ئايال  كىشىگە   ئىشەنمە   !   دېگەن يېرى  يېزىلماي  قالدىمۇ  ؟ يا  ئۆزگىرىپ 
كەتكەنكەنمىدۇ  ؟   ئايال  كىشىگە  ئىشەنمىگەندىكىن سىر ئېيىتماسلىق 
ھەتتا   ئائىلدە  قانچىلىك  پۇل   بارلىقىنىمۇ بىلدۈرمەسلىك كېرەك  ! 
.gif)
بىر  چاغدا   گۇچۇڭدا  بىر  پىشقەدەم  مۇئەللىم  كىتابخانا ئاچقان  ئىكەن  . 
كىتاب   لازىم  بولۇپ كىرسەم ، لوقمان ھەكىم نەسىھەتلىرىنى ئوقۇپ  بەرگەن  ئىدى .  
ئاندىن   چۈشەندۈرۈپ  ، ‹‹ ۋاقتى  كەلسە  ئايال  كىشى  ئەرگە  دۈشمەن بولىدۇ ››
دېگەن  ،   بۇنىڭ  نىمە  ئۈچۈنلىكىنى  سورىسام  :    بۇرۇن  بىر  ئەر  ـ ئايال  ئۆتكەن
بولۇپ ،  ئائىلىسى   تۇلىمۇ  بەخىتلىك   ،  خۇشال  ـ  خورام  ئىكەن  .
بىر  كۈنى   ئېرى   ئايالىنى  سىناپ  باقماقچى  بولۇپ ،   بىر  قوينى  ئۆلتۈرۈپ  
كىيىم  ـ  كىچەكلىرى  قان  ھالەتتە  ئۆيىگە  كىرسە  ،  ئايالى  :  نىمە  ئىش  بولغانلىقىنى
سوراپتۇ  .  ئېرى  ،   جىددىيلەشكەن  قىياپەتتە  ،  مەن  بىر  ئادەم  بىلەن  ئورۇشۇپ
قېلىپ  ئۇنى  ئۆلتۈرىۋەتتىم  دەپتۇ  .   ئاندىن   ئايالىنى  ياردەمگە  چاقىرىپ  
تاغاردىكى  <<  ئادەمنىڭ جەستىنى >>    بىر  يەرگە  كۆمۈپ  قويۇپتۇ  .  
ئارىدىن  نەچچە  يىل  ئۆتۈپ  كىتىپتۇ  .  ئەمما  ،  بىر  كۈنى   ئەر  ـ  ئايال كىچىككىنە
ئىش  ئۈچۈن  جىدەللىشىپ  قاپتۇ  .      ئايالىنىڭ  ئېرىگە  شۇنداق  ئاچچىقى كەپتۇ
ئېرىدىن ئۆچ  ئالماقچى  بولۇپ   شۇ  يەرنىڭ  ھاكىمىغا  ،  ئېرىنىڭ  نەچچە  يىل  
ئىلگىرى  بىر ئادەم ئۆلتۈرۈپ تاغارغا   سولاپ  كۆمۈۋەتكەن  قاتىل  ئىكەنلىكىنى  ئېيتىپتۇ
ساقچى  ئەمەلدارلار  ھېلىقى  ئايال  باشلاپ  كەلگەن  يەرگە  كېلىپ  كولاپ  قارىسا   
تاغاردىن ئادەم  ئەمەس   قوي   چىقىپتۇ  .      نىمە  ئىش  ئىكەنلىكىنى   ئېرى  
چۈشەندۈرۈپ  ، مەن  ئايالىمنى  سىناپ  باقماقچى  بولغان دەپ ، ئىشلارنى تەپسىيلى 
ئېيتىپ بېرىپتۇ .
ئۇ  پىشقەدەم  مۇئەللىم      ،  لوقمان  ھەكىمنىڭ  :  ‹‹  ئايال  كىشىگە  ئىشەنمە ›› !
دېگەن   ھېكمىتىگە  تەدبىقلاپ   بۇنى  ئېيتىپ  بەرگەن  ئىدى  .  بۇلارنى  ئاڭلاپ
مۇئەللىمنىڭ  ئايالىمۇ  چۈشەنگىلى  بولمايدىغان  ھىسياتتا  كۈلۈپ كەتكەن ئىدى .
تولىمۇ   ياخشى  كىشىلەر  ئىدى  .  بەزىدە  ئۆي  تامىقى  يېگۈڭىز  كەلگەندۇ  ؟
دەپ  مىنى  تاماققا  چاقىراتتى  .  ئۇلار   مىنىڭ  تېرىشچان ،  پۇل  تاپسام  ھاراققا
ئەمەس كىتاب سېتىۋالدىغان  ئادىتىمنى  ياقتۇرۇپ  قالغانكەن  .   خۇدايىم  يەنە 
بېرىشقا نىسىپ  قىلسا  يوقلاپ  ئۆتىمەن . 
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-6 12:42 PM