قورساق ئاغرىۋاتقاندا قول بىلەن چىڭ مۇجىۋىلىشقا بولمايدۇ
بەزى كىشىلەر قوساق ئاغرىقىنى توختىتىمەن دەپ ، كۆپ ھاللاردا قولى بىلەن قورسىقىنى چىڭ مۇجىۋالىدۇ . بۇنداق قىلىش تۆۋەندىكىدەك 4 خىل يامان ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
1 - تېشىلىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . مەسىلەن : ئۈچەيگە سازاڭ مەددە قاپلىشىپ قالغاندا ، ئۇنىڭ كېلىنكىلىق ئىپادىسى كىندىك ئەتىراپى تۇتقاقلىق ئاغرىيدۇ ،ۋە كۆڭۈل ئېلىشىدۇ . بۇ چاغدا قول بىلەن چىڭ مۇجىۋىلىنسا ، ئۈچەي يولىدىكى مەددىلەر تېپىچەكلەپ ، قالايمىقان ئۈسۈپ ، ئۈچەينى تېشىۋىتىدۇ .
2 - قان چىقىشنى كۈچەيتىۋىتىدۇ . مەسىلەن : ئاشقازان ، 12 بارماق ئۈچەي يارىسى سەۋەبلىك قورساق ئاغرىغاندا ، قورساق چىڭ مۇجىۋىلىنسا ، ئۈچەي دىۋارى چىڭقىلىپ ، قان تومۇرلار بۇزۇلۇپ ، چىقىۋاتقان قان تېخىمۇ كۆپىيىپ كېتىدۇ .
3 - كېسەللىكنى ئېغىرلاشتۇرۋىتىدۇ . مەسىلەن : سوقۇر ئۈچەي يىرىڭلاپ قالغاندا قورساق قول بىلەن چىڭ مۇجىۋىلىنسا ، يىرىڭلىق ئىششىق بۇزۇلۇپ ، ياللۇغ كېڭىيىپ ، قورساق پەردىسىنىڭ ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
4 - ھاياتىغا خەۋىپ يەتكۈزۈدۇ . مەسىلەن ، ئۈچەي ئالمىشىپ قالغاندا قورساق قول بىلەن چىڭ مۇجىۋىلىنسا ، ئۈچەي دىۋارى بۇزۇلۇپ ، ھاياتىغا خەۋىپ يېتىدۇ .
مەنبە : ‹‹ پەرھىز ۋە سالامەتلىك ››ناملىق كىتاب 190 - بەت .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bugaltir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-4 08:12 PM