سەن كەتكەن تۇنجى كۈن
مىھرىگۈل ئابلىمىت
سەن كەتكەن تۇنجى كۈن جۇت بولدى ماڭا، ھەتتاكى ئېپ كەتتىڭ باھارلىرىمنى. زىمىنمۇ مەن بىلەن تەڭ ياش تۆكۈپتۇ، سەنسىز ياقالمىدىم، گۈلخانلىرىمنى.
ۋاقىتنى بوغۇزلاپ ئاستىم كۆزۈمگە، سەن يوق دەقىقلەر بولدىغۇ پايخان. ئىچىمنى ھەرىدەك چاققاندا ئازاب، ئاغرىدى يۈرىكىم تەگكەندەك بازغان.
بۇ كۆنگەن يۈرىكىم ئۇزاتتى سېنى، بەزىدە قېيدىدىم مەن ساڭا قىيماي. باغرىڭغا قادالغان مېھىر ئوتىنى، قەدىرلە،تېز قايتقىن ھىجرانغا قويماي.
2012-يىلى 8-ئاينىڭ10-كۈنى قاراماي بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-6 03:30 PM
|