مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1941|ئىنكاس: 15

بوۋىقىمنىڭ ساۋىقى (ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

شىنجاڭ سىرىقبۇيا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17444
يازما سانى: 1277
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13708
تۆھپە نۇمۇرى: 1120
توردا: 1976 سائەت
تىزىم: 2010-11-13
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 01:10:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

  بىز بۇ ئاشپۇزۇلغا بالا كۆتۈرۈپ كىرگەن بىردىنبىر خېرىدار ئىدۇق. مەن ئوغلۇمنى بوۋاقلار ئورۇندۇقىغا ئولتۇرغۇزۇشۇمغىلا، ئۇ گۇڭراپ، چىشسىز ئاغزىنى يوغان ئېچىپ كۈلۈپ كەتتى. ئەتراپىمغا قاراپ ئۇنى كۈلدۈرۈۋاتقان نىشاننى تاپتىم. ئۇ تامبالدەك كەڭ ئىشتان كىيگەن، پۇتىنىڭ بارماقلىرى يىرتىق ئايىغىدىن چىقىپ قالغان بىر بوۋاي ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن ئارىلىقىمىز يېقىن بولمىسىمۇ، ئۇچىسىدىكى كۆڭلىكىنىڭ مەينەتلىكىگە قاراپلا سېسىق پۇرايدىغانلىقىنى پەرەز قىلدىم.

  بوۋاي قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ:

  - ھوي، مەن سېنى كۆرۈۋالدىم، بودۇرۇقۇم،- دەپ ۋارقىرىدى.

  غىزالىنىۋاتقان باشقا خېرىدارلار بىزگە غەيرىي نەزەردە قارىدى. ئېرىم ئىككىمىز تەڭقىسلىقتا بىر – بىرىمىزگە قارىشىپ قويدۇق. ئوغلۇم يەنىلا ۋىلىقلاپ كۈلگىنىچە بوۋايغا تەلپۈنەتتى.

  بىز بۇيرۇتقان تاماقمۇ چىقتى، بوۋاي ئۈنلۈك ئاۋازدا: - سىلەر قىيمىلىق توقاچ بۇيرۇتتىڭلارمۇ؟ سىلەر بالاڭلار بىلەن مۆكۈشمەك ئويناشنى بىلىدىغانسىلەر؟ ۋاي، قاراڭلار، ئۇ مۆكۈۋېلىشنى بىلىدىكەن ئەمەسمۇ،- دېدى. بوۋاينىڭ بۇ قىلىقلىرى ھېچكىمگە خۇشياقمىدى،چىرايىدىن ئۇنىڭ مەستلىكى بىلىنىپ تۇراتتى. بىز نائىلاج تامىقىمىزنى يەۋەردۇق. ئوغلۇم ھېلى ئۆزىنى ئەپقاچسا، ھېلى ئۇنىڭغا ئىنتىلىپ، ۋىلىقلاپ كۈلگىنىچە ئويناۋەردى. بوۋاي ئۇنى توختىماي ماختايتتى.

  - بىز غىزالىنىپ بولدۇق. ئېرىم ھېسابات قىلغىلى كەتكەندە ئۇنى ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىدا ساقلىماقچى بولدۇم – دە، ئوغلۇمنى كۆتۈرۈپ ئىشىككە ماڭدىم. بوۋاي ئىشىك ئالدىدا تۇراتتى ئىچىمدە «تەڭرىم، ئۇ ئوغلۇمغا گەپ قىلغۇچە چىقىپ كېتىۋالغايمەن»دەپ تىلەيتتىم. بوۋايغا يېقىنلاشقاندا ئۆزۈمنى ئۇنىڭدىكى بەتبۇيدىن قاچۇرۇپ تەتۈر قاراپ تېزلا ئۆتۈپ كەتمەكچى بولدۇم. لېكىن ئوغلۇم بوۋايغا تەلپۈنۈپ، «مېنى قۇچىقىڭغا ئال» دېگەندەك ئۇنىڭغا قوللىرىنى ئۇزاتتى، مەن ئۇنى توسۇپ بولغۇچە بوۋاينىڭ قۇچىقىغا چىقىپ بولدى.

  شۇ دەقىقىدە بەدىنىدىن سېسىق پۇراق چىقىپ تۇرىدىغان بىر بوۋاي بىلەن سۈت پۇراپ تۇرىدىغان بوۋاق مېھىر – مۇھەببەت قۇچىقىدا مۇكەممەل بىر گەۋدىگە ئايلانغانىدى.

  ئوغلۇم ئوماقلىقى بىلەن بېشىنى بوۋاينىڭ مۈرىسىگە قويۇۋالغانىدى. بوۋاينىڭ كۆزلىرى چىڭ يۇمۇلغان، كىرپىكلىرىدە ياش تامچىسى يالتىراتتى. ئۇ قاسماق قوللىرى بىلەن ئوغلۇمنىڭ دۈمبىسىنى توختىماي سىيلايتتى. دەقىقە ئىچىدە ئۇلار ئوتتۇرىسىدا ھاسىل بولغان چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببەت مېنى تەسىرلەندۈردى. مەن ئىختىيارسىز ھۆرمەت نەزەرىدە ئۇلارغا قارىدىم.

  بوۋاي ئوغلۇمنى يېنىك تەۋرىتىپ تۇرۇپ، ماڭا بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا:

  - بۇ بالىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىڭ جۇمۇ! دېدى. كانىيىمغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك بولۇپ ئارانلا«شۇنداق قىلىمەن» دېيەلىدىم. بوۋاي بالامنى قىيمىغان ھالدا ماڭا بەردى. قارىماققا ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇۋاتقاندەك قىلاتتى. مەن ئوغلۇمنى قۇچىقىمغا ئالغىنىمدا بوۋاي يەنە:

  - تەڭرىم سىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي خانىم، سىز ماڭا ئىنتايىن قىممەتلىك سوۋغا بەردىڭىز،- دېدى. مەن پەس ئاۋازدا «رەھمەت» دېدىم – دە، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىغا ئالدىرىدىم. ئېرىم ئوغلۇمنى چىڭ قۇچاقلىغىنىمچە يىغلاۋاتقىنىمنى كۆرۈپ ھەيران قالدى. بۇنىڭ سەۋەبىنى پەقەت ئۆزۈم بىلەتتىم. ئوغلۇم بىر ئادەمنىڭ قەلبىنى كۆرەلەپتۇ، ئەمما ئانىسى بولغان مېنىڭ كۆرگىنىم پەقەت ئۇ ئادەمنىڭ كىيىم – كېچىكى ئىدى. بۇ ئىش بوۋىقىمنىڭ ماڭا بەرگەن ساۋىقى بولدى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
bayhenim + 97 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 97   باھا خاتىرىسى

كۆيۈپ قېلىپ  ئۇنتۇش ئاسان بولغىنى بىلەن، كۈنۈپ قېلىپ  سەۋەپسىز ئايرىلىشنىڭ  قانچىلىك  ئازاپلىق ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز ؟؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84426
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 141
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2012-8-28
ئاخىرقى: 2014-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 01:34:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېمىكەن.   ...     رەخمەت

.......

مۇھەببەت ئويۇنچۇق ئەمەس

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 265
يازما سانى: 1650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14064
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 2010 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 01:44:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېمىكەن

ئەقىدا قىلدىم. ئارمان قىلدىم.ئارزۇ قىلدىم..بىلگەنلەرگە ئەقىدە  بولسۇن،بىلمىگەنلەر گە سەدىقە بولسۇن.

ھاياتلىقىڭنىڭ قەدرىنى بىل

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 3549
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 103
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1700 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 01:49:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەمنىڭ سىرتىغا قاراپ ئەمەس بەلكىم ئىچىگە قاراپ باھا بىرىش كىرەك ................نۇرغۇن گەپلەرنى قىلغۇم باتى بىراق بىلىمىم چەكلىك كاللامغا ئاران مۇشۇنچىلىك سۆزلەر كەلدى

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62511
يازما سانى: 173
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3577
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2014-7-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 01:54:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ،ياخشى تىما ئىكەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 1221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7413
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 596 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 02:12:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزى چاغلاردا كىچىك بالىلار چوڭلاردىن ئەقىللىق بولۇپ كېتىدىكەن دىسە

زامانەم بۇ دىمە ھەرگىز ئۆتەر بولساڭ پاراغەتتە،
دىگىن دائىم:رەببىم مېنى بايقاپ تۇرار بۇ سائەتتە.
قىلار ئاللاھ بىپەرۋالىق دەپ ئويلىما بىرەر لەھزە،
خەۋەرداردۇر ئەسرارىڭدىن بولالمايسەن نە خىلۋەتتە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62579
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3702
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 346 سائەت
تىزىم: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 02:13:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ ئىسلام دىنىمىز باراۋەرلىكنى ئاساس  قىلىدۇ ،بۇ دۇنيادا ھىچكىم ھىچكىمدىن   ئۈستۈن ئەمەس.تىشىغا قاراپ باھا بىرىش كىشىلەرگە ياخشى تەسىر بەرمەيدۇ. ھەسەلنى قۇتىغا ئاپ قويۇپ  تىشىنى يالىغاننىڭ نىمىگە پايدىسى....

چۈجىنىڭ شۇملىقىدىن  توخىنىڭ سۈتى يوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62579
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3702
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 346 سائەت
تىزىم: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 02:13:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ ئىسلام دىنىمىز باراۋەرلىكنى ئاساس  قىلىدۇ ،بۇ دۇنيادا ھىچكىم ھىچكىمدىن   ئۈستۈن ئەمەس.تىشىغا قاراپ باھا بىرىش كىشىلەرگە ياخشى تەسىر بەرمەيدۇ. ھەسەلنى قۇتىغا ئاپ قويۇپ  تىشىنى يالىغاننىڭ نىمىگە پايدىسى....

چۈجىنىڭ شۇملىقىدىن  توخىنىڭ سۈتى يوق !

بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقت

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68426
يازما سانى: 923
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8528
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 865 سائەت
تىزىم: 2011-12-4
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 02:44:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا شۇ ئەقىللىق ئوغلىڭىزنىڭ ئۆمرىنى ۋە بەختىنى بەرسۇن.

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ  ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82272
يازما سانى: 879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4464
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 353 سائەت
تىزىم: 2012-6-29
ئاخىرقى: 2014-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 03:30:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەسىرلىككەن  

ئامالسىز قالغاندا سۈكۈت ئەڭ ياخشى جاۋاپ،سۈكۈت دەل سەۋىر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش