بىز چوقۇم 20-ئەسىرىنىڭ 30-يىللىرىدىكى ۋاقىتقا ئوخشاش پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ھەربىي ئىشلارنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز ۋە كېڭەيتىمىز.(فاڭجېن) — رۇسىيە زۇڭتۇڭى ۋىلادىمىر پۇتىن: ئۇ ھەربىي ئىشلارغا ئاجرىتىدىغان چىقىمىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن.
رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ 8-ئاينىڭ 31-كۈنى ئېچىلغان فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك يىغىندا دېيىشىچە، رۇسىيە ھەربىي سانائەت ساھەسى «ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش» كە موھتاج ئىكەن.
رۇسىيە ھەربىي سانائەت كارخانىلىرى پۇتىنى قوللايدۇ
پۇتىن شۇ كۈنى مۇئاۋىن زۇڭلى لوگلى ۋە رۇسىيە فېدېراتسىيە ئاۋىئاتسىيە ئىشلىرى باشلىقى ۋىلادىمىرغا رۇسىيىنىڭ ئاۋىئاتسىيە سانائىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە ئاۋىئاتسىيە ئالەم قاتنىشىدىكى چوڭ دۆلەتلىك ئوبرازىنى تىكلەش توغرىلىق مۇھىم تەكلىپ بەردى.پۇتىن نۆۋەتتىكى رۇسىيە ھەربىي سانائىتىنىڭ كۆپ ئارقىدا قالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ئۇ «ناھايىتى ناچار بولغىنى شۇكى، بىزنىڭ نۇرغۇن كارخانىلىرىمىزنىڭ سەۋىيىسى ناچارلاپ ئالدىنقى ئەسىرىنىڭ ئاخىرىدىكى ھالىتىنى ساقلاپ قالغان» دېگەن. پۇتىن بۇ يىل 5-ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىم 3-قېتىملىق زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغان، ھەمدە بۇ قېتىم ئۇ سانائەت تەرەققىياتنى ئاساسى ئورۇنغا قويغان. ئۇ بۇنىڭدىن كېيىنكى 10 يىلنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 720 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ، رۇسىيىنىڭ ھەربىي سانائىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرىدىكەن ھەمدە بۇ نۆۋەتتىكى رۇسىيە سانائىتىنىڭ ئاساسى نىشانى ئىكەن. رۇسىيىدە نۆۋەتتە 1350 دىن ئارتۇق ھەربىي قورال-ياراق كارخانىلىرى بار بولۇپ، بۇ كارخانىلارغا ياللانغان خادىملارنىڭ ئومۇمى سانى تەخمىنەن 2 مىليون ئادەمدىن ئاشىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن ئادەم بۇ قېتىمقى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا پۇتىنغا بېلەت تاشلىغان.
ئىستالىننىڭ تەرەققىيات فاڭجېنىنى قوللىنىش
پۇتىن ھەر قايسى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا «ھەربىي ئىشلار سانائىتى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىز چوقۇم پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن 20-ئەسىرىنىڭ 30-يىللىرىدىكى تەرەققىيات ئۇسۇلىنى قوللىنىشىمىز كېرەك» دەپ دوكلات بەردى. ئالدىنقى ئەسىرىنىڭ 30-يىللىرى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يول باشچىسى ئىستالىن كۆپ ۋاسىتىلىك ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق، سانائەتنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرغان. ھەربىي ئىشلار كارخانىسىغا مەسئۇل مۇئاۋىن زۇڭلى لوگلىمۇ بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقان. ئۇ بىر ئىجتىمائىي تورغا رەسىمنى ئېلان قىلغان، ئۇنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى بولسا ئىستالىننىڭ قورال-ياراق زاۋۇتىغا بەرگەن خېتىنىڭ مەزمۇنى بىلەن ئوخشاش ئىكەن. ئىستالىن خېتىدە : «مەن سىلەرنىڭ كۆپ مىقداردا زەمبىرەككە قارشى تانكا ياساپ چىقىشىڭلار ئۈچۈن ئىككى كۈن ۋاقىت بەردىم.....ئەگەر بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ياساش تاماملانمىسا، ئۇ ھالدا ھۆكۈمەت كەينى-كەينىدىن بارلىق قانۇنغا بويسۇنمىغان زاۋۇتتىكى ئۇنسۇرلارنى ئېتىپ تاشلايدۇ» دەپ تەھدىت سالغان. لوگلى يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىغا بۇ رەسىمىنىڭ ئەۋەتىلىشىدىكى ئۇسۇلىنى چۈشەندۈرگەن. ئۇ: «بۇ بولسا بىر چاقچاق» ئەمما، ھۆكۈمەت ئەلۋەتتە مەغلۇپ بولۇشقا قاراپ تۇرمايدۇ-دە. مەسىلەن، بىزنىڭ نۇرغۇن سۈنئىي ھەمراھىمىز چۈشۈپ كەتتى ، پاراخوتلىرىمىز چۆكۈپ كەتتى. ئۆتۈپ كەتكەن 18 ئايدا، يەتتە قېتىملىق ئالەم قاتناش ئىشىدا مەغلۇبىيەت كۆرۈلدى، ئەمما ھېچقانداق بىر زاۋۇت كارخانا بۇنىڭ ئاقىۋىتىگە ئىگە بولمىدى.........ئەمەلىيەت جەھەتتىن چىقىش قىلغاندا، خەلق زادى قايسى تەرەپنىڭ توغرا ياكى خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، دەپ تونۇشتۇرغان
مەنبە _ .
news.qq.com