مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1235|ئىنكاس: 12

شامەخسۇت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83901
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3704
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2012-8-14
ئاخىرقى: 2014-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 08:59:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

شامەخسۇت

توققۇزىنچى ئەۋلاد ۋاڭ شامەخسۇت(1882-يىلىدىن 1930-يىلغىچە تەختتە ئولتۇرغان)



مېھرىبانۇ قۇمۇلغا قايتىپ كەلگەندە،ئوردا ئىشلىرىنى باشقۇرغۇدەك ھالى قالمىغانىدى.بۇچاغدا مېھرىبانۇنىڭ كىچىك قىزى بويىغا يېتىپ قالغان(چوڭ قىزى ھارۋا ۋەقەسىدە ئۆلۈپ كەتكەن)،تېخى تۇرمۇشقا چىقىرىلمىغانىدى.ئەينى ۋاقىتتا،تۆمۈرتى دېگەن يەردە كوناۋاڭ بېشىرنىڭ ۋاقتىدىكى تاھىر تەيجىنىڭ شامەخسۇت دېگەن بىر ئوغلى بارئىدى.ئۇ ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىدا مۇشۇ يەرگە ئەكىلىپ قويۇلۇپ،بىر مالچى موماينىڭ يېنىدا ئۆسكەنىدى.مېھرىبانۇ بۇ «ئاقسۆڭەك»پۇشتىنى تاپقاندىن كېيىن،كىچىك قىزىنى ئۇنىڭغا چېتىپ قويىدۇ.توي بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي،مېھرىبانۇ كۈيئوغلىنى مۆھۈر بەگلىكىگە قويۇپ،ئوردىنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئۆزىگە ياردەمچى قىلىۋالىدۇ.شامەخسۇت ناھايىتى چېچەن ھەم كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى رام قىلىۋېلىشقا ماھىر بولغاچقا،بىر نەچچە يىل ئۆتە-ئۆتمەيلا ھەممەيلەن بىلەن ناھايىتى چىقىشىپ كېتىدۇ. مۇھەممەت ئۆلگەندىن كېيىن،ۋاڭ ئوردىسى چىڭ ھۆكۈمىتىگە قۇمۇل ۋاڭىنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئېرىنى ۋاڭنىڭ ۋارىسى قىلىپ تەيىنلەش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنىدۇ.گۇاڭشۈنىڭ 8-يىلى (1882-يىلى)7-ئايدا،چىڭ ھۆكۈمىتى شامەخسۇتنىڭ جاساق خوشۇت چىڭۋاڭىلىق مەرتىۋىسىگە ۋارىسلىق قىلىشىنى تەستىقلايدۇ.شامەخسۇت تەختكە چىققاندىن كېيىن،كونا تۈزۈمنى ئۆزگەرتىپ،ھاشار ۋاقتىنى ئۈچ كۈندىن بەش كۈنگە كۆپەيتىدۇ،ھەرخىل قەبىھ ۋاستىلار بىلەن دېھقانلارنى دەھشەتلىك ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىدۇ.ئوردىنىڭ بايلىقى بىر نەچچە يىل ئىچىدىلا كۆپىيىپ كېتىدۇ.گۇاڭشۈنىڭ 9-يىلى(1883-يىلى)،ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىدىن ۋەيران بولغان قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ قەبرىسىنى ياساشقا قۇربى يەتمىگەن شامەخسۇت چىڭ ھۆكۈمىتىدىن 10يىللىق مائاشى ئۈچۈن،20مىڭ سەر تەڭگە قەرز ئېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.ئەمما ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتە-ئۆتمەيلا،ۋاڭ ئوردىسى ئۆز چىقىمىنى ئۆزى كۆتۈرىدىغان بولۇپلا قالماي،بەلكى چىڭ ھۆكۈمىتىگە «تەڭگە تەقدىم قىلىدۇ»غانمۇ،بولۇپ قالىدۇ. خان شامەخسۇتنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىش قابىلىيىتىگە ئىنتايىن قىزىقسىنىپ،ئۇنىڭغا،«ئۈچ كۆزلۈك گۈللۈك پەي ئىنئام قىلىدۇ،چيەنچېڭ دەرۋازىسىدىن پىيادە كىرىپ-چىقىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ.».

شىنجاڭدا ئۆلكە قۇرۇلغاندىن كېيىن،جايلاردىكى بەگلىك تۈزۈمى بىكار قىلىنىدۇ،فېئوداللىق ھاشارلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ،ۋەزىيەت نىسپىي ھالدا مۇقىملىشىپ،ئىگىلىك تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىدۇ ۋە راۋاجلىنىدۇ.ئەمما ،قۇمۇلدا چىڭ ھۆكۈمىتى تەسىس قىلغان مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق مەھكىمىنىڭ ھوقۇق دائىرىسى ناھايىتى تار بولۇپ،جايلاردا تارقاق ئولتۇراقلاشقان خەنزۇلار بىلەن خۇيزۇلارنىلا ئىدارەقىلاتتى.نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار بىلەن يەر-زېمىننىڭ ھەممىسى قۇمۇل ۋاڭىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا ئىدى.ۋاڭ ئوردىسىنىڭ ئاپپاراتلىرى مۇكەممەل بولۇپ،بەئەينى دۆلەت ئىچىدىكى دۆلەت ئىدى.شامەخسۇت مۇشۇنداق پەۋقۇلئاددە شارائىتتا خالىغىنىنى قىلىدۇ.ئۇيغۇر ئەمگەكچىلىرى يەنىلا قۇللۇق تۈزۈمى ئاستىدا ئېچىنىشلىق تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.
شامەخسۇت چىڭ ھۆكۈمىتىگە چەكسىز سادىق بولۇپ،ئىلگىرى-ئاخىر كۆپ قېتىم بېيجىڭغا بېرىپ،خاننى زىيارەت قىلىدۇ.گۇاڭشۈنىڭ 30يىلى(1904-يىلى)،چىڭ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ۋاڭ-گۇڭلارنىڭ نۆۋەت بىلەن پايتەختكە بېرىپ،خاننى زىيارەت قىلىش مۇددىتىنى بەش يىلغا ئۆزگەرتىدۇ.شامەخسۇتنىڭ مەرتىۋىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاچقا،ئالدىنقى قاتارغا قويۇلىدۇ،ئۇ شۇ يىلى بېيجىڭغا بېرىپ مۇكاپاتلىنىدۇ.ئىلىدا ئىنقىلاب پارتلىغان چاغدا،شامەخسۇت چىڭ ھۆكۈمىتى تەرەپتە تۇرۇپ،شىنجاڭنىڭ باش مۇپەتتىشى يۈەن داخۇانىڭ ئىنقىلابنى باستۇرۇشىغا ياردەملىشىدۇ.

چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا،شامەخسۇت بىر قانچە ئون يىل يۇرت سوراپ،ئوردىنىڭ بايلىقىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۆپەيتىۋالىدۇ.شۇنداق بولسىمۇ شامەخسۇت ئاچكۆزلۈك قىلىپ،ھاشار ۋاقتىنى يەتتە كۈنگە ئۇزارتىدۇ.چوڭ-كىچىك بەگلەرمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ھەرخىل سېلىقلارنى سېلىپ تۇرىدۇ.مۇشۇنداق دەھشەتلىك ئېكىسپىلاتاتسىيە ئاستىدا،ئۇيغۇر دېھقانلار دەردكە چىدىيالماي قالىدۇ.دېھقانلار قاتتىق ھارغىنلىق ۋە ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىدىغان ئىشلار دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.بۇ خىل زوراۋانلىق گۇاڭشۈنىڭ 33-يىلى (1907-يىلى)كۆتۈرۈلگەن قۇمۇل ۋاڭىغا قارشى قوزغىلاڭغا سەۋەپ بولىدۇ.مىنگونىڭ 1-يىلى (1912-يىلى)شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىدە،قۇمۇلدا يەنە كەڭ كۆلەملىك دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلايدۇ.

مىنگونىڭ 1-يىلى(1912-يىلى)جۇڭخۇا مىنگو قۇرۇلىدۇ.شۇ چاغدىكى ھۆكۈمەت بايانات ئېلان قىلىپ،«جايلاردىكى ۋاڭ-گۇڭلار ئۆز پېتى ساقلىنىپ قالىدۇ»غانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.دېمەك،يېڭى ھاكىمىيەتمۇ قۇمۇل ۋاڭىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداپ قالىدۇ.شۇ يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى مىنگو ھۆكۈمىتى جايلاردىكى ۋاڭ-گۇڭلاردىن بېيجىڭغا كېلىپ،زىيارەت قىلىدىغانلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلغاندا،قۇمۇل جاساق چىڭۋاڭى شامەخسۇتنىڭ ئىسمى بىرىنچى تۈركۈمدىكىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.
شامەخسۇتنىڭ بېيجىڭغا كېلىشىگە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن،ئەينى ۋاقىتتىكى زۇڭتۇڭ يۈەن شىكەي ئۇنىڭغا يول خىراجىتى ئۈچۈن،2000يۈەن پۇل بېرىدۇ،ياڭ زېڭشىنغىمۇ 10دانە ھارۋا چىقىرىپ بېرىدۇ.مىنگونىڭ 4-يىلى(1915-يىلى)،شامەخسۇت ۋە ئۇنىڭ ئوغلى نەزەر بېيجىڭغا بارىدۇ.2-ئاينىڭ 5-كۈنى يۈەن شىكەي شامەخسۇت بىلەن ئوغلىنى قوبۇل قىلىپ،نەزەرنى بېزىلىككە كۆتۈرىدۇ؛2-ئاينىڭ 24-كۈنى يەنە شامەخسۇتقا 1-دەرىجىلىك جياخې ئوردېنى تەقدىم قىلىدۇھەم ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قوش مائاش بېرىدۇ(چىڭۋاڭنىڭ يىللىق مائاشى2000يۈەن ئىدى،قوش مائاشلىق بولغاندا،4000يۈەن بولىدۇ).3-ئاينىڭ 3-كۈنى شامەخسۇتقا ھىمايىچى سەركەردە مەنسىپىنى بېرىدۇ،شۇنىڭ بىلەن،ئۇ قۇمۇلنى باشقۇرىدىغان موڭغۇل قىزىل جىيەكلىك ئۇيغۇر قوشۇنىغا ۋارىسلىق قىلغۇچى بىرىنچى دەرىجىلىك جاساق قوش چىڭۋاڭ ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ.
مىنگونىڭ 4-يىلى(1915-يىلى)12-ئايدا،يۈەن شىكەي كېيىنكى يىلىنىڭ سەلتەنەت نامىنى خۇڭشيەننىڭ 1-يىلى دەپ ئۆزگەرتىپ،خانلىق تەختىگە ئولتۇرۇش تەييارلىقىنى كۆرىدۇ.جايلاردىكى فېئودال قالدۇق كۈچلەر كەينى-كەينىدىن يۈەن شىكەينى بالدۇرراق «تەختكە ئولتۇرۇش»قا ئالدىرىتىدۇ.جۈملىدىن قۇمۇل ۋاڭى شامەخسۇت قاتارلىق 12جايدىكى موڭغۇل،ئۇيغۇر ۋاڭ-گۇڭلارمۇ يۈەن شىكەيگە قۇللۇق بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ «تېزرەك تەختكە ئولتۇرۇش»ىنى تىلەيدۇ.لېكىن، يۈەن شىكەينىڭ رەزىل قىلمىشى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ.شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى ،سەي ئې يۈننەندە،يۈەن شىكەينى جازالاپ،ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشىنى قوزغايدۇ.شامەخسۇت ئەكسىيەتچىل مەيداندا جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرۇپ،مىنگونىڭ 5-يىلى(1916-يىلى)1-ئايدا،سەككىز ئۇيغۇر قوشۇنى(قۇمۇل،ئالتاي،ئۈچتۇرپان،باي،تۇرپان،كۇچا،ئاقسۇ،خوتەن)،قۇمۇلنىڭ قوش چىڭۋاڭى بولۇش سۈپىتى بىلەن،قۇتلۇقلاش ئەمەلدارى،قوشۇمچەمۇسۇلمانلار ۋەكىلى لى چيەننى ئەۋەتىپ،يۈەن شىكەينىڭ «خان»بولۇشىغا قارشى تۇرغان «ئاسىيلار»نى قەتئىي يوقىتىپ،دۆلەتكە خىزمەت كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ،«شاھىمىزنىڭ خانلىق تەختىگە بالدۇرراق چىقىپ،پۇقرالارنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرۇشىنى تەكرار سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز»دەيدۇ ھەمدە «شاھىمىزنىڭ كەمىنىلىرىگە قاراقچىلارنى جازالاپ،توپىلاڭچىلارنى باستۇرۇپ،پۇقرالارنى خاتىرجەم قىلىش،تەڭرىنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىپ،مەملىكەتتىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى قاۋۇل ئەرلەردىن قوشۇن تۈزۈپ،دەرھال جەنۇپقا جازا يۈرۈشى قىلىش ھوقۇقى بېرىشنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن»دەپ تەلەپ قويىدۇ.

مىنگونىڭ 19-يىلى(1930-يىلى)نىڭ بېشىدا،شامەخسۇت ئاغرىپ پالەچ بولۇپ قالىدۇ ۋە كېسىلى كۈندىن كۈنگە ئېغىرلىشىدۇ.تۈرلۈك داۋالاشلار ئۈنۈم بەرمىگەندىن كېيىن،ئۇ مەككىگە بېرىپ ھەج تاۋاپ قىلىپ،گۇناھىغا توۋا قىلماقچى بولىدۇ.شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسى جىن شۇرىن خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ داۋالغۇپ تۇرغانلىقىنى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ،شامەخسۇتنىڭ جېنى تۇمشۇقىغا كېلىپ قالغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ،ئۇنىڭ بۇ تەلىپىنى ماقۇل كۆرمەيدۇ.مىنگونىڭ 19-يىلى(1930-يىلى)6-ئاينىڭ 6-كۈنى ،قۇمۇلغا 48يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان شامەخسۇت ئاخىرى كېسەل بىلەن ئۆلىدۇ.

http://ug.wikipedia.org/wiki/%D8%B4%D8%A7%D9%85%DB%95%D8%AE%D8%B3%DB%87%D8%AA



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-5 12:22 PM  


زىمىستان كۆرمىگەن بۇلبۇل باھارنىڭ قەدرىنى بىلمەس
AHMATJAN0995 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 12:35:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1998
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18575
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7556 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 01:46:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شامەخسۇت مانجۇ خانغا ئىككى تىزىنى ئىگىپ ، دوڭغۇيۇپ سالام قىلغان ، بۇ ئادەم ھازىرقى زامان شارائىتلارنىڭ تىپىك مىسالى قىلسا بولىدۇ . ياتقا ئىگىلگەن بىشىنى  ، ئۆز خەلىقىگە ئىگىلدۈرمەيدۇ  ،   ھەي مەلئۇن ، خوتۇنتالاق ،

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80496
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7596
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 606 سائەت
تىزىم: 2012-5-22
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 04:42:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يامانغا يانتاياق خامەخسۇت. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Bilge تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-5 05:26 PM  


غەزەبلىنىش دۆتلۈكتىن باشلىنىپ،پۇشايمان بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

قاغا قاغىنىڭ كۆز

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6366
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8441
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 1044 سائەت
تىزىم: 2010-8-14
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 05:41:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆز ۋاقتىدا ئۇيغۇرخەلقىنىڭ قېنىنى شۇرىغان جاللاتقۇ  بۇ

ئاناڭنىڭ ھۆرمىتىنى قىل، ئاناڭنىڭ ئىززتىنى قىل، ئەقىل قايدا بولسا ئۇلۇغلۇق بۇلۇر، بىلىم كىمدە بولسا بۇيۇكلۇك تاپۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83340
يازما سانى: 558
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4277
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 232 سائەت
تىزىم: 2012-8-2
ئاخىرقى: 2013-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 06:03:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تازا بىلمەيدىكەنمەن راسلا شۇنداق بولسا نىمە قىلار ئۇنى مۇنبەرەە سۈرەپ چىقىپ.پىپەن قىلايلى دىدىمۇ يا.

دوسلارنى ھەممىدىن ئەلا بىلمەن.

ھەركەت سۆزدىن غالىپ كېلىدۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36749
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9228
تۆھپە نۇمۇرى: 1660
توردا: 10303 سائەت
تىزىم: 2011-4-7
ئاخىرقى: 2013-6-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 06:30:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شامەخسۇتتىن كىيىنكىلەرنىڭ قىلمىشى ئۇنىڭىدىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ كەتكەن

تەۋەرۈك كىتابلار دۇنياسى
http://kitabim.taobao.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81258
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3285
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 60 سائەت
تىزىم: 2012-6-8
ئاخىرقى: 2014-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 07:02:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ بىلىشىمچىمۇ بۇ بىز ئۇيغۇرلاردىن ئىچىدىن چىققان بىر مەلئۇن

بۇ ئالەمنىڭ تارا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9920
يازما سانى: 240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11277
تۆھپە نۇمۇرى: 1723
توردا: 9758 سائەت
تىزىم: 2010-9-11
ئاخىرقى: 2014-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 07:19:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ شامەقسۇت ۋاڭنىڭ ئىشلىرىنى بۇۋام بەك جىق سۆزلەپ بىرەتى، شۇ ۋاقتىدا بۇۋام شامەقسۇتنىڭ ئوردىسىدا خىزمەت قىلاكەنتۇق. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qi~Qan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-5 07:19 PM  


كامىل يۇۋاش

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34036
يازما سانى: 1428
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8119
تۆھپە نۇمۇرى: 192
توردا: 1729 سائەت
تىزىم: 2011-3-16
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 09:16:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Qi~Qan يوللىغان ۋاقتى  2012-9-5 07:19 PM
بۇ شامەقسۇت ۋاڭنىڭ ئىشلىرىنى بۇۋام بەك جىق سۆزلەپ بىرە ...

سىز  قەيەردىن   بوۋىڭىزنىڭ ئىسمى نىمە  مەنمۇ قۇمۇلدىن تونۇشۇپ قالساق ئەجەپ ئەمەس

كامىل،يۇۋاش
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش