|
|
|
|
گازادىكى ئىككى بېلىكى يوق قىزنىڭ قەيسەرانە تۇرمۇشى
گازادىكى سەككىز ياشلىق قىز ئايا ماساندنىڭ تۇغۇلۇشىدىنلا ئىككى بېلىكى يوق ئىدى. بىراق قەتئىي بوشاشماس ئىرادىسى ئۇنى مۇشۇ كۈنگە ئېلىپ كەلدى، ئۇ ئادەتتىكى ئادەملەر تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان ھەرخىل قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ئىككى پۇتىغا تايىنىپ كۈندىلىك تۇرمۇشى ھاجىتىدىن چىقىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ پۇتىدا يۈزىنى يۇيىدۇ، پۇتىدا تاماق يەيدۇ، پۇتىدا تاپشۇرۇق ئىشلەيدۇ، پۇتىدا قاچىلارنى يۇيىدۇ ھەم پۇتى ئارقىلىق چاينى ئىستاكانغا قۇيۇپ ئىچىدۇ. يەنە پۇتى بىلەن ئۆزىنىڭ كۈچى يەتكۈدەك ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىدۇ، مەسىلەن سەي توغراش دېگەندەك...
ئايا ماساند ئۆزىنىڭ تەقدىرىنىڭ كاج بولۇپ قالغانلىقىدىن ئەزەلدىن ئاغرىنىپ باقمىدى، ئەكسىچە ئىنتايىن ئاكتىپلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ. بار كۈچى بىلەن ئۆزىنى خۇددى نورمال ئادەملەردەك ياشىيالايدىغان قىلىش ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئۈمىدۋار، قەتئىي ئىرادىسى ھەممە ئەزايىمىز ساق ۋە ھەممە نەرسىمىز تەل بولغان بىزلەرنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.
شۈكىرى ئاللاھ بىزنى مىيىپ قىلىپ قويماي ، ساراڭ قىتىش قىلىپ قويماي بىجىرىم ياراتقىنىڭغا شۈكرى ئاللاھ ..
بىزنىڭ بىرقىسىم ئاتا - ئانىسىنىڭ گىپىنى ئاڭلىماي ، بەش ئەزاسى بىجىرىم قىزلىرىمىزغا ئىبرەت . بۇ قىز ئەركىشى بولغان بولسا يەنىلا بىر ئەركەك سۈپىتىدە تىك تۇراتتى ، ئاجىزە بىر قىز مىيىپ تۇرۇپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ بولۇپ يەنە ناماز ئوقۇيدىكەن . ئۆيىمۇ ھازىرىقى بىرىنجى جەڭگاھ گازا رايۇنىدا ئىكەن قاراڭلار قەيسەرلىكىگە .... مەنبەسى : نۇر تورى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-5 11:00 PM
|
|
|
|
|
|