tormahiri يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 08:09 PM 
بەختىلك ياكى بەختىسز بولۇشنى ئىگىمىز يازغان ،بەختلىك ...
مىنىڭ گېپىمگە جاۋاب بەرمەي ، گەپ يورغىلىتىپ نىمە قىلىسىز ؟
مۇۋەپپىقىيەتكە ھەركىمنىڭ قارىشى ئوخشاش بولمايدۇ ، بەزىلەر مۇۋەپپىقىيەتنى
پۇل بىلەنلا ئۆلچەيدۇ . بەزىلەر ئىناق ئائىلە ، كەسپىدە نەتىجە قازىنىش بىلەن
بىلەن ئۆلچەيدۇ . خۇدا تۇلىمۇ مىھرىبان ، ئاقكۆڭۈلدۇر . ئۇ ھېچقانداق ئىنساننى
بەخىتسىز بول ، بەخىتلىك بول دەپ يارىتىپ قويغان ئەمەس . بەلكىم ھەر بىرىمىزگە
ئۆز بەخىت يولىمىزنى تاللىغۇدەك ئەقىلىي ئىقتىدار بەرگەن .
ھەممە ئىشنى خۇداغا ئارتىپ قويساق بولمايدۇ . ئۆز ـ بەخىت ئىقبالىمىزنى
ئىزدىشىمىز ، تېرىشىپ ، ئىجتىھاد كۆرسىتىمىز كېرەكتۇر .
ھايات ـ كۆرەش قىلىشتۇر . نەۋائىي
سىزدىن بىر گەپنى سورىغۇم كىلىۋاتىدۇ . بەخىت دېگەن نىمە ؟
ماڭا ھەر قانداق ھەقىقەت سۆزلىسەڭلار ئىشنىمەن . ئەمما ، بىر ئادەمنىڭ
نامرات ياكى باي بولۇشى تەقدىر تەرپىدىن بەلگىلىنىدۇ دېسەڭلار كۈلگۈم كىلىدۇ .
باش سۆرىتىڭىزگە بىر قارىسام ئەرگە ، يەنە بىر قارىسام ئايالغا ئوخشايدىكەنسىز .
دىندىن سۆزلەپ چۈشۈپسىز . ناۋادا ئايال بولسىڭىز دىندىن سۆز ئېچىشتىن
بۇرۇن ، خۇدا رازىلىقى ئۈچۈن ئىسلامچە يۈرۈڭ ! بولىمىسا توردا گەپدانلىق قىلىپ
باشقىلارنىڭ ئىددىيسىنى بۇرىماڭ ! سىز ھەرقانچە بولسىڭىزمۇ ، ئىسلام ئالىمى
مۇتەپپەككۇر ، مەرىپەتپەرۋەر ئابدۇقادىر داموللامدىن ئۈستۈن ئەمەستۇرسىز .
ئابدۇقادىر داموللامنىڭ : << ھەر قانداق ئىشنى ئۆزلۈكىدىن مەيدانغا چىقىرىشنى
ئاللاھ ئادەت قىلمىغاندۇر ، ھەر قانداق ئىشقا تېرىشچانلىق ، ئىجتىھاد كۆرسىتىش
ئاللاھنىڭ يوليۇرىقىدۇر >> . << ئىنساننىڭ تېرىشچانلىقىغا لايىق نەتىجە
باردۇر >> دېگەن << ئايەت >> بۇنىڭغا ئىسپاتتۇر . دېگەنلىرىنى قانداق
چۈشنىسىز ؟
بۇ يەردە ھەقىقەت داۋراڭ قىلماي دەللىل ـ ئىسپات بىلەن سۆزلەڭ !
سىزچە ھەممە ئىش تەقدىر بۇيىنچە بولسا ، بىر ساراڭغا ، قىمارۋارغا خۇتۇن
بولۇشىڭىزنىمۇ تەقدىر ئاللىقاچان سىزگە پۈتۈۋېتىپتىكەندە ؟ خۇدا بەزى ئىشلارنى
ئىنساننىڭ ئىخىتيارلىقى ، تاللىشىغا قويغان .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-5 09:20 PM