توساتتىن دۇنيادا نۇرغۇنلىغان بىز ھەق تۆلىمەيمۇ ئېرىشەلەيدىغان قىممەتلىك نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى بايقاپ قالدىم .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ R1 v, w' ]+ m' U
قۇياش نۇرى : دۇنيادىكى بارلىق جانلىقلار قۇياشسىز ياشىيالمايدۇ ، ھالبۇكى ، كىشىلەر تاكى ھاياتى ئاخىرلاشقانغا قەدەر قۇياش نۇرىدىن ھەقسىز پايدىلىنىدۇ .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# K4 s( \, [- S1 p$ n: Q% j7 ?ھاۋا : ئادەمنىڭ تىنىقى بولىدىكەن ، چۇقۇم ھاۋانى سۈمۈرۈشكە مۇھتاج بولىدۇ . لىكىن قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ، ھېچكىم بۇ ھاياتلىقتا كەم بولسا بولمايدىغان نەرسە ئۈچۈن ھەق تۆلەپ باققان ئەمەس .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; W) b, J* @# s
ئاتا - ئانا مېھرى : بالا تۇغۇلغاندىن تارتىپلا ئاتا ـ ئانىسىنىڭ كۆڭۈل قۇيۇپ بېقىشىغا مۇيەسسەر بولىدۇ . بۇ بىر خىل مىننەتسىز مۇھەببەت . مەيلى پەرزەنتى قورامىغا يەتكەندە بولسۇن ۋە ياكى ئۆزلىرى كۈچ مادارىدىن كەتكەندە بولسۇن ، ئاتا ـ ئانا مۇھەببىتى سۇسلىشىپ كەتمەيدۇ . پەقەت ئۇلار ھاياتلا بولىدىكەن ، بۇ مۇھەببەت ئىزچىل بىردەكلىكنى ساقلايدۇ .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 N ^! D/ d+ h- }+ O% E: e0 [
دوستلۇق مېھرى : غېرىپ ۋاقتىڭىزدا سىزگە ھەمراھ بولالايدىغان ، يىقىلغىنىڭىزدا سىزگە دادىللىق بىلەن قولىنى سۇنالايدىغان ، ئازاپلانغان چېغىڭىزدا سىزنى مېھىر بىلەن قۇچاقلايدىغان ئاشۇ دوستىڭىز سىزدىن قاچان ھەق تەلەپ قىلىپ باققان ؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, y/ n" ~% g, k& }) b; B2 {3 ]: i سۆيگۈ : ئىختىيارسىز ھالدا كۆڭۈل بېرىش ، بوران ـ چاپقۇندىمۇ بىرگە بولۇش ، ساختىلىق ئارلاشمىغان چىن مۇھەببەتلەرنىڭ ھەممىسى ھاياتىڭىزدىكى مەزمۇن يۆلەنچۈكىڭىزدۇر . ئەمما ئۇلار ھەقسىز . سىز ئۇلارنى كۆپ پۇل خەجلەپ سېتىۋالىمەن دېسىڭىزمۇ سېتىۋالالمايسىز .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 n0 z$ l7 }1 Y& q4 S4 ~غايە : مەيلى شاھزاە ياكى سەرگەردان بولسۇن ، ئۆزىنىڭ ھاياتلىق غايىسىنى تىكلەش ھوقۇقىغا ئىگە . ئۇ مەيلى ئۇلۇغۋار ياكى ئاددىي غايە بولسۇن ، پەقەت سىز خالىسىڭىزلا ئۇ سىزگە تەئەللۇق بولىدۇ . ئېتىقاد ، ئۈمۈد ، ئىرادە ، ئارزۇ ... قاتارلىقلارمۇ ھەقسىز . سىز بىر پۇڭ خەجلىمەيمۇ ئۇلارغا ئېرىشەلەيسىز .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& `5 i0 B+ n; ?
ئەمدى ئۆز تەغدىرىڭىزدىن ئاغرىنىپ يۈرمەڭ . چۈنكى ئۇ ئاللىبۇرۇن سىزگە ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسىلەرنى ئاتا قىلىپ بولغان . ئەمدىكى گەپ ، ئۇلارنى قانداق قىلىپ ئۆزىڭىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ئۆزىڭىزگە باغلىق .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 O2 K/ I" ?/ @. ?مەنبە : ئاسىيە كىندىكى 2009-يىل 10- دېكابىر
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 D r& ]8 p6 b! z+ @كۆزنەك
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 l- y- @ K$ d0 C. n خالىسە ئەھمەت تەرجىمىسى .