قاتناش تىرانسىپورت مىنىستىرلىقى: بۇيىل تاۋۇز چاغىنى بىلەن دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ھەقسىز يول يۈرۈشكە بولىدۇ.
قانتاش تىرانسىپورت مىنىستىرلىقى 5-سېنتەبىر جىددىي ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، جايلاردىكى قاتناش تىرانسىپورت باشقۇرغۇچى ئورۇنلارنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكى ۋە تەشكىللىشى ئاستىدا، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ، بۇ يىللىق دۆلەت بايرىمى دەم ئېلىش مەزگىلىدە كىچىك تىپتىكى يولۇچى ئاپتوموبىللارنىڭ ھەقسىز يول يۈرۈشىگە دائىر خىزمەتلەرنى مۇقىم، تەرىتىپلىك يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەر ئۆز جايىنىڭ كونكېرت يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈش بىلەن بىرگە، گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان يولغا قويۇش لايىھەسىنىڭ تەلىپى بويىچە، سىياسەتنىڭ بىرلىكى، مەشغۇلات تەرىتىپىنىڭ بىر تۇتاش قېلىپلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلىنغان.
ئۇقتۇرۇشتا ماۋۇلار كۆرسىتىلگەن، بۇ يىللىق تاۋۇز چاغىنى بىلەن دۆلەت بايرىمىدا ئۇدا دەم ئېلىنىدۇ. يولغا قويۇش لايىھەسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، تاۋۇز چاغىنىمۇ دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش كۈنى بىلەن تەڭ قارىلىپ، ھەقسىز يول يۈرۈش يولغا قويۇلىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، بۇ يىللىق دۆلەت بايرىمىلىق كىچىك تىپتىكى يولۇچى ئاپتوموبىللارنىڭ ھەقسىز يول يۈرۈش ۋاقتى بىر تۇتاش قىلىنىپ، 30- سېنتەبىر كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 0 دىن باشلىنىپ، 7-ئۆكتەبىر سائەت 24 گىچە داۋام قىلىنىدىكەن.
ئۇقتۇرۇشتا يەنە جايلارنىڭ مۇھىم ھېيت-بايرام كۈنلىرىدىكى ھەقسىز يول يۈرۈش دائىرىسنى ئۆز ئالدىغا كېڭەيتىشكە بولمايدىغانلىقى تەلەپ قىلىنغان. مۇھىم ھېيت-بايراملىق دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى كىچىك تىپتىكى يولۇچى ئاپتوموبىللىرى ھەقسىز يول يۈرۈش مەزگىلىدە، جايلاردىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ھەق ئېلىش پونكىتى، نۇقتىلىرىدا يەنىلا "كىرىش ئېغىزىدىن كارتا ئېلىش، چىقىش ئېغىزىدا كارتىنى تاپشۇرۇش"تەك ھەق ئېلىش بويىچە باشقۇرۇش ئەندىزىسى قوللىنىلىدىكەن. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئاپتوموبىل توختاتماي توردا ئېلېكترونلۇق ھەل ئېلىش يولغا قويۇلغان ( ETC ) يولدا، ETC مەخسۇس يولىنى داۋاملىق ئېچىۋېتىش ھەمدە كىچىك تىپتىكى يولۇچى ئاپتوموبىللىرىنىڭ ھەقسىز يول يۈرۈش مەزگىلىدە ھەق تاپشۇرۇش سوممىسىنىڭ "0" ھالەتتە كۆرسىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن.
قانتاش تىرانسىپورت مىنىستىرلىقى 8-ئاۋغۇست ماۋۇلارنى ئېنىق بىلدۈرگەن، بۇ يىل دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشتىن باشلاپ، "مۇھىم ھېيت-بايراملاردا كىچىك تىپتىكى يولۇچى ئاپتوموبىللىرىدىن يول يۈرۈش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى"، يەنى چاغان، چوكانتال بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، دۆلەت بايرىمى قاتارلىق بايراملىق دەم ئېلىش كۈنلىرىدە 7 كىشىلىكتىن تۆۋەن كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىلنىڭ يول يۈرۈش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش لايىھەسى يولغا قويۇلىدىكەن.
مەنبە: تېڭشۈن تورى خەۋىرى
http://news.qq.com/a/20120906/000279.htm?pgv_ref=aio2012&ptlang=2052