مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 49194|ئىنكاس: 158

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار(شىرئەلى ئەلتىكىن)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31796
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 9327
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2011-2-26
ئاخىرقى: 2012-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 07:44:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
             ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار

01.jpg

   

             شىرئەلى ئەلتىكىن
 ئالدىنقى يازما ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن بەزى تورداشلار كورتلار(كورت مىللىتى) توغرىسىدا ئاڭلىغانلىرىمنى دەپ ئۆتسەم سەگەك مۇئامىلە قىلىپ پىكىر -بايان قىلىپتۇ. ئۇ تورداش ئىيتقاندەك قايسى مىللەت بولمىسۇن بىر تەرەپلىمە، ئۆچمەنىلىككە تولغان، كەمسىتىش تۈسىدىكى گەپ-سۆزلەردىن ساقىلىنىشىمىز لازىم. كىمنىڭ دىلى سۇنۇق بولسا ئۇ تەسەللىگە، ئېتىراپقا، مۇھەببەتكە مۇھتاج بولدىكەن. ئستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار دەپ چوڭ ماۋزۇ قويۋالدۇق. بۇنىڭ ھوددىسىدىن چىقماق ئوڭاي ئەمەس. كورگەن، ئاڭلىغاننىڭ ھەممىنى دەپ بىرىپ بولغىلى بولمايدىكەن، ئون كۈندە قانچىلىك نەرسە بىلىپ، كۆرۈپ كەتكىلى بولىدۇ دەيسىلە.
  ئۇيغۇرلار تىرىكچىلىكىنى داۋام قىلماق ئۈچۈن دۇنيادىكى ئاتام ئاڭلاپ باقمىغان دۆلەت-رايۇنلارنى ماكان قىلىۋاتىدۇ. بۇنى بىلگەنلەر بىلىۋاتىدۇ، كۆرىۋاتىدۇ. تۈرلۈك ھايات قىسمەتلىرىنى قۇبۇل قىلىپ ئىتنىك مەنبەسى بىر بولغان دۆلەت-رايۇنلاردىكى مىللەتلەرنى پاناھ تارتىش ياشاشنىڭ قىينىچىلىقلىرنى،رىيازەتلىرنى ھەل قىلىش ياكى پەسەيتىشىكە مەنپەئىتى تىگىشى مۇمكىن. ئىستانبۇل ئۇيغۇرلار باش ئىلىپ چىقىپ، ماكان قىلغان شەھەرلەر ئىچىدە ئالاھىدە ئورۇندا تۇرۇپ كەلمەكتە. ئستانبۇل ئۇيغۇرلار ياخشى كۆرىدىغان، ئىنتىلدىغان شەھەرلەرنىڭ بىرسى. بىرەر يۇز يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستانبۇلغا كىلىپ ئۆز تىرىكچىلىكىنى ئەل قاتارى ئىلىپ كىتۋاتقانلىقى مەتبۇئات-ئاخبارات، مەدەنيەت ساھاسىدىكلەرگە ئازدۇر-كۆپتۇر مەلۇم. بۇ قىتىمقى ئىستانبۇلغا قىلغان ساياھىتىمىزدە ئىستانبۇل كوچالىرىدا، جامە، ئايرۇپورت، تاكسىم مەيدانى، بازاردا ئاندا-ساندا ئۇيغۇرلارنى كۆردۇق، ئۇچۇراتتۇق. ئۇلار بىلەن خاس پاراڭلىشىش، مۇڭدىشىش شەرپىگە ئىگە بولالمىغان بولساقمۇ بىزگە يىتەكچىلىك قىلغان ئىنىمىز مىر سالىھ ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەلۇمات بىرىپ مۇنداق دىدى: دۇنيادىكى باشقا شەھەرلەرگە قارغاندا ئىستانبۇلدا نىسپەتەن ئۇيغۇرلار كۆپرەك ھەم كۆپ كىلىپ كىتىدۇ. ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى تىجارەت يەنى مەرمەرچىلىك، كىيىم كېچەك، يېمەك-ئىچمەك ئۆي-مۇلۇك، قاتناش، نەشىريات سودىسى، تاكسى(ئوندەك تاكسىسى بارلارمۇ بار ئىكەن)، شىركەت ئاچقانلارمۇ چىقىپتۇ. يىقىننىڭياقى كەلگەنلەر ئوقۇش بىلەن ھەم خەنزۇ سودىگەرلەرگە تەرجىمانلىق  بىلەن مەشغۇل بولۋىتىپتۇ. 4-5ئالى مەكتەبتە مۇئەللىم بولغانلارمۇ، تۈرلۈك كەسىپلەردە ئالى مەكتەپتە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقانلارمۇ بار دىيىلدى. ئاڭلىسام ساياھەت يىتەكچىمىز مىر سالىھمۇ ئىستانبۇل ئۇنېۋىرسىتىتنىڭ ئىقتىساد ئىنىستۇتى دوكتۇرانىتى ئىكەن. ئۇ  تۈركىيەنىڭ بىر خەلىقئارالىق شىركەتلەر گۇرۇھىنىڭ تاشقى سودا بۆلۇم دىرىكتۇرى ۋەزپىسىدە ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا ئەللىرىگە مەسئۇل بولۇپ ئىشلەپتۇ. بۇ يىل ئىقتىسادىتىن دوكتۇرلۇق دىسىرتاتسىيەسىنى ياقلايدىكەن. ئۇ بىر ياقتىن قېتىقىنىپ تەتقىقات ئىلىپ بارسا يەنە بىر تەرەبتىن بىكار بولسىلا ساياھەت يىتەكچىلىكىنىڭمۇ قىلدىكەن. مىرسالىھ كىچىك پىئىل، بىلگەنلرىنى ئايمايدىغان، قىزغىن، ئۆزنى تۇختاتقان تەسىر بەردى. ئۇنىڭ مىجەزىمۇ ئوڭلۇق بولۇپ سورىغانلىرىمىزغا مۆتىدىل مەيداندا تۇرۇپ بايان قىلىپ بەردى.

02.jpg



022.jpg

مىرسالىھ بىلەن بىللە



مىرسالىھنىڭ ئىيتىشچە، كېچىكىدە خوتەندىن چىقىپ ئىستانبۇل سانائەت ئۇنۋىرسىېىتىدا ئايرۇپىلان ياساش كەسپىدە ئوقۇغان بىر قىز بارىكەن. ئۇ قىز ئەلا ئوقۇغاچقا ئامىركىغىمۇ پىراكتىكىغا بىرىپ كەپتۇمىش. ھازىر ئىستانبۇلدىكى ئايرۇپىلان ياسايدىغان زاۋۇتتا خىزمەت قىلدىكەن(ئىسمى يادىمدا قالماپتۇ). تەس، ئەتىۋارلىق كەسىپ دوختۇرلۇقتىنمۇ خىلى داڭلىق دوختۇرلارنىڭ بارلىقىنىمۇ   دەپ ئوتتى. كامال جەمەتىنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنىتلىرىدىن مەغپىرەت كامال خانىممۇ داڭلىق خۇسۇسىي ئۇنۋېىرسىتىت ((بىلگى)) دە مۇئەللىم لىك قىلدىكەن، ئەدەبىيات دەرسى بېرىدۇ دېدى. ئۇ خانىم ئۇيغۇر بالىلارغا ۋە ئۇيغۇر تىلى ئۆگۇنىدىغانلارغا ئۇيغۇر تىلدىنمۇ دەرس ئۆتكەن دىيلىدى. 20-30يىللاردىكى قەشقەردىكى داڭلىق باي ئاخۇنبايۇۋ جەمەتىدىن 2 ئادەم قايسىدۇر بىر ئالى مەكتەبتە فىرافىسۇر سالاھىيتىدە ئىشلەيدىكەن. ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاشخانىسىنى بۇرۇن كەلگەن قەيسەرىيلىك ئۇيغۇر بالىلار ئاچىدىكەن. ئىستانبۇل دەپ خۇددى بارسىلا ھەممە ئىش يۇرۇشۇپ، تەييار بولۇپ كىتىدىغان ئۆز ئۆيدەك ئوقۇشنى، ياشاشنى ئاسان چاغلاپ چىققان بەزى بالىلار يا تۇزۇك ئوقۇماي يا قايتىپ كىلىشكە يۇزى چىدىماي ئۆز سەنىمىگە دەسسەپ يۇرۇۋاتىدۇ دەپمۇ ئاڭلىدۇق. مۇشۇ يەردە قانداق ئوقۇسا باشقا يەردىمۇ شۇنداق ئوقۇيدىغان ئىش ئوخشايدۇ. ئىستانبۇلنىڭ ھاۋاسى ۋەتەن ھاۋاسىغا ئوخشاپ كەتكەچكە دۇنيانىڭ بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىدىكى بولۇپمۇ ياۋرۇپادا ئىلىم تەھسىل قىلۋاتقان، مۇھاجىرەتتە يەرلىشىپ قالغان، مەلۇم سەۋەبلەر تۇپەيلى ۋەتەنگە قايتالمايدىغانلار دائىم دېگۇدەك ئىستانبۇلغا كىلىپ ھاۋا يەپ، سۇينى ئىچىپ، ئۇيغۇر كۆرۈپ، مۇڭدۇشۇپ ۋەتەننىڭ پۇرىقىنى پۇرىغاندەك بولۇشۇپ يەنە شۇ تۇرار جايلىرىغا قايتىشىدىكەن. ئىقتىساتتىن باشقا تارىخ ۋە مەدەنيەت پەنلىرىگىمۇ ئىشتياق باغلىغان ئىنىمىز ئىستانبۇل ئۇنۋىرېسىېتىتى توغىرىسىدا سۆزلەپ كىلىۋىتىپ ئىستانبۇل ئۇنۋېىرىسىتىنىڭ دەرۋازىسىغا(( ھاياتتىكى ئەڭ كاتتا مۇرىشىد-ئىلىمدۇر)) دەپ يىزىلغان دىدى. شۇئان ۋەتەندىكى مەكتەپلەرنىڭ تىمىغا يىزىلغان، يېزىلىدىغان بىر مۇنچە شۇئارلار ئىسىمگە كىلىپ كۆڭلۇم غەش بولدى.

03.jpg

ئىستانبۇل ئۇنۋىرسىتىتى



 ئىچىمىزدىن مەشھۇر ئادەملەرنىڭ چىقىشغا بەك تەشنا بولغاچقا بىلمەي قالمايلى دەپ سۈرۈشتۈرۈپ كۆرىدىكەنمىز، مىرسالىھتىن ئىستانبۇلدا بىز ئاڭلاپ باقمىغان، كۆرمىگەن ئۇيغۇرلار بارمۇ  دېسەك ئۇ باربولمامدىغان دەپ كازىم مىرشان ئىسىملىك بىر تۈركلوگىيە ساھەسىدە داڭلىق بىر ئادەمنىڭ بارلىقىنى، ئۇيغۇرلار بىلەن ئانچە ئالاقە قىلمايدىغانلىقىنى، ئىزدەپ بارغانلارغا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلىقىنى ئىيتىشىنى ئۇنتۇپ قالمايدىغىنىنى دېۋىدى ،بۇ قانداق ئادەمدۇ دەپ سۇرۇشتۇرسەم ئۇنىڭ تەرجىمھالى تىپىلدى. تۇركيەگە ئىلىم ئەھلى، ئالىملار چىقىپ تۇردۇ، نىمىشقا مۇشۇ ۋاقىتقىچە ئۇ ئادەمنىڭ نامى تىل- تارىخ ھەۋەسكارلىرىغا مەلۇم بولماسلىقى، بىرەر پارچە ماقالىسنىڭ بولسمۇ تەرجىمە قىلىنمىغانلىقىقا ئەپسۇسلاندىم.

1919 .يىلى 7.ئاينىڭ4-كۈنى غۇلجىدا تۇغۇلغان كازىم مىرشان 1932.يىلدىن باشلاپ ئىستانبۇلنى ماكان قىلغان.دەسلەپ ئىستانبۇلغان كەلگەن كازىم مىرشان تولۇق ئوتتۇرنى تاماملاپ بولغاندىن كىيىن بوغاز ئىچى ئۇنۋېرسىېتىدا ئىنژىنىرلىقتا ئوقۇيدۇ،3.يىللىقا كەلگەندە بىرلىنغا كىلىپ شۇ ۋاقىتتا دەۋىر سۇرۋاتقان تىخنىلوگيە ئىقىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرايدۇ.ئۇ گىرمانىيەدە بىر ئاممىۋى قۇرۇلۇش ئنىژىنىرى بولسىمۇ تۈركلەر(تۈركىيلەر) تارىخنى ئۆگۇنۇش ئىشتىن سىرتقى ھەۋىسىگە ئايلىندۇ.دەسلەپتە تىلشۇناسلىققا بېرىلىپ ياۋرۇپا تىللىرى ۋە بارلىق تۈركىيلەرنىڭ تىلىلىرنىڭ تەلەپپۇزنى سلىشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىدۇ.كىيىنكى يىللىرىدا تۈركلەرنىڭ تارىختىن بۇرۇنقى تارىخنى تەتقىق قىلىدۇ.

كازىم مىرشان ئەپەندى تۈركلەرنىڭ 16مىڭ يىللىق تارىخى بار،تۇرك تىللىرى رىمدىن سىكانداۋىيە ئارلىغا قەدەر تەسىر كۆرسەتكەن  دەپ قارايدىكەن.ئۇ تىپىلغان مەڭگۇ تاشلار،ئەڭ بۇرۇنقى ۋەسىقە-ھۆججتلەرگە ئاساسلىنىپ قەدىمقى تۈرك(ئۇيغۇر)تىلىدىن ئەرەب،پارس ھەتتا ياۋرۇپا تىلىلىرىغا سوزلەر كىرگەن دەپ قارايدىكەن ھەم شۇ ھەقتە مەخسۇس كىتاب-ماقالەلەرنى يېزىپ ئىلان قىلدۇرۇپتۇ.

04.jpg

كازىم مىرشان ئەپەندىم



ئەستايىدىلىللىقى ھەم تەمكىنلىكى ئۇنىڭ تارىختىىكى مەسللىلەرگە قارىتا سوقۇققان پوزىتىسىيە شەككىللەندۈرگەن،ئۇ كۆپ تىل ئۆگەنگەن بولۇپ گىرمان،ئىنگىلىز،رۇس تىللىرىنى ۋە ئاساسلىق تۈرك تىللىرىنى ئىگەللىگەن.بەزىلەر ئۇنى ئوندەك تىل بىلىدۇ دەيدىكەن.ئۇنىڭ ئەسەرلىرى  تۈرك،ئىنگىلىز،نىمىسچە ئېلان قىلىنغان.پات ئارىدا خەنزۇچىسىمۇ نەشىر قىلىندىكەن.گىرمانچە((تۇرلۇك تىللاردا ئىپتىدايى تۈركچە(ئۇيغۇر) ئىزلىرى))ئىنگىلىزچە (ئەسكى تۈرك بىلىگىلىرىدە قەدىمقى پەن-تىخنىكا،پەلەكىيات بىلىملىرى))،تۈركچە(ئانادولىيە ئىپتىدايى تۈركلىرى) قاتارلىقلار بار.پەقەت تۈركچە كىتابلىرى 30پارچە ئىكەن.يۇقۇرقى تىللاردىمۇ 7-8 پارچىدىن كىتابلىرى نەشىردىن چىققان ئىكەن.ئۇ كىشى ھازىرمۇ ھايات بولۇپ كىشلەر بىلەن قۇيۇق بېرىش-كېلىش قىلىشمايدىكەن.
ئۇنى-بۇنى دەيمىز يەنىلا بىلىم ئالغانىغا،قىتىرقىنىپ ئىزدەنگە،ئۆگەنگە يەتمەيدىكەن.ئۇ كىشنىڭ ئۇن-تىنسىز تىرشچانلىقى،بىجاندىل خىزمەت قىلىشلىرى ياشلارنىڭ ئۆگۇنىدىغان تەرىپى ئىكەن.ئۆزىنىڭ ئازراق تۆلىگەن بەدەللىرىدىن،بىرەر تامچە ئالغان  بىلىملىرىدىن ماختىدىغان،پو ئاتىدىغان،شۇ كېچىشلىرىدىن   ئالدىراپ مەمنۇن بولاپ كىتىدىغان ئالدىراڭغۇ مىجەزىدىكى تەنتەكلەر سىلىشتۇرۇپ كۆرسە ئۇنىڭ ئالدىدا خىجىل بولۇشى مۇمكىن.سىغىنىش،تەنھالىق ئىچىدە ئىلىمگە بىرىلگەن ئىشتىياق،جاسارەت بەلكىم ئاشۇنداق زور ئەمگەكلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىغان بولۇشى مۇمكىن.


05.jpg

سەلىم ئۇستا

055.jpg

سەلىم ئۇستا كاۋاپخانىسى





ئىستانبۇلغا بارغانلار نامنى ئاڭلايدىغان ((سەلىم ئۇستا))   دەيدىغان بىر كاۋابخانا بارلىقىنى مىرسالىھ بىزگە سۇلتان ئەھمەتكە  مىېڭۋىتىپ دەپ بەردى.ئۇنىڭ دېىيشىچە،ئىستانبۇلدا سۇلتان ئەھمەت جامەسىنىڭ يىنىدا پۇتۇن تۈركىيەگە نامى مەشھۇر((سەلىم ئۇستا)) ئاتلىق بىر كاۋابخانا بار ئىكەن.   1920.يىللىرى قەشقەردىن مەھمەت سەرۇجتتىن تىز چاكىن ئەپەندى دەيدىغان كىشى ئىستانبۇلغا كىلىپ قىيما كاۋاب چىقرىپتۇ.دەسلەپتە كاۋابخانا نامى ((تۈران كاۋابخانا))سى ئىكەنتۇق.ئۇ كىشى 44.يىلى ۋاپات بولغاندىكىن كىيىن ئۇچ ئوغلى مۇستافا،ئىسمايىل،سەلىم كاۋابخانا نامىنى ((خەلىق كاۋابخانا))سىغا ئۆزگەرتىپتۇ.76.يىلغا كەلگەندە(( تارىخى سۇلتان ئەھمەت كوفتەچىسى-سەلىم ئۇستا))غا تۇراقلىشىپتۇ.ھازىر بۇ كاۋابخانا((سەلىم ئۇستا))نامى بىلەن تارماق دۇكانلىرى تۈركىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىدە بار بولۇپ رۇزا-رامىزان،ھىيت-ئايەمدە   سودىسى بەك قىزىيدىكەن.ئارلىقتىن بىرەر يۇز يىل ئۆتكەچىكىمۇ ھەم ئۇستىكارنىڭ ئىزنى باسىدىغانلارنىڭ چىقمىغانلىقىدىنمۇ  ۋەجىدىن قەشقەردە پىشرۇلدىغان قىيما كاۋاب بىلەن تەم،رەڭگى،خۇرۇچ،باھا جەھەتتىن پەرقلىندىكەن.ئۇ يەرىگە نە- نەدىن كەلگەنلەرمۇ بىرىپ كاۋاب يەپ كىتىشىدىكەن.مەھمەت سەرۇجتتىن ئەپەندى ياققان ئوتنى ئۇنىڭ ئىھتىياتچان،سەۋىرچان ئەۋلاتلىرى ئوچۇرۇپ قويماپتۇ.بىراق،بىز   ئۇ كاۋابخانىغا كاۋاب يېيىش ئۇچۇن بارغاندا خىرىدارلارنىڭ كۆپلىكىدىن بوش ئورۇن قالماپتۇ.ئىلاجسىز ئارقىمىزغا كاۋابقا ئىغىز تەگمەيلا قايتتۇق.   .ئىستانبۇلدا ئۇيغۇرلار ئاچقان ئاشخانلار ئىچىلىپ تاقلىپ تۇردىكەن،ئەمما،سەلىم ئۇستا كاۋابخاناسى ئىزچىل سودىسى ئىقىپ گۇللىنىپ كىلۋىتىپتۇ.
نەچچە يىل بۇرۇن ((ئاتلان))دىكى ئابدۇشۇكۇر ئىستانبۇلدا
((كاشغەرلى مەھمۇت كوچىسى)) دەيدىغان كوچا بار دېگەندە يائاللاھ،ھەر نىمە بولسا ،كۆرەرمەنمۇ دەيتىم.ئىستانبۇلغا دەسسىگەندىن باشلاپلا كەتكۇچە خۇدا خالىسا كۆرەرمەن دەپ ئارمان قىلغانتىم.

   06.jpg

كاشغەرلى مەھمۇت كوچىسى



ئادەمنى   خۇش قىلىپ(( دىۋانى لۇغەتتىن تۈرك)) مۇئەللىپى مەھمۇت كاشغەرىينىڭ نامىغا ئاتالغان كوچىدا دەل بىزگە ساياھەت يىتەكچىسى بولۋاتقان مىرسالىھنىڭ ئۆيى بارلىقىنى ئاڭلاپ تۇرالماي قالدىم.   ((نىيەت ئەلا ))دېگەندەك نەچچە كۇن ئۆتۇپ ((كاشغەرلى مەھمۇت كوچىسى))غا يەنى مىرسالىھنىڭ ئۆيىگە بىرىپ كەلدىم. ئۆي ئىگسىگە مۇشۇ كوچىدىلا تۇنەيلى،ئۆيگە كىرمەيلى دىدىم.ئۇ كۇلۇپ كىتىپ - مىھمان  ئۆيدە ياتىدۇ، دىدى. مىنىڭ رايىمچە بولغاندا ئويگە كىرمەي بىر كىچە مۇشۇ كوچىدا ناخشا ئىيتقۇم،راۋاب چالغۇم بار ئىدى.مىڭ مىتىرىچە كىلدىغان ، 20-30چەئۇيغۇر ئائىلىسى بار ئادەتتىكى بىر كوچا ئىكەن،ئىككى يىقىدىكى ئۆيلەردىكى كىشلەر ئاساسلىقى تىجارەت قىلدىغانلار بولۇپ ئىستانبۇلغا نىسپەتەن ئوتتۇرا قاتلامغا تەۋە  ئىكەن.بۇ كوچىنى ئىستانبۇللىقلار بىلدىكەن.ئەمما ،ئاتايىن ئايلىندىغان،كۆرىدىغان ساياھەتچىلەر ئاز كىلدىكەن.بىزدىن بارغانلاردىن قىنى ئاشۇ كوچا،كورۇپ باقاي دەيدىغانلار ئاز بولدىكەن.قاچاندىن باشلاپ بۇ كوچا پەيدا بولغان ۋە قاچاندىن تارتىپ ((كاشغەرلى مەھمۇت كوچىسى)) ئاتالغانلىقىنى   بىلدىغانلار بولۇشى مۇمكىن.يۇرتمىزدا بۇ بۇيۇك تىلچىغا ئاتالغان  بىرەر كوچا يوق ئىدى.مەدرىس-مەكتەبمۇ قالمىغان. 50-60يىل بۇرۇن بار ئىكەندۇق.كوچنىڭ پاكىز،رەتلىكلىكىكىگە قاراب   شۇ ئۇلۇغ زاتنى ياد ئىتىپ تۇرۋاتقان،تۇرلۇك پائالىيەتلەرنى ،تەبىركلەشلەرنى ئوتكۇزۇپ تۇردىغان ئىستانبۇللىقلارغا قايىل بولدىكەنسىز.يقىندا ئىستانبۇلدا ((دىۋان))نىڭ بۇگۇنىدەك يورۇقلۇققا چىقىشىغا خىزمەت قىلغان ئەلى ئەمىر ئەپەندىنى خاتىرلەش پائالىيتى داغدۇغلۇق  ئۆتكۇزلۇپتۇ.ئەلى ئەمىر ئەپەندى شۇ ((دىۋانى لۇغەتتىن تۈرك))ئۇچۇن قىلغان كەم كۇتسىز خىزمىتى شەرپىگە ئىززەتلىنىپ ئوسمانلىى خانلىقىدا ۋەزىرمۇ بوپتىكەن.((بىر كىتاب-بىر ئالەم ))دە تىلشۇناس ئارسىلان ئابدۇللا تەھۇر بىباھا ئەسەرنىڭ تىپلىىش ئەھۋالىنى بىرەر قۇر دەپ ئوتتى. ئۇنىڭغا قانچىلىك ئادەم سە-سەپ سالدى،بۇنىسى قاراڭغۇ.  2008.يىللىق مەھمۇت كەشغەرى يىلىدا  تىلشۇناسلىق،مۇقامچىلىق،كىلاسسىك ئەدەبىيات ساھاسىدە بىجرىم خىزمەتلەرنى قىلغان ئۇستازىمىز ئابدۇرەئۇپ پولات تەكلىماكانىينىڭ تىكىستىگە مۇزىكا ئشلەپ ناخشا قىلىپ ئوقۇغىنىمنىغا، شۇنچىلىك ئاز بولسىمۇ بىر ئىش قىلىپ بۇ بۇيۇك،ئۆچمەس ئىنساننى خاتىرلىگىنىمگە خۇرسەن بولدۇم، بۇ  بىتەكرەر زاتنى ھەر يىلى قانچە خا تىرلىسەك ئەرزىيتى.
ئىستانبۇلدا ئۆتكەن كۇنلەردە   تولا ئاڭلىغان بىر گەپ ئىسىمدىن چىقمايدۇ. ئۇ سۆز بولسا تۈرك ئانىلىرى قىزلىرىغا ئىيتىدىغان((كۆرسەت،بەرمە))

  07.jpg



قايتىپ كەلگەندە تونۇش-بىلىشلەر،ئاغىنىيلەر بىلەن ئىستانبۇل ساياھىتى توغرىسىد پاراڭ بولغاندا ئاشۇ((كۆرسەت،بەرمە)) دېگەن گەپنى دېگۇم كەلدى ھەم دىدىم.  تۈرك ئەرلىرىنىڭ ئايالىلىرىغا تۇتقان مۇئامىلىسى سۆيۇندۇردىكەن.ئورۇن بوشتۇش ،سالام-ساھەتتە ھەر جايدا ئاياللارنى ئۇنتۇمايدىكەن.ئىستانبۇلغا كىلىپ-كەتكەندە  قىز- ئاياللىرىمىزغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنىڭ يىتەرسىزلكى بىلىندىكەن .بۇ دېگنىم تۈرك قىزلىرىنى پەرشتىگە چىقىرۋەتكىنىم يوق.يەنىلا زور كۆپ ئۇيغۇر ئەرلىرى ئۇيغۇر  قىزلىرنى سۆيىدۇ ھەم ئۇلارنى ئەڭ گۈزەل،ئەڭ سۆيۇملۇك بىلىدۇ،بىلىمىز.
  قايسى بىر كىنودا تۈرك ئانا قىزغا نەسھەت قىلىپ((بەر دېسە بەرمە،نىكاھ ئوقۇماي بەرسەڭ ئۇ ئىلۋىلىپلا سىنى تاشلىۋەتسە ،ئەجەل كىلىپ ئۆلۇپ كەتسە سەن قەدىرسىز بولسەن)) دەپ نەسھەت قىلىدۇ.تۈرك ئانىلىرى قىزلىرىدىن ئۆز پاكلىقىنى،ئىپتىنى ساقلاشنى كۇچلۇك تەلەپ قىلدىكەن.شۇڭا ،تۈركىيەگە بارغانلار يولدا،ئۇ يەر-بۇ يەردە ئۇچۇرغان ،ھەر خىل كىيىنگەن تۈرك قىزلىرغا قاراپ نىيتىنى بۇزسا ،سۆز تاشلىسا دەشنەم ئىشتىدىكەن. تۈركىيە كىنولىردىمۇ تۈركلەرنىڭ قىز-ئاياللارغا قىلغان،قىلۋاتقان ئىززەت-ھورمەت ئىپادىلنىپ تۇردىكەن.ئوتكەندە  بىر مەتبۇئاتتا دېىيلىشچە تۈركىيەنىڭ مەلۇم يىزسىدىكى بىر قىز-يىگىتنىڭ ئاتا ئانىسى  قارشى تەرەب بىلەن قىز- پۇتۇشكەن.  لىكىن،ئۇلار نىكاھ كۇنگە چاي ئىچىرۇلدىغان ۋاقىتقا كەلگەندە  بىر بىرسى بىلەن تۇنجى قىتىم كۆرۇشكەن.ئاتا قىزغا 15 مىنۇت ۋاقىت بىرىپ يىگىت بىلەن كۆرۇرشۇشكە مۆھلەت بەرگەن،بىراق،قىز 15 مىنۇتتىن ئىشىپ كەتكەندە كەلگەندە داداسى،ئوغلى ئىككىسى قىزنى ئائىلىمىزنىڭ شەرپىنى بۇزدۇڭ دەپ ئولتۇرۋۋەتكەنلىكى ئېلان قىلىنغان ئىدى..بۇنداق ئىشلار دائىم يۇز بىرىپ تۇردىكەن.  .تۈرك قىزىلىرىدىن بىر خىل ئىشەنچ، مەغرۇرلۇق چىقىپ تۇرىدىكەن.قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ كۇلپىتى،تەقدىرى ،تارتىىۋاتقان دىشۋارچىلىقى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئىزەتتى.ئوخشاش قىسمەتتىكى كۇن كورۋاتقانلارنىڭ خۇدا ھەممىنى تەڭشەيدۇ دەپ ياخشى-ياماننى پەرقلەندۇرۇپ ياشاۋاتقانلىرىدىن سويۇنۇپ قالدىكەن.
  ئىستانبۇلغا سەپەر قىلغان ۋەتەنداشلارغا ئىستانبۇل گۈزەل ئەسلىملەرنى قالدۇرغان بولۇشى مۇمكىن. قەشقەر شەھەرىدىن تۈركىيەگە چىقىپ ئولتۇراقلىشىپ تىجارەت ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل  بولۋاتقان تەڭ ياشلاردىكى قىرىدىشمىزنى ئۇنتالمايمەن.  بىزنىڭ ئىستانبۇلغا دەسسىگەنلىكىمىزدىن خەۋەر تاپقان ئۇ قىرىندىشىمىز   بىزنى ئاتايىن يوقلاپ كىلىپ بىزنى مىھمان قىلدى.      ئىستانبۇلدىن قايتماقچى بولغىنىمىزدا    چامادانلىرىمىزنى كۆتۇرۇپ، قىزغىن خىزمەتلەردە بولدى.ئۇنىڭ ئادەمنىڭ گۇماننى قوزغايدىغان دەرىجىدىكى قىزغىنلىقى،ئۆزىنى تۆۋەن،كەمتەر تۇتۇپ ئىشتا،سوھبەتتە بولۇشى بىلمىگەن ئادەمگە غەلىتە،بىر قىسما تۇيۇلىشى مۇمكىن. بىراق،ئۇ قۇلۇمنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ؛
  ـ--قايلاڭلا شىرئىلىجان...،ئىستانبۇل دېگەن   مانا شۇ.كۆردۇڭلا، ئىدەمنىڭ كۆرگۇسى كىلىپ،قارغانسىرى قارغۇسى كىلىدۇ،ئىمما،ئىدىش،قەشقەرنىڭ ھىچ يىرىگە تەڭ قىلمىدىم،قىلالمىدىم،خۇدا نىسىپ قىلىپ قەشقەرگە قايتسام ئاشۇ ھىيىتكا(ھىيىتگاھ) ئەتراپىدا قوغۇن پىچىپ ساتسام ھىچ بىر ئارمىنىم يوق .....
  ئۇنىڭ قۇيۇق قەشقەر شىۋىسىدىكى تەلەپپۇزى ئىسىمگە ئورناشقان بىر ئاۋاز بولاپ قالدى.ئۇ نىڭ بۇ گەپلىرىنىڭ مەناسىغا تولۇق يىتىپ بولالمىغان بولساممۇ ئىشەندىم. ،ئاشۇ ئىلاجىسىز مۇھەببىتىنى، تەلپۇنىشنى ھىس قىلشىقا تىرىشتىم.
  بۇنداق ئادەمنىڭ ئىچنى سىيرىدىغان رۇھى ھالەتتە ،تەقدىردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر لار كۆپ بولۇشى ئىنىق.ھەر قانداق ئادەم جۇملىدىن ئۇيغۇر بالسى يۇرت سىيرايدۇ.مەن ئۇچۇراتمىغان،ماڭا ئۇچۇرمىغان ئىستانبۇلدا ئاشۇ قىرنىدشىمىزغا ئوخشاش ھىسياتتكىلەر ئىنىقكى بار.

08.jpg



  ئىستانبۇلدىكى ۋاقتىمدا ھەم قايتىپ كىلىپمۇ گۇلەن ئىسىملىك قىرنىدىشىمىزنىڭ بەزى يازمىللىرىنى ئوقۇدۇم،بىر يازمىسىدىكى ئامىرىكا فىلۇرادادىكى ئۇيغۇر بوۋاينىڭ مۇنۇلۇگى،تولمۇ قىممەتلىك ئىنسانى ئەخلاقى،ئاددى پەزىلەتلىك ئىشلىرى بەكمۇ تەسىرلىك ئىدى. ئۇنىڭ ئىستانبۇلدىن،ئامرىكىدىن قايتىپ كەلگەنلىكىگە كەتكەن مەنىۋى ساپانى دەڭسەپ كۆردۇم.ئىغىردەك قىلاتتى.يازغانلىرىدىن،ھايات سەپرىدىن بىر خىل قەيسەرلىك،جاسارەت چىقىپ تۇردىكەن.مۇشۇنداق كىشلەر بىز گە نىسپەتەن قىممەتلىك مەنۋى ئۇچۇرلارنى يەتكۇزەلسە كىرەك.
  ئىستانبۇل ھەققىدە ئۇلانما تەسىراتلاركۆپ ئىدى. ھەممىنى دەپ بولالمايدىكەن.خۇدا يەتكۇزگەن كۇنلەردە مەن دەپ بولالمىغانلىرىنى،كۆرەلمىگەنلەرنى،ھىس قىلالمىغانلرىمنى قابلىيتى زىيادە ياشلرىمىز تولۇقلاپ ،راۋۇرۇس قىممەتلىك خاتىرلەرنى قالدۇرىشى مۇمكىن.

  

09.jpg

فاتىخ سۇلتان مەھمەت


010.jpg

كاپال چارشى بازار


011.jpg

بۇ شاھمات بولامدىكەن؟


012.jpg


0122.jpg

ئىستانبۇلدىكى پادىشاھلار مەقبەرىسى

تامام
2012-يىلى9-ئاينىڭ 5-كۈنى



  قۇشۇمچە:((كورتلار ۋادىسى)) ۋە پولات ئەلەمدارنىڭ بىزلەر بىلەن ئۇچۇراشقان نەچچە سائەتلىك ۋاقىتتا نىملەرنى دېگەنلىكى،ئۆتكۇزۇلگەن پائالىيەتنىڭ مەزمۇنى پات ئارىدا مىسرانىم مۇنبىرىدە ئوقۇرمەنلەرگە مەلۇم بولغۇسى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-6 10:34 AM  


ھازىرغىچە 13 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
owchi. + 200 ماختاشقا تېگىشلىك
پەرى + 218 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئە.
quxtikiakku + 10
نەزەر + 500 ماختاشقا تېگىشلىك
aklala220 + 300 ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن
Uyghun + 108 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
زامانى + 500 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
ئايچىن + 100 نادىر تېما
Dakyanos + 200
qintax + 100 ماختاشقا تېگىشلىك
ihsan0903 + 39 ماختاشقا تېگىشلىك
boxuk + 300 اللانىڭ سالىمى بولسۇن
ap~qilam + 100 ئېسىل تېما

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 2675   باھا خاتىرىسى

ۋىجدان ھەق-ناھەقتە سىنىلىدۇ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4682
يازما سانى: 1999
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32881
تۆھپە نۇمۇرى: 5599
توردا: 12084 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 08:04:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كازىم مىرشان ئەپەندى تۈركلەرنىڭ 16000مىڭ يىللىق تارىخى بار،تۇرك تىللىرى رىمدىن سىكانداۋىيە ئارلىغا قەدەر تەسىر كۆرسەتكەن  دەپ قارايدىكەن.....بۇ بەك مۇبالىغە بوپ كەتىمۇ قانداق .....سانسىپىرلاردىكى خاتالىقمۇ يە ؟

ئادەم غۇرۇرىنى يوقاتقاندا ئادىمىلىكىنىمۇ يوقاتقان بولدۇ

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 3025
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5924
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2527 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 08:05:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلەم قۇۋىتىڭىزغا ئاپىرىن ئاكا، ئالدىنقى قېتىمدىقى ئەسىرىڭىزنىمۇ شۇنداق قىزىقىش ئىچىدە ئوقۇغانىدىم ، بۇنىمۇ  شۇنداق ئەلۋەتتە
بولسا ئاكا ئىنكاسلاردىمۇ  بىزبىلەن ئورتاقلاشسىڭىز

باشقىلار ئادەمنىڭ تەغدىرى پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ دەيدۇ،لېكىن مەن تەغدىرىمنى ئۆزۈم يېزىپ چىقىمەن !!!

كامىل يۇۋاش

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34036
يازما سانى: 1428
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8117
تۆھپە نۇمۇرى: 192
توردا: 1728 سائەت
تىزىم: 2011-3-16
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 08:07:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما  يوللۇغۇچى   راس شىر ئەلى ئەلتېكىنمۇ

كامىل،يۇۋاش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66058
يازما سانى: 373
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1891
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1266 سائەت
تىزىم: 2011-11-20
ئاخىرقى: 2015-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 08:07:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەھەلىدىشىم شىرئەلىكا ! يازمىلىرىڭىزغا رەخمەت . ئستامبولنى كۆرگەندەك بولدۇم .

80ياش ھايات 30مىڭ كۈن

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 147
يازما سانى: 423
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2152
تۆھپە نۇمۇرى: 462
توردا: 1994 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 08:08:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شەھەر نىمە دىگەن پاكىز قەلبىمۇ ئۆزىمۇ پاكىز ئىكەن ،بەزى بازار رەسىملىرىنى كۆرۈپ ئوردى ئالدىنىڭ بۇرۇنقى سىماسى كۆز ئالدىمغا كەلدى،شىر ئەلى ئەلتىكىنگە تەشەككۈر
قىرىندىشىمىزنىڭ مۇنبەردە يىڭى ئەزا بولۇپ تۇرىۋىلىشىنى خالىمايمەن باشقۇرغۇچىلار
بولسا بىر تەڭشەش ئىلىپ بارغان بولساڭلار..............

نىمە ئۈچۈن بۆشۈك بىلەن قەۋرىنىڭ شەكلى ئوخشاش،ھەرئىككىلىسى ئۇيقۇ ئۈچۈن ياسىلىدۇ پەرقى شۇكى بىرى ۋاقىتلىق ئۇيقۇ ئۈچۈن بىرى مەڭگۈلۈك ئۇيقۇ ئۈچۈندۇر...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 1656
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14965
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2775 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 08:18:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزنىڭ بىزگە يەنە بىرقېتىم ئىستانبۇل خاتىرىسنى يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت.
بىزدەك  قۇدۇق ئىچىدىكى پاقىلار مۇشۇنداق ساياھەت خاتىرلىرىدىن دۇنيادىكى مەشھۇر شەھەرلەر ۋە ئۇجايلاردىكى قېرىنداشلىرىمىز ھەققىدە  خېلى نەرسىلەرنى بىلىپ قالىدىكەنمىز.

مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!

ھەركىم قىلسا ئۆزىگە قىلىدۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39302
يازما سانى: 290
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4429
تۆھپە نۇمۇرى: 192
توردا: 720 سائەت
تىزىم: 2011-5-1
ئاخىرقى: 2014-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 08:19:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سالام شىرئەلى ئاكا ، بۇ قېتىمقى ساياھىتىڭىزنى ناھايىتىمۇ ياخشى تەسۋىرلەپ  ئەكس ئەتتۈرۈپ بىرىپسىز، قەلىمىڭىز ئۆتكۈرلىكى ۋە ئىپادىلەش قابىلىيتىڭىزنىڭ يۇقىرلىقىغا ئاپرىن!

ھەركىم قىلسا ئۆزىگە قىلىدۇ .

تۇزنى تۆكمە، قىز

ئۈلگىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 8969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36588
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7239 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 08:22:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىئر ئةلىگة بولغان قايىللقىم ئېشىپ مېڭىۋاتىدۇ، سىزنىڭ داۋاملىق تىرىشىپ پةقةت ناخىشىچىلا ئةمةس بةلكى بىر جامائةت ئةربابى بۇلىشڭىزنى ئارزۇ قىلىمةن.

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

بىر ئاللادىن باش

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51146
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7611
تۆھپە نۇمۇرى: 884
توردا: 1869 سائەت
تىزىم: 2011-8-10
ئاخىرقى: 2013-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 08:26:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسىگە رەخمەت.

ئالدىراپ كۇلمىگىن تەڭشەپ تۇردۇ، دەت_ئەلەم كۆزۇڭنى ياشلاپ قويدۇ. ئۇنۇتما بىرگە-بىر تەڭشەلگەن جاھان، نامەرتلە سىنىمۇ ئالداپ قويىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش