|
|
|
|
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتى فىزىكا ئىلمى ۋە تېخنىكىسى ئىنىستىتوتىنىڭ پىروفىسسورى ساھىبجامال دۆلەت فىزىكا ساھەسىدە يېقىنقى 30 يىلدىن بېرى ئۇدا تالاش-تارتىش قىلنىپمۇ ھەل بولماي كېلىۋاتقان خەلىقئارالىق قىيىن مەسىلە ئۈستىدە چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بېرش ئارقىلىق يېڭى قاراشقا ئېرىشىپ، ئامېرىكىدىكى داڭلىق فىزىكا ئالىملىرىنىڭ خاتا ھۆكۈمىگە تۈزىتىش بەردى. دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى داڭلىق فىزىكا ئالىملىرىنىڭ بۇنىڭغا بەرگەن باھاسى ناھايىتى يۇقىرى بولدى.
ساھىبجامال دۆلەت ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى فىزىكا ئىلمى ۋە تېخنىكىسى ئىنىستىتوتىنىڭ پىروفىسسورى. ئۇ 1985-يىلى شۇ يىللاردا ئالى مەكتەپكە ئېمتىھان بەرگەن مىللى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەرلىرى تاللاپ كىرەلەيدىغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى فېزىكا فاكۇلتىتىغا خۆتەن ۋېلايىتىنىڭ چىرا ناھىيىسىدىن قوبۇل قىلىنغان.
ساھىپجامال دۆلەت خەلقىمىزگە ساھىپجامال دۆلەت،ئايجامال ئابدۇراخمان،جارقىن ئېسىمبەكدىن ئىبارەت ئۇچ فېزىكا دوكتۇرى،داۋۇت ئوبۇلقاسىمدەك مەشھۇر مەتەپپەككۇر ۋە نۇرغۇن كەسىپ مۇنەۋۋەرلىرىنى سۇنغان، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىنىڭ فىزىكا 86-يىللىق2 -سىنىپىدا بەش يىل مۇنتىزىم ئوقىغان.1990-يىلى ئوقۇش پۇتتۇرۇپ فاكۇلتېتنىڭ ئۆزىدە پىروفىسسور چاچىوجىڭنىڭ يىتەكلىشىدە ئاسپارانتلىق ئوقىشىنى داۋاملاشتۇرغان . 1995-يىلى ئىتالىيەدە 1998-يىلى گىرمانىيەدە نەزىرىيە فىزىكا دوكتورىلىقتا ئۇقىدى ۋە جوڭگو يوقىرى ئېنىرگىيە تەتقىقات يۇرتىدا دوكتور ئاشتىلىقتا ئىشلەپ تاماملىدى. ساھىپجامال دۆلەت ئۆزىنىڭ ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى كېيىنكى ئەۋلاتلارغا يەتكۈزۈش، دۆلەت ئۈچۈن، بولۇپمۇ ئۆز خەلقىدىن ھەقىقىي تالانت ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن دوكتۇرلۇق ئوقىشى پۇتۇشى بىلەنلا ئانا مەكتىپى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىغا قايتىپ خىزمەتكە چۇشتى. شۇنداقتىمۇ ھازىر ئۇ شىنجاڭدا تۇرۇپمۇ ناھايىتى زور ئۇتۇققا ئېرىشكەن بىر فىزىكا ئالىمى بولۇپ قالدى.ئۇنىڭ قولىدا ھازىرغىچە 20 نەپەر ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى توققۇز ئوقۇغۇچىسى ھازىر دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتىدۇ، ماگىستىرلىقتا ئوقۇۋاتقانلاردىن ھازىر يەنە توققۇز ئوقۇغۇچىسى بار.بۇ جەرياندا ئۇ ئۆزىنىڭ ئىتالىيىدىكى كەسپى نوپۇزىغا تايىنىپ 10 نەچچە ئوقۇغۇچىنى ئىتالىيەگە ئوقۇشقا تۇنۇشتۇردى.
تارىخى سىياسى ۋە ئىجتىمايى سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن ئۇيغۇرلار دۇنيانىڭ يېقىنقى زاماندىكى پەن- تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ تەبئىلا سىرتىدا قالدى.دۇنيادا بولىۋاتقان پەن – تېخنىكا تەرەققىياتى ئۇيغۇرلار ئۇچۇن خۇددى يىراقتىكى تۇتقىلى بولمايدىغان ئايدەك ياكى چۇشتەك خەلقارا پەن- تېخنىكىنىڭ مەركەزلىرىدىن كۆپ يىرەق بولغان شىنجاڭدا تۇرۇپ پەن- تەتقىقاتىدا دۇنياۋى نەتىجىلەرنى يارىتىش مۇمكىن بولمايدىغان ئىشتەك بىلىنىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى.مۇشۇنداق ئەھۋالدا پراففىسور ساھىپجامال دۆلەت ئۆز ئەمىلىيىتى ئارقىلىق پەن تەتقىقاتىدا نەتىجە يارىتىش بولۇپمۇ شىنجاڭدەك جايدا تۇرۇپ دۇنياۋىي نەتىجىلەرنى يارىتىشنىڭ قىلغىلى بولمايدىغان ئىش ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىدى.
پىروفىسسور ساھىبجامال دۆلەت ئۆزىنىڭ ئانا دىيارىدا تۇرۇپ 1959-يىلى ئوتتۇرغا قويۇلۇپ،1984-يىلىدىن بۇيان فىزىكا ئىلمىدە يېڭى بىر نۇقتىدا تالاش تارتىش بولىۋاتقان توپولوگىيىلىك ئېففىكىت ئۇستىدە مۇستەقىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ 2011- يىلى 10-ئايدا بۇ ھەقتە ئېرىشكەن يېڭى نەزەرىيىسىنى جوڭگودا ھازىرغىچە ئازلا كىشىلا ماقالا ئېلان قىلالىغان، تەسىرچانلىق كۆرسەتكۇچى 7.180بولغان ئامېرىكىدا چىقىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق فىزىكا ئىلمى ژورنىلى « فىزىكا ئوبزورى تېز خەۋەرلەر ژۇرنىلى» (Physical Review Letters) غا يوللىغان ئىدى. « فىزىكا ئوبزورى تېز خەۋەرلەر ژۇرنىلى» ئۇنىڭ بۇ تەتقىقات نەتىجىسىنى مۇەييەنلەشتۇرۇپ 2012-يىلى 2- ئاينىڭ 17-كۇنىدىكى سانىغا باستى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرى ئاپتور ۋە جۇڭگو ئاخبارات ۋاستىلىرى بىلەنمۇ ئالاقىلىشىپ مەزكۇر نەزەرىيە توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىشىنى تەلەپ قىلدى، بۇخىل ئەھۋال ئاخبارات ساھەسىدە كەمدىن-كەم ئۇچرايدۇ.دىمىسىمۇ «فىزىكا ئوبزورى تىز خەۋەرلەر جورنىلى » جوڭگولۇق فىزىكا ئالىملىرى ماقالىسىنى ئېلان قىلالىغان تەسىرچانلىق كۆرسەتكۇچى ،سۇپىتى ئەڭ يۇقىرى فىزىكا جورنىلى بولۇپ پۇتۇن جوڭگولۇقلار SCI دا ئېلان قىلىغان ماقالىنىڭ پەقەت مىڭدەن بىرىلا مۇشۇ جورنالدا ئېلان قىلىنالايدۇ.
ساھىپجامال دۆلەت ئاپتونوم رايونىمىزدا دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق فىزىكا ئىلمى ژورنىلى « فىزىكا ئوبزورى تېز خەۋەرلەر ژۇرنىلى» (Physical Review Letters)دا ماقالا ئېلان قىلغان تۇنجى ئادەم بولۇپ،ئۇ ئۆزىنىڭ شاھانە ئەمگىگى بىلەن تارىخ نۇقتىسى ياراتتى.2012-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى پىروفىسسورى ساھىبجامال دۆلەت «تەڭرىتاغ مۇنبىرى» دە ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسى «ئاخارونوۋ-كەشېر ۋە سىكاليارلىق ئاخارونوۋ-بوم توپولوگىيەلىك ئېففېكتى» توغرىسىدا دوكلات بەردى، ھەمدە دوكلات ئاڭلىغۇچىلارغا بۇ تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە قوللىنىلىشى توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى. ئەلۋەتتە بۇ قېتىمقى دوكلات شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆز خىزمەتچى خادىمىنى «تەڭرىتاغ مۇنبىرى» دە دوكلات بېرىشىكە ئويۇشتۇرۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئەسكەرتىش:
مەزكۇر ماقالا كۆكنۇر شىركىتى ئۇيۇشتۇرغان ئۈزۈمزار رىستۇرانىدىكى ساھىپجامال خانىمنىڭ ئۇتۇقلىرىنىڭ تەبرىكلەش ئولتۇرىشىدا ئوقۇلغان.
|
|
|
|
|
|