ئۆيىمىزنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالدىڭ تېلېۋىزور ،
سېتىۋالغاچ<<مەركەزنىڭ ساداسىنى ئاڭلاي >>دەپ ؛
<<ئايلىنىدۇ قاپاققا دەۋىر چاقى توختىماي ،
بۇ يەر شارى كەنتىدە نە ئىش بولدى ، بىلەي ...>>دەپ.
ئويلىغانتىم مەن يەنە :كىنو پەسلى كەتكەچكە ،
كۆرەي ئۆيدە ئولتۇرۇپ تۈرلۈك سەرخىل نۇمۇرنى ؛
تىنىچلانسۇن بۇ كۆڭۈل ئېلىپ روھى ئوزۇقلار ،
ئارام تاپسۇن ۋۇجۇدۇم ، سۈرەي ساغلام ھۇزۇرنى...
بەربات بولدى بىردەمدە ، ئەپسۇس ، شېرىن چۈشلىرىم ،
سەن سۆزلىگەن ئالامەت سالغاچ مېنى تەشۋىشكە .
قالمىدىمۇ دۇنيادا ساغلام-تېمەن ، ساق ئادەم،
ياكى شۇنداق قورقۇتۇپ كەلتۈرەمسەن ئەيۋەشكە؟
<<داۋالايمىز تۇغماسنى ، قوچقار تۇغار ساغلىق >>دەپ ،
گەپ باشلىساڭ ،توختايسەن كېلىپ <<مەزى بېزى...>> دە.
<<شاگىرت بولغاچ بۈركۈتكە ئېشەك ئۇچتى ئاسماندا >>،
دەپ جۆيلۈيسەن تارتىنماي شەيتان كەبى بەزىدە .
چاقىرىسەن توختىماي <<...ئورنىمىزغا بىر كېلىڭ ،
ئۆلەر ئادەم ھايالسىز پاشا چاقسا ئەگەردە ...
تەكلىپ قىلدۇق سىز ئۈچۈن داڭلىق دوختۇر - ھەكىمنى ،
تېز ئالدىنى ئالمىساق ، ھاياتىڭىز خەتەردە .
چىرايىڭىز بەك سۇلغۇن ، چاتاق بارغۇ جىگەردە !
قان بېسىمى يۇقىرى ، بۆرەككە تاش چۈشۈپتۇ ؛
ئاجىزلاپتۇ تېنىڭىز ، ئىچىڭ <ئابى زەمزەم >...نى،
زەمبۇرۇغ بار ئۈچەيدە ، ئۆپكە سۇلۇق ئىشىشىپتۇ.
چېچىڭىز بەك شالاڭكەن ، بۇ خەتەردىن بىشارەت ،
ئۈنلۈك تىنسا ئىش چاتاق،جان ئالىدۇ خورەكمۇ ؛
<شىپالىق چىش پاستىسى >ھەل قىلىدۇ ھەممىنى ،
<كۇمىلاچ >بار ، يېسىلا تىرىلىدۇ ئۆلۈكمۇ !
تىك تۇرالماس ئادەملەر ئەگەر سۆڭەك بوشىسا ،
كېسەل باردۇر تېرىدە ئانچە-مۇنچە قىچىشسا ؛
بۇ كاپسۇلنى يېسىڭىز ، ھەل بۇلىدۇ ئىشىڭىز ،
ئىچىپ بېرىڭ داۋاملىق قورساق مۇجۇپ ئېچىشسا .
چۈشۈرىدۇ بۇ <مەلھەم>داغ ،سەپكۈننى ،تۈكلەرنى...
سىناپ كۆرۈڭ خاتىرجەم پىنھان جايدا بولسىمۇ ؛
ياۋا ئوت-چۆپ ، گىياھنىڭ جەۋھىرىنى ئىلغاشتا ،
شۇنچە ئالىم نەچچە يىل جاپا تارتتى ئەجەپمۇ ...
ئالەمدىكى خوشاللىق پەقەت سىزگە مەنسۇپتۇر ،
بۇ دورىنى يېسىڭىز ئايلىنىسىز بۇقىغا ؛
بوز يىگىتلەر كۆزىنى ئۈزەلمەيدۇ مەڭگۈگە ،
چاپلىما بار شىپالىق ياندۇرىدۇ < قىزلىق>قا ...
دەپ ئاشۇنداق جار سېلىپ ، تاپتىڭ نۇرغۇن كېسەلنى ،
ئارقىدىنلا دورىسى تەييار يەنە سېنىڭدە ؛
كۆردۈڭ بۇرنۇڭ ئۇچىنى <<پۇل!>>بولغاچقا مەقسىتىڭ ،
يوقان ساڭا ئىشەنچمۇ ، گۇمان-شەك كۆپ ھەممىدە.
داڭلىمىغان باغىرداق،كۇسار ،مايكاڭ ... قالمىدى،
ھە دېگەندە بۇرايسەن گەپنى ئشتان ئىچىگە !
ئولتۇرالماس خاتىرجەم بىر ئائىلە ئادىمى ،
توپا چاچقاچ دائىما سەن ھايانىڭ كۆزىگە .
ياخشى نومۇر بولسىلا ھەر مىنۇتتا نەچچە رەت ،
ئارىلىشىدۇ تېتىقسىز ، قېلىن-بېزەڭ ئېلانلار .
بۇ قىلمىشى گوياكى رادىيوسى چەت ئەلنىڭ ،
خام كېكىردى ئېلانغا نۇرغۇن گېزىت-ژۇرناللار .
دېمەك ، ھەر خىل يول بىلەن تاڭدىڭ <<ئۆتمەس ماتا >>نى ،
ئالدى نۇرغۇن ئادەملەر زورلاپ ساتار تاناڭنى .
قالمىدىكى ھېچنەرسە سەن بازارغا سالمىغان ،
قويۇپ بەرسەك يانمايسەن ئالداشتىن ئۆز ئاناڭنى !
ھېچبىر شۈكۈر قىلمىدىڭ ياكى ئىزا تارتمىدىڭ ،
ماختاش-داڭلاش كېتەمدۇ راستنى شۇنداق توختىماي ؟
ئاۋام رايى قەيەردە ، سادىغاڭ كېتەي سېنىڭدىن ،
ئاچ كۆزۈڭنى تېلېۋىزور، سەن غەپلەتتە ئۇخلىماي !
<<يەتسۇن تېزدىن ئاۋامغا ئەمىر ،پەرمان ،سىياسەت...>>
شۇ مەقسەتتە كىرگۈزدى مەركەز سېنى ئۆي-ئۆيگە .
پۇلنى ئويلاپ،ئۇنتۇدۇڭ ۋەزىپەڭنى ، رولۇڭنى ،
ئەل -ئاۋامنى بەزدۈردۈڭ ، پىلتە بولدۇڭ دەيدەيگە .
مەنبە : جۇڭگو مىللەتلىرى دىن ئېلىندى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سەھرا ئوغلى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-6 10:18 AM