مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3127|ئىنكاس: 61

دەز (ھېكايە ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 526
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2012-9-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 12:32:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

未命名.jpg


ــــ مۇشۇمۇ تاماق بولدىمۇ ؟!!
جاڭ قىلىپ چېقىلغان قاچىنىڭ ئاۋازىدىن ، بۆشۈكتە تاتلىق ئۇخلاۋاتقان قىزىم چۆچۈپ ئۇيغۇنىپ قېقىراپ يىغلاپ كەتتى .
ـــ تاماق ئاغزىڭىزغا تېتىمىغان بولسا باشقىدىن ئېتىپ بېرەي . نىمانچە ئاچچىقلايسىز ، مۇشۇنىڭ بىلەن قانچە قېتىم بولدى سىزگە ، بالىنىڭ يۈرىكىنىمۇ يېرىپ بولدىڭىز .
ـــ سېنىڭ بۇ ئەتكەن تامىقىڭنى ئىتمۇ يىمەيدۇ !
يولدىشىم  تېخىچە سەت ئەلپازىدا كۈچەپ ۋاقىراۋاتاتتى ، قىزىمنى بەزلەپ ئۇنىڭ كېيىنكى سۆزلىرىگە قۇلاقمۇ سالمىدىم . ئۇ بىر ھازا ۋارقىراپ -جارقىراپ بۇلۇپ چاپىنىنى كۆتۈرگەنچە ئىشىكنى جاق قىلىپ يېپىپ ئويدىن چىقىپ كەتتى .
قىزىمنى بۆشىكتىن يەشتىم ، ئۇ بەك قورقۇپ كەتكەچكە ، يىغىدىن توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى . يەردە  چۆپ ھەم سەيلەر چېچىلىپ ياتاتتى .بىر يېنى يەرگە قاتتىق چۈشۈشتىن  كىسمىيىپ كەتكەن  لەغمەن تەخسىسى بوينىنى قىسىپ ‹چىنە تەخسەڭ تولا چېقىلىپ توشىماي ،مەندەك داتلاشماس پۇلاتنى سېتىۋالساڭمۇ كارغا كەلمىدى › دەپ ماڭا مەيۈسلىنىپ قاراۋاتقاندەك بىلىندى .
ئىختىيارسىز كۆزلىرىمدىن ياش تۈكۈلدى ، قىزىمغا جۆر بۇلۇپ ئولتۇرۇپ بىر ھازا يىغلىدىم . قۇلۇمدىكى تېخى بەش ئايغا توشمىغان قىزىمغا قاراپ ئىچىم سېرىلىپ كەتتى . قۇلۇقىم تۆۋىدە  يولدىشىمنىڭ ‹ماھىرە سىزنى مەڭگۈ سۈيۈمەن › دېگەن سۆزلىرى جاراڭلاپ ، مېنى تېخىمۇ ئازاپلايتتى . ..
ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ،ئۇزۇنغا قالمايلا شەھەرلىك باج ئىدارىسىگە ئىشقا چۈشتۈم .ھەم بىر يىلغا قالمايلا خىزمەتتىكى ئاكتىپلىقىم بىلەن بۆلۈم باشلىقى بولدۇم . يولدۇشۇممۇ مەن بىلەن تەڭ بۇ ئىدارىگە تەقسىملىنىپ كەلگەن ئىدى ، گەرچە بىر مەكتەپتە ئۇقۇمىغان بولساقمۇ ، ئۇنىڭ خىزمەتتىكى قىزغىنلىقىغا ، بىلىمىگە قايىل ئىدىم . دائىم دىگۈدەك كەسپ  توغرۇلۇق ،مەسىللەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرۇلۇق  مۇنازىرە قىلىشاتتۇق . ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئارىمىزدا دوستلۇق پەيدا بولدى ، شۇندىن باشلاپ ئۇنىڭدىن ئۆزەمنى قاچۇردىغان ،ئۇنىڭ مۇھەببەتلىك كۆزلىرى بىلەن كۆزلىرىمنىڭ ئۇچۇرشىپ قېلىشىدىن قورقۇدىغان بۇلۇپ قالدىم . دېمەك ئارىمىزدىكى  دوستلۇق ھالقىپ مۇھەببەتكە ئايلانغان ئىدى .
ـــ سىزنى سۆيۈمەن ماھىرە ، ماڭا ماقۇل بۇلۇڭ ، توي قىلايلى .
ـــ مېنى ئالدىمايدىغانسىز ؟ مەڭگۈ سىز بىلەن بىرگە ئۆتىمەن دىيەلەمسىز ؟
ـــ ۋەدە بېرەي سىزگە ، سىزنى مەڭگۈ سۆيىمەن . سىزگە مەڭگۈ سادىق بۇلۇپ ، بىر ئۆمۈر ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالىمەن .
بىر -بىرىگە تەلپۈنىۋاتقان مۇھەببەتلىك يۈرەكلەر شۇندىن بېرى شېرىن مۇھەببەت دېڭىزىدا سۆيگۈ ۋېسال قولۋىقىغا ئولتۇرۇپ ، بەخت ئارىلىغا قاراپ يولغا چىقتى . بىز توي قىلدۇق . بەختلىك ئائىلىمىزگە بارلىق مېھىر -مۇھەببىتىمىزنى ئاتا قىلدۇق . دوستلىرىمىز بىزنىڭ بۇ بەختلىك ئائىلىمىزگە قاراپ مەسلىكى كېلەتتى ، ھەم مەڭگۈ مۇشۇنداق بەختلىك بۇلۇڭلار دەپ قوللىرىمىزنى سىقاتتى . ئاتا -ئانىمىزمۇ بىزدىن تولىمۇ خاتىرجەم ھەم مەمنۇن ئىدى .
توي قىلىپ ئىككى يىلدىن كىيىن مۇھەببىتىمىزنىڭ مىۋىسى بولغان قىزىم بۇ دۇنياغا كەلدى . ئەسلى قىزىمنىڭ دۇنياغا كېلىشى ئائىلىمىزنىڭ مۇھەببىتىنى تېخىمۇ چېڭىتىپ ،ئائىلىمىز  تېخىمۇ بەخت نۇرى ئىچىگە چۆمىلىشى كېرەك ئىدى . ئەپسۇس ! قىزىمنىڭ دۇنياغا كېلىشى بىلەن بەخت بېلىگە ئاق داكىدىن ھازا باغلاپ ، بىزگە كەينىنى قىلىۋالدى .
تۇغۇت مەزگىلىمدە ئاپامنىڭ ئويىدە بولغاچقا ، يولدىشىم كۆپ  كەلمىسە ، بەلكىم خىجىل بۇلۇپ شۇنداق قىلىۋاتقاندۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن . قىرقىم توشۇپ ئۆز ئويىمگە كەلگەندىن بۇيان شۇنى ھېس قىلدىمكى ، يولدۇشىم دائىم ھاراق ئىچىدىغان ،ئۆيگە كەلمەي سىرتلاردا قۇنۇپ قالىدىغان بۇلۇپ قاپتۇ . ئۇنىڭدىن چىرايلىقچە سورىسام ئۇ قاتتىق خاپا بۇلۇپ  قولىغا چىقانلىكى نەرسىلەرنى ئاتىدىغان بولىۋالدى . مەنمۇ بالىنى قورقۇپ كېتىشىنى ئويلاپ ،  كۆپ گەپ قىلمايدىغان بۇلىۋالدىم . ئىچىمدە بىر كۈنى ئەقلىنى تېپىپ قالا دەپ كۆزىگە كىرىۋالمىدىم . قىزىممۇ بارغانسېرى چوڭىيىشقا باشلىدى ، ئۇنىڭ تاتلىق قىلىقلىرى ئالدىدا ،كۆڭلىمدىكى غەشلىكلەر يوقاپلا كېتەتتى .

يولدىشىمنىڭ بۇنچىلىك ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبىنى ئۆزەمدىن ھەر قانچە ئىزدەپ باقساممۇ ،تېگىشلىك جاۋاپقا ئېرىشەلمىدىم . كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتمەكتە ئىدى . ئىلگىرى ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە تاماققا كېلىدىغان ئادەم ،تاماققىمۇ كەلمەيدىغان ،كەلسىمۇ قەستەن قۇسۇر چىقىرىپ قاچىنى يەرگە ئاتىدىغان بۇلىۋالدى . قىزىم ئەركىيەنىڭ تاتلىق گۇڭراشلىرىمۇ ئۇنىڭ قۇلىقىغا ھېچ كىرىدىغاندەك ئەمەس ئىدى . بۇ ئەھۋالنى دوستلىرىمغا دېيىشتىنمۇ ئەيمەندىم . باشقىلارغا چاندۇرماسلىق ئۈچۈن ،تېشىمدا كۈلۈپ ،ئىچىمدە يىغلاپ يۈردۈم .
ـــــ ئادىل بۈگۈن تاماققا كېلەمسىز ؟ سىز ياقتۇرىدىغان لەغمەن ئەتكەن ئىدىم .
ــــ بۈگۈن چۈشتە دىجۈرنى . مېنى ساقلىماي يەۋېرىڭلار .
ــــ سىز بىلەن مەسلىھەتلىشىدىغان ئىش بار ئىدى ، ئازراقمۇ ۋاقتىڭىز چىقماسمۇ ؟
ــــ نېمە ئىشتى ئۇنچىلىك ، بۈگۈن چوقۇم دېمىسەڭ بولمايدىغان !
ــــ دادامنىڭ مىجەزى يوق ئىكەن . بىرگە بېرىپ كەلسەك بوپتىكەن .
ــــ داداڭنىڭ مېجەزى يوق بولسا ئۆزەڭ بارمامسەن . مېنى چېتىۋالمىساڭمۇ بۇلىدۇ .بالىنى ئېلىپ داداڭنىڭكىدە بىرەر ھەپتە تۇرۇپ كەل بولمىسا !
ــــ توۋا ئادىل ، سىز قانچە قېتىم بولدى مۇشۇنداق دەپ بارغىلى ئۇنىمىغىلى . يەنە كېلىپ ئۇ سىزنىڭ دادىڭــــــــىز .
ــــ نېمە دەيسەن ؟! تېلىڭنى چاينىماي بالدۇرراق دېمەمسەن !
تېلىفۇن شۇنىڭ بىلەن ئۈزۈلۈپ قالدى . دېمەك تېلفۇننى ئۇ قۇيۇۋەتكەن ئىدى . ئۆزەمچە ئۆيگە قايتىپ كېلىپ تامىقىنى يەپ بىرگە بارامىز دەپ ئويلۇغان ئىكەنمەن . نەدىكىنى!  شۇ يوقاپ كەتكەنچە نەچچە كۈن يوق ، تېلفۇنىمۇ ئېتىك ئىدى . ئەنسىرەپ چوڭ ئۆيگە تېلفۇن قىلسام ،ئۇ شۇ كۈنى بېرىپ بىردەمدىن كېيىن قايتىپ كېتىپتىكەن .
  ئادىلدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرگە ھەيران قالدىم ، ئۇ سىرتتا بىرەسىنى تېپىۋالغانمىدۇ دەپمۇ ئويلىدىم ، لېكىن بۇ خىيال كاللامغا قانچە تېز كەلگەن بولسا شۇنچە تېز غايىپ بولدى .چۈنكى ئادىل ئۇنداق ئادەم ئەمەس ئىدى .ئۇنىڭغا ئىشىنەتتىم .ئۆزەمنىڭ مۇشۇنداق قالايمىقان قىلغان خىياللىرىمدىن ئۆزەمنى ئەيىپلىدىم . لېكىن ، ئۇنىڭ بۇرۇنقى قىزغىنلىقلىرى ، تەبەسسۇم جىلۋە قىلىپ تۇرىدىغان نۇرانە چىرايىدىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى .
  ئۇنىڭغا زادى نېمە بولغاندۇ ؟ يەنە بۇ ھەقتە ئېغىز ئاچسام ئۇ ئاچچىقلاپ كېتەرمۇ ؟ مۇشۇنداق سۈكۈت قىلىپ ئولتۇرىۋەرسەم ، ئاقىۋىتى ياخشى يەردىن چىقارمۇ ؟ بالامنى دەپ مۇشۇنداق مۇدھىش ،  بوران ئۇچۇپ تۇرغان  بۇ ئۆيدە يەنە قاچانغىچە كۈتۈشىم كېرەك ؟.... مانا مۇشۇنىڭدەك سۇئاللار مېنى ئارامىمدا قويمايۋاتاتتى .
ئەجىبا شۇنچە ئوتلۇق مۇھەببىتىمىزگە دەز كەتكەنمىدۇ ؟! بۇ دەزنىڭ مەنبەسى زادى نېمىدۇ ؟؟


داۋامى  بار





ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ferdawishan + 10 بۇ ھىكايىمۇ ياكى پوۋس.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40998
يازما سانى: 250
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3218
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 222 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 12:53:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامنى قاچانغىچە ساقلايمىز؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 526
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2012-9-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 01:11:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز ھېكايىنىڭ مۇشۇ قىسمىنى تەپسىلى باشتىن -ئاخىر ئوقۇپ بولغاندا ئاندىن يوللايمەن

ئىزلار نەدە.......

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49283
يازما سانى: 421
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4627
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 358 سائەت
تىزىم: 2011-7-27
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 01:11:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تازا دېققەت بىلەن ئوقۇۋاتسام ،تۈگەپ كەتتىيا....
تۈركىيەنىڭ كۆپ قىسىملىق كنولىرىدەك ........

ھەقىقى تارىخ تومۇرۇمدا،بوۋام ئۇنى قېلىچ بىلەن يېزىپ قانغا سىڭدۇرۋەتكەن!!!

يۇرتۋازغا،ئادال

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10658
يازما سانى: 308
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8848
تۆھپە نۇمۇرى: 403
توردا: 194 سائەت
تىزىم: 2010-9-17
ئاخىرقى: 2012-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 01:15:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ مۇڭيا،چۇقۇم ئۇقۇپ باققۇدەك ئەسەر بۇ،كۆز ئەينىكىمنى تاقاپ راس بىر ئۇقۇي.

ئۇقۇپ بۇلۇپ تەھرىرلەيمەن ئىنكاسىمنى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kqalmayman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-6 01:16 PM  


سەمىمى بۇلايلى....................................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81687
يازما سانى: 296
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3086
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 130 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 01:29:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mehriya يوللىغان ۋاقتى  2012-9-6 01:11 PM
سىز ھېكايىنىڭ مۇشۇ قىسمىنى تەپسىلى باشتىن -ئاخىر ئوقۇپ ...

گىپىڭىزدە تۇرۇڭ ئەمسە ، مەن ئوقۇپ بولدۇم . داۋامىنى بىر يوللىسڭىز بولىتى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 949
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6172
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 304 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2012-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 01:34:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى كۈتىمىز . بۇ دەزنىڭ سەۋەبىنى چوقۇم بىلمەي قويمايمەن

جاھان باقى ئەمەس، لوقمان چىغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر بۇڭا ئىسكەندەر ۋە ھەتتا ئەركە چىڭگىزخان.
كىلىپ كەتمەك بىلەن مەشغۇل جاھانغا بىھىساب كارۋان،
ئۆتەردۇنيا، كىتەر دۇنيا، پەقەت ھەقلا سۈرەر دەۋران.
ئۆمۈر مەنزىلىدىن تاپتىم ناھايەت شۇ ھەقىقەتنى.

ئەقىلسىز دوستۇڭ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 2334
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25831
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3130 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 02:25:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ھىكايىڭىز جەلىپ قىلارلىق باشلىنىپتىكەن ، داۋامىنىمۇ تىزرەك يوللىڭە

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

نېمىلەرنى ئويلا

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33034
يازما سانى: 506
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6334
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 437 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 02:33:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دەز   ساقايمايدا جىما ئىشقىلىپ ،ھامىنى چېنىپ قالىدۇ .ئۇنىڭدىن سۇندۇرۋەتكەن ياخشى ۋاختىدا .

مۇھەببەتنى قەدىرلەڭ ،ئۇسىز گە مەنسۇپ چاغد قەدىرلىمەي،يۇقاتقاندا بېشڭىزنى تاشقا ئۇرسىڭىزمۇ،بېشڭىز ئاغرىيدۇ خالاس باشقا پايدىسى يوق شۇڭا ئۇنى قەدىرلەڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40939
يازما سانى: 437
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2130
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2387 سائەت
تىزىم: 2011-5-16
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 02:46:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاشناشىر بار،  بولمىسا ئۇنداق قىلمايدۇ.

راست سۆزلىگەن كىشى نېمىدىگەن سۆيۈملۈك كىشى ھە !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش