مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2103|ئىنكاس: 22

ساھىپجامال خانىمنىڭ تولۇق تەرجىمھالى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77386
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3544
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2012-3-13
ئاخىرقى: 2012-12-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 01:36:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ساھىبجامال دۆلەت1967-يىلى 10-ئايدا خوتەن ۋىلايىتىنىڭ چىرا ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىنلا تەبىئەت ھادىسلىرى ۋە فىزىكا ئىلمىگە ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغانلىقى تۈپەيلى ئالي مەكتەپتە فىزىكىدا ئوقۇشنى تاللىدى، 1985-يىلى شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن جاپاغا چىداپ تىرشىپ ئۆگىنىپ ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇشنى تاماملاپ 1990-يىلى تېخىمۇ يۇقىرىلاپ ئوقۇش ئارزۇسى بىلەن بىر تۇتاش ئېلىندىغان ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئمتىھانىغا قاتنىشىپ يۇقىرى نەتىجە بىلەن ئۆتۈپ شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتىنىڭ نەزەرىيە فىزىكىسى كەسپىدە ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئوقۇشقا كىردى. 1995 -يىلى ئۇ ئىتالىيە خەلقئارا نەزەرىيە فىزىكىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ يۇقىرى ئېنېرگىيە فىزىكىسى تەتقىقات گۇرۇپپىسىدا ماگىستىر ئاسپىرانتلار دەرىسلىگى بويىچە بىر يىل بىلىم ئاشۇرۇشنى قولغا كەلتۈردى. 1998-يىلىدىن باشلاپ ئۇ يەنە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ نەزەرىيە فىزىكىسى تەتقىقات مەركىزى بىلەن گېرمانىيە بونن ئۇنىۋېرىستېتى بىرلىشىپ تەشكىللىگەن دوكتورلۇق ئوقۇش نوقتىسىغا ئوقۇشىغا كىردى. ئوقۇش،ئوقۇش نەتىجىسىنى باھالىتىش،دىسرتاتسىيە ياقىلاشقىچە بولغان بارلىق ھالقىلارغا خەلقىراۋىي ئۆلچەم قويدى.ئوقۇش ۋە تەتقىقاتنىڭ چىن بولىشىنى مېزان قىلدى.ئوقۇش ۋە تەتقىقاتنىڭ چىنلىقىدىن كۇچ قۇۋۋەتكە تولغان ساھىپجامال ۋە ئۇنىڭ يىتەكچى ئوقۇتقۇچىسى باھالىغۇچىلارنى تاللىغاندا كەسپى جەھەتتە نوپۇزى كۈچلۈك ۋە شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا كەسپى تەلىپى يۇقىرى خەلقاراۋىي فىزىكا ئالىملىرىنى تاللاپ ماڭدى. شۇنداق قىلىپ ساھىپجامال ئوقۇش ھاياتىدىكى ھەر بىر ئۆتكەلدىن مەردانە ۋە يىتەرلىك كەسپى شەرىپى بىلەن ئۆتۇپ كەلدى.

ساھىبجامالنىڭ دوكتۇرلۇق ئوقۇشىدا ياقىلىغان دىسرىتاتسىيىسىنىڭ تېمىسى «كونفورمال مەيدان نەزەرىيىسىنىڭ تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى» ئىدى. ئەينى چاغدا مەركىزى زەررەت c=2 بولغان كونفورمال مەيدان نەزەرىيىسىگە نىسبەتەن فىرانسىيىلىك داڭلىق فىزىكا ئالىمى دىجگىراف(R. Dijkgraaf)، ۋېرلىندى (Verlinde)ئاكا-ئۇكىلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلە ئۈستىدىكى دەسلەپكى ئىزدىنىشلىرىدە بەزى پەرەزلەرنى ئوتتۇرغا قويغان بولسىمۇ كىشىنى قايىل قىلىدىغان ھەل قىلىش ئۇسۇلى تېخىچە ئوتتۇرغا چىقمىغان ئىدى. ساھىبجامال ئۇ يەر بۇيەردىن يۇلۇپ ئېلىنغان نەرسىلەرنى بىر-بىرىگە ياماپ ئۆتكەلدىن ئۆتۇشكىلا يارايدىغان ئىلمىلىك تونىدىكى ئەپسۇن ماقالىسى يېزىشقا ئەمەس بەلكى  مۇشۇنداق ھەقىقى ۋە نەق ئىلىم مەسىلىسىگە كۆز تىكتى.ئۇ جاپالىق ئىزدەندى،كەسپى تەپەككۇرىدا تىغدەك خارەكتېرىنى،ئېتىلغان ئوقتەك تايماسلىقىنى نامايەن قىلدى،تەتقىقاتىنى بۇ تەرزدە بوشاشماي ئىزچىل ئېلىپ بېرىپ بۇ سېستىمىدىكى سىممىترىكلىك قانۇنىيەتنى كۆردى ۋە كۆرگىنى بويىچە ئۇنىڭ مەنتىقىسىنى خۇلاسىلاپ ۋە يەنىمۇ تەدبىقلاپ كونفورمال مەيدان نەزەرىيەسى تەتقىقاتىنى يۇكسەلدۇردى.شۇنىڭ بىلەن  «مەركىزى زەررەت c=2 بولغان كونفورمال مەيدان نەزەريىسىنى تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى» دىن ئىبارەت بۇ چىگىش مەسلە ھەل بولۇپ، ئەينى چاغدا خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ژورنال «يۇقىرى ئېنىرگىيە فىزىكا ژورنىلى» بۇ تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. ئارقىدىنلا ساھىپجامال يەنە « مەركىزى زەرەت c=3، N=2 بولغان ئولترا كونفورمال مەيدان نەزەرىيىسىنىڭ تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى»دىن ئىبارەت نەزەرىيە فىزىكىسى ساھەسىدە دۇنيادا ھەل قىلىش تەس بولۇپ كېلىۋاتقان يەنە بىر قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلدى. ساھىپجامالنىڭ ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىدا ئىشلىگەن بۇ خىزمەتلىرى خەلقئارادا ئالدىنقى سەۋىيىدە  بولۇپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى نۇرغۇنلىغان مۇتەخەسىسلەر دوكتور بولغىلىۋاتقان بۇ قىزغا  قايىل بولماي تۇرالمىدى. دۇنياغا  داڭلىق نەزەرىيە فىزىكا ئالىمى ۋ. نام(W.Nahm) ئۆزىنىڭ باھالاش سۆزىدە مۇنداق دەيدۇ:« بۇ نەزەرىيىۋى تۈرلەرنى تەتقىق قىلشقا بىرقىسىم ئالىملار ئۇرۇنۇپ باققان. لېكىن مەسىلە ئويلىغىنىدىنمۇ بەكرەك مۇرەككەپ بولغىنى ئۈچۈن، ئۈزۈل-كېسىل ھەل بولمىغان ئىدى. مانا ئەمدى ساھىبجامالنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى بۇ مەسىلىنىڭ يېشىمىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلەتتى. چۈنكى، ئۇ يۈكسەك تىرىشچانلىقى بىلەن، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان نۇرغۇن تەتقىقات گۇرۇپپىلىرىنى قىزىقتۇرۇپ كەلگەن بۇ تۈگۈننى ئاخىرى يەشتى. ئۇنىڭ ماقالىسىنى تامامەن مۇنەۋۋەر باھالاشقا بولىدۇ. ساھىبجامال ھازىر دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئېلىش سالاھىيىتىنى تولۇق ھازىرلىدى ». پروفېسسور نىللېسمۇ ساھىبجامالنىڭ ماقالىسىنى باھالاپ مۇنداق تەكىتلەيدۇ :« ساھىبجامال ئۆز ماقالىسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ فىزىكاشۇناسقا خاس پەزىلىتىنى ئىسپاتلىدى. بولۇپمۇ، ئۇ ماقالىدىكى ماتېماتىكىلىق قۇرۇلمىلارنى ناھايىتى چوڭقۇر چۈشۈنۈپ يەتكەنلىكى ئۈچۈن ھەيران قالارلىق، ئىنتايىن مۇھىم ۋە يېڭى مۇۋەپپەقىيەتنى ۋۇجۇدقا چىقىرالىغان. كېسىپ ئېيتىمەنكى، ئۇنىڭ ماقالىسىنى مۇنەۋۋەر باھالاشقا بولىدۇ . خەلىقئارالىق ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم بويىچە بولغاندىمۇ، ئۇ دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئېلىشقا تامامەن ھەقلىق ». پروفېسسور رويمېر ئۆزنىڭ باھالاش سۆزىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ :« ساھىبجامال تاللىغان بۇ تېما يۈكسەك ماھارەتنى، ئۇستىلىق بىلەن تەشكىللەشنى ۋە بىر-بىرىگە ئىرماش-چىرماش بوپ كەتكەن ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغان نەزەرىيە فىزىكىسى ساھەسىدە بۆسۈپ ئىلگىرىلەشنى تەلەپ قىلىدىغان  قىيىن مەسىلىدۇر. ساھىبجامالنىڭ ئەلا نەتىجىسى مەندە ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى. شۈبھىسىزكى، ئۇ دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئېلشىقا پۈتۈنلەي مۇناسىپ » . داڭلىق نەزەرىيە فىزىكىسى ئالىمى فلومىي مۇنداق دەيدۇ: «ساھىپجامالنىڭ ۋېنالاند بىلەن بىرلىشىپ يازغان ماقالىسى (دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، دۇنيادا تەسىرى بار بىر ئىلمى ژورنالدا ئېلان قىلىنغان) نوپۇزلۇق پايدىلىنىش ماتېرىيالىغا ئايلىنىدۇ». بۇ يەردە شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ئالىم فلومىينىڭ «نوپۇزلۇق پايدىلىنىش ماتېرىيالىغا ئايلىنىدۇ» دېگىنى «نەزەرىيە فىزىكىسى تارىخىغا يېزىلىدۇ» دېگەنلىك بولۇپ، ئۇ ئىنتايىن بۈيۈك باھا ئىدى.

2000-يىلى، ساھىبجامال گېرمانىيە بونن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دوكتۇرلۇق ئىلمىي ماقالىسىدا ئىككى ئۆلچەملىك كونفورمال مەيداننىڭ تۈرلەرگە بۆلۈنۈشىدىن ئىبارەت قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئارقىلىق فرانسىيە نەزەرىيە فىزىكا ساھەسىدىكى داڭلىق تەتقىقاتچىلارنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى قىياسىنىڭ خاتالىقلىرىنى تۈزەتتى ۋە ئۆزىنىڭ تولۇق ئىسپاتىنى ئوتتۇرغا قويدى. ئۇ فىزىكا ئىلمىنىڭ قىيىن ساھەسىدىكى مەسىلىنى ھەل قىلغانلىقتىن ئىبارەت كۆرۈنەرلىك نەتىجىسى بىلەن « جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ مۇنەۋۋەر دوكتور ئاسپىرانتى » دېگەن شەرەپكە ئېرىشتى. شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇكى، ساھىپجامال دۆلەت قىسقىغىنە ئىككى يىل ئىچىدە نۇرغۇنلىغان تەتقىقات گۇرۇپپىللىرى قىزىقىپ كەلگەن مۇھىم مەسىلىنى ھەل قىلىپ ئەلا نەتىجە بىلەن دوكتورلۇق ئوقۇشنى تاماملىدى. بۇ خىل ئەھۋال جوگگودىلا ئەمەس خەلقئارادىمۇ ناھايىتى كەم ئۇچرايدۇ.

2002-يىلى ساھىبجامال يەنە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى يۇقىرى ئېنىرگىيە فىزىكا ئىنىستىتوتىغا دوكتور ئاشتى سالاھىيەت بىلەن ئىككى يىللىق تەتقىقات خىزمىتىگە چۈشتى. بۇ جەرياندا تېخىمۇ كەڭ ساھەدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ھەمدە ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ياپۇنىيە يۇقىرى ئېنېرگىيىدە تېزلەتكۈچ تەتقىقات ئورنىغا كۆپ قېتىم زىيارەتكە بېرىش ئارقىلىق زەررىچىلەر فىزىكىسى ساھەسىدە كىشىنى خۇشال قىلارلىق نەتىجىگە ئېرىشتى.

2004-يىلى ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يەنە داۋاملىق زەررىچىلەر فىزىكىسى ۋە ئېلېكترودىنامىكىنىڭ پۈتۈن گەۋدىلىك ئېففېكتى توغرىسىدا تەتقىقات بىلەن شوغۇللاندى. 2011-يىلى 4-ئاي مەزگىلدە ماگىستىر ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىسى ماكەينى يىتەكلەش جەريانىدا ماتېريال كۆرۈۋېتىپ ئامېرىكىنىڭ داڭلىق فىزىكا ئالىملىرىدىن پەشكىن بىلەن لېپكىننىڭ فىزىكا ساھەسىدە دۇنيادا ئەڭ نوپۇزلۇق ژۇرنال «فىزىكا ئوبزورى تېز خەۋەرلەر ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدە «ئاخارونوۋ-كەشېر ۋە سىكاليارلىق ئاخارونوۋ-بوم ئېففېكتى تار دائىرىلىك ئېففېكت» دەپ چىقارغان يەكۈنى بىلەن ئۆزىنىڭ يۇقارقى مەسىلىگە بولغان تونۇشىنىڭ پەقەتلا ئوخشىمايدىغانلىغىنى بايقىدى. « ئۇلارنىڭ ماقالىسىنى كۆرۈپلا مەن ئۇلارنىڭ خاتالىقىنى بايقىدىم» دەيدۇ ساھبجامال ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ، «  ئامېرىكالىق بۇ ئىككى نەپەر فىزىكا ئالىمى نىسپىيلىك تىپىدا بولمىغان تەقرىبىيلىكنى ئىشلىتىپ ئۆزىنىڭ يەكۈنىگە ئېرىشكەن، بىراق بۇ مەسلىنى نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنى ئاساس قىلىپ ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ».

ساھىبجامال ماقالىسىدە بۇ مەسلىگە قارىتا ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ۋە ماتېماتىكىلق ئىسپاتىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەمدە بۇ ئىككى نەپەر ئامېرىكا فىزىكا ئالىملىرىنىڭ خاتا نوقتىلىرىنى كۆرسىتىپ بەردى. پروفېسسور ساھىبجامال يەنە مۇنداق ئويلىدى: «دەرۋەقە ئۇلارنىڭ ماقالىسى فىزىكا ئوبزورى تېز خەۋەرلەر ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغانىكەن، بىزمۇ ماقالىمىزنى شۇ ژۇرنالدا ئېلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ خاتا جايلىرىنى كۆرسىتىپ، بۇ مەسىلىنىڭ توغرا فىزىكىلىق ئاساسىنى كۆرسىتىشىمىز كېرەك ». شۇنداق قىلىپ ساھىپجامالنىڭ «ئاخارونوۋ-كەشېر ۋە سىكاليارلىق ئاخارونوۋ-بوم توپولوگىيەلىك ئېففېكتى» ناملىق ماقالىسى 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى «فىزىكا ئوبزورى تېز خەۋەرلەر ژۇرنىلى» تەرپىدىن ماقۇل كۆرۇلۇپ بۇ ژورنالنىڭ مۇھىم ئىلمى ماقالىلەر سەھىپىسىدە ئېلان قىلىندى. شۇ نوقتىغا دىققەت قىلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇكى، بۇ ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكى فىزىكا تەتقىقاتچىللىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەت « فىزىكا ئوبزورى تېز خەۋەرلەر ژۇرنىلى» (Physical Review Letters) دا ماقالە ئېلان قىلىشى ھېسابلىنىدۇ، مەملىكىتىمىز تەۋەسىدىمۇ بۇ ژورنالدا ماقالە ئېلان قىلىش ناھايتتى ئاز ئۇچرايدۇ. ھەتتا ئامىرىكا ئۇنىۋېرسىتلىرىدىمۇ بۇ ژورنالدا ماقالە ئېلان قىلىشنىڭ ئۆزى  چوڭ ئۇتۇق سانىلىپ تەبرىكلىنىدۇ.

1873-يىلى ماكسىۋېل ئېلېكترودىنامىكىنىڭ ھەرىكەت تەڭلىمىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئېلېكتر مەيدان كۈچىنىشى ۋە ماگنت ئىندۇكسىيە كۈچىنىشى قانائەتلەندۈرىدىغان دېففېرىنسىئال تەڭلىمىلىرى ئارقىلىق ۋاكۇئۇمدىكى ئېلېكتروماگنىت مەيدانىنى تەسۋىرلىدى، بۇ ئەينى زاماندا كىشىلەرگە ناھايىتى سىرلىق نەزەرىيە بولۇپ تۇيۇلغان ئىدى. 1886-يىلى ھېرتس بۇ نەزەرىيىدىن پايدىلىنىپ ئېلېكتروماگنىت دولقۇنىنى بايقاپ سىمسىز ئالاقىلىشىش ۋە زامانىۋى ئۇچۇر يەتكۈزۈش ساھەسىنىڭ تەرەقىياتىغىلا ئەمەس ھازىرقى زامان ئوپتىكا شۇنداقلا ئاتوم فىزىكىسى ساھەسىنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ زور ئاساسلارنى سالدى.  ھالبۇكى ماكسۋېلنىڭ نەزەرىيىسى پەقەت ئېلېكتروماگنىت مەيدانىنىڭ تار دائىرىلىك ئېففېكتىنىلا چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيتتى، شۇڭا 1959-يىلى ئاخارونوۋ بىلەن بوم ئېلېكتروماگنىت مەيدانىنىڭ پۈتۈن گەۋدىلىك ئېففېكتىنى ئوتتۇرغا قويدى، ئېلېكترون چەكسىز ئۇزۇن توكلۇق سولىنوئىدنىڭ ئەتراپىدىن ئۆتكەندە سولىنوئىدنىڭ ئىككى تەرىپىدە پەقەت ئېلېكتېر پوتېنسىئالىلا نۆلگە تەڭ بولمىغاندىن سىرت ئېلېكتېر مەيدانى ۋە ماگىنت مەيدانى مەۋجۇت بولمىغاچقا بۇ جەرياندا ھېچقانداق فىزىكىلىق ئېففېكىت مەۋجۇت بولماسلىقى كېرەك ئىدى، لېكىن ئاخارونوۋ بىلەن بوم نەزەرىيىۋى جەھەتتىن سولىنوئىدنىڭ ئىككى تەرپىدىن ئوخشاش بولمىغان يول بىلەن ھەرىكەت قىلغان ئىككى ئېلېكتىرون دەستىسىنىڭ ئىنتېرفېرېنسىيە تىلىمچىلىرىدە سولىنوئىدتىن توك ئۆتمىگەن ئەھۋالغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۆزگۈرۈش يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى. بۇخىل ھادىسە بەلگىلىك دائىردىكى بوشلۇقتا يۈز بېرىدىغان ھەم مەلۇم بىر نۇقتا ئەتراپىدا تار دائىرىلىككە ئېگە بولىدىغان فىزىكىلىق ئېففېكىتكە ئوخشىمايدىغان بولۇپ ئېلېكتروماگنىت مەيدانىنىڭ پۈتۈن گەۋدىلىك ئېففېكتى دەپ ئاتىلىدۇ. كېيىن فىزىكا ئالىملىرى ئېلېكتروماگنىت مەيدانىنىڭ يەنە باشقا پۈتۈن گەۋدىلىك ئېففېكتىلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى، مەسىلەن زەرەتلىك تاياقچىنىڭ نېيتروننىڭ ئىنتېرفېرېنسىيە تىلىمچىلىرىدا ئۆزگىرش پەيدا قىلىشى قاتارلىقلار، بۇ ئېففېكتلارنىڭ بىر قىسىملىرى ھازىرقى تەجرىبە شارائىتىنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلى تېخى بايقالمىغاندىن سىرت كۆپ قىسىملىرى تەجرىبىدە ئىسپاتلىنىپ چىققان بولسىمۇ، لېكىن، ھازىرغا قەدەر ئۇلار تېخى بىرلىككە كەلگەن نەزەرىيە بىلەن تەسۋىرلەنگىنى يوق، ھەتتا بۇ ھەقتە بىرمۇنچە خاتا كۆزقاراشلارمۇ مەۋجۇت. ئامېركىلىق فىزىكا ئالىملىرى پەشكىن بىلەن لېپكىن پەقەت توكلۇق سولىنوئىدنىڭ سىرتىدىكى ئېلېكتر پوتېنېسىئالىلا پۈتۈن گەۋدىلىك ئېففېكتىنى پەيدا قىلالايدۇ، باشقىلىرى بولسا ئېلېكتروماگنىت مەيدانىنىڭ پۈتۈن گەۋدىلىك ئېففېكتى ئەمەس دەپ قارايدۇ. پروفېسسور ساھىبجامال بولسا ئۆزىنىڭ يېقىنىقى يىللاردىن بۇيانقى ئىلمى تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسەن، بىرلىككە كەلگەن نوقتىنەزەر بىلەن توغرا ھالدا ئېلېكتروماگنىت مەيدانىنىڭ پۈتۈن گەۋدىلىك ئېففېكتىنى بايان قىلىپ يېقىنقى 30 يىلدىن بېرى ئۇدا تالاش-تارتىش قىلىنغان خەلىقئارالىق قىيىن مەسلىنى ھەل قىلدى.

بۇلارنى كەسپ سىرتىدىكى كىشىلەرگە ھىس قىلدۇرۇش ئۇچۇن كەسپىنىڭ نەق ئۆزى  بولمىغان گەپ بىلەن يېغىنچاقلىساق مەلۇمكى ئادەتتە  خەلقىراۋىي جورناللاردا ئېلان قىلىنغان ماقالىلار دىن 3-4 قىتىمدىن  ئارتۇق نەقىل ئېلىنسا ئۇ ماقالە دىققەتنى قوزغىغان ماقالە ھىساپلىنىدۇ.10قېتىمدىن ئارتۇق نەقىل ئېلىنسا ئۇ ماقالە تەسىرى بار ماقالە ھىساپلىنىدۇ.100 قېتىمدىن ئارتۇق نەقىل ئېلىنسا ئۇ ماقالە تەسىرى زور ماقالە ھىساپلىنىدۇ.ئەگەر بىر تەتقىقاتچىنىڭ ھەممە ئېلان قىلىنغان ماقالىسىنىڭ نەقىل ئېلىنىش سانى بىرەر يۇزدىن ئاشقان بولسا ئۇ ئادەمنىڭ ئۆزىمۇ خەلقارادا شۇ تەتقىقات ساھەسىدە زور تەسىرى بار تەتقىقاتچى ھىساپلىنىدۇ. ساھىپجامال دۆلەت خەلقارادىكى نوپۇزلۇق جورنال تەسىرچانلىق كۆرسەتكۇچى 1.7 بولغان «فىزىكا ئوبزورىA( physics review A)»، تەسىرچانلىق كۆرسەتكۇچى 5 بولغان «فىزىكا ئوبزورى D ( physics review D) ، lettrs,physics review,physics reviewB, , review C, ,physics review)قاتارلىق بەش جورنالدا بەش پارچە ،,physics review B,The Eurpean physical journal C Particles and Field,Jour nal of High Energy Physics,Chinese Physics B,International Journal of theoretical Physics,The European Physical Journal A,Hadrons and Nuclei,Chinese Physics C ,Journal of Physics A,Mathematical and Geniral,Physics Scripta قاتارلىق ژورناللاردائون پارچە ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ ،ئوخشاش سەۋىيىدىكى ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان ماقالىلاردا 208 قېتىمدىن ئارتۇق نەقىل ئېلىنغان.دىمەك بۇنىڭدىن كۆرۇشكە بولىدۇكى پراففىسور ساھىپجامال دۆلەتنىڭ ماقالىلىرى مەيلى ئېلان قىلىنغان ژورناللارنىڭ كەسپى نوپۇزى جەھەتتىن بولسۇن ،ياكى نەقىل ئېلىنىش قېتىم سانى جەھەتتىن بولسۇن فىزىكا تەتقىقاتىدا شىنجاڭدا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا، پۇتۇن جوڭگونىڭ ئۆزىدىمۇ ناھايىتى يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغانلىغىنى دەلىللەيدۇ

ئەجىر ئۇتۇقنىڭ ئانىسى

تەبئىكى تەبئى پەن تەتقىقاتى شەخسنىڭ ئۆز سوبىكتىدىن مۇتلەق سويۇنۇپ ماددا بىلەن ماددا بولۇپ يىتەرلىك كۇزۇتۇشنى تەلەپ قىلىدىغان تولىمۇ سوغاق ۋە قۇرغاق بىر جەريان. بۇنداق بىر جەريان كىشىدىن ئادەتتىن تاشقىرى بىر ئىخلاسمەنلىك ئۇستىگە قۇرۇلغان مېھنەت ۋە تەمكىنلىكنى تەلەپ قىلىدۇ.كىشىنى بىزار قىلىدىغان ئىنچىكىلىك ئىچىدە تەبىئەتنىڭ ئەسلى نازاكىتى بىلەن پارالىل مېڭىشقا،ئۇچراۋاتقان ھەر توقاللاردا سەنئەت يارىتىپ ۋەس-ۋەسىنىڭ بورانلىرىدا تەڭرى تېغىدەك مەزمۇت تۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ.بۇ جەھەتتە لاياقەتلىك بولۇش بىلەن قەلبىدە ئىسىللىق ،ئاكسۆڭەكلىك شەكىللەندۇرۇپ فىزىكا پېنىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى ئىچىدە ئەڭ قىيىن،پەقەت ئۇنىڭغا پۇتۇن تۇرمۇشى ۋە ھاياتىنى بەرگەندىلا نەتىجە چىقىرالايدىغان نەزىرىيەفىزىكىسىدا تەبئىتى ساپالىق تىما ئىستەيدىغان ۋە يۇقۇرقىدەك نەتىجىلەرنى يارىتىشقا مۇيەسسەر بولغان ساھىپجامالنىڭ ھەر تاۋلاقلاردا ئاققۇزغان تەرى ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئالتۇن بويى بىلەن تەڭ بولسا بولىدۇكى ئۇنىڭدىن ئاز ئەمەس.شۇڭا   ساھىپجامال دۆلەتنىڭ ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدىكى ئوقۇش ھاياتىنى ئەسلەپ ؛ ماگىستىرلىق ئوقۇشى جەريانىدىكى دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق  ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىنىڭ كەمچىل بولۇشى ئىدى ... شۇ سەۋەبتىن نەچچە رەت يىغلاپمۇ تاشلىغان ھەتتا ماگىستىرلىق ئوقۇشىنى تاشلىۋېتىش ئويىدىمۇ بولغان دىگەن ناھايىتى يۇمشىتىلىپ ئېيتىلغان گەپنى ئۆز چىنلىقى ۋە كەڭلىكىدە تەسەۋۇر قىلماق تەس ھەم ئۇنى مۇنداق قىسقا نوقۇل كەسپى توغرىسىدىكى گەپلەر بىلەن ئىپادىلەشمۇ مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا ئۇنىڭ ئىتالىيە خەلقئارا نەزەرىيە فىزىكا تەتقىقات ئورنىغا ئۆگىنىشكە ئەۋەتىلگەندىن كېيىن، ئۇ يەرنىڭ كۇتۇپخانىسىدىكى كىتابلارنى كۆرۈپ، يېڭى ئۈمىدنى، يېڭى دۇنيانى كۆرگەندەك بولۇپ، قايتىدىن كۈچكە تولىشى ۋە ئوقۇش ئىستىكىنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىشى ئاشىقنىڭ مەشۇقىنى كۆرۇپ تارتىۋاتقان پۇتۇن جاپالىرىنى دەرھاللا ئۇنتىغاندەك بولغىنىدەكلا بىر ئىش. ساھىبجامالنىڭ ئۆزىنىڭ شۇ چاغلاردىكى ئوقۇش ھاياتىنى ئەسلەپ : « ئۇچاغلاردا ھەممەيلەن ماڭا قايىل بولۇپ ماختىشىپ كېتەتتى. قىز ئوقۇغۇچى تۇرۇپ مۇشۇنداق بىر قىيىن ساھەنى، يەنى كونفورمال مەيدان نەزەرىيىسىنى تۈرلەرگە بۆلۈش مەسلىسىنى تاللىغانلىقىمدىن ھەيران قالاتتى. لېكىن مەن مۇئەللىمىگە ئەگىشىپ ئۆگىنىش جەريانىدا، ئەزەلدىن بۇ ساھەنى ئەڭ قىيىن دەپ ئويلىمايتتىم »دىگەنلىرىدىمۇ بۇ نۇقتا مانا مەنلا دەپ تۇرىدۇ. بەلكىم ساھىپجامالنىڭ فىزىكا نەزىرىيىسىدىكى ئەقلى گۇزەللىككە بولغان سۆيگۇسى پەيدا قىلغان مەزمۇت ئىخلاسى ئۇستىدىكى مېھنىتىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭ يولدىشى كۇزەتكەن مۇنۇ ۋەقەلىكتىن ئەينەنرەك كۆرۇش مۇمكىن؛ 1999-يىلى 4-ئايدا، ساھىبجامال گېرمانىيىدە ئوقۇش – تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغىلى چىقىپ كېتىپ بىر يىل بولغان چاغدا ئۇنىڭ يولدىشى تۇرغۇن ئۇنى يوقلاپ بارىدۇ. يولغا چىقىشتىن بۇرۇن ساھىبجامال يولدىشىغا بىر-ئىككى قۇر ئۇزۇن يەڭ كىيىم ئېلىۋېلىشنى ئېيتىدۇ. تۇرغۇن گېرمانىيىگە بارغاندىن كېيىن، ئۇيەردە ھاۋانىڭ بۇرۇنلا ئىسسىپ كەتكەنلىكىنى، سىرتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قىسقا يەڭ كۆينەكلەرنى كىيىپ يۈرۈشۈۋاتقانلىقنى بايقايدۇ ۋە نېمە ئۈچۈن ساھىبجامالنىڭ ئۇنىڭغا قىسقا يەڭ كىيىم ئېلىۋېلىشنى ئېيتمىغانلىقىدىن ھەيران بولىدۇ. تۇرغۇن ساھىبجامال بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن بۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى بىلىپ يېتىدۇ. ئەسلىدە ساھىبجامال گېرمانىيىگە بارغاندىن كېيىن، ۋاقىت تېجەش ئۈچۈن ھەركۈنى قاق سەھەردىلا ئىشخانىغا بېرىپ، خېلى كەچ بولغىچە ئىشلەيدۇ. چۈشلۈك تاماقنى مەكتەپنىڭ ئاشخانىسىدىن يېگەندىن باشقا كۆپ ۋاقىتلاردا ئىشخانىسىدىلا بولكا، ئالما بىلەن قورساق تويغۇزىدۇ. بۇ جەرياندا كۈندۈزى سىرتقا چىقمىغانلىقى ئۈچۈن، ھاۋانىڭ ئىسسىپ كەتكەنلىكىنى، قىسقا يەڭ كىيىم كىيىدىغان پەسىلنىڭ كىلىپ قالغانلىقىنى بىلمەيلا قالىدۇ. تۇرغۇننىڭ گىپىچە بولغاندا :« ساھىپجامال خىزمەت، ئۆگىنىشكە كىرىشىپ كەتسە كېچە-كۈندۈز دېمەيدۇ، بايرام-دەم ئېلىش كۈنى دىمەيدۇ. تەتقىقات ئىشلىرىغا ئەزەلدىن شۇنداق بېرىلىپ ئىشلەيدۇ ». شۇڭلاشقىمۇ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تۇرغۇن ئائىلىنىڭ ئىشلىرىنى ئىزچىل ھالدا ئۆزىنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ، ساھىپجامالنى قوللاپ كەلدى.


ساھىپجامالنىڭ بۇ قېتىمقى كەسپى نەتىجىسىنىڭ ئەھمىيىتى

فىزىكا ئەزەلدىن تەبىئەت ئىلىملىرىنىڭ بىسى بولۇپ كەلگەن ئىلىم بولۇپ ،ئۇنىڭدىكى ھەر بىر بايقاش ھەر ساھەدە غايەت زور ۋە چوڭقۇر ئۆزگۇرۇشلەرنى پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن،توكنىڭ، ياكى ئاساسى زەررىچىلەرنىڭ بايقىلىشى ۋە ئېلىكتېر ھادىسىلىرىنىڭ نەزىرىيىۋى مۇكەممەللىككە ئۇلىشىشى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. گەرچە ماكسىۋېل 1873-يىلى ئوكسفورد ئۇنىۋېرستېتىدا ئېلېكتروماگنىت نەزەرىيىسىدىن دوكلات بەرگەندە پەقەت بەشلا ئادەم ئاڭلىغان بولسىمۇ. لېكىن ئۇنىڭ بۇ نەزەرىيىسى ئاتوم دەۋرى ۋە ئۇچۇر دەۋرىگە مۇھىم ئاساس سېلىپ بەردى، شۇنداقلا  پەن-تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئىككى يۈز يىللاردىن بۇيان توختىماي ئىزدىنىشىنىڭ نەتىجىسىدە، ھازىر دۆلەت مۇداپىئەسىدىن تارتىپ، سەھىيە-ساقلىقنى ساقلاش،كۇندىلىك خەۋەرلىشىشقىچە بولغان كەڭ ساھەلەردىكى نۇرغۇن يۇقىرى پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىدا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.

ئەلۋەتتە فېزىكا تارىخىدا مېخانىكا ساھەسىنى مۇكەممەل سېستىمىلىق نەزىرىيىۋەلەشتۇرگەن نىيوتۇن ۋە ئېلىكتېر ماگنىت ئىلمىدە نىيوتۇندەك تۆھپىسى بىلەن چاقناپ تۇرىدىغان ماكسىۋېل فىزىكىدىكى بۇيۇك گېگانتلار ھىساپلىنىدۇ.ساھىپجامال تەتقىق قىلىپ ئۇتۇق قازانغان تىما ماكسۋېل نەزەرىيىسىنىڭ كۆر نۇقتىسىنى ئىسپاتلىغان ئېلېكتروماگنىت مەيدانىنىڭ ئاخارونوۋ  بوم پۈتۈن گەۋدىلىك ئېففېكتى توغرىسىدا بولۇپ  ،ئاڭلىماققىلا مەلۇم بولۇپ تۇرىۋاتقىنىدەك بۇنىڭ نەزىرىيىۋى قىممىتى ناھايىتى زور.يەنى بۇ ئۇتۇق بۇيۇك گېگانتلار يېتىپ كىلەلمىگەن جايدىكى بىر ئۇتۇقلۇق قەدەم بولۇش بىلەن بىباھادۇر.ئىشىنىمىزكى ئاخارونوۋ ۋە بوم 1959- يىلى ئوتتۇرىغا قويغان، ساھىبجامال مۇھىم تۆھپە قوشقان، ھازىرقى زامان فىزىكا ئالىملىرى ئىزچىل تەتقىق قىلىۋاتقان پۈتۈن گەۋدىلىك ئېلېكترودىنامىكا نەزەرىيسىى  كەلگۈسىدە يېڭى بىر نەزىرىيە سېستىمىسى بولۇپ ئوتتۇرغا چىقىش بىلەن بىللە كەڭ ساھەلەردە بۈگۈن  تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن بولغان چوڭقۇر تەسىرلەرنى قوزغىشى ھەم كەڭ ساھەلەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇپ قالغۇسى.

پراففىسور ساھىپجامال ھازىر بۇ ساھەدىكى نەزەرىيەنىڭ يۇقىرى نوقتىسىنى ياراتتى، بۇندىن كېيىنكى خىزمەت بولسا، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈپ، داۋاملىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىش، يۇقارقى نەزەرىيەنىڭ سېستىما ۋە مۇكەممەللىكىنى ئىزدەش،نەتىجىلىرىنى خەلققە خىزمەت قىلدۇرۇشتۇر. بۇ يولنىڭ كەلگۈسى پارلاق،  ئەمما مۈشكۈل، جاپالىق، يەنە ئېھتىمال تولىمۇ ئۇزۇن بولىشى مۇمكىن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-6 03:58 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 2422
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11654
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1003 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2014-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 03:39:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساھىبجامال خانىمنىڭ پەن تەتقىقات نەتىجىللىرىگە بەركەت تىلەيمەن

سۇمرۇغنىڭ قۇيرىقى بولغىچە خورازنىڭ تاجىسى بول!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7825
يازما سانى: 864
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7418
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 1930 سائەت
تىزىم: 2010-8-25
ئاخىرقى: 2014-12-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 03:40:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ مىللىتىمىزدىن مۇشۇنداق جاسارەتلىك خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ كۆپلەپ چىقىشى ئۇيغۇر مىللىتىمىز ئۈچۈن زور شەرەپ.  مەن ساھىپجامال خانىمنىڭ تۇرمۇشىغا بەخىت، ئۇزۇن ئۆمۇر، بۇنىڭدىن كىيىنكى تەتقىقاتىغا زور غەلبە تىلەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7949
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 03:56:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىللىتىمىزنىڭ مۇشۇنداق ئەزالىرىدىن ھەممىمىز پەخىرلىنىمىز . ئالىمەمىزگە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن .

كۆپ پۇل تېپىش تۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10064
يازما سانى: 271
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9794
تۆھپە نۇمۇرى: 732
توردا: 1055 سائەت
تىزىم: 2010-9-12
ئاخىرقى: 2015-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 04:46:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەخىرلىك كىشىللىرىمىزنىڭ بەركىتىنى بەرسۇن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   baydadam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-6 04:47 PM  


كۆپ پۇل تېپىش تۇرلىرى ۋە يوللىرى  باي دادام تور خاتىرىسىدە                       http://baydadam.net/

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82250
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3525
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 218 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2014-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 05:54:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق كۆزگە كۈرۈنگەن ئالىملىرىمىزغا كۆزتەگمىسۇن

ئىمپىراتور

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64728
يازما سانى: 1111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1109
تۆھپە نۇمۇرى: 838
توردا: 749 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 05:55:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنبەسى قىنىدۇ؟

سۈلھى قىلغانلار شۇ پىتى ئىزىلىدۇ!!!! شۇنداق بولغاچقا ئۈلۈپ كەتسەم رازىمەنكى ھەرگىز سۈلھى قىلمايمەن !!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58247
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4865
تۆھپە نۇمۇرى: 440
توردا: 1664 سائەت
تىزىم: 2011-9-27
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 06:13:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇرتىمىز سىزدىن پەخىرلىنىدۇ !~~~

ئۈندىداردا IGILIK نى قوشىۋېلىڭ . تېخىمۇ كۆپ ئىگىلىك تىكلەش ۋە ئىقتىساد بىلىملىرىدىن بەھىر ئالالايسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82278
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3019
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2012-6-29
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 07:22:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سايىپجامال خانىم بىلەن بىر يۇرتتىن بولغىنىمدىن پەخىرلىنىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arzu-tilak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-6 07:25 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63350
يازما سانى: 288
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5228
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 1638 سائەت
تىزىم: 2011-11-2
ئاخىرقى: 2014-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 08:03:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياشاپ كىتىڭ ساھىپجامال خانىم

ئادەم ئۈمىد بىلەن تۇغۇلۇپ ،ئارزۇ بىلەن ياشاپ، ئارمان بىلەن كىتىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش