەيتتىم .
- زۇلفىرە
ئۇ مەن تەرەپكە ئۆرۈلدى ۋە قوللۇرۇنى يۈزۈمگە ئېلىپ تۇرۇپ
- نىمە ؟ - دەپ سورىدى ، ئۇنىڭ ئۈنى تىتىرەپ چىقاتتى .
مەنمۇ ئۇنىڭ قوللۇرۇنى چىڭ تۇتتۇم ، قوللۇرۇغا سۆيۈپ تۇرۇپ
- بۇ ئالتە ئاي بىردەمدىلا ئۆتۈپ كېتىدۇ ، ئارلىقتا ھېيت بايرام دەم ئېلىش كۈنلىرى بولسا كېلىپ تۇرىمەن .
- بىلىمەن .
ئارىمىزنى يەنە سۈكۈت قاپلىدى ، ئۇنىڭغا نىمە دىيىشىمنى نىمە دەپ تەسەللىي بېرىشمىنى بىلمەيتتىم .
- بالىغا نىمە دەپ ئىسىم قويۇشنى ئويلاشتىڭىزمۇ ؟ - ئۇنىڭ قولىنى مەيدىمگە قويۇپ تۇرۇپ شۇنداق سورۇدۇم .
- ھەئە قىز تۇغۇلسا تۈركەنئاي ، ئوغۇل تۇغۇلسا فىردەۋىس قويىمەن .
- ھەي مانى ، ماڭا دىمەيلا شۇنداق قويىمەن دەيسىزغۇ ؟
- بولماپتىمۇ ؟
ئۇنىڭ قوللىرىنى ئاغزىمغا يېققىن ئەكىلىپ تۇرۇپ
- يەۋەتكىلى بولغان بولسا ئىدى – شۇنداق دەپ ئۇنىڭ قولىنى ئاغىزمغا سالدىم ، ئۇ قولىنى چاققان تارتىپ كۈلۈپ كەتتى . – ئىسىملارنى مەنىسىنىچۇ ؟ ماڭا ئېيتىپ بەرمەمسىز ؟
- تۈركەنئاي دىگىنى تۈرۈك ئېلىنىڭ ئېيى ، يەنى تۈرۈكلەرنىڭ ئاسمىنىدا چاقنىغان ئاي دىگەن مەنىدە ئىكەن . فىردەۋىس دىگىنى سەككىز جەننەتنىڭ بىرىنىڭ ئىسمى ئىكەن ، مەن مۇشۇ ئىككى ئىسىمنى ياختۇردۇم ، سىزچۇ سىزمۇ ئويلاشقانسىز ؟
- ياق
- ياق ؟
- ئويلاشمىدىم .
- ھۇ ئەسكى – ئۇ شۇنداق دىگىنىچە كەيننى قىلىپ يېتىۋالدى .
- گېپىمنى ئاڭلىمامسىز ئاۋال – شۇنداق دىگەچ ئۇنى كەينى تەرپىدىن قۇچاقلىدىم .ئۇ يەڭەىل بىر ئىتتەردى ، مەن يەنە بىر قېتىم قۇچاقلىدىم ۋە قۇلقىنىڭ تۈۋىگە كېلىپ – سىزگە مەن تۇغۇشۇپ بېرەلمسەم ، با قىيلىنىشنى سىز قىيلىنىپ تۇغسىڭىز ، مەن يەنە يۈز قېلىنلىق قىلىپ بالىغا سىز قويغان ئىسىملارنى ياقتۇرمايمۇ قالارمەنمۇ ؟
ئۇ شۇندىلا ئاستا ماڭا قارىدى ۋە يۈزۈمگە يەڭگىل بىرنى سۆيۈپ قويدى . مانا شۇ سۆيۈشلا مېنى خۇشال قىلاتتى . شۇ سۆيگۈلا ماڭا ھاياتى كۈچ بېغىشلاپ تۇراتتى .
ئات ئۈستىدە چېپىۋاتىمەن ،ئاتنىڭ تۇيۇقى ئاستىدىن چىققان ئاۋاز خۇددى بولقا بىلەن تۆمۈر سوققاندەك شۇنچىلىك قاتتىق شۇنچىلىك چىڭ چىقاتتىكى قۇلاقلىرىم ھېلى پاڭ بوپ قالىدىغاندەك ئىدى . ئاتنى گاھ قارا گاھ ئاق رەڭدە كۆرەتتىم . ئات ئۈستىدە گھ ياياق ، گاھ ئىگەرلىك ئولتۇراتتىم ، ئالدىمدىكى چوڭقۇر بىر ھاڭ تۇمانلار ئارسىدىن ماڭا كۆرۈنگەندە ئاتنى توختۇتۇشقا ئۇرۇندۇم ، شۇنچە كۈچۈدۈم ، بىراق ئات بىلەنلا ھاڭغا چۈشۈپ كەتتىم .
- زۇليار ، زۇليار – بىرنىڭ ئىسمىمنى چاقىرىپ تۈرتىشىدىن كۆزۈمنى ئاچتىم . شۇندىلا ئۆزۈمنىڭ چۈش كۆرگەنلىكىمنى ھېس قىلدىم ، چىلىق-چىلىق سۇ ئىچىدە زۇلفىرەنىڭ قۇچقىدا ياتاتتىم .
- قارا بېسىپ قاپتۇ ، بولدى ھېچقىسى يوق ئۇخلايلى – ئۇنىڭغا شۇنداق دېدىمدە بېشىمنى ياستۇققا قويدۇم ، بىر ۋاقىتقىچە ئۇخلىيالماي ئۇيان-بۇيان ئۆرۈلۈپ ئۇخلىيالمىدىم . زۇلفىرە كەينىمدىن شۇنداق يەڭگىل قۇچاقلىدى ، مەنمۇ كەينىمگە ئۆرۈلۈپ ئۇنى مەيدەمگە باستىم .
- سىزگە كۆنۈپ قاپتىكەنمەن – ئۇ شۇنداق دىگىنىچە مەيدەمنى كىچىك ، ئىسسىق قوللىرى بىلەن سىيلىدى .مەن ئۇنى باغرىمغا تېخىمۇ چىڭ باسقىنىمچە خىيالغا پاتتىم .
مەنمۇ ئۇنۇڭغا شۇنداق كۆنۈپ كەتكەن ئىدىمكى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ باققان ۋاقتىم بىر سائەتكىمۇ يەتمەيتتى . بىراق بۇ ئالتە ئاينى قانداق ئۆتكۈزۈش مەن ئۈچۈن بىر قىيىن مەسلە ئىدى . ئاستالا ئۇنىڭ پېشانىسىگە سۆيدۈم ... پاكىزە نۇرىنى ياتاق دېرىزىسىدىن غۇۋا تۆۈپ تۇرغان ، ئۆزىنى خىجىللىق ھېسياتلىرى بىلەن بۇلۇتنىڭ كەينىگە دالدىغا ئالدى .
ئەتىسى سەھەردە ئايرۇپلان بىلەن ئانا يۇرۇت تۇپرىقىدىن ئايرىلدىم ، بۇ ئايرىلىشنىڭ ماڭا نىمە ئېلىپ كېلدىغىننى قانداق قىسمەتلەرنى مېنىڭ يولۇمغا تاشلايدىغانلىقىنى بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق بىر ئىنسان بىلىپ بولمايتتى . ئۇنىڭ بىر ئېغىز سۆزۈم قۇلاق تۈۋۈمدە جاراڭلايتتى . ‹‹ ئۆزىڭىزنى ياخشى ئاسراڭ !!›› .

6
دوختۇرنىڭ ماڭا ئۇزاتقان قان تەكشۈرۈش قەغىزىنى قولۇمغا ئالغاندا ،  قوللۇرۇم بىلىنەر – بىلىنمەس تىتىرىدى ، كۆزلىرىم قەغەز ئۈستىدىكى ئېلىش قوشۇش بەلگىلىرىدە قانچە يۈگۈرگەن بىلەنمۇ بۇ قەغەزدە كۆرگەنلىرىگە ئىشەنمەيتتى .
- ئەيدىز ؟ - دوختۇرغا سۇئال نەزىرى بىلەن قارىدىم ، ئۇمۇ بېشىنى بىلىنەر بىلىنمەس مىدىرلاتتى . قوللۇمدىكى قەغەزگە قەيتە بىر قارىدىم . – قايتا تەكشۈرۈڭ ھازىرلا بولامدۇ ؟
- بولىدۇ – دوختۇر شۇنداق دىگىنىچە يېڭى بىر ئىشپىرىس بىلەن بېلىكىمدىن قاننى تارتتى ، مەن خىزمەت كېنىشكەمنى كۆرسىتىپ دوختۇر بىلەن بىللە قان تەكشۈرۈش بۆلمىگە كىرىپ كەتتىم ، كاللام بۇندىن بىر ئاي بۇرۇنقى مېنى ئىچكىرىدىن ئۇزۇتۇش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن سورۇندا پىرقىرايتتى .
مۇڭلۇق مۇزىكا ،  ئېسىل شاراپلار بىلەن  ئىچكىردىكى ھاياتىمىزنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئەتە شىنجاڭغا قايتماقچى بولغان سەككىز ئەركەك ، ئازادە ئايرىمخانىدا ھەر خىل سەيلەر ۋە ئېسىل شاراپلار بىلەن بىر-بىرمىزگە كۆڭۈل ئىزھار قىلىپ ئولتۇرشاتتۇق . مېنىڭ ئاز ئىچەي دىگىنىمگە ئۇنىماي ئىچۈرگەن شۇ ئازغىنە ھارقىغا مەس بولۇپ ھەممىسى بىلەن قۇچاقلىشىپ يىغلىشىپ دىگەندەك خوشلاشماقتا ئىدىم .
سەھەر ئاپپاق بىر ياتاقتىن ئورنۇمدىن تۇردۇم ، يېنىمدا ئانىسىدىن تۇغما ھالەتتە ياتقان خەنزۇ ئايال ياتاتتى ، كۆزلىرىمنى قايتا بىر ئۇۋلۇدۇم . كېچىچە نىمە ئىش قىلغىنىمنى بىلمەيتتىم . ھەممىنى قىلغىنى ئاخشام ئىچكەن ئېسىل شاراپلار ئىدى ، ياتاقتىق چىقىپ كەتتىم ۋە شۇ كۈنىلا شىنجاڭغا قاراپ ئۇچتۇم .
دوختۇر بىلەن قايتا تەكشۈرگەن قان تەكشۈرتۈش قەغىزىنى كۆرۈپ شۇ ئىپلاس ۋە نىجىس كېسەلنىڭ مېنىڭ بەدىنىمدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى جەزىملەشتۈردۈم . كۆزلىرىمگە قاراڭغۇلۇق تىقىلغان شۇ مىنۇتتا ئۆزۈمنىڭ نەقەدەر پەس ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلىۋاتاتتىم . ھەممىنى قىلغىنى شەيتان ئەمەس بەلكى مەن ئۆزۈم ئىدىم . ھەممىنى قىلغىنى ھاراق ئەمەس شۇ ھاراقنى ئىچكەن مەن ئىدىم . ھېچكىمدىن ئاغرىنىش ، خاپا بولۇش ھەققىم يوق ئىدى . پەقەت ئۆزۈمنىلا كەچۈرمەيتتىم .
ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن يەڭگىشكە ئازلا قالغان ئايالىمغا قاراپ كۆڭلۈم ئازىراق ئورنىغا چۈشتى .
- نىمە بوپسىز ؟
- شۇ ... پەسىللىك زوكام دەيدۇ ، ھەجەپ زېرىكتىم  ، ھەر پەسىل ئالمىشىدىغاندا بىر نەچچە كۈن مۇشۇنداق بوپ قالىمەن – شۇنداق دېدىمدە ياتاق ئۆيگە ماڭغاچ – بېشىم ئاغرىپ تۇرۇدۇ ، بىردەم ئارام ئېلىۋالاي – دېدىم .
يىغىن زالىدا چىۋىن ئۇچسا ئاڭلانغۇدەك ھالدا جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى . دوختۇرخانا باشلىقى ھەممەيلەنگە بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كىيىن يىغىننىڭ رەسمىي باشلانغانلىقى توغرىسىدا ئازىراقلا بىر نىمىلەرنى سۆزلىدى .
- زۇليار بۇ قېتىمقى ئۈگۈنۈشتە ئۈگۈنۈپ كەلگەنلىرىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ۋە يېڭى بىلىملەرنى ئۈگۈنۈش ئۈچۈن ئەنگىلىيەگە بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىلىدۇ . ۋاقتى جىددى سەۋەپلەر بولماي قالسا ئۇزۇنراق تۇرۇپ قالىدۇ ، بىر نەچچە كۈن ئىچىدە يول تەييارلىقىنى قىلىپ بولىشى كېرەك .
مەن بېشىمنى پەس قىلىپلا تۇراتتىم ، زۇلفىرە بولسا يېنىمدىلا ئۈن-تۈنسىز ، خۇددى بىر قىيىن تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى تاپماقچى بولغاندەك كۆزلىرىنى مىت قىلىپ يۇمماي ماڭا قاراپلا تۇراتتى . ئۇنىڭ بۇ قاراشلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي بېشىمنى تېخىمۇ پەس قىلىشقا ، ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قارىماسلىققا تىرىشاتتىم .
- رەھمەت بۆلۈم باشلىقى – ئۇنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ شۇنداق دېدىم – سىزگە كۆپ رەھمەت ، مېنىڭ ئورنۇمغا ئەۋەتىلدىغان نامزاتنىڭ ئورنىغا مېنىڭ ئىسمىمنى ئوقۇشقا ئۇنى راستىنلا قايىل قىلىپسىز ، سىزگە قانداق رەھمىتىمنى بىلدۈرشۈمنى بىلەلمىدىم – ئۇنىڭغا ئالدىنقى كۈنى ھەممىنى دىگەن ۋە دوختۇرخانا باشلىقىغا مۇشۇ توغرىسىدا ياردەم بېرىشنى ئۆتۈنگەن ئىدىم .
- بۇنداق دىمەڭ ، سىزنىڭ ھازىرقى ھېسياتىڭىزنى چۈشۈنىمەن ، بىر دوختۇر بولۇش مەسئۇليتىم بىلەن بىمارغا ھەر ۋاقىت ياردەم بېرىپ تۇرۇشۇم كېرەك – ئۇ شۇنداق دەپ قولۇمنى چىڭ سىقتى . ئۇنى قۇچاقلاپ ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىلغلىغۇم بار ئىدى . بىراق ئۇنداق قىلمىدىم ، توغرىسى ئۆزۈمنى كىچىك كۆرسەتكۈم كەلمىگەن ئىدى ، ئۇنىڭغا ئىستىپانامىنى تۇتقۇزدۇم دە ئىشخانىسىدىن چىقىپ كەتتىم .
ئۆيگە قايتىپ كېلىپ ئايالىمنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىنىچە يول تەييارلىقىمغا چۈشكىننى كۆردۈم ، ئۇنىڭ قېشىغا ماڭاي دەپ تۇرۇشۇمغا ئانام چاقىرىپ
- بالام كەلگىلى بىر ئايمۇ بولمىدىغۇ ، قارا ئايالىڭ ئېغىر ئاياق تۇرسا يەنە بىر يەرلەرگە ئۈگۈنۈشكە بارىمەن دەيسەنغۇ !
- ئانا ، مەندە نىمە ئامال ! دوختۇرلۇقىنى تاشلاپلا ئۆيگە كېلىپ بالا باقايمۇ يا ! – ئانامغا ئەزەلدىن بۇنداق تەلەپپۇزدا گەپ قىلىپ باقمىغان ئىدىم . ئاياللىممۇ داداممۇ ماڭا ھەيرنلىق ئىچىدە تىكىلىپلا قالغان ئىدى ، ئانام بولسا نىمە قىلىشنى بىلمەي يېنىمدا بىر ھازا تۇرۇپ قالغاندىن كىيىن ئاستالا ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى .
شۇنچىلىك ئېغىر ۋە ئاچچىق ئازاپ ئىچىدە ياتاق ئۆيگە كىردىم ، ھاردۇق مېنى قىينايتتى ، نىمىشقا بۇنچىلىك ھاردىغىنىمنى بىلمەيمەن ، بىراق ياشىماق بۇرۇن تەس كەلگەن بولسا ھازىر ئەتىلا ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ھېسياتتا ئىدىم . بۇنداق ھېسياتنى بىرسىگە ئىپادىلەپ بېرىشمۇ نەقەدەر قىين ھە !
ئايالىم كىرگەن بولسىمۇ بىراق بۇرۇنقىدەك ماڭا ئەركىلىمىدى ، بۇرۇنقىدەك ئارقامدىن كېلىپ قۇچاقلىمىدى ، قىچىقلىمىدى ، پەقەتلا ئېغىر بىر تىنىپ قويۇپ ئۈن تۈنسىزلا ياتتى .
- مەندىن زېرىكتىڭىزمۇ ؟ - ئۇنىڭ ئۇخلىمىغانلىقىنى بىلسەممۇ بىراق مەندىن بۇنداق سورايدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم . ئاستالا كەينىمگە ئۆرۈلدۈم ، ئۇمۇ ماڭا كەينىنى قىلىپ ياتقان ئىكەن ، كەينىدىن ئاۋايلاپ قۇچاقلىدىم ، ئۇنىڭ تومپايغان قوسقدا ئۇخلاپ ياتقىنى مېنىڭ كەلگۈسۈم ئىدى .
- ياق ، ئۇنداق ئەمەس
- نىمىشقا كېلىپلا يەنە ... – ئۇ گەپ قىلالماي قالدى
مەنمۇ نىمە دىيىشىمنى قانداق چۈشەندۈرۈشۈمنى بىلمەيتتىم . ئۇنىڭ قايسى ئويدا مەندىن بۇ سۇئاللارنى سورغانلىقىنى تېخى بىلمەيتتىم . پەقەت بىلىدىغىنىم ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى ساداقەت ۋاپا ياشلىرىنىڭ قولۇمغا ئېقىپ چۈشكىنى ئىدى . ئۇنىڭ ياشلىرىنى سۈرۈتتۈم . بىر نىمە دىگۈم كېلەتتى يۇ دىيەلمەيتتىم .
- ئەتە ماڭىدىكەنمەن ! – شۇنداق دېدىمدە ئۇنى قۇچاقلىغان قولۇمنى تارتماقچى بولدۇم بىراق قولۇم ئازىراق بىر تەۋرەنگەن سېزىمنى سەزدى – تەپتى !
- شۇنداق – ئۇمۇ كۆزلىرىدىكى يااشنى سۈرتۈپ پەرۋاسىزلا – تەپتى ، ئۇ ھەر قېتىم مۇشۇنداق تېپىدۇ ، ئانام قوسقىمغا قاراپ ئوغۇلكەن دەيدۇ . مەن تۇغقاندا سىز كېلىپ يېنىمدا تۇرامسىز ؟
- بۇ ... – مەن دەماللىققا بىر نەرسە دىيەلمىدىم ، بىراق ئۇنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ – ئامال قىلالىسام چوقۇم كېلىمەن .
ئايرىدۇرۇمدىكى يىغىن زالىدا ئايالىم ، ئاتا-ئانام ، بۆلۈم باشلىقى ۋە بىر نەچچە كەسىپدىشىم مېنى ئۇزاتتى . شۇنچىلىك غېرىپلىق ئىلكىدە ئۇلار بىلەن ئايرىم ئايرىم ، قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتۈم .بۆلۈم باشلىقىغا
- ئاتا-ئانام ، ئايالىمنى سىزگە تاپشۇردۇم ، سىزدىن ئاللاھ رازى بولسۇن – دىيەلىدىم ، ئۇنى قۇچاقلاپ يىغلىۋەتتىم . دادام
- ھەي ئەركەكتەك ئىش قىلمامسەن ؟ قېنى كېلە بىزمۇ قۇچاقلىشىپ خوشلىشايلى ، ئەينى ۋاقىتتا ئالىي مەكتەپكە ماڭغاندا قانداق خوشلاشقان ؟ - ئۇ شۇنداق دىگىنىچە مېنى چىڭ قۇچاقلاپ كۆتۈرۈپ قويدى ، ۋە بوينۇمغا سۆيۈپ قويۇپ – ئۆزۈڭنى ئاسرا ، بېرىپلا بىزگە خەۋەر قىلىۋەت – دېدى
ئانام بىلەنمۇ ئەنە شۇنداق خوشلاشتىم ، ئۇنى قۇچاقلىغان شۇ مىنۇتتا ئۇنىڭ قوينىغا سىڭىپ كىرگۈم كەلدى ، بىراق بۇ ئىشلار بەكمۇ قىيىن ، بەكمۇ قىيىن ئىدى .
- خوتۇن – ئۇنى تۇنجى قېتىم شۇنداق ئاتىدىم ، ئۇ كۆززلىرىدىكى ياشلىرىنى يۈشۈرالمايلا كۈلۈپ كەتتى ، ئۇنى ئاستالا باغرىمغا باستىم ، بۇ مىنۇتتا كاللامغا ھېچنىمە كەلمەيتى ، نە ھايا دىن ، نە ئىزادىن ئەسنا قالمىغاندەك ئىدى – ئۆزۈڭلانى ئاسراڭلار ، بالىغا قانداق ئىسىم قويۇشنى بۇرۇن دىيىشىپ بولغانغۇ شۇ بويۇنچە بولىۋەرسۇن ، مەنمۇ ئامال بولسىلا كېلىمەن – ئۇ گەپلىرىمىنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتى ، ئۆي تۇتقىلى بىر يىلدىن ئېشىشىغىلا سىلى دەپ ھۆرمەتلەپ گەپ قىلسام كۈلمەي قالامتى .
ئۇنىڭدىن كۆزۈمنى ئۈزەلمەيتتىم ، يۈرۈگۈمگە ، ئاشۇ زەئىپلىك قاپلىغان يۈرۈگۈمگە ئۇنىڭ رەسسىمنى تارتماقچى ئىدىم . ئايرۇپلان ئەمدىلا ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈشىگە ئايرۇپلان دېرىزىسىدىن ئاشۇ مەنزىرىنى قايتا بىر كۆرۈۋالماقچى بولغاندەك سىرىتقا قارىدىم . بۇ ۋاقىتتا سىرىت ئاللىقاچان ئالەم قاراڭغۇلۇقىنى كىيىپ بولغان ئىدى ...

خاتىمە ئورنىدا
ئىشىكنىڭ يەڭگىل چېكىلىشىدىن كۆزۈمنى ئاچتىم ، ئۈستىمگە ئۇخلاش كىيىمىنى ئارتتىم دە ئىشىكنى ئېچىشقا ماڭدىم . ئىشىك ئالدىدا بىر قىز مۇلازىم تۇراتتى
- ئەپەندىم ، سىزنىڭ جۇڭگۇغا ماڭىدىغان ئايرۇپلانىڭىز ئۇچۇشقا يەنە ئىككى سائەت قالدى .
- رەھمەت سىزگە !
شۇنداق دېدىم دە ئىشىكنى ياپتىم ، تازا بىر كېرلىۋەتكەندىن كىيىن مۇنچىغا چۈشۈپ ، كىيىملىرىمنى يەڭگۈشلۈدۈم ۋە ئايرۇدۇرۇمغا قاراپ ماڭدىم .
كۈتۈش زالىدا ئارام خۇدا ئولتۇردۇم ، مانا بىردەمدە جۇڭگۇ زىمىنىدىن ئايرىلغىلى 4 يىل بوپتۇ ، بۇ جەرياندا ئۆيدىكىلەر بىلەن ئايالىم بىلەن ئالاقىلىشالمىغان بولساممۇ بۆلۈم باشلىقى بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇردۇم ، ئۇمۇ ئىككى ئۈچ ئايدا بىر توردا ۋە خەت ئارقىلىق ئايالىمنىڭ ، ئانامنىڭ ، دادامنىڭ ئوماق قىزىمنىڭ رەسسىمنى ئەۋەتىپ تۇردى . ئۇلارنىڭ ھەر بىر پارچە رەسسىمنى كۆرگىنىمدە ئۇچۇپ بارغۇم ، ئۇلارغا قېتىلىپ بىر پارچە خاتىرە رەسسىمگە چۈشكۈم ، ئاشۇ خاتىرە رەسىمنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ ‹‹ مېنىڭمۇ ئائىلەم بار ›› دەپ ۋارقىرىغۇم كېلەتتى ....
بېيجىڭغا چۈشۈپلا ئۈرۈمچىگە ماڭدىغان چۈشتىن كىيىننىڭ ئايرۇپلان بېلتىدىن بىرنى ئالدىم . خۇددى بىرى كەينىمدىن قوغلاۋاتقاندەك ھېسياتتا ئايرۇپلان كۈتۈش زالىغا كىرىپ ئولتۇردۇم ، شۇ مىنۇتتا ئۆزۈمنىڭ نەقەدەر بىچارە ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلۋاتاتتىم . مېنى قوغلاۋاتقىنى قانداقتۇر بىر ئىت ئەمەس بەلكى ئەزرائىل ئىدى .
ئۈرۈمچنىڭ ئايرۇپلانىدا ئولتۇرۇپ كاللامغا نۇرغۇن سۇئاللار كېلىپ كەتتى ، شۇ سۇئاللاارنى سۈرگەن مۇشۇ كاللامغا ئۆچلىككىممۇ كېلىۋاتاتتى .
‹‹ ئۇلار مىنى قارشى ئالارمۇ ؟ ئايالىمنىڭ يۈزىگە ئاتا – ئانامنىڭ يۈزىگە قانداق قارامەن ؟ دوسلۇرۇمچۇ ؟ ئەڭ مۇھىمى ئاللاھنىڭ ئالدىغا قانداق بارامەن ؟ مېنىڭ ئاشۇ نىجىس كېسىلىم بىلەن زىمىن مېنى ئۆز قوينىغا ئالارمۇ ؟ ....›› سۇئاللارنى ئويلىغانسىرى ئۆزۈم قورقىۋاتاتتىم .
‹‹ ئايرۇپلان ئۈرۈمچى ئايرۇدۇرۇمىغا چۈشۈاتىدۇ ، ھەر قايسى يولۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك تاسمىسىنى باغلىۋىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز ››
بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقاپلا يەنە ئايرۇپلان دېرىزىسىدىن سىرىقا قارىدىم ، كۆزلىرىم غۇۋالاشتى ، ئىچىمنى بىر ئاچچىق قاپسايتتى ، يىمىرىلگەن جىسمىم ، تۈگەشكەن روھىم مېنى سوراقلايتتى ، كۆزلىرىمدىن ئاققان ياش يىرىك ئاق ئارلاشقان ساقاللىرىم ئۈستىدە بىردىن – بىردىن ئېسىلماقتا ئىدى .
‹‹ ئەنە ئاشۇ ئايرۇدۇرۇمدا مېھرىبان ئانام ، جاسارەتلىك دادام ، قەدىردان ئايالىم ، ئوماق قىزىم مېنى ساقلاپ تۇرۋاتىدۇ›، ئۆز – ئۆزۈمگە شۇنداق پىچىرلىغان ۋاقىتتا بالا ئوتىدا پۇچۇلۇنۇپ ، دادامنى يالغۇز قالدۇرۇپ قويۇپ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىپ قالغان ئانامنىڭ مېنى ئايرۇدۇرۇمدا كۈتەلمەيدىغانلقىنى خىيالمىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدىم .



ھازىرغىچە 5 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
بەرگى + 100 تەپەككۇرى كۈچلۈك، تول.
5jahanxah + 50 تەپەككۇرى كۈچلۈك
قان. + 300 تولىمۇ يېقىشلىق بىر ئ.
muzyvrak + 10 دەلىللەر يېتەرلىك
abomjan + 190 تەۋسىيە ! بەك ياخشى يې.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 650   باھا خاتىرىسى

بۇ دۇنيادا بەدەل تۆلەيدىغىنى ئەخمەقلەر .............. ھوزۇرلىنىدىغىنى ئالدامچىلار !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14326
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7929
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 528 سائەت
تىزىم: 2010-10-17
ئاخىرقى: 2015-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 11:00:04 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بېشى شۇنداق گۈزەل يېزىلىپتىكەن، ئاۋۇ ئەيدىز دىگەن نىجىس كىسەلنىڭ ئىسمى چىقىشى بىلەنلا تىنىم  شۈركۈنۈپ كەتتى.  داۋامى با ئوخشايدۇ ھە تىزراق يازسىلا بوپتىكەن،  بەك تەقەززا بولدۇم،ئاخىرىنى ياخشىراق ئاخىرلاشتۇرغىلى بۇلاما؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82775
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3195
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2012-7-11
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 11:30:53 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نېمىدىگەن تەسىرلىك! قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن! راست بولغان ئىشمۇ يە؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14326
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7929
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 528 سائەت
تىزىم: 2010-10-17
ئاخىرقى: 2015-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 11:46:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئويلىسام ئويلىسام داۋامى بادەك قىلىدۇ ، ئاندا قىمماي ياخشىراق ئىزدىنىپ باقسىلا ئاخىرىنى ياخشىراق ئاخىرلاشتۇرغىلى بۇلامۇ . خۇددى راس بوغان ئىشتەكلا تەسۋىرلەپ يېزىپسىز بەزى جايلىرىنى ، بەك تەسىرلىك چىقىپتۇ ، لىكىن ئىچى ئاچچىق بوپقالدىكە .
تەۋۋۋۋۋۋۋۋۋسىسسسسسسسسسسسسسسسسسيە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82484
يازما سانى: 1190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5776
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 207 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2014-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-7 12:09:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇھ   ئەجەپمۇ   تەستە   ئوقۇپ   بولدىما     ......لىكىن   تەسىرلككەن  داۋامى   باما

ياماننىڭ قولىدا خارلانماي تۇرۇپ ياخشىنىڭ قەدرىگە يەتمەيسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83666
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3391
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2012-8-8
ئاخىرقى: 2013-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-7 12:39:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاداش سەن بىلەن توردا كۇلۇبتا تۇنۇشقانتىم، مانا  بۈگۈن سېنىڭ ئەسىرىڭنى مۇنبەردە تۇنجى ئوقۇشۇم  ! مۇشۇنى ئوقۇپ  ساڭا  يەنە بېر قېتىم قايىل بولدۇم ھەن قول قۇيدۇم  ، بۇرۇنقى يازمىلىرىڭنىمۇ بىربىرلەپ كورۇپ چىقىمەن!  سىنىڭ ئەسەرلىرىڭنىڭ تېخىمۇ ياخشى تېخىمۇ نادىر چىقىشىغا چىن دىلىمدىن تېلەكداشمەن!! قۇلۇڭغا  دەرت  كەلمىسۇن!  مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى  داۋاملىق يېزىپ  تۇرىشىڭغا ئۈمۈدداشمەن!!!

ئۈمۈد ۋە جاسارەت

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72773
يازما سانى: 222
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3816
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 175 سائەت
تىزىم: 2012-1-8
ئاخىرقى: 2014-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-7 01:13:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى يوق ئوخشايدۇ ، بولسا ئەسكەرتىپ قۇيار ئىدى ............

شۇنداق ياخشى يېزىلىپتىكەن ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   amalsiz★man تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-7 01:15 AM  


سەبىر ئەڭ ياخشى تاللىشىمدۇر .......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6968
يازما سانى: 489
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 19844
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 1932 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-7 06:12:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
abomjan يوللىغان ۋاقتى  2012-9-6 11:00 PM
بېشى شۇنداق گۈزەل يېزىلىپتىكەن، ئاۋۇ ئەيدىز دىگەن نىج ...

داۋامى يوق ئىدى ، ئاخرىغا ئەكەرتىپ قويىمەن دەپ ئېسىمدە يوق ، بولسا باشقۇرغۇچىلار ئەسكەرتىپ قويسىمۇ بوپتىكەن !

بۇ دۇنيادا بەدەل تۆلەيدىغىنى ئەخمەقلەر .............. ھوزۇرلىنىدىغىنى ئالدامچىلار !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6968
يازما سانى: 489
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 19844
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 1932 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-7 06:13:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
AYGUZAL007 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-7 12:09 AM
ئۇھ   ئەجەپمۇ   تەستە   ئوقۇپ   بولدىما     ......لىكىن   تەسىر ...

داۋامى يوق تۈگىدى ، ياقتۇرغۇنىڭزدىن خۇرسەنمەن !

بۇ دۇنيادا بەدەل تۆلەيدىغىنى ئەخمەقلەر .............. ھوزۇرلىنىدىغىنى ئالدامچىلار !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6968
يازما سانى: 489
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 19844
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 1932 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-7 06:13:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇڭچى يوللىغان ۋاقتى  2012-9-7 12:39 AM
ئاداش سەن بىلەن توردا كۇلۇبتا تۇنۇشقانتىم، مانا  بۈگۈن ...

قوللاپ قۇۋەتلىگىنىڭگە رەھمەت ئاداش

بۇ دۇنيادا بەدەل تۆلەيدىغىنى ئەخمەقلەر .............. ھوزۇرلىنىدىغىنى ئالدامچىلار !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش