ياشلارغا ئىككى ئېغىز سۆز
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسىتلار ، ياخشىمۇسىلەر ؟..
بۈگۈن مەن سىلەرگە يەنە بىر يېڭى تېىمامنى يوللىماقچى ، ئۇقۇپ كۆرگەندىن كىيىن ئاندىن بۇ تېىما توغرىلىق ئىلمىي مۇلاھىزە قىلىساق ، بۇ ئارقىلىق بۈگۈنكى جەمئىيەت ۋە تۇرمۇشمىزغا بولغان چۈشەنچىمىزنى يەنىمۇ ئاشۇرساق دەپ – ئويلايمەن .
ھازىر جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادى ۋە ئىجىتمائىي تەرەققىياتى كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى ، كومپىيۇتىر ۋە ئېنتىرنىتتىن ئىبارەت بۇ ئەقىل جەۋھىرى ۋە ئالاقىلىىشش تورىنىڭ ھەممىمزنىڭ ئۈيىگە كىرىشنى بۇرۇن ئويلاپمۇ باقىمغان ئىدۇق . زاماننىڭ بۇ خىل ماس قەدەملىك تەرەققىياتنىڭ ئەكسىچە بۇلۇپمۇ ئۆز جەمئىيتىمىزدىكى ئادىمىيلىك ئەخلاقنىڭ سۇسلاپ كېتىشى ئادەمنى بىر خىل ئەندىشىگە سېلىپ قويدى، شۇ سەۋەبتىن يەنە تۇرمۇشتا كىشلەر ئۆز – ئارا بىر – بىرىگە ئىشەنمەيدىغان ، جەمئىيەتتە پۇل ۋە ھۇقۇقنى ھەممىدىن چوڭ بىلىدىغان ، قىز ۋە يىگىتلەر ئارا مۇھەببەتنى مەنپەتكە باغلاپ قۇيىدىغان ناچار ئاقىۋەتلەرنى كۆپەيىتىۋەتتى .
مەن بۇ يەردە باشقا ئىشلارنى كۆپ سۆزلىمىسەممۇ ، بىراق ھەممىمزنىڭ ھايات تۇرمۇش مۇساپىسىدە خۇدا نىسىپ قىلسىلا چۇقۇم باشتىن كەچۈرىدىغان يەنە شۇ مۇھەببەت توغرىلىق ئىككى ئىغىز سۆز قىلماقچىمەن ، بەلكىم بۇ گەپلەرنى بىر قسىم تورداشلار كۆپ ئاڭلاپ بەك زىرىكىپ كەتتى ، ئەمما زىرىكمەي ئاڭلاۋاتقانلارمۇ بار . ئەمدى ئاڭلىغانلار زىرىكسىۇن ياكى زىرىكمىسۇن بۇ دىگەن دىگەن بىر ئەمىلىيەت ، پەقەت ئۆلگەن ئادەمنىڭلا مۇھەببەتلىشىش تەقدىرى ۋە پۇرسىتى بولمايدۇ .
پەقەت ھايات ئادەم ئۇلۇغ خۇدا نىسىپ قىلسىلا بۇ ئىشلارنى باشتىن كەچۈرەلەيدۇ ، پەقەت ئۇلۇغ خۇدانى ئەستىن چىقارماي قەتئىي ئىرادىسى ۋە ئىشەنچسىنى ساقلىيالسىلا ئاندىن ئۇنىڭ مىۋىلىرىگە ئېغىز تىگەلەيدۇ ، ئۇنداق بولمايدىگەن ، مۇھەببەت ئۈچۈن باغرىنى يېرىپ ، ئاسماندىكى ئاينى ئۈزۈپ ، ئوتتا كۆيگەن تەقدىردىمۇ ئىرىشىدىنى پەقەت شۇ ئازاپلا بۇلىدۇ – خالاس ، شۇ بىز بىر ئىشتىن نەتىجە قازىنىشنى ئويلىساق ، ئاۋۋال ئۇنىڭ توغرا بولغان ئۇسۇلىنى بىلىشىمىز كېرەك .
بۈگۈنكى دەۋىر رىقابەت دەۋرى ، رىقابەت بولمىسا ئىلگىرىلەش بولمايدۇ ، ئەمما رىقابەتنىڭ مەقسىدى چۇقۇم ياخشى نىيەت بىلەن بۇلىشى لازىم .
مۇھەببەتلىشىش ۋە تۇرمۇش قۇرۇشمۇ دەل شۇنىڭغا ئوخشايدۇ ، ئەگەر بىزنىڭ بۇ ئىشلارنى قىلىشتىكى مەقسىدىمىز توغرا بولمايدىكەن ، ئۇنداقتا بىزنىڭ ئىرىشىدىغان نەتىجىمىزمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھەقتە ئازراق مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشكە توغرا كىلىدۇ .شۇڭا بۇ ھەقتە بىزدىكى مۇھەببەتلىشىش ۋە تۇرمۇش قۇرۇشتىكى توغرا مەقسەت زادى نىمە؟ ..يەنە قانداق ئىشلار يۈز بىرىشى مۈمكىن ؟.. دىگەندەك مەسللەرنى ئەتراپلىق ئويلىنىشقا توغرا كىلىدۇ .
شۇڭا بۇ جەھەتتە مەن كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىم ، ۋە دوسىتلار ۋە ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەنلىرى بۇيىچە تۆۋەندىكىدەك مۇلاھىزە قىلىشنى لايىق كۆردۈم .
مۇھەببەت بولسا ئۇلۇغ ئاللانىڭ بىزلەرگە قىلغان ئىلتىپاتى ، شۇڭا ئۇ كىشلەر ئارىسىدا تەبئىي پەيدا بۇلىدۇ ، ئۇنىڭ پەيدا بۇلىشى بولسا كىشلەر ئارىسدىكى ياخشى بولغان ئەخلاقى – پەزىلەت ، تىرىشچانلىق ، كۈڭۈل بۈلۈش ۋە ئۈمىدۋارلىق ئاساسىدا شەكىللىندۇ ، مۇھەببەتنىڭ مەقسىدى بولسا ئاساسلىقى ئىككى تەرەپنىڭ ھەم شۇنداقلا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ تەرەپلەرنىڭ ھەرقانداق جاپالىق ۋە خوشاللىق كۈنلەردىمۇ بىرگە بۇلىشى ۋە ئۆز – ئارا ماسلىشىشى ئارقىلىق ئۈزى ئارزۇ قىلغان گۈزەل تۇرمۇشنى يارىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ ، ئەلۋەتتە بۇ جەرياندا يەنە بىز دەماللىققا بىز ھېس قىلىپ بۇلالمايدىغان نۇرغۇن ياخشى – يامان ئىشلارمۇ يۈز بىرىشى مۈمكىن ، ئەمما بۇ ئىشلارمۇ دەل بۇ مۇھەببەت مۇساپىسىنىڭ بىر قىسىمى ھېسابلىندۇ .
بىز كۆرگەن كىتابلارنىڭ بەزى جايلىرىدا مۇھەببەتنى بىر بۇتۇلكا ھاراققا ئوخشىتىدۇ ، يەنە بەزى جايلىرىدا بىر پاش پىيازغا ، يەنە بەزىلىرىدە تۈگىمەس شىئىرغا ، ..... ئىشقىلىپ ھەم جاپاسى ۋە خوشاللىقىمۇ بولغان نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئوخشاتقانلىقىنى كۆرگەن .
بۇ ئوخشىتىشلاردىن شۇنى بىلىشكە بۇلىدۇكى ، مۇھەببەت خوشاللىق ۋە ئازاپنىڭ بىرىكىمىسى .
بۇنىڭدىن شۇنى ھېس قىلىشقا بۇلىدۇكى ئادەم ھەممىگە قادىر ئەمەس ،قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنىىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بۇلۇپ كېتىشى ۋە ئارزۇ قىلغان نەرسىلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئىرىشىپ كىتەلىشى ناتايىن . ئەمدى بۇ يەردە تېلغا ئېلىپ ئۆتكەن مۇھەببەت يالغۇز قىز – ئۇغۇل ئوتتورىسىكى مۇھەببەتنىلا ئەمەس مۇھەببەت تۇيغۇسى بار ھەممە كىشىنى ( ھازىرچە شۇنداق دەپ تۇرايلى) ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
بۇلۇپمۇ بۇنىڭ ئىچىدە قىز – ئۇغۇل ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت بۇ ئىشلارنىڭ باشلىنىشنىڭ مۇھىم بىر قىسىمى ھېسابلىندۇ ، شۇنداق بولغان ئىكەن بۇ باشلىنىش ياخشى بولسىلا ئاخرىمۇ چۇقۇم ياخشى بۇلىدۇ ، ئەگەر باشلىنشى ناچار بولسا ، ئۇھالدا ئاخىرىمۇ تازا ياخشى بولمايدۇ .
ئەمدى بۈگۈنكى كۈندە مۇھەببەتلىشىپ توي قىلىدىغانلار ۋە مۇھەببەتلەشمەيمۇ توي قىلىدىغانلار ناھايتى كۆپ ، مەيلى قانداق ئۇسۇلدا توي بولسۇن ، ئاساسلىق مەقىسىدى باشقىلارنىڭ مال – مۈلكى ، ھۇقۇقى ۋە باشقا ئالاھىدە ئىمتىيازى ۋە سىرىتقى قىياپىتى بولسا ئۇھالدا بۇ ئىشلارنىڭ ياخشى بۇلۇپ كېتىشى ناتايىن ، ئەگەر ئەكسىچە بۇلۇپ ، توي قىلىش نىشانىنىڭ ئەخلاقى – پەزىلىتى ، ئېتىقادى ۋە غەيرىتىگە بەكرەك ئەھىمىيەت بىرىلسە ئۇھالدا بۇ ئىش ياخشى بۇلىدۇ – دەپ قارايمەن ، چۈنكى ئالدىنقىسىنى تاللىغانلار باشقىلارنىڭ چاپىنىدا تەرلەيدىغانلار ، كېينىكىسىنى تاللىغانلار بولسا ئۆز ئەقىل – پاراسىتى ۋە ئەجرى ئارقىلىق باشقىلارغا يېلىنماي تۇرۇپ تارتقان جاپاسىنىڭ ھالاۋىتىنى كۈرىدىغانلار .
بۇنىڭدىكى شۇنداق بۇلىشىدىكى سەۋەب شۇكى دەسلەپكىنى تاللىغانلار ھۇرۇن ، جاپادىن قورقىدىغان ،<<يۈزۈمنىڭ قېلىنلىقى جېنىمنىڭ راھىتى >> دەيدىغان ھاكاۋۋۇرلار تېپىغا كىرىدۇ .
كىينكىسى بولسا ئۈزىنى خار قىلماي تۇرۇپ ، ئۆزى ئىشلەپ تېپىپ يەيدىغان ، ئەقىل بىلەن ئىش قىلىدىغان ، << ئۈزۈڭنى خار قىلغۇچە ، كۈچۈڭنى خار قىل >> دەيدىغان سۈيۈملۈكلەرتېپىغا كىرىدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۆزىمىزنىڭ روھىنى ياخشى بولغان ئەخلاق ۋە ئىېتىقاد قارىىشغا ئىگە قىلىش بىلەن بىرگە چۇقۇم ماس ھالدا ياخشى بولغان كەسىپ ۋە بىلىم قارىشىغا ئىگە قىلىشىمىز كېرەك . شۇندىلا ھەر قانداق ئادەم تۇرمۇشتا ئۆز ئارزۇيىدەك ياشىيالايدۇ .
ھازىر دۆلتىمىزنىڭ تەرەققىياتى خېلى ماس قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ ، ھۈكۈمىتىمىزمۇ بىز ئاز سانلىق مىللەت رايۇنلىرىنىڭ ئىشقا ئۇرۇنلىشىش ۋە كەسىپ ساھەلىرىنى ئۆزلۈكسىز كېڭەيتىۋاتىدۇ ، خەلق تۇرمۇشى كۈندىن – كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ ، كىشلەرنىڭ تۇرمۇش قارىشىمۇ ئادىل بۇلۇش ، توغرا بۇلۇش ، ئېنىق بۇلۇشتەك ياخشى ۋەزىيەتكە قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ ، شۇڭا بىز ياشلارمۇ نۆۋەتتكى پۇرسەتنى قەدىرلەش بىلەن بىرگە نىكاھ ۋە توي ئىشلىرىغا يەنىلا شۇ ئاچكۆزلۈك بىلەن مۇئامىلە قىلماي ، بەلكى ئۇنىڭغا مەلۇم دەرىجىدە يول قۇيۇش ۋە ئىشنىش پوزىسىيەسىدە مۇئامىلە قىلساق ئىشنىمەنكى بىزنىڭ بۇ ئۈمىدىمىزنى بىز مۇھەببىتىمىزنى ئاتىغان قارىشى تەرەپ ۋە شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىمۇ ھەرگىز يەردە قويمايدىغۇ – دەپ ئويلايمەن .
ئەمما بۈگۈنكى كۈندە << ئەتىدىكى قۇرۇقتىن بۈگۈنكى ئۆپكە ياخشى >> دىگەن تەمسلىنى خاتا چۈشنىپ قېلىپ ، تۇرمۇشتا ئېىزىپ يۈرىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس ، يەنى مەن دىمەكچى بۇ تەمسىلىنى تۇرمۇشتىكى ھەممە ئىشلارغا تەدبىقلىۋالساق بولمايدۇ ، چۈنكى تۇرمۇشتا بۈگۈنكى ئۆپكىنى دەپلا ياشىساق ، ئۇھالدا بىزگە مەڭگۈ ئەتىدىكى ياخشى قۇرۇق يىيىش نىسىپ بولماسلىقى مۈمكىن ، شۇڭا بىز بەزى ئىشلارغا نىسبەتەن سەۋىرچان ۋە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلساق بەلكىم ئىشلارنىڭ نەتجىسى باشقىچە ياخشى بۇلۇپ كېتىشى مۈمكىن .
بۇلۇپمۇ بۇ يەردە كۆپرەك ئېزىپ كىتىدىغىنى يەنىلا قىزلار دەپ قارايمەن ،چۈنكى بۈگۈنكى كۈندىكى بىر قسىم ئائىلىلەرنىڭ ئائىلە تەربىيسىنىڭ ياخشى بولماسىلىقى ۋە جەمئىيەتنىڭ بىر قسىىم يامان تەسىرلىرى ۋە شۇنداقلا مۇھەببەت ۋە تۇرمۇشنىڭ ئېغىر سېناقلىرىغا بەرداشلىق بىرەلمەسلىك سەۋەبىدىن ئۇلار ئاسانلا توغرا يولدىن چىقىپ كىتىدۇ ، ھەمدە تۇرمۇش دىگەن مۇشۇنداق ئوخشايدۇ- دەپ تۇرمۇشقا نىسبەتەن يامان قاراشقا ئىگە بۇلۇپ قالىدۇ ، ئۈزىگە نىسبەتەن ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ قۇيىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بۇنداق قىزلار ئاسانلا باشقىلارنىڭ ياخشى كۆڭلىگە ئازار بىرىپ قۇيىدۇ . ھەتتا ئاقىۋەتتە ئۆزى – ئۆزىنى نابۇت قىلىش گىىردابىغا ئەكىلىپ قۇيىدۇ .
شۇڭا مەيلى قىز ياكى ئۇغۇل ، چوڭ ياكى كىچىك بۇلايلى باشقىلارنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقىدىن ئىبرەت ئېلىش بىلەن بىرگە ، ئۇنىڭغا سەۋىرچانلىق ۋە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلالىساق ، ھەرقانداق بىر ئىشتا باشقىلارنىڭ كۆڭلى ۋە مەنپەتىنىمۇ ئويلاپ قويساق ، ئۇھالدا بىزنىڭ ئىشلىرىمىز جەزمەن نەتىجىلىك بۇلىدۇ – دەپ قارايمەن ، ئەمدى بۇ بىز ياشاۋاتقان بۇ تۇرمۇش ناھايتى مۇرەككەپ ، بىز ئىشەنگەن شۇ كىشلەرمۇ ۋاقىتى كەلگەندە ئىشەنچىسىز كىشلەرگە ئايلىنىپ قېلىشى ۋە بىزنىڭ ئىشەنچىمىزنى يەردە قۇيىشىمۇ مۈمكىن ، ئەمما بىزنىڭ شۇ ياخشى نىيتمىزنى باشىقىلار بىلمىسىمۇ ئەمما ھەممىگە قادىر ئاللاھ بىلىدۇ ، شۇ كىشلەر ئۇنتۇپ قالسىمۇ ئاللاھ ئۇنتۇپ قالمايدۇ ، قىلغان شۇ ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ مۇكاپات ۋە جازاسىنى خۇدا ئۈزى ئادىل بىرىدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز كىشلەرگە قىلغان ياخشىلىق ۋە كىشلەر بىزگە قىلغان يامانلىققا قارىتا بىز كىشلەردىن ۋە جەمئىيەتتىن كۆپ ئاغرىنمايلى ، ئەڭ مۇھىمى ئۆزىمىزنى ۋە ئائىلىمىزنى دۇرۇس ۋە توغرا يولدا ماڭىدىغان كىشلەردىن قىلىپ تەربىيلەيلى . ئەتراپىمىزدا شۇنداق ئازغۇن ئىشلار يۈز بەرگەن ھامان ئۇنىڭغا نسىبەتەن بىر خىل تەربىيە بىرىش ۋە تۈزىتىش پۇزىىتسىيەسىدە بۇلايلى . ئەگەر بىز ئەتراپىمىزدا ياخشى بولمىغان ئىشلارنى كۈرۈپ تۇرۇپمۇ ئۇنىڭغا تەربىيە بىرىشتىن ئۈزىمىزنى ئېلىپ قاچساق ، بۇنداق ناچار قىلمىشلار كۆپەيسە كۆپىيدۇكى ھەرگىزمۇ ئازلارپ قالمايدۇ ، ئەگەر ئۈزىمىزنى ئېلىپ قاچساق بىر كۈنلەر شۇ ناچار قىلمىشلار ئۆز ئايىغى بىلەن ئۈيىمىزنىڭ بۇسىۇغسىغا كېلىپ قېلىشى مۈمكىن ، ئۇ چاغدا بەلىكىم بىز بەك كىچىككەن بۇلىشىمىز مۈمكىن . شۇڭا چوڭ ئىشلاردا قوربىمىز يەتمىسە كىچك ئىشلاردا بۇلسىمۇ ئۆزىمىزنى ئەمىليەتتە ئىسپاتلىساق بۇنىڭ ھېچبىر يامىنى يوق . چۈنكى ئادەم دىگەن خۇدانى تۇنۇمىسا ئاشۇنداق گالۋاڭ نەرسە ، ئەمما ئاغزىدا دىگەن بىلەنلا ئىش تۈزەلمەيدۇ ، ئەمىلىيتىدىمۇ ئەمەل قىلىشى كېرەك ، بەلكىم بۇ جەريانىدا ئەقلىنى تېپىپ قالسا ئەجەب ئەمەس . شۇندىلا خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇشى خاتىرجەم ، جەمئىيەت مۇقىم بۇلۇپ ، مىللىتمىزنىڭ ئۇغۇل – قىزلىرىمۇ ياراملىق كىشلەردىن بۇلۇپ چىقالايدۇ – دەپ قارايمەن .
يۇقارقى بايان قىلغانلىرىم بولسا مەن بۇ تۇرمۇشتىن ھېس قىلغان ۋە بىلگەن ھەمدە شۇ ئارقىلىق ھازىر ئۈزۈمنىڭ تۇرمۇش قارىشىمدا ئەمىلىي قوللىنۋاتقان ھەرىكەت مىزانلىرىمنىڭ بىر قىسىمى .
تورداشلارنىڭ سەممىي تەكلىپ – پىكىر بىرىشنى سورايمەن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا .tuz. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-4 08:51 PM