ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
ئەزىز تورداشلار، قىممەتلىك ئۇقۇرمەنلەر، ھەممىڭلارغا سەمىمى سالام ۋە ئالى ئېھتىرام !
ھەربىرىڭلارنىڭ ئەزىز تېنىگە دائىمى سالامەتلىك، ئائىلەڭلارغا خاتىرجەملىك يار بولسۇن.
دەۋرىمىزدىكى بۇ قىممەتلىك مەۋھۇم دۇنيا “تور زىيارەتخانىسى“ دىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىۋاتقان ھەربىرىڭلارنىڭ قىززىق ئىشتىراكىغا ۋە قىزغىن ئىنكاسىغا تەشەككۇرلەر.
— دۇبەي كىراللىرىغا ئىككى كەلىمە سۆز— مەۋزۇسىدا 30 قۇرغا يەتمىگەن ئاددى بىر تېما يوللىغان ئىدىم، مەزكۇر تېمىنىڭ، ئىخلاسمەن ئۇقۇرمەنلەر تەرىپىدىن ئوخشاشمىغان كۆزقاراشتا 33 ئىنكاس قالدۇرالىغانلىقىدىن سۈيۈندۈم. شۇنداقلا مەزكۇر تېمىنى يوللاشقا سەرىپ قىلغان 5 مىنۇتلۇق ۋاقتىمنىڭ بوشقا كەتمىگەنلىكىنى ھىسقىلدىم. بىراق شۇنچە قىزغىن ۋە سەمىمى ئىنكاسلار ئىچىدە، بۇ تېمىنىڭ نىمە ئۈچۈن ئەرەپچە مۇنبەرلەرگە يوللانماي، ياكى دۇبەيلىك بىرەر خەلىپىلەر ۋە بىرەر ئەرەپلەر كىرمەيدىغان بۇ گۈزەل مىسرانىم تورىغا يوللانغانلىقى توغرىسىدا بىرەر سۇئال سورالمىغانىدىن ئەپسۇسلاندىم !.
شۇنداق سورالسا بىرىلىدىغان جاۋاپ شۇ — ئەرەپچە تورلارغا بۇ توغرىدىكى پىكرىمنى ئەرەپچە قىلىپ يازېشىمنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى بۇ ھەقتە ئەرەپچە يېزىلغان مىڭلىغان “تەھقىر-تەرغىپ“ نارازىلىق پىكىرلەر، پەلەستىنلىكلەرنىڭ تۈرلى ئاھۇ-زارلىرى تۇلاپ-تېشىپ تۇرۇپتۇ. شۇڭا ئارتۇقچە ئىزاھات بېرىش لازىم ئەمەس.
ئۇنداقتا نىمىشقا بۇ ئۇيغۇرچە مۇنبەرگە يوللاندى ؟
1- دەۋرىمىزدىكى ئەرەپ دۇنياسىنىڭ خەلىپلىكى دەپ ئاتىلىۋاتقان دۇبەي كىراللىرى، ئۈزىنىڭ دىنى ۋە مىللى قان-قېرىندىشىغا قىللىۋاتقان ھىسداشلىقى شۇنچىلىك ئىكەن، بىز “جاپاكەش يارالغان“ ئۇيغۇرلار قانداق چۈشەنچىدە بۇلىشىمىز كېرەك ؟ دىگەن پىكىرنى ئوتتۇرغا تاشلاش.
2- سىز ... ئۆزىڭىزنىڭ ماددى-مەنىۋى بايلىقلىرىڭىزدىن قانچىلىك پايدىلىنىۋاتىسىز ۋە نىمىلەرگە ... سەرىپ قىلىۋاتىسىز ؟ دىگەن پىكىرنى ئوتتۇرغا تاشلاش .
3- ئالدىمىزدىكى يىللاردا پۈتكۈل ئەرەپ خەلقى پايدىلىنىدىغان مەۋھۇم تور دۇنياسىدا 21- ئەسىردە مۇسۇلمانلارغا خەلىپە سايلاش توغرا كەلسە كىمنى تاللاش كېرەك ؟ دىگەن توريۈزى سىناق “بىلەت تاشلاش“ سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ تور سايلىمى قانداق نەتىجە كۆرسەتتى ۋە كىمنى كۆرسەتتى ؟ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتنى ئاڭلىسۇن دىگەنلىك.
ئۇزۇن يىللاردىن بېرى “بىرقىسىم ئەرەپلەر“ ئۆزىگە دۈشمەن بىلگەن تۈرۈكلەرنىڭ ھازىرقى باشباقىنى — دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىپتىخارى، ھۆرمەتلىك “رەجەپ تاييىپ ئەردوغان“ 70 % ئاۋاز بىلەن تاللىنىپ تور دۇنياسىدا قاتتىق زىلزىلە قوزغىدى ۋە غەرىپ ئەللىرىنى چۇچۇتتى . ئەمما بىزنىڭ بىر قىسىملىرىمىز چۇقىنىۋاتقان ... ئاتالمىش دۇبەي خەلىپىلىكى ياكى شۇ كىراللاردىن بىرى ھىچبىر ئاۋازغا ئېرىشەلمىدى. بۇ ھەقتىكى مەلۇماتنى ئاڭلىسۇن، بىلسۇن دىگەنلىكتىن ئىبارەت ئىدى.
“يەنە بۇندىن بىرقانچە يىل بۇرۇن شىمالى ياۋۇرپادا سەرسان يۈرگەن پەلەستىنلىك ئەرەپلەر “ نىڭ نالە-پەريادىنى ئاڭلقغانلىقىم ئۈچۈن، مەزۇكۇز ئاددى پىكىرنى ئۇتتۇرغا قويدۇم. (بۇ ھەرگىزمۇ ئۇمۇمى خۇلاسە ئەمەس ئەلۋەتتە). بۇ بىچارە پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئىلتىجا قىلمىغان يەرلىرى قالماي، بارمىغان “ئاتالمىش“ ئەرەپ خەلىپىلىكلىرى قالماي، شۇنچە ئاسمان-پەلەك بىنالاردىن شۇ بىچارىلەرگە بىر ئاددى ئۆي چىقماي، ياكى شۇنچە ئەرەپ جەزىرىلىرىدىن بىرەر قۇملۇق ماكان بىرىلمەي ئاىىرى، نا-ئىلاج غەرىپ دۇنياسىدىن پاناھلىق تىلىگنلىكى، ھەرقانداق بىر ئاڭلىغۇچىنى چۇڭقۇر ئۇيغا سالماي قالمايدۇ ئەلۋەتتە. ئەنە شۇ مۇساپىرلارنىڭ ئارىسىدا ساددامنىڭ چوڭقىزى ... مۇ سەرسان يۈرۈپتۇ. ساددامنىغى ... ئېيىپلىسۇن. ئۇنىڭ باللىرىدا نىم،ە گۇناھ ؟ شۇنچە ئەرەپ زېمىنىدىن بىرەر ماكان تېپىلمسمىدى ؟ . بۇنىڭدەك ئەمىلى مىساللار ناھايىتى كۆپ —!!!.
ئۆز پىكرىمزگە كەلسەك، مەزكۇر تېمىغا — نۇرغۇنلىغان ئىخلاسمەن قېرىداشلىرىمىزنىڭ يوللىغان سەمىمى تىلەك ۋە بارچە ئىنسانلارغا ئىنساپ-ھىدايەت تىلەشتەك ئالى پەزىلەتلىك ئىنكاس-پىكىرلىرىدىن تەسىرلەندىم، ئۇلارغرا تەشەككۇر ئېيتىمەن. يەنە باشقا، كۆپلىگەن ئىنكاسچىلار تۈرلبى پىكىر بايان قىلغان، ئەلۋەتتە بۇنداق پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرغا قۇيۇلىشى ياخشى، ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش، بەھىس-مۇنازىرە قىلىش دىگەن شۇ، ئەلۋەتتە پىكىرلەر ئىلمىلىكنى ساقلىغانلا بولسا.
بىراق بەزى ئاز ساندىكى ... ئىنكاسچىلار ئۈزىنى بىلمەي، باشقىلارنىڭ شىخسىيىتىگە ئۇرۇنسىز تىلتەككۈزۈشتىن ئىبارەت ئەخلاقسىزلىقىنى ئاشكارىلاپتۇ.
ئۇلارغا شۇنى ئەسكەرتىش بىلەن سۆزۈمنى تۈگىتەي. تور دۇنياسىدا مىللىتىمىز ئۈچۈن خالىس كۈچ چىقارغان تور ساھىپلىرى ۋە كېچە-كۈدۈز خالىس خىزمەت قىلىۋاتقان پەزىلەتلىك تور باشقۇرغۇچىلىرى، يەنە شۇنىڭدەك قىممەتلىك ۋاقىت سەرىپ قىلىۋاتقان كۆپلىگەن يازغۇچى ۋە كۈزەتكۈچى ئۇستازلىرىمىز، ساۋاقداشلىرىمىز بار، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەربىر يازمىسىدا نەچچەيۈز ۋە نەچچەمىڭ ئۇقۇرمەننىڭ رەھمىتىنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلار، ئۇلار مىللىتىمىزنىڭ ئاقكۆڭۈل، خالىس قەلەمكەشلىرى. يەنە شۇلاردەك كۆپلىگەن پىداكار يازارلار ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ ئەزىز مىللىتىمىز ئۈچۈن ئاددى بولسىمۇ بەدەل تۈلەشنى ئويلايدىغانلار. ئۇلار تەرپىدىن تور دۇنياسىغا يوللانغان ھەربىر تېما، دەۋرىمىزدىكى مەۋھۇم كۈتۈپخانىدا ساقلىنىدۇ، ھەرگىزمۇ سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلارغا ئەۋەتكەن خۇسۇسى كانۋېرىت ئەمەس. شۇڭا تېمىنىڭ مەزمۇنى سىلەرگە ياقمىسا-يارىمىسا، ئىنكاس يازمىساڭلارمۇ بۇلىدۇ. بىراق... قەلەم ساھىپلىرىغا پىسخىكىلىق ھۇجۇم قىلماڭلار، ئۇلارغا ناھەق زۇلۇم قىلماڭلار .
—“سۆزلىسەڭ ھەقنى سۆزلە، بولمىسا سۈكۈت قىلىپ جىمتۇر“— دىگەن ھەدىسنىڭ روھىغا ئەمەل قىلىپ قويساق ھەممىمىز ئۈچۈن پايدىلىق.
ئېتىبارىڭلارغا رەھمەت.
ئالى ئېھتىرام بىلەن —
مۆلجەرلى
2012-09-05
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا möljarli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-6 12:26 AM