تىتىۋەتتى يۈرەكنى ئازاپ
تۈن قوينىغا سىڭدى غېرىپلىق،
ئۇنۇتقانسەن بەلكىم سەن مېنى.
ئازاپلىرىم تولدى لىقمۇ-لىق،
تىتىۋەتتى يۈرەكنى ئازاپ،
ئەسلىگەندە دائىم مەن سېنى.
تەقدىر-قىسمەت شۇنداقتۇر بەلكىم،
گۇۋاھچىسى تەڭرىنىڭ ئۆزى.
سۆزلەيدىكەن ئۆزىچە ھەركىم،
تىتىۋەتتى يۈرەكنى ئازاپ،
ئاچچىق ئىكەن غۇرۇرنىڭ سۆزى.
يىغلىۋەتتى سۆزلىگەچ غۇرۇر،
ئەقىدەمدىن ئۈنگەندە تىكەن.
سەن ئىدىڭغۇ دىلىمغا ھۇزۇر،
تىتىۋەتتى يۈرەكنى ئازاپ،
شۇ سەۋەپتىن ئارمانلار ئۆلگەن.
ئېچىشىدۇ يۈرەك ئازاپتىن،
ياد ئېتىلسە ئاشۇ جۈملىلەر.
كۆڭلۈم خالىي ئەمەس سوراقتىن،
تىتىۋەتتى يۈرەكنى ئازاپ،
ھەر ئەسلەنسە ئاشۇ ئەسلىمە.
ئەقىدەمگە ساپ چىنلىق تەرسەم،
ئۈندۈرگىنىڭ بولدىغۇ ئازغان.
بۇ سۆيگۈمنى ساڭىلا بەرسەم،
تىتىۋەتتى يۈرەكنى ئازاپ،
دەرتلىرىمگە بارمىدۇ دەرمان.
مەنبە:قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yawa-xir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-5 11:54 AM