|
|
|
|
ھۇسەيىن پەيزۇللا خوجام ئۇلۇغ ئالىمىمىز مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ئۇستازى بولۇپ ، مەرھۇمنىڭ مەقبەرسى قەشقەر شەھەرى دۆلەت باغ يولى يەنى (شەھەرلىك سۇلياۋ زاۋۇتى ئىچىدە بولۇپ، ھازىرقى گىئولوگىيە ئىدارىسىنىڭ بىقىنىغا توغرا كىلىدۇ ) ئومىي كۆلىمى 43.1097كۇۋادىرات مىتىر . خەلق ئارىسىدا
‹‹ھۇسەيىن پەيزۇللا خوجام ››نامى بىلەن مەشھۇر بولغان شەيخ زاھىت ھۇسەيىن ئىبنى قەشقىرى مىلادى 11-ئەسىردە قەشقەردە تۇغۇلۇپ ياشىغان مەشھۇر ئەلىما (دوكتۇر)پىداگوگ بولۇپ ، ئۇ قارخانىيلار دەۋىردە قەشقەر مۇداپىيە قوماندانلىق ئورننىڭ مۇئاۋىن قۇماندانى ، شەھەر باشلىقى ،قار خانىيلار خانلىق ئوردىسىنىڭ ئالىمى ، ئوردا مەسلەھەتچىسى ،قەشقەر شەيخۇل ئىسلام قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتۇگەن ..... كۆپ يىل دۆلەتباغدىكى ھەمىدىيەدە ۋە قەشقەر شەھەر ئىچىدىكى مەدىرىسە‹‹ ساچىيەدە›› مۇدەرئىسلىك قىلغان .... بۇ جەرياندا مەھمۇت قەشقىرىدەك سانسىزلىغان تالانىت ئىگىلىرىنى تەربىيەلەپ يىتىشتۇرگەن .... ئالىمىزنىڭ ئىلىم جەھەتتىكى شان شۆرىتى بىلەن غەزنىۋىلەر خانلىقى (963-1183) ھۆكمىرانلىقىدىكى ئوتتۇرا شەرىققە تونۇلغان ،بۇ ئالىم مىلادىي 1048-يىلى ۋاپات بولغاندىن كىيىن مۇشۇ ئورۇنغا دەپنە قىلىنغان ، ئالىمنىڭ قەبىرسى تا يىقىنقى دەۋىرمىزگىچە مازار ،ئىتكاپخانا ،مەدەرىس ۋە مەسچىتىن ئىبارەت 4 قىسىمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ .... مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋىدا بۇ تارىخى قەبرىستانلىق ئىغىر دەرجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچۇرغان ... كىيىن مازارنىڭ ئورنىغا گىئولوگىيە ئىدارىسى قۇرۇلغان ، يىقىندا يەنە قەشقەر سۇلياۋ زاۋۇتى ۋە ماشىنا رىمونىت قىلىش ئورنى قۇرۇلغان ، ھازىر پەقەت مۇشۇ بىر قانچى مازارلا قورشاۋ ئىچىدە قالغان ... 1996يىلى 2-ئايدا قەشقەر شەھەرلىك ھۆكۇمەت نوختىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى قىلىپ بىكىتكەن بولسىمۇ لىكىن مەبلەغ مەسىلىسى ۋە تۇرلۇك سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن بۇ مازار ھازىرغىچە رىمونىت قىلىنماي تۇرۇپ قالدى .... مۇناسىۋەتلىك ھۆكمەت ئورۇنلىرىنىڭ ۋە ھەر دەرجىلىك رەھبەرلەرنىڭ بۇ تارىخي ئورننى جىددى تەدبىر قولۇنۇپ قۇتقۇزۇپ قىلىشنى جىددي تەلەپ قىلىمەن
مانا بۇ قەشقەر شەھەرلىك ھۆكمەتنىڭ نوختىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى قىلىپ بىكىتكەن ۋىۋىسكىسى.
ھازىر پەقەت مۇشۇ خەتتىن باشقا تۇزۇك قوغداش ئەمەلىي تەدبىرىنى كۆرگىلى بولمايدۇ
مانا بۇ ساقلىنىپ قالغان ئازغىنە مازار
بۇ يىراقتىن تارىتقان كۆرنۇش
مەسچىت تۇۋرىكى
مەسچىت ھويلىسى، ھازىر بۇ يەردە ناماز ئوقۇلمايدۇ
مەسچىت تىمى
مەدرىسنىڭ مەسچىتكە چىقىدىغان ئىشىكى
مەسچىت پەنجىرسى
تامنىڭ بۇ تەرپى ماشىنا رىمونىت قىلىش ئورنى ۋە كىرەكسىز نەرسىلەرنى يىغىۋىلىش ئورنى .
جىددى قوغدىلىشنى كۇتۇپ تۇرغان مەدەنىيەت يادكارلىقىمىز !
قەشقەردىكى بىر قىسىم ئەل سۆيەر پىشقەدەم زىيالىلىرىمىز بۇ ئورۇننىڭ تىراق قوغدۇلۇپ ئەسلىگە كەلتۇرۇلۇپ كەڭ خەلقمىزگە شۇنداقلا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى سايائەتچىلەرگە ئىچىۋىتىلىشنى تەقەزالىق بىلەن كۇتمەكتە مۇشۇنداق بولغاندا بۇ يەرنىڭ ئەتراپىدىكى كىرەكسىز نەرسە يىغىۋىلىش ئورننىڭ ۋە ماشىنا رىمونىت قىلىپ تاپقان پۇلدىن زور دەرجىدە ئقتىسادىي قىممەت ياراتقىلى شۇنداقلا شەھەرىمىزگە يېڭى بىر يارقىن سايائەت نوختىسىنى بارلىققا كەلتۇرگىلى بولىدۇ.
مەنبە سىنى تەمىلىگەن دوستۇم ئالىمجان ۋە نۇرمەمەتكە ئالاھىدە رەھمەت ئىيتىمەن .
|
|
|
|
|
|