شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى مەغلۇب بولدى
9-ئاينىڭ 2- كۈنى جوڭگو ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى 21- ئايلانمىسىدا شىنجاڭ تاش ئالما كوماندىسى بىلەن بېيجىڭ ياشلار كوماندىسى ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى 3 كە قارشى 5 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ بولۇپ ئۇدا ئىككى مەيدان ئۇتتۇرۇشتەك ئوسال ئەھۋالغا قالدى.
مۇسابىقە باشلىنىپ ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى 0 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن ئارقىدا قالغان بولۇپ، كىيىن مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ شىنجاڭ كوماندىسى قايتارما ھۇجۇم قوزغاپ 2گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن يەنىلا ئارقىدا قالغان. كىيىن بېيجىڭ ياشلار كوماندىسى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ 3 مىنىۇت ئىچىدە 2 توپ كىرگۈزۈپ يەنىلا ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەن. شۇنداق قىلىپ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى 3 كە قارشى 5 نەتىجە بىلەن بۇ مەيداننىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن.
تۇلۇقلىما : شىنجاڭ كوماندىسى 34 نۇمۇر بىلەن شىمالىي رايوندا 4- ئورۇندا بولۇپ 5- ئورۇندىكى شاڭخەي كوماندىسى 33 نۇمۇر بىلەن كوماندىمىزنىڭ كەينىدىن قوغلاپ مېڭىۋاتقان ئىدى. ئەڭ ياخشى بولغىنى بۇ قېتىملىق 21 ئايلانما مۇسابىقىدە شاڭخەي جوڭباڭ كوماندىسى شەنشى جىيا تەي كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ كوماندىمىز 4- ئورۇننى قولدىن بەرمىدى.
كېيىنكى ئايلانما مۇسابىقىلىرىدە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ رەقىبلىرى بىر قەدەر كۈچلۈك شۇڭا شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ غەيرەت قىلىپ بۇ قېتىملىق مۇسابىقە پەسلىدە ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىش سالاھىيىتىنى تىرىشىپ قولدىن بەرمەسلىكىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمۈت قىلىمىز .
شىنجاڭ كوماندىسى ھۇررا!
مەنبە : جوڭگو ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىى مەخسۇس تور بېتى.
http://sports.sohu.com/20120903/n352149342.shtml
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-5 02:16 PM