مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 935|ئىنكاس: 25

يۇرتىۋازلىق بىلەن يۇرت سۆيۈشكە بولغان قاراش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62579
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3556
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 229 سائەت
تىزىم: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 11:46:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇزۇندىن بىرى  شۇنداق بىر  چېگىش خىيال كاللامنى ئورىۋالدى. شۇنچە ئۇزاق تارىخلار مابەينىدە بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز <ئۇيغۇر>دىگەن نام بىلەن سەخسىي مۇددىئاسىز خانلىق، بەگلىكلەنى قۇرۇپ  خەللىقنىڭ ئەركىنلىكى ،ھۆرلىكى ئۈچۈن  بىر نىيەت بىر مەخسەتتە،بىرلىكتە ئۇزۇن شانلىق تارىخلارنى ياراتقان.لىكىن بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بىزنىڭ ئاتالمىلىرىمىز كۆپىيىپ<ئاق شەھەرلىك ،كۆك شەھەرلىك >دەپ  ھەر يۇرتنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدىغان بوپ قالدى.
ئۆزيۇرتلۇق ئاتالغانلار ھارام تاماق دۆت بولسىمۇ،مەھەلىسىنىڭ ئايىقىغا سۈيى ئىلىشىپ قالغانلار  بولسا، ئۆز-ئارا پايپاسلاپ، پەردازلىشىپ، بىر بىرىگە  قولتۇق  تايىقى بولۇشۇپ  دوسىت  تارتىشىدۇ. نەتىجىدە قولىدىن  ئىش  كېلىدىغان ئەزىمەتلەر ھارۋا  شوتىسىغا  كىرەلمىگەندىن كىيىن،ئىش بېشىغا چىقىۋالغان   قابىلىيەتسىزلەر  ھارۋىنى سۆرىيەلمەي، پاتقاققا تىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەلنىڭ ئىشى ئىلگىرى باسماي خەلق نەسلىكتىن ئۆرە تۇرالمايدۇ.
ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى مۇناسىۋەت ئادىتىگە شۇندەقلا  قارايدىغان بولساق، مىللىتىمىزنىڭ  بىر  تۈركۈم داھى شەخىسلىرى-ئالىملار، ئەدىپلەر، جامائەت ئەرباپلىرىدىن تاكى ئاۋام  پۇقرالارغىچە ئورتاق مىللى ئاڭ  بويىچە ئەمەس، مەھەلە-قەبىلە ئېڭىدىن ھالقىپ كېتەلمىگەن يۇرتۋازلىق ھىسياتىدا ياشاۋاتىدۇ.
ئادەملىرىمىز يۇرتۋازلىقتا شۇ دەرىجىگەيەتتىكى،بىزدىن بىرەرى دۇنيا چولپىنى چىقىپ قالسا ۋە ياكى ئىمان ئېتىقادلىق،خەلىقپەرۋەر ئوغلانلىرىمىزدىن بىرەرى چىقسا، ئەل ۋەتەن پايدىسىغا تىلدا داستان بولغىدەك خەيرىرلىك ئىشتىن بىرەرنى  قىلسا، <كىم قىلىپتۇ>دىيىشنىڭ ئورنىغا<ئۇنەلىك ئىكەن؟>دەپ سورايدۇ، تۆھپىسى بىلەن ھېساپلاشماي، يۇرتى بىلەن ھېساپلىشىدۇ.
ئەگەر ئۇ ئۆز يۇرتىدىن بولسا،خۇددى ئۇ ئۆزى شۇ ئىشنى قىلغاندەك ،ماختىنىپ بېشى ئاسمانغا يىتىدۇ. ئەگرچەندە ئۇ باشقا يەرلىك بولسا،ئاۋال جىم بولىشىدۇ،ئاندىن ئۇنىڭ بار يوق كەمچىلىكلىرنى سۆزلەپ، ئاخىرىدا ئۇ خەيرىلىك ئىشتىن قۇسۇر تېپىشقا باشلاپ، بىر  دەمدىلا  شۇ  ئىشنى قىلغان ئادەمنى يوققا  چىقىرىدۇ.ئۇنى ئاز دىگەندەك، بىرەر ياخشى ئادەم،خەيرىلىك  ئىشمۇ ئۆز  مەزھىپى-  گۇرۇھىدىن  چىقمىسا، ئۇمۇ ھېساپقا ئۆتمەيدۇ.
مۇبادا بىرەر ئىش بۇزدى چىقسا،شۇ يارىماس ناباپ مەلئوننىڭ ئوساللىقىدىن نەپرەتلەنمەي،<پالانى يەرلىك دىگەن زادى ئوسال خەق،ئۆزى پە  يۇرت، ئۇيەرلىكنى ئادە  دىگىلى بولمايدۇ> دەپ نادانلارچە  شالىنى چاچىرتىدۇ..ئۆزلىرىچە شۇ  ناجىنىس ئادەمنى شۇ  يەرلىك  ئەھلى يۇرت ۋە شۇ يۇرىتنىڭ  ئۆزى  قىلىپ، ئۇ يۇرىتنى، ئۇ يۇرىتتىكى مىڭلىغان، مىليونلىغان خەلىقنى دۇنيادىكى ئەڭ رەزىل، قاباھەت تىل  بىلەن ھاقارەتلەپ تىللايدۇ.
ئۆزلىرىچە  ئۇلارنى ئۆز مىللىتىنىڭ تەركىبىدىن چىقىرۋەتكۇسى كېلىدۇ.ياخشى يامان  ئادەمنىڭ ھەممە يۇرىتتىن چىقىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئەڭ  ئەقەللى تەبىئى قانۇنىيەتنى ئېتىراپ قىلمايدۇ.. مانا مۇشۇنداق تولىمۇ تار ئاڭدىكى خەلىقتىن  قانداقمۇ ياخشى ئۈمىتلەرنى كۈتكىلى  بولسۇن؟
ئەجەپ ئامرىكىدىكى ئاق  تەنلىكلەر نېگىر تەنھەركەتچىلەرنىڭ غەلبىسىدىن شۇنچە خوشاللىنىپ،ئۇلارغا گۈل تۇتۇپ،ئۇلارنى سۆيۇپ قۇچاقلاپ،كۆتۇرۇپ ئاسمانغا ئېتىپ،تەنتەنە قىلىشىدىكەنغۇ؟ئۇلارمۇ ئادەم بىزمۇ ئادەم،ھەممىمىز ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىنىڭ پەرزەنىتلىرىغۇ؟بىرەر ئۇلۇغلۇق ياكى يېڭىلىق ئىنگىلىز ياكى ئەرەپتىن چىقسا،چوڭ بىلىپ چوقۇنىدىكەنمىزۇ،ئۆز  قېرىندىشىمىزدىن،تۇتاش  كەتكەن ئۇيغۇر  يۇتلىرىنىڭ بىرەرىدىن  چىقسا،ئۇ پەقەت مەھەلىمىزدىن چىقمىغىنى ئۈچۈن كەمسىتەمدۇق؟
بۇ ئۆزىمىزنى  كەمسىتكەنلىك ،پەس كۆرگەنلىك  بولماي نىمە؟ ئۇزاق  ئەسىرلىك  تارىختىن   بۇيان يۇتۋازلىق  ، مەزھەپچىلىك، <ئاق تاغلىق>،< قار تاغلىق>لار تەپرىقچىلىكى سەۋەبىدىن دەريا-دەريا  قانلار  ئېقىپ،  نى-نى خانلىقلار  غۇلاپ، ئاز  خانۇ  ۋەيرانچىلىق تارتۇقمۇ؟ سۆزلەڭ دىسە   بۇنى  نى-نى  تارىخى پاجىئەلەرنى مىسالغا   كەلتۇرۇپ  تۇرۇپ ،  قان  ياشلىق   شىكايەت  بىلەن سۆزلەيمىز،، ئىش   يۈزىدە  قىلىۋاتقىنىمىز  خۇددى ئوغرىنىڭ  ئوغرىنى  تۇت  دەپ   ۋارقىرغىنىدەك  بىر  مۇناپىقانە ئىش  بولىۋاتىدۇ.
تارىختا مىللىتىمىزدىن چىققان ئىقتىدارلىق، قەيسەر ئەزىمەتلەرنىڭ بەزىلىرى دەل مۇشۇ كېسەلنىڭ قۇربانىغا ئايلانغانلىقىنى ئويلىساق، يۈرىكىمىز ئىختىيارسىز ئېچىشىدۇ. تارىخنىڭ ئاچچىق ساۋاقلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىساق بولاتتى. يۇرتۋازلىقنىڭ كونا، تار، زىيانلىق توساق، قېلىپلىرىنى پاچاقلاپ تاشلاپ، ئەتراپقا ئىلمىي نەزەر تاشلىساق، ھاياتىمىز تېخىمۇ مول مەزمۇنغا، زور قەدىر – قىممەتكە، گۈزەل ئەتىگە ئىگە بولاتتى.
دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا، مىللەت ساپاسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، يۇرتۋازلىقنىڭ بازىرىمۇ پەيدىنپەي كاساتلىشىدۇ. يۇرتۋازلارنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئوينايدىغانلارمۇ كۈندىن – كۈنگە ئازىيىدۇ. ئۆز ئائىلىسىنىڭ، ئۆز قەۋمىنىڭ ئىچىدە ئىناقلىقنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلىنالمىغان كىشىلەرنىڭ جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى بىلەن تەرەققىياتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلگىرى سۈرەلمەيدىغانلىقى بارغانسېرى ئايدىڭلىشىدۇ.
تۇغۇلغان يۇرتنى ياخشىلار بىلەن يامانلارنى ياكى دانالار بىلەن نادانلارنى ئايرىشنىڭ ئۆلچىمىگە ئايلاندۇرۇۋالمايدىغان، باشقا يۇرتتا تۇغۇلغان قېرىنداشلىرىنىڭ شادلىقى بىلەن قايغۇسىغا شېرىكلىشەلەيدىغان، مىللەتنىڭ ساپاسى، تەقدىرى، ئۇتۇق ھەم يېتەرسىزلىكلىرىگە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەر يۇرتۋازلىق كېسىلىگە خاتىمە بېرىشنىڭ ئاساسلىق قوشۇنى ھېسابلىنىدۇ.
ھەر قانداق مىللەت ئىناقلىق ئارقىلىق قۇدرەت تاپىدۇ. شۇڭا مىللەتنى پارچىلايدىغان، ئاجىزلاشتۇرىدىغان، خارابلاشتۇرىدىغان ئىللەتلەردىن قانچە بالدۇر قۇتۇلساق، ئېرىشىدىغان پايدىمىز، بايلىقىمىز، رىسقىمىز، شان – شەرىپىمىز شۇنچە كۆپ بولىدۇ.
يۇرتۋازلىق – بىر مىللەت ئچىدىكى يۇرت-مەھەللىنى بىرلىك قىلغان ئاھالىدە شەكىللەنگەن مەزھەپچىلىك خاھىشى ۋە تار مەنپەئەتپەرەسلىكنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان پىسخىك ھالەت ھەر قانداق بىر يۇرتنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ئەنئەنىسى، ئادىتى بولىدۇ. بۇ ئەنئەنە، ئادەت شۇ يۇرتتىكى كىشىلەرنىڭ ئىش - ھەرىكىتىدە ئەكس ئېتىدۇ. بىر يۇرتنىڭ بىر قىسىم ئادەتلىرى يەنە بىر يۇرت ئۈچۈن غەلىتە تۇيۇلۇشى مۇمكىن. ھەممە يۇرتتىكى خىلمۇ خىل ئەنئەنىلەر يەنىلا ئومۇمىي ئەخلاق دائىرىسىدە داۋام قىلىنىشقا دەۋەت قىلىنغان. شۇڭا، ئەنئەنىمىزنىڭ يىلتىزى بىر ھەممە يۇرتتىكىلەرنىڭ پاكلىققا، ساداقەتكە، دىيانەتكە، شەرم-ھاياغا، ئىشچانلىققا تەلپۈنىدىغانلىقى، ئۇنىڭغا قۇچاق ئاچىدىغانلىقى ھەقىقەت. بىز بىر كىشىنىڭ يامانلىقىنى شۇ يۇرتقا، شۇ خەلققە دۆڭگەپ يامانلىساق، ئۆز يۇرتىمىزدىن، ئۆز خەلقىمىزدىن يامانلىغان بولىمىز.
ئەجدادلىرىمىز بىر كىشىدە مەسىلە كۆرۈلسە، ئۇنىڭ ياخشى تەرىپىنى قىلىپ، نۇقسانىنى تۈزىتىپ كەلگەن. ھازىر قىسمەن كىشىلەرنىڭ ئىللەتلىرىنى يۇرتقا، خەلققە ئارتىپ، يۇرت ۋە خەلقنى گۇناھقا شىرىك قىلساق، ئۆزىمىز گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولىمىز. دۇنيادا يۇرتقا، خەلققە ھاقارەت قىلشتىنمۇ چوڭ گۇناھ بارمۇ؟
ئەجدادلىرىمىز بىر كىشىدە مەسىلە كۆرۈلسە، ئۇنىڭ ياخشى تەرىپىنى قىلىپ، نۇقسانىنى تۈزىتىپ كەلگەن. ھازىر قىسمەن كىشىلەرنىڭ ئىللەتلىرىنى يۇرتقا، خەلققە ئارتىپ، يۇرت ۋە خەلقنى گۇناھقا شىرىك قىلساق، ئۆزىمىز گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولىمىز. دۇنيادا يۇرتقا، خەلققە ھاقارەت قىلشتىنمۇ چوڭ گۇناھ بارمۇ؟
بۇ ھەقتە ھەقىقەتەن ئاچچىق ساۋاقلار كۆپ، يۇرتۋازلىق مەسىلىسى تېگى-تەكتىدىن مىللىتىمىزدىكى بىر تارىخىي ئىللەت. 20-يىللارنىڭ بېشىدا خەلقىمىز ئومۇمىي بىر ئېتنىك نام بىلەن ئاتالماي، قانداقتۇر تۇرپانلىق، قەشقەرلىك، ئىلىلىق، خوتەنلىك، دولان، تارانچى دېگەندەك يەرلىك ناملار بىلەن ئاتىلاتتى. كېيىن بىر قىسىم ئىلغار زىيالىيلار بۇنىڭ زىيىنىنى تونۇپ يېتىپ، مىللەتنىڭ «ئۇيغۇر» دېگەن ئېتنىك نامىنى ئەسلىگە كەلتۈردى ۋە شۇ نام ئاستىدا خەلقىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ كەلدى.
ۋەتەنپەرۋەر، ئىلغار شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر زۆرۈرىيەت تۈپەيلىدىن، ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا «ئۇيغۇر» تەخەللۇسىنى قويۇپ، يۇرتۋازلىق ئىللەتلىرىگە دەككە بەرگەنىدى.
مۇشۇ يۇرتۋازلىقنىڭ كىلىپ چىقىشىدا مەلۇم بىر ئىجدىمائىي.تارىخى ،ياكى پىسخىكىلىق سەۋەپ بارمۇ قانداق؟
مېنىڭچە، ھەرقانداق يۇرتۋازلىقنىڭ ئارقىسىغا قانداقتۇر بىر شۇم غەرەز يوشۇرۇنغان بولىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭغا يول قويماسلىقىمىز، بۇ ناچار ئىللەتنى ياش ئەۋلادلارنىڭ پاك قەلبىگە يۇقتۇرماسلىقىمىز لازىم. بۇ جەھەتتە، بىز ئېيتقاندەك، بىز پېشقەدەملەرنىڭ تارىخىمىزدىكى ئەنە شۇ خۇنۈكلۈكنى، ئاچچىق ساۋاقلارنى سۆزلەش مەسئۇلىيىتىمىز بار!
«دەرەخ غولىدىن سۇنماس، شېخىدىن سۇنار» دېگەن گەپ بار.
يۇرتۋازلىق بىلەن يۇرتنى سۆيۈش ئوتتۇرىسىدا مەلۇم دەرىجىدە ئۆتۈشۈش بار. بەزى يۇرتۋازلىق يۇرتنى سۆيۈشكە تەۋە بولسا؛ بەزى يۇرتنى سۆيۈشلەر يۇرتۋازلىققا تەۋە بولۇپ قالىدۇ.
دېمەك،يەرلىك مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى بېيىتىپ تۇرىشىغا كاپالەتلىك قىلىش،يەرلىك مەدەنىيەتلەرنىڭ ھاياتى كۈچىنى جارى قىلدۇرۇش،ھەقىقى مەنىدىكى يۇرت مۇھاببىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈش بىزدىن“ئىلمى ھالدىكى يۇرتۋازلىق“نىڭ بولىشىنى تەققازا قىلماقتا.
دېمەك،يەرلىك مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى بېيىتىپ تۇرىشىغا كاپالەتلىك قىلىش،يەرلىك مەدەنىيەتلەرنىڭ ھاياتى كۈچىنى جارى قىلدۇرۇش،ھەقىقى مەنىدىكى يۇرت مۇھاببىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈش بىزدىن“ئىلمى ھالدىكى يۇرتۋازلىق“نىڭ بولىشىنى تەققازا قىلماقتا.
شۇ نەرسە ئېسىمىزدە بولسۇنكى، دۇنيانى زىل-زىلگە سالغان نۇرغۇن قەدىمكى مەدەنىيەتلەر تارىختىن بىر كۈندىلا يوقاپ كەتكەن ئەمەس.ئۇلارنىڭ يوقىلىشى كىچىك دائىردىن چوڭ دائىرىگە قاراپ تەرەققي قىلغان. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشى،مۇستەھكەملىنىشى،دەۋىرنىڭ خىرىسلىرىدىن ئۈزۈپ چىقالىشى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تەشكىل قىلغۇچى يەرلىك مەدەنىيەتلەرنىڭ مەۋجۇتلىقى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان
بىز پەخىرلىنىشكە تىگىشلىك كىشلىرىمىز قايسىلا يۇرتتىن چىقمىسۇن ئۇلار بارچە ئۇيغۇرمنىڭ پەخرى، شىنجاڭدىكى قايسىلا يۇرت بۇلمىسۇن بارچە ئۇيغۇرۇمنىڭ ئانا يۇرتى.
پىسخىكىمىزدىكى شەخسىيەتچىلىق يۇرتنى سۆيۈشتىن ھالقىپ كەتكەندە،يۇرتۋازلىقنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ دەپ ئويلايمەن.
يۇرتۋازلىق تۈگىمەس ناخشىغا ئوخشايدۇ.
ھۆرمەتلىك ئالىم، بىلىملىكلىرىمىز،ئۇلۇغ مۇتەككىپپۇرلىرىمىز،بايلىرىمىز، ئېسىلزادىلىرىمىزدىن تارتىپ جەمئىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىغىچە، دىۋانە - شەيىخكىچە، دېھقاندىن ئاددىي كىشىلىرىمىزگىچە،ئۆسمۈردىن تارتىپ بۇۋايغىچە بۇ .تۈگىمەس ناخشىنى ئېيتىپ توختىماي ئۇسسۇل ئويناپ توۋلايدۇ.
دەرەخ غۇلىدىن سۇنماس،سۇنار شېخىدىن
گەرسۇنسا شېخىدىن،ئۈنەر ھەم غۇلىدىن
ئەگەر سېسىسا دەرەخ تۈپ يىتلىزدىن
ئالالامدۇق سالقىنلىق ئۇنىڭ سايىسىدىن
بىزگە قىلىشقا بۇيرۇلمىغان بۇ يۇرتۋازلىق ،مەزھەپلەدىن اللانىڭ رازىلىقى ئۈچۈن يىراق تۇرايلى .دۇنيادا شۇنچە كۆپ مۇسۇلمانلارنىڭ شۇنچە كۆپ مىللەت ،شۇنچە كۆپ دۆلەتكە بۆلۈنگىنىمۇ بىزگە يىتىپ ئاشار.بىز ئۇيغۇر دىگەن ئىسىل نامغا  چىڭ يىپىشايلى ،بىر نىيەت  بىر مەخسەتتە ئىلگىرلەيلى،ئۆزىمىزنىڭ رولىمىزنى جارى قىلدۇرايلى.اللا ھەممىمىزنى بىر سىزىقتا مېڭىشقا نىسىپ قىلسۇن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-5 01:04 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
bayhenim + 39 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
57gulyar + 30 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 69   باھا خاتىرىسى

چۈجىنىڭ شۇملىقىدىن  توخىنىڭ سۈتى يوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 2179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11872
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 982 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 12:34:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇرتۋازلىق-- مىللەتنىڭ ئۆملۈكى، بىرلىكى ۋە ئۇيۇشۇش كۈچىىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ،ئىناقسىزلىق ئۇرۇقىنى چېچىپ،مىللەت ئەزالىرىدىكى قاششاقلىق ،چچىلاڭغۇلۇق،روھى چۈشكۈنلۈك،بېكىنمىچىلىك چەكلىمىلىكنى ئۇلغايتىدۇ.
مۇشۇ سەۋەپىك يۇرتۋازلىق پىسىخكىسى يامرىغان  ياكى باش كۆتۈرگەن مىلەتتە ئۆملۈك ۋە پىكىر بىرلىكى ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ،كىشىلەر قۇمدەك چېچىلىپ كېتىدۇ.شۇنىڭ بىلەن مىللەت ئىچىدە باشقا پىسىخىك ئاجىزلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ.بولۇپمۇ مىللەت ئەزالىرىنىڭ باشقۇرۇش بويسۇنۇش پىسىخىكىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ،بويسۇنغۇچىلاردا ئۆزگىچە بويسۇنماسلىق،باشقۇرغۇچىلاردا ئۆزگىچە رەھىمسىز بولۇشتەك پىسىخىك ھالەتنى  ۋە غەيرى ئىجتىمائى ئىللەتنى يېتىشتۈرىدۇ.
ئېتىقات قۇرۇلمىسى جەھەتتە ۋەتەن ،مىللەت ۋە غايە ئېتىقادنى تۇيۇق يولغا باشلاپ مىللەتنى خار-زارلىققا تاشلايدۇ.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
bayhenim + 39 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 39   باھا خاتىرىسى

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60720
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4128
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 105 سائەت
تىزىم: 2011-10-16
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 12:35:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما ئىكەن ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2059
يازما سانى: 494
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10529
تۆھپە نۇمۇرى: 962
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 12:43:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە بۇرۇنقىدەك يۇرۇتۋازلىق ھازىر قالمىدى....   ئومومىي بىر ئاتالغۇ ئوموملىشىۋاتىدۇ...   ئۇ بولسىمۇ  ھەممىمىز ‹ئۇيغۇر›....ھەممىمىز ‹قېرىنداش›

ئىمان روھنىڭ قاراۋۇلى،ئەخلاق ئىززەتنىڭ سەرمايىسى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60680
يازما سانى: 221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5207
تۆھپە نۇمۇرى: 737
توردا: 1221 سائەت
تىزىم: 2011-10-16
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 12:56:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئۈمۈدسىزلىنىپ كەتمەيلى!بارغانچە ياخشىلىۋاتىدۇ ،كۆپۈنچىلىرىمىز ھەممىمىزنىڭ بىر ئۇيغۇر ئىكەنلىگىمىزنى بىلىۋاتىدۇ!

تۇزنى تۆكمە، قىز

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 5256
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 35104
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 6658 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 01:39:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇرتىنى سۈيۈش،كىندىك قېنى تۈكۈلگەن يۈرتىنى ئەسلەش سېغىنىش نورمال ئەھۋال. بىراق يۇرتۋازلىق بەك يامان ئىللەت. ھازىر بۇ خىل ئىللەت ياخشىلىنىۋاتىدۇ دېگەن قاراشتىمەن.

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ئاپتاپ+جەڭگاھ= ھاياتى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1389
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15947
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7071 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 01:42:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگەر قولۇمدا پىلىموت بولغان بولسا ، ئۆز قىرىندىشىنى ياتلىغان كشىىلەر توپىنى ئوققا تۇتاتتىم .  ھەممىمىز بىلىمىز بىر تال سەرەڭگە تىلىنى سۇندۇرماق بەك ئاسان ...   شۇڭا مەن ھەرقانداق كاتتا ئالىم - ئەۋلىيا بولسىمۇ يۇرىتۋازلىق قىلىپ سالسا ، پەتىشەپنى بۇزۋىتىمەن ، يۈزىنى تۆكىۋىتىمەن ھەتتا قارىم ئۆلىما بولسىمۇ ...

ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
زامانى + 222 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
bayhenim + 68 ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ
Nimjan + 300 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 590   باھا خاتىرىسى

ئىنكاسىمنى قەتئى نەقىل ئالماڭ ، نەقىل ئالغان ئادەم چوقۇم ئادەم ئەمەس ، چۈنكى ئەسكەرتىشنى كۆردىڭىز ئەمەسمۇ ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49637
يازما سانى: 188
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3595
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 207 سائەت
تىزىم: 2011-7-29
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 01:53:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنۇتماسلىغىمىز،  ياخشى تىما ئىكەن ، ئەجرىڭىزگە كۆپ رەخمەت

ئىملا دەۋاگەرى!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9176
يازما سانى: 332
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7828
تۆھپە نۇمۇرى: 396
توردا: 760 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 02:05:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرلاردا يۇرتبازلىق تۈگىمەيدۇ، بىر يۇرتلۇق يەنە بىر يۇرتلۇققا قىز بەرمەيدىغان ياكى ئوغلىغا باشقا يۇرت قىزلىرىنى ئېلىپ بېرىشكە قارىشى تۇرىدىغان كىشىلەر ئاز ئەمەس! بۇ باشقا سەۋەب-ۋەجدىن ئەمەس بەلكى دەل مانا مۇشۇ يۇرتبازلىقنىڭ ناماياندىسى.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
bayhenim + 10 باش سۈرتېڭىز پەچەتكەن.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 949
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6172
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 304 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2012-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 02:18:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر خېلى ياخشىلىنىپ قالدى . بۇرۇنقىدەك يۇرتۋازلىق ئاساسەن قالمىدى .

جاھان باقى ئەمەس، لوقمان چىغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر بۇڭا ئىسكەندەر ۋە ھەتتا ئەركە چىڭگىزخان.
كىلىپ كەتمەك بىلەن مەشغۇل جاھانغا بىھىساب كارۋان،
ئۆتەردۇنيا، كىتەر دۇنيا، پەقەت ھەقلا سۈرەر دەۋران.
ئۆمۈر مەنزىلىدىن تاپتىم ناھايەت شۇ ھەقىقەتنى.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش