مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 612|ئىنكاس: 6

ھاسان ئەينەكنىڭ كەچمىشلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79414
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3081
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-4-27
ئاخىرقى: 2012-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 06:59:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
          ھاسان ئەينەكنىڭ كەچمىشلىرى

                  ‹ھىكايە›

              تۇنياز غوجاشايارى

                    1

يېزىلىق ساقچىخانىدىن قۇيۇپ بىرىلگەن ھاسان ئەينەك مەھەللىگە قاراپ كىتىپ باراتتى.ئۇنىڭ قەدەملىرىدىن پۇرقىراپ چىققان توپىلار يىراقلارغا ئۇچۇپ باراتتى.ئۇ مەھەللىگە چۈشىدىغان ئاتباغرى تۆپلىككە يىتىپ كەلگەندە،ئايرىلغىلى نەچچە ھەپتە بۇلۇپ قالغان مەھەللىگە زوقلىنىپ قارىدى.يېشىللىققا پۈركەنگەن مەھەللە ئۇنىڭ كۆزىگە بۆلەكچىلا يېقىملىق كۆرۈنۈپ كەتتى.مەھەللىدە ئون نەچچە ئۆيلۈكلا كىشى بار ئىدى.ئۇلار ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇ مەھەللە گويا ئالەمنىڭ يېرىمىغا تەڭ ئىدى. بۇ كىشلەر ئادەتتە يېزا بازىرىغىمۇ كۆپ چىقمايتتى. سىرتقى جايلاردىنمۇ بۇمەھەللىگە كېلىدىغانلار ئاز ئىدى. ئاندا-ساندا كىلىپ-كىتىپ تۇرىدىغان تىلەمچىلەرنى،يېزا كادىرلىرىنى ھىسابقا ئالمىغاندا،باشقا ئادەملەرنىڭ ئايىقى ئانچە تەگمەيتتى.بۇ مەھەللىدىكىلەر نەچچە ئەۋلاتتىن بېرى بىر ئۆستەڭنىڭ سۈيىنى تالىشىپ ئىچىپ كەلگەنلەر بولۇپ،ئۇلارنىڭ جىسمىمۇ بۇ يەرنىڭ تۇپرىقىدىن پۈتۈلگەنلەر ئىدى.ئەنە شۇنداق بولغاچقا ئۇلار بىز قېرىنداش،تەغدىرداش. بىر-بىرىمىزدە تۇز ھەققىمىز بار.ئىناق،ئىجىل ئۆتمىسەك بۇ ياشاۋاتقان زىمىنىمىزغا يۈز كېلەلمەيمىز دەپ قارايتتى. شوڭلاشقا بۇ يەرنىڭ كىشلىرى تولىمۇ ساددا،ئاقكۆڭۈل،تۈز،راستچىل بولۇپ قەلبى ئېقىن سۇدەك پاك،تۇرمۇشى كۆلنىڭ سۈيىدەك تېنىچ ئىدى.ئەمما بۇ مەھەللىگە ئىمىن تۇڭگۇز پەيدا بولغاندىن كىيىن،ئۇلارنىڭ تېنىچ تۇرمۇشى بۇزۇلدى.

       ھاسان ئەينەك تۆپىلىكتىن چۈشۈپ.مەھەللە ئىچىگە كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭ كۆزى يولنىڭ ئۇ تەرپىدىكى كۆز يەتكۈسىز سالا ئېتىزلاردىكى  بۇغداي مايسىلىرىغا چۈشتى.سالا ئېتىزلاردىن قايسى ئېتىزنىڭ كۆلىمى چوڭ،مايسىسى قارىداپ بۇلۇق ئۆسكەن بولسا،شۇ ئېتىز ئىمىن تۇڭگۇزنىڭ ئىدى.ئۇ كۆزىنى بۇغداي مايسىلىرىدىن ئېلىپ،مەھەللىدىكىلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆيلىرىگە قارىدى.باشقىلارنىڭ ئۆيلىرى كېسەك تاملىق ئۆيلەر بولسا، ئىمىن تۇڭگۇزنىڭ خىش ئۆي ئىدى.ئۇسلۇبىنىڭ ئۆزگىچىلىكى بىلەنمۇ  بىر قاراشتىنلا باشقا ئۆيلەردىن ئالاھىدە پەىقلىنىپ تۇراتتى.ئۇ بۇلارغا قاراپ تۇرۇۋېرىشكە چىداپ تۇرالمىدى.ئۇ كۆڭلىدە بۇ تۇڭگۇز بۇ يەرگە تىلەمچىلىك قىلىپ كەلگەندە،باشقىلار ئۇنى ئۆيلىرىگە باشلاشنى خالىمىسا،مەن ئۆيۈمگە باشلىغاندىم.خېلى تۈزۈك كۆرۈنىۋدى.ئۇ؛«ئەر-ئايال نەگە بېرىپ،نەلەردە تۇرۇشنى بىلەلمەيمىز.»دىسە،ئىچىم ئاغرىپ،باشقىلارنىڭ نەسھەتلىرىگىمۇ قۇلاق سالماي،ئۆيۈمدە ئېلىپ قالغان ئىدىم.ئۇ بىردىنلا«تىلەمچى»دېگەن قالپاقنى چۆرىۋېتىپ،باي بۇلىۋدى.ئۆزىنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى ئاشكارلاپ،كۈندىن-كۈنگە ئەسكىلىشىپ كەتتى.ئادەم ئەمەس بىرنىمىكەن دەپ ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلايتتى.ئۇ يولنىڭ بۇ قېتىدىكى تېرىغان بالدۇر قونىقىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن،يولدىن ئېتىزلىققا چۈشتى.توساتتىن قوناقلىقنى ئارىلىماقچى بولغان قەدەملىرى جايىدا توختاپ قالدى.چۈنكى ياندىكى قوناقلىقتىن ئىمىن تۇڭگۇزنىڭ خۇتۇنى ئايسىخان بىلەن ياسىن بۇقىنىڭ بۇرتى ئەمدىلا خەت تارتقان ئوغلى ئەكرەم توپاقنىڭ تۇنۇش ئاۋازى ئاڭلانغاندى؛

-يېقىنراق كەلمەمسەن؟

-ياق،ئاپام ئەتىگەندە قوناقلىقتىن ئوتاپ قويغان ئوتنى قويلارغا ئاپىرىپ بەرمىسەم بولمايدۇ.

-ئوت دىگەن بۇ قوناقلىقتىمۇ تۇرمامدۇ؟! مۇشۇنى ئەكەتسەڭمۇ بولىدىغۇ؟!

-ياق،بۇ دېگەن خەقنىڭ.ئاپام«باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى ئالما!»دېگەن.

-ئەمىسە، ئېلىۋالمايسەن،مەن ئۆزەم بېرەي دەۋاتىمەن.

-ئەمىسە،ھازىرلا ئېلىپ كېتەيمۇ؟

-نېمە ئالدىرايسەن؟!بىردەم قوناق ئوتىشىپ بېرىپ،ئاندىن ئالغاچ كەتمەمسەن؟تېخى ،باشقا نەرسە سورساڭمۇ بېرىپ قالىمەنمۇ؟!

-يەنە نېمە سورايمەن؟ئوتتىن باشقا بۇ يەردە سورىغىدەك يەنە نېمە بار؟

-مەنچۇ؟

-سىز دېگەن ئادەم تۇرسىڭىز،سىزنى نېمە قىلىمەن؟

-نېمە قىلساڭ بولىۋېرىدۇ،مېنى ياراتمامسەن؟

-ياق،ئىمىنكامدىن قورقىمەن!

-نېمىشقا؟

-ھاسىنكامنى ساقچىغا سولتىۋەتكەندەك،مېنىمۇ سولتىۋەتسىچۇ؟

-ئۇنداق قىلمايدۇ.

-شۇنداق قىلسىچۇ؟

-ھاسان تازنى راستىنلا ئىمىنكام سولتىۋەتتى،دەپ يۈرەمسەن؟

-ئەلۋەتتە.

-ئەخمەق!ھاسان تازنى ئىمىنكاڭ سولىتۋەتمىدى.ئۇ ئۆزىنى ئۆزى سولىتۋەتتى.

-يالغان!كىم ئۆزىنى –ئۆزى ساقچىغا تۇتۇپ بېرىدۇ؟

-ئۇ ئۆزى ئىمىنكاڭغا مېنى«قاش-كۆزىنى ئوينىتىدىكەن...»دەپ چاقمىغان بولسا،شۇنداق ئاقىۋەتكە قالمايتتى.

-راستىنلا ھاسىنكام سىزگە چېقىلمىغانمۇ؟

-چېقىلالىسا ساقچىخانىداياتامتى؟!راستىنلا سېنىڭمۇ ئوينىغۇڭ يوقما؟

-ئويناپ باقمىغان تۇرسام؟!

-مەن ئۆگتىمەن.

-قورقۇۋاتىمەن...

-گەپ دەل قىزىق يەرگە كەلگەندە،ھاسان ئەينەكنىڭ گېلى قىچىشىپ كېتىپ،كونتروللىقىنى يوقاتتى.

-ئۆھ..ئۆھ...ئۆھۆ...-ئۇ يۆتىلىنى توختۇتۇپ بولغۇچە،ياندىكى قوناقلىقتىن ھۆركىگەن ياۋا تۇڭگۇزلار قوناقلىقتىن قاچقاندەك ۋاراسلىغان ئاۋازلار كۆتىرىلدى.ئۇ شۇئان ئاغزىغا تۈكۈرۈك چۇغلاپ ،بار ئاۋازى بىلەن ئۇلار قاچقان تەرەپكە قارىتىپ تۈكۈردى.

-ئە..خ...تۈ...فى...!

                     2

قۇياش ئۆزىنىڭ كۈچلۈك نۇرىنى ئەتراپىغا سېخىيلىك بىلەن چاچماقتا.تومۇز ئايلىرى يىتىپ كەلمەيلا،زېمىن خۇددى تونۇردەك قىزىپ كەتكەنىدى.كىشلەر ئېتىزلىرىدىكى بۇغدايلىرىنى ئۇرۇپ،ئاللىقاچان ئېتىزلىرىغا توشۇپ بولغان بولۇپ،ئوسا قىلىنغان ئېڭىزلار كۆللەرگە ئايلانغانىدى.سۇ ئاستىدىكى ئېڭىزلار كۈچلۈك كۈن نۇرىدا يۇلتۇزلاردەك چىمىرلايتتى.ھاسان ئەينەك سۇ تۇتقىلى چىققاندا ئۆستەڭدىكى سۇ ئەمدىلا توختاپ قالغان ئىدى.بۇ سۇ-مۇشۇ يازدىكى كەنجى قوناق ئوسىسى ئۈچۈن بېرىلگەن ئاخىرقى قېتىملىقى ئىدى.ئەگەر ئۇ دەرھال ئۆستەڭنى كۆمۈپ،ئۆستەڭدىكى كۆپۈندى سۇلار بىلەن بولسىمۇ بۇغداي ئېڭىزىنى ئوسا قىلمىسا،ئېتىزى ئاق قالاتتى.ئۇ ئالدىراش ئىشتان پۇشقاقلىرىنى تۈرۈپ،ئتىزغا سۇ ماڭىدىغان ئېرىقنىڭ كۈمۈگىنى ئاچتى.لېكىن ئېتىزى بىلەن ئۆستەڭدىكى سۇ تەڭلىشىپ قالغانلىقتىن،ئېتىزىغا سۇ ماڭمىدى.ئۆستەڭدىكى سۇلار ئاياق تەرەپكە ئاستا ئېقىۋاتقانلىقتىن،سۇ ئورنى بارغانسېرى پەسلەۋاتاتتى. ئۇ ئۆستەڭنى توغرىسىغا كۆممەكچى بولۇپ،قۇزۇقنى ئۆستەڭنىڭ ئوتتۇرسىغا قاقتى.چاۋارلارنى تىرىپ ئەكىلىپ قۇزۇقنىڭ ئالدىغا كەپلەپ،بىر نەچچە كەتمەن توپىنى چاۋارغا تاشلىدى.توپىدا سەل بېسىلغان چاۋارلار قۇزۇقنىڭ ئارلىقىدىن ئېقىپ كەتتى.ئۇ بىر دانە كالتە بادرىنى تېپىپ ئەكىلىپ،ئۆستەڭدىكى قۇزۇقنىڭ ئالدىغا توغرىسىغا قويدى.ئېقىپ كەتكەن چاۋارلارنى سۇدىن سۈزۈپ ئەكىلىپ،بادىرا ياغاچنىڭ ئالدىغا باستى. ئۈستىگە توپا تاشلاشقا باشلىدى.ئۆستەڭ كۆمۈلۈپ بۇلۇش ئالدىدا تۇراتتى.ئۇ تەرلەپ بەكمۇ ھېرىپ كەتكەن ئىدى.دەل شۇ چاغدا،قۇلقىغا ئىمىن تۇڭگۇزنىڭ تونۇش سەت ئاۋازى ئاڭلاندى.

-توختاپ قالغان سۇنى ئوسا قىلىپ بولغان ئېتىزىمغا جىقلاپ قوياي،دەپ باشلاپ قويسام،نېمىشقا ئېتىزغا سۇ ماڭمايدىكىن دېسەم،ئەسلى سەن تاز بۇيەردە ئۆستەڭنى كۆمۈۋالغان ئىكەنسەن-دە؟!

-سەنغۇ ئېڭىزىڭنى ئوسا قىلىپ بولغان تۇرۇقلۇق،يەنە سۇ جىقلايمەن دەيسەن!مېنىڭ ئېڭىزىم ئاق قالسا بولماس!؟

-سەن،مەن بىلەن گەپ تالىشىۋاتامسەن؟!مانا،سۇغا تويە!-دېدى ئىمىن تۇڭگۇز ھاسان ئەينەكنىڭ تۈكى چۈشۈپ كەتكەن بېشىغا قولىدىكى كەتمەننىڭ جۇلتىسىنى ئۈستۈرمەكچى بولۇپ چۆرۈپ.دەل شۇ پەيىتتە،يەردىن ئۈنگەندەكلا پەيدا بولغان ياسىن بۇقا ئىمىن تۇڭگۇزنىڭ قولىدىكى كەتمەننىڭ دەستىسىنى«كاپ»قىلىپ تۇتىۋېلىپ،كەتمەننى يىراققا پىرقىرىتىپ چۆرىۋەتتى.ئىمىن تۇڭگۇز كەتمەننى سۈرۈشۈپ:

-خەپ توختاپ تۇرۇش!-دىگىنىچە  كىتىپ قالدى.

       بېشىدىن ئايرىلغىلى تاس قالغان ھاسان ئەينەك خاپچىلىقتا،ئىمىن تۇڭگۇزنىڭ يەنە قايتىپ كىلىپ كۆمۈكنى ئېچىۋېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئۆستەڭ بۇيىدىكى قېرى سۆگەت سايىسىدا كۆمۈك بېقىپ يېتىپ ئختىيارسىز غەرىق ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى. بىر چاغلاردا ۋارقىراشقان ئادەملەرنىڭ ئاۋازىدىن ئويغىنىپ ئەتراپقا قارىدى.قاراڭغۇ چۈشۈشكە ئاز قالغانلىقىنى كۆرۈپ،ئۆزىنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت ئۇخلاپ قالغانلىقىنى ھىس قىلدى.ئۇ ئالدىراپ ئېرىققا قارىدى.ئۇخلاشتىن بۇرۇن يېرىم ئېرىقمۇ كەلمەيدىغان سۇ –ئەمدىلىكتە ئېرىققا پاتماي قالغان ئىدى.ئۇ چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ ۋارقىراشقان ئادەملەر تەرەپكە قارىدى.ئۆستەڭنىڭ باش تەرپىدىكى ئانچە يىراق بولمىغان يەردىكى توپلىشىپ قالغان ئادەملەر،ئېلىپ كەتكەن يارنى كۆردى. تېخىممۇ زەن سېلىپ قارىۋدى،توپلىشىپ تۇرغان ئادەملەر ئارىسىدىن يېزىلىق سۇ پونكىتىنىڭ بىر-ئىككى نەپەر كادىرىنى كۆزىگە چېلىقتۇردى.ئۇ،بۇ ئېرىققا قانداق قىلىپ،قايتىدىن سۇ كېلىپ قالغانلىقىنى ھېچ ئاڭقىرالمايتتى.ئۇنىڭ پۈتۈن خىيالى- ئۆزىنىڭ قانچىلىك جېرمانە تۆلەشكە بۇيرۇلدىغانلىقىدىلا قالغان ئىدى.

             3

تەغدىر دېگەن ئاجايىپ بولىدىكەن.ئامەت كەلگەندە،ئىشىكنى تاقىۋالسىمۇ مۇرىدىن،تۆڭلۈكتىن قۇيۇلدىكەن.ئامەت قاچقاندا«خودا ساقلىسۇن»دېسىمۇ،ساقلىمايدىكەن.ھاسان ئەينەك«ئاياللارغا يامان نىيەتتە بولغان»دېگەن بەتنام بىلەن ساقچىخانىدا يېتىپ چىققاندىن كىيىن،يەنە نەچچە ئاي بولمايلا«سۇ ئوغىرلىغان»دېگەن بەتنامغا قالدى. يىلنىڭ تەڭدىن تولىسىدا ناشتىسىز،ئىسسىقسىز يۈرۈپ،بىر ئائىلە كىشلىرى قان-تەر بەدىلى بىلەن قولغا كەلتۈرگەن بىرقانچە خالتا بوغدايلىرى، ھاياتىنىڭ قىران مەزگىللىرىدە تەستە ئىگە بولالىغان،بىر ئائىلە كىشلىرىنىڭ جېنى ھىسابلىندىغان ئالا ئىنەك،ھەتتا قېيىنئانىسى زۇلەيخاننىڭ چېچىنى قايرىغاندا بەرگەن بىر چىشقاق ئوغلاق قاتارلىق پۇلغا يارىغىدەك بىساتىنىڭ ھەممىسى جەرمانە تۆلەشكە كەتتى.

      ئۇ بىر ئائىلە كىشلىرىنىڭ كېيىنكى يىلدا،يېڭىغا ئۇلاشقىچە بولغان ئارلىقتىكى تۇرمۇشى ئۈچۈن باش قاتۇرمىسا بولماييتى.ئۇ مەدەكارچىلىق قىلسىنمۇ!؟ كىمنىڭ مەدەكارچىلىقىنى قىلىدۇ!؟ بۇ مەھەللىدە ئىمىن تۇڭگۇزدىن باشقىلارنىڭ تۇرمۇشى ئۆزىگە ئوخشاشلا نامرات ئىدى.ئەڭ مۇھىمى ئۇ مۇشۇ ياشقا كەلگۈچە باشقىلارنىڭ مەدىكارچىلىقىنى قىلىپ باقمىغانتى.تېخى نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا،ئىمىن تۇڭگۇز ئۇنىڭ ئۆيىدە مەدىكار بولۇپ ئىشلىگەنتى.بېيىغاندىن كيىن ئۆزى بىلەن  ئوت ۋە سۇدەك چىقىشالمايتتى. بۇنى مەھەللىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىلەتتى. ئۇ ئىمىن تۇڭگۇزغا مەدىكار بولۇپ ئىشلىسە، دۈشمىنىنىڭ ئالدىدا تىزلانغان بىلەن باراۋەر ئىدى.

      تۇرمۇش ئاجايىپ رەھىمسىز كېلىدىكەن. گاھىدا ئادەمنى«بارمايمەن دېگەن تۈگمەن»گە بېرىشقا مەجبۇر قىلىدىكەن.ئۇ ئاخىرى ئىلاجىسىز ئىمىن تۇڭگۇزنىڭ قوتىنىنى كېڭەيتىپ سالىدىغان ئىشنى كۆتىرە ئالدى. شۇئان ئىمىن تۇڭگۇزنىڭ ھويلىسىدا ئىشقا چۈشۈپ كەتتى.ئۇ ئايالى زۇلەيخان سۇنۇپ بەرگەن كېسەكلەرنى سوقما تامغا ئەپچىللىك بىلەن قوياتتى. ئەكىلىپ بەرگەن لايلارنى كېسەك ئۈستىگە تەكشى يېيتاتتى.بىر قانچە كۈن مۇشۇنداق ئىشلەش ئارقىلىق سوقما تامنى قوپۇرۇپ بولدى. ئۈستىنى يېپىپ بىرىپ ،ئىش ھەققىنى ئالىدىغان كۈنىنىڭ چىڭقى چۈش مەزگىلى بولغاندا،سېلىۋاتقان قوتانغا ئانچە يىراق بولمىغان ئۆي ئىچىدىن كەلگەن ئايسىخان بىلەن ئىمىن تۇڭگۇزنىڭ ۋارقىراشقان ئاۋازى ئاڭلاندى.

-ئالتۇن بىلەيزۈكۈم يوق تۇرىدۇ!

-قويغان يىرىڭگە ئوبدان قارا!؟

-قارىدىم ،يوق.

-نەگە قارىدىڭ!؟

-ئەتىگەندە باسما قۇدۇقتا سۇ تارتقاندا،قۇدۇق بۇيىدا ئۇنتۇپ قاپتىكەنمەن.ھېلى ئۇنتۇپ قالغىنىم ئىسىمگە كىلىۋدى،بېرىپ قارىسام يوق تۇرىدۇ.

-قۇدۇق بۇيىغا سىنىڭدىن باشقا ئادەم كەلگەنمۇ؟

-ۋۇي!شۇمۇ گەپ بولدىمۇ؟ ھويلىدا ئىشلەۋاتقانلار كەلمەي قالامتى-ئەمىسە؟

-كىم كەلدى؟

-زۇلەيخان.

-يۈزلىشەلەمسەن؟

-ئەلۋەتتە!

-ئۆزلىرىگە قارىتىپ ئېيتىلغان بۇ قىپقىزىل تۆھمەتنى ئاڭلىغان ھاسان ئەينەك ئىمىن تۇڭگۇزنىڭ ھويلىسىدا ئىش قىلغانغا پۇشايمان قىلغاندى.ئۇ بۇنداق تۆھمەتكە قېلىشىنى پەقەت ئويلىمىغانتى.

      ئۇ ئۆز-ئۆزىگە:-زەھەرلىك يىلان ھامان قىلىدىغىنىنى قىلىدىكەن،مانا نامراتلىققا توي!قوتان سېلىشنى كۆتىرە ئالغانغا توي!-دىگىنىچە توختىماي ۋارقىراپ،ئۆز-ئۆزىنى شاپىلاقلايتتى.ياندا تۇرغان زۇلەيخان ھاسان ئەينەكنىڭ نادامەتلىك بۇ ھالىتىگە قاراپ ھۆركىرەپ يىغلايتتى.ھايال ئۆتمەي ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئىمىن تۇڭگۇز بىلەن ئايسىخان پەيدا بولدى. ئايسىخان زۇلەيخاننىڭ ئالدىغا تېخىممۇ يېقىن كېلىپ،قوللىرىنى شىلتىپ ۋارقىرىدى.

-ھوي خان! نېمە سۈيدۈكلىرىنى ئېقىتىلا!؟ سۈيدۈكلىرىنى توختۇتۇپ،ئالتۇن بىلەيزۈكنى چىقارسىلا!؟

-نېمە دېگەنلىرى ئايسىخان؟ سىلىنىڭ ئۇ نەرسىلىرىنى ئېلىپ –نېمە قىلاي؟

-سەن ئالمىساڭ كىم ئالىدۇ؟

-مەن باشقىلارنىڭ يىپ-يىڭنە چاغلىق نەرسىسىنى ئېلىپ باقمىغان،ئادەمگە تۆھمەت قىلمىسىلا!؟

-تۆھمەت قىلىپتىمەنما؟-ئايسىخان شۇنداق دېگەچ زۇلەيخاننىڭ ئۇزۇن چېچىغا قول ئۇزاتتى.چىشلىرىنى كاراسلىتىپ،غەزىپىنى تەستە بېسىۋېلىپ زۇلەيخاننىڭ يېنىدا تۇرغان ھاسان ئەينەك چاققانلىق بىلەن ئۇنىڭ قۇلىنى قېقىۋېتىپ تۇرۇپ ھۆركىرىدى.

-ئالتۇن بىلەيزۈكنى زۇلەيخان ئالدى دەيدىغان نىمە پاكىتىڭ بار!؟

-بار.

-چىقارمامسەن!؟

-پاكىتنى زۇلەيخان ئاللىبۇرۇن يۇشۇرۇپ بولدى.

-نەگە يۇشۇردى؟! پاكىتىڭ بولسا گەپ قىل!قىلدۇرغان ئىشنىڭ پۇلىنى بېرىش تەس كېلىپ،قۇتۇلۇش ئۈچۈن باشقىلارنى ئوغرى تۇتما؟!-دېدى ھاسان ئەينەك غەزەپلىنىپ.ئۇنىڭ كۆز ئالمىسى كۆزىنىڭ چانىقى ئىچىدە پىرقىراپ چۆگىلەيتتى.ئىمىن تۇڭگۇز ھاسان ئەينەكنىڭ بۇ تۇرقىنى كۆرۈپ،ئايسىخاننى ئۆيى تەرەپكە سۆرىدى.ئايسىخان ئارغامچىدا باغلانغان قانجۇق ئىت بىردىنلا ئىگىسىنى كۆرۈپ ،يۇچۇن ئادەملەرگە تېخىممۇ ئولجىغاندەك زۇلەيخانغا ئولجايتتى.ئىمىن تۇڭگۇزنىڭ كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا چۈشنىپ بولغىلى بولمايدىغان  بىر خىل شۇملۇقنىڭ ئۇچقۇنلىرى پەيدا بولدى.بۇ ئۇنىڭ كەينىگە چىكىنىپ تۇرۇپ ،قايتىدىن ھۇجۇمغا ئۆتۈشنى كۆڭلىگە پۈككەنلىكىدىن بىشارەت بېرىپ تۇراتتى.

                  

                    4

   كۈن ئولتۇرۇشى بىلەن تەڭ ساقچى موتۇسىكىلىتىنىڭ ئارقىسىغا مىنىۋالغان ئىمىن تۇڭگۇز ئۆز دەرۋازىسى ئالدىدا يۇقىرى ئاۋازدا توۋلىدى:

-ھاي خوتۇن،دەرۋازىنى ئاچ!

-مانا ھازىر!-دەرۋازا ئىچىدىن ئاڭلانغان بۇ ياڭراق ئاۋاز بىلەن تەڭ ،دەرۋازا شاراقلاپ ئېچىلدى.ساقچى موتۇسىكىلىتىنى بىمالال ھەيدەپ ھويلا ئىچىگە كىرىپ توختاتتى.ئىمىن تۇڭگۇز بىلەن ساقچى ھويلىدا ئۇزۇن تۇرماستىنلا،مېھمانلىق ئۆيدىكى ئايسىخان ئالدىدىن تەييارلاپ قويغان جوزىغا كېلىپ ئولتۇرۇشتى.ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئايسىخانمۇ كىرىپ كەلمەكتە ئىدى.جوزىدا ھەرخىل نازۇ-نېممەتلەر،ئالى دەرجىلىك ئاق ھاراقلار تىكلەكلىك تۇراتتى.ساقچىنىڭ ئۇياتسىز كۆزلىرى- جوزىدىكى نازۇ-نېممەتلەردە ئەمەس،بەلكى ئەمدىلا كىرىپ كەلگەن ئايسىخاننىڭ شەھۋانى كۆزلىرىدە ئىدى.ئىمىن تۇڭگۇز ئىستىكانغا ئاق ھاراقنى بېلىق كۆزى قىلىپ قۇيغاندىن كېيىن ،ئىستىكاننى قولىغا ئالدى.ساقچىغا بىر قارىغاندىن كېيىن ،كۆزىنى ئايسىخانغا تىكىپ قەدەھ سۆزى قىلىشقا كىرىشتى:

-بۇياق پولات ساقچى ،ئۆتكەندە ياردەم قىلغان ئاغىنەم !

-پولات سوجاڭ دېسلە؟!-ئايسىخان ئىمىن تۇڭگۇزنىڭ گىپىنى تۈزىتىپ ساقچىغا نايناقلاش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمىدى.

-ھە،پولات سوجاڭ!خوش –ئەمىسە!-دېگەچ ئىمىن تۇڭگۇز قولىدىكى ھاراقنى گۈپپىدە كۆتىرىۋەتتى.ھاراقلار بىرىنىڭ كەينىدىن-بىرى قۇيۇلماقتا ئىدى.ئەلياتقۇ ۋاقتىغىچە ئىچىشكەندىن كېيىن ئۇلار تەڭشىلىپمۇ قالدى.

     پىلان بۇيچە ئايسىخان ساقچى مەست بۇلۇپ قېلىشتىن بۇرۇن،ساقچىنى بۇ ئۆيگە باشلاپ كېلىپ پۈتتۈرمەكچى بولغان ئىشىنى توغرىلىۋېلىشى لازىم ئىدى.شوڭا ئالدىراپ ساقچىغا ئېغىز ئاچتى.

-سوجاڭ،خەق مېنىڭ ئالتۇن بىلەيزۈكۈمنى ئېلىۋېلىپ بەرمىدى.

-كىم؟

-ھېلقى ماڭا يامان نىيەتتە بولغان ھاسان تازنىڭ خوتۇنى زۇلەيخان.

-ھە،ھېلقى گاداينىڭ خوتۇنى دەڭ،-دېدى ساقچى ئارتۇقچە سۆزلەشتىن ئېرىنىپ.ئايسىخان ساقچىدىن ئېنىق بىر جاۋاپ ئالالمىغاندىن كېيىن،كۆزىنىڭ قويرۇقىدائىمىن تۇڭگۇزغا –ساقچىغا يەنە ھاراق قۇيۇش شەرىتىنى قىلدى.ئىمىن تۇڭگۇز يەنە ساقچى بىلەن بىر نەچچە رومكا ئىچىشكەندىن كېيىن،ئىشتان كەمىرىنى تاتلىغان قىياپەتتە ساقچىغا بىلىندۈرمەستىن ئايسىخانغا «ئۆزەڭگە قالدى»دېگەن كۆز ئىشارىسىنى بېرىپ،قەدەملىرىنى ئىگز-پەس ئېلىپ ،مېھمانلىق ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.

ئايسىخان مۈگدەپ قالاي دېگەن ساقچىنىڭ كۆزىگە كۆزىنى ئۈزمەي ،بىر پەس قارىغاندىن كېيىن مەقسەتلىك ھالدا جوزىدىن بىر دانە چۇكىنى يەرگە چۈشۈرۋېتىپ،يەنە چۇكىنى ئالماقچى بولۇپ يەرگە ئېڭىشتى.ئايسىخاننىڭ بىر جۈپ ئالمىدەك كۆكسى ساقچىغا مانا دېگەندەكلا كۆرۈنۈپ قالدى.ساقچى بېشىنى كۆتىرىپ چاققانلىق بىلەن ئايسىخاننىڭ يەرگە ئۇزاتقان قولىنى تۇتىۋالدى.ئايسىخان قولىنى ساقچىدىن قاچۇرماي تۇرۇپ سورىدى:

-مېنىڭ ئالتۇن بىلەيزۈكۈمنىڭ تەغدىرى قانداق بولار سوجاڭ؟

-سىزنىڭ ئىپادىڭىزگە قارايمەن-دېدى ساقچى قولىنى ئايسىخاننىڭ يوتىسىغا قۇيۇپ ئاستاغىنە چىمداپ تۇرۇپ.ئايسىخاننىڭ كۆڭلى ئارام تېپىپ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى.ساقچى ئايسىخاننى قۇچاقلىماقچى بولۇۋدى.ئايسىخان ئاستا ئۆزىنى ساقچىنىڭ قۇچىقىغا تاشلىدى.دېرىزىدىن كىرگەن شامالدا جوزا ئۈستىدىكى شام ئۆچۈپ قالدى...

                   5

ھاسان ئەينەك بىلەن زۇلەيخان ئايرىم-ئايرىم قىلىنىپ،ساقچىخانىنىڭ ئەسكى تاشلاندۇق سولاقخانىسىغا قامالدى.سولاقخانا قاراڭغۇ ھەم زەي ئىدى.ھەممىلا يەرگە سىڭىشىپ كەتكەن زەينىڭ ئۆتكۈر ھەم قاڭسىق سېسىق پۇرىقى ئادەمنىڭ دىماقلىرىغا ئۇرۇلۇپ بېشىنى ئايلاندۇراتتى.كۆڭلىنى ئېلىشتۇراتتى.ھاسان ئەينەك دوزاختەك جىمجىت بۇ سولاقخانىدا ئىختىيارسىز يان تەرەپتىكى سولاقخانىدىكى زۇلەيخاننى ئېسىگە ئالدى.زۇلەيخاننىڭ ئۆپكە خاركتېرلىك كاناي ياللوغى كېسىلى بار ئىدى.ئۇ قوتانغا يېقىنراق كەلسىمۇ ،قىغلارنىڭ ئاچچىق پۇرىقىدا يۆتىلىپ ،قۇسۇپ ھوشىدىن كېتەتتى.شوڭا ھاسان ئەينەك ھايۋانلارنى قوتانغا سولاش،چىقىرىش،قوتان قۇرۇغداش قاتارلىق ئىشلارغىمۇ ئۇنى يېقىن يوللاتمايتتى.ھاسان ئەينەك ئۆز-ئۆزىگە:

-مۇشۇ تاپتا زۇلەيخان نېمە بولۇپ كەتكەندۇ؟ بۇ نىجىس يەرگە زۇلەيخان كۆنەلەرمۇ؟!بۇ يەردە بىز قانچىلىك يېتىپ كېتەرمىز؟...زۇلەيخاننى كېچىسى قارا باسىدىغان،ئۇ كېچىدە قانداق قىلار؟...بۇ ساقچىخانىدا ئايال ساقچى يوقكەن،زۇلەيخانغا بىرەر كىلىشمەسلىك كېلىپ قالارمۇ؟...-دەپ سۇئال قوياتتى.ئۇ يەنە ئۆز-ئۆزچە:

-«ئوغرىنى تۇتساڭ مېلى بىلەن تۇت»دېگەن گەپلەر بارغۇ؟! لېكىن بۇ ساقچى نېمىشقا پاكىتنى تاپمايلا ئادەم تۇتىدىغاندۇ؟!قانۇن ئىمىن تۇڭگۇز ،ئايسىخانلاردەك پۇلى بارلار ئۈچۈنلا خىزمەت قىلدىغانمىدۇ؟! راست،ئالدىنقى قېتىممۇ ھېلقى ساقچى مېنى سولىغان.بۇ قېتىممۇ يەنە شۇ ساقچى بىزنى سولاپ قويدى.تېخى ئۇ«ئالتۇن بىلەيزۈكنى چىقارمىساڭ،ئۆي زېمىنىڭنى ئۇلارغا بەر!»دەيدۇ.ئۆينى ئىمىن تۇڭگۇزغا بەرسەك،بىز نەدە ئولتۇرارمىز؟!-دېگەن مۇلاھىزىلەرنى يۈرگۈزەتتى.تۇيۇقسىز ئۇنىڭ كاللىسىغا:

-ئۇ ساقچى ئىمىن تۇڭگۇزنىڭ نېمىسىدۇ؟-دېگەن سۇئال كېلىپ يۈرگى«قارت»قىلىپ قالدى.

          ئۇ ھەقەقەتەن ئۆزى مۇلاھىزە قىلغاندەك ئىمىن تۇڭگۇزدەك پۇلى بار بايغا،ماۋۇ ساقچىدەك ھوقۇقدارغا تەڭ كېلەلمەيتتى.ئەگەر ساقچى دېگەنگە كۆنمىسە،ئايالى زۇلەيخاننى بۇ مۇدھىش سولاقخانىدىن قۇتۇلدۇرالمايتتى.ئۇ شۇلارنى ئويلاپ«ئاۋۋال جاننى قۇتۇلدۇرۇش مۇھىم»دېگەن قارارغا كەلدى.ئالدىراپ سولاقخانا ئىشىكىنى قاتتىق ئۇرۇشقا باشلىدى.

-گۇم!..گۇم!...گۇم!....

-نېمە بولدۇڭ؟-ساقچىنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھاسان ئەينەك ئىشىكنى ئۇرۇشتىن توختاپ.

-ئىشىكنى ئاچ!ساڭا دەيدىغان گەپ بار.-دېدى.

-ئالتۇن بىلەيزۈكنى تاپشۇرىدىغان بولغان ئوخشىمامسەن؟-ساقچى ئىشىكىنى ئاچماستىن سىرتتا تۇرۇپ مەسخىرلىك تەلەپپۇزدا جاۋاپ قايتۇردى.

-نېمە ئالتۇن بىلەيزۈككەن؟سەن يامانلارغا يانتاياق بولماي،بىزنى قۇيىۋەت!

-سېنى قويىۋېتەمدىم؟!تېخى«يامانلارغا يانتاياق بولدۇڭ»دەپ ساقچىنى تىللاۋاتامسەن؟!ئوغۇرلۇقنى سەندەك يانچۇقىدا پۇلنىڭ سۇنىقى قالمىغان قەلەندەرلەر قىلمىسا،ئىمىناخۇندەك بايلار قىلامتى-ئەمىسە؟!-سىرتتىن  ساقچىنىڭ ھاقرەتلىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.ھاسان ئەينەك تۇنجى قېتىم «قەلەندەر»دېگەن ھاقارەتنى ساقچىدىن ئاڭلىدى.بۇ خورلۇققا ئاچچىقى كېلىپ،ئۆتلىرى يېرىلىپ كەتكۈدەك بولدى.ئەمما دېمىسىمۇ،ئۇ ھازىر ھەقەقەتەن ئۆي-زېمىنىنى ھىساپقا ئالمىغاندا«قەلەندەر»لەردىنمۇ نامرات ئىدى. ئۇنىڭ ساقچىنىڭ ھاقارىتىگە كەلگەن ئاچچىقى شۇئان ئاسماندىن بۇلۇت تارقالغاندەك تارقالدى.ئۆزىنىڭ نامراتلىقىغا تۇنجى قېتىم ئۆچلۈكى كەلدى.ئۇ ئۆزىنىڭ بۇنداق ھاقارەتكە قېلىشىنىڭ سەۋەبىنى نامراتلىقتىن بولىۋاتقانلىقىنى ھەقىقەتەن ئېتراپ قىلغان ئىدى.

ئۇ يەنە زۇلەيخاننى ئېسىگە ئالدى.ساقچى بىلەن تالىشىۋەرسە،زۇلەيخاننى ئەپچىقىپ كېتىشكە تەسىر يېتىشىدىن ئەنسىرەپ،دەرھال يىلى چىقىپ كەتكەن توپتەك بوشاپ.

-ئۆي-زېمىنىمنى ئۇلارغا بەرسەممۇ بېرەي!بىزنى قۇيىۋەت!-دېدى ئىلاجىسىز ساقچىغا بويسۇنۇشقا مەجبۇر بولۇپ.ساقچى ئايسىخانغا بەرگەن ۋەدىسى ئۇرۇندىغانلىقىغا خوشال بولۇپ،يانچۇقىدىن ئاچقۇچنى چىقىرىپ سولاقخانىنىڭ ئىشىكىنى شاراقلىتىپ ئېچىشقا باشلىدى.

                 6

ھاسان ئەينەك بىلەن زۇلەيخاننىڭ ئەڭ ئاخىرقى مال-مۈلكى بولغان ئۆيى-ساقچى تەرىپىدىن ئىمىن تۇڭگۇزغا بۇيرۇپ بىرىلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ بۇ مەھەللىدە ھېچنىمىسى قالمىدى.نەچچە مو تېرىلغۇ يېرىمۇ بۇ يىللىق سېلىقى ئۈچۈن كوللىكتىپ تەرىپىدىن يېڭى يىلدا تېرىۋالىدىغانغا باشقىلارغا سېتۋېتىلگەن ئىدى.ئۇلار ئۇچرىغان بەتناملار تۈپەيلى بۇ مەھەللىدە ئەمدى يەنە ياشىغىدەك يۈزىمۇ قالمىغان ئىدى.مەھەللىدىكىلەر ئۇلارغا خىلمۇ –خىل قاراشتا ئىدى.

ھاسان ئەينەك ياسىن بۇقىنىڭ مەھەللىدىن كەتمەسلىك توغرىسىدىكى نەسھىتىنىمۇ ئاڭلىماي،نەچچە ئەۋلات ياشاپ كەلگەن كىندىك قېنى تۆكۈلگەن بۇ تۇپراقنى،ئاتا-ئانىسىنىڭمۇ قەبرىستانلىقىنى تاشلاپ،يۈرەك باغرى لەختە-لەختە قان بولغان ھالدا يولغا چىقماقچى بولدى.

               ياسىن بۇقا دوستى ھاسان ئەينەكنىڭ بېشىغا كەلگەن  بۇ قىسمەتكە ئېچىنغان ھالدا ئۇنىڭدىن قىيالماي يەنە توسماقچى بولدى

-زادى كەتمىسەڭ بولمامدۇ؟

-«نامرات بولساڭ جاھان كەز»دەيدىغان گەپ باركەن .تەلىيىم كېلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.بىر سەپەر قىلىپ كۆرەي!

-نەلەرگە بارارسەن؟

-تاغنىڭ كەينى تەرىپىدە چوڭ شەھەرلەر بارمىش!،شۇ ياقلارغا ئۆتۈپ باقاي دەيمەن.-دېدى ھاسان ئەينەك ئۇھ تارتىپ.

          ياسىن بۇقا ھاسان ئەينەكنى كەتمەسلىككە قايتا-قايتا نەسھەت قىلىپ كۆرگەن بولسىمۇ،ئەمما ئۇنىڭ تولۇق بىر قارارغا كېلىپ بولغانلىقىنى  ھىس قىلىپ يەنە ئارتۇقچە بىر نەرسە دېمىدى.پەقەت ئۇنىڭغا ئاق يول تىلەشكە مەجبۇر بۇلۇپ،ئۇلارنى يېزىنىڭ تاش يۇلى بۇيىغا ئاپىرىپ يولغا سېلىپ قويماقچى بولۇپ ئېشەك ھارۋىسىنى قوشتى.

       ئېشەك ھارۋىسى مەھەلىدىن چىقىدىغان ئاتباغرى تۆپلىككە كەلگەندە،مەھەللە بارغانسېرى پەستە قېلىشقا باشلىدى.ھاسان ئەينەك ئاخىرقى قېتىم مەھەللىدىكى دەل-دەرەخلەرگە نەزەر سېلىشقا باشلىدى.دەل-دەرەخلەرنىڭ يۇپۇرماقلىرى سارغايغان ئىدى.بەزى دەرەخلەرنىڭ يۇپۇرماقلىرى تامامەن چۈشۈپ بولغان بولۇپ،موماخادىغىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى.

       سوغۇق شاماللار ئادەمنىڭ يۈزىگە ئۇرۇلۇپ،مۇدھىش سوغۇق پەسىلنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىدىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ دېمى بىردىنلا ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى.ئەمما ئۇ ئىچىدە ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلايتتى:

-نېمىلا بولسا مەيلى!«ئاتقان ئوق قايتماس»دەپتىكەن.بىر تەۋەككۈل قىلىپ كۆرەي!!

                    7

يېزىنىڭ تاش يۇلى بويىدا ئاپتۇبۇسقا چىققان ھاسان ئەينەك بىلەن زۇلەيخان «يولغا چىقمقغىچە،يول تېپىلماس»دېگەندەك ئاپتۇبۇستا كېتىۋاتقاچ بىر ياش يىگىت بىلەن تۇنۇشۇپ قالدى.ئۇ تېخى يېشى يىگىرمىلەردىن ئاشمىغان ئۇرۇق،ئاق پىشماق،مۇلايىم،چىقىشقاق،بىلىملىك ۋارىسجان ئىسىملىك سىتودىنىت ئىدى.ئۇلار بۇ سىتودىنتقا ئەگىشىپ شىمالدىكى بىنالىرى ئاسمانغا تاقىشىدىغان،ئېگىز بىنالارنىڭ كۆپلىگىدىن ساناپمۇ تۈگەتكىلى بولمايدىغان،ئاسما ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىگە چىقىپ ئاستىدىكى ئاسفالىت يوللارغا قارىسا،ماشىنىلار خۇددى قاتار كېتىۋاتقان چۈمۈلىلەردەك كۆرۈندىغان بىر چوڭ شەھەرنىڭ چېتىدىكى ئالى مەكتەپنىڭ يېنىغا جايلاشقان ئاشخانىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى.

ۋارىسجان ئاشخانىغا كىرىپ كېتىپ ،بىردەمدىن كېيىن كۈلۈمسىرىگەن ھالدا ئەللىك ياشلار ئەتراپىدا كۆرۈنىدىغان سېمىز قورساق،كەڭ ماڭلايلىق بىر ئادەم بىلەن ئاشخانىدىن چىقىپ كەلدى.ئۇنىڭ تۇنۇشتۇرۇشىدىن كىيىن،مىجىت ئەپەندى ئىسىملىك بۇ خوجايىن ھاسان ئەينەك بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.مىجىت ئەپەندىدەك بۇ شەھەردە بۇنداق چوڭ ئاشخانا ئېچىۋالغان سالاپەتلىك كاتتا خوجايىننىڭ تەشەبۇسكارلىق بىلەن ھاسان ئەينەككە قول سۇنۇپ كۆرۈشۈشى-ھاسان ئەينەكتەك بارار-تۇرار جايىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان ئاددى سەھرالىق دېھقاننىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئىللىقلىق ئاتا قىلىپ،ئۇنىڭ بىر قىسىم كىشلەر تەرىپىدىن ئاللىقاچان دەپسەندە قىلنىپ قاياقلارغىدۇر چۆرۋېتىلگەن ئىنسانى قەدىر-قىممىتىنى ئۆز قۇلىغا تۇتقۇزۇپ قويغاندەك بىلىندى.

مىجىت ئەپەندى ئۇلارنى ئاشخانىغا باشلاپ كىردى. ئۇ ھاسان ئەينەك نامىنىمۇ بىلمەيدىغان نۇرغۇنلىغان تائاملارنى بۇيرۇتتى.ھايال ئۆتمەي مۇلازىملار تائاملارنى ئېلىپ كىردى.كەلتۈرۈلگەن تائاملارنىڭ كۆپلىگىدىن جوزىنىڭ ئۈستىگە پاتماي قالغان ئىدى.ئۇلار تائاملارغا ئېغىز تېگىۋاتقاندا،مىجىت ئەپەندى ئۆزقولى بىلەن ئۇلارنىڭ پىيالىلىرىگە پات-پات چاي قۇيۇپ تۇراتتى.ئىسسىق تائام،ئوتتەك قىزىق چايلارلا ئەمەس،بەلكى مىجىت ئەپەندىنىڭ كىبىرسىز پوزىتسىيسى،باراۋەر مۇئامىلىسى ھاسان ئەينەك بىلەن زۇلەيخاننىڭ ئاللىقاچان مۇزلاپ قالغان قەلبىنى ئېرىتىپ-ئۇلارنىڭ ئېڭىدىكى ئىنساپ،ئىمان،ئىشنىش،دىيانەت،ۋاپا قالمىغان بۇ قارا دۇنيانى يېقىملىق،گۈزەل،ئىللىق،يورۇق بىر دۇنياغا ئايلاندۇرغان ئىدى.تائاملار يىيلىپ بولغاندىن كېيىن مىجىت ئەپەندى ۋارىسجاننىمۇ ھەيران قالدۇرۇپ،ئۇلارغا ياتاق،تاماق بىرىپلا قالماي،يەنە ئۇلارغا چۈشىدىمۇ ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان يۇقىرى مۇئاش بىكتىپ ئېلىپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تاڭ يۇرۇشى بىلەن تەڭ ھاسان ئەينەك،زۇلەيخانلار يىپيېڭى كىيىم،يىپيېڭى قىياپەت،يىپيېڭى روھ بىلەن ئاشخانىدا پەيدا بولدى.مىجىت ئەپەندى ھاسان ئەينەكنى ئاشخانىدىكى يۈگۈر-يىتىم ئىشلاردىن باشقا جوزىلارنى سۈرتۈپ،مېھمانلارغا چاي قۇيىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا،زۇلەيخاننى قاچا-قۇچىلارنى يۇيىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا تەقسىم قىلدى.

ئۇلار خىزمەت تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن جان-جەھلى بىلەن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە تىرىشتى.بىردەممۇ ئارام ئالمايتتى.قوللىرىدىكى ئىشلارنى تۈگەتسە،باشقىلارنىڭ ئىشىغا يېقىندىن ياردەم بېرەتتى.ئۇلار ھەر كۈنى تاڭ يۇرۇماستىنلا ئورنىدىن تۇرۇپ،ئاشخانىنىڭ تازلىقىنى گۈل-گۈلىگە كەلتۈرۈپ قىلىۋېتەتتى.ئاخشاملىقرى باشقىلار ئىشتىن شۈشسىمۇ،ئۇلار ئىشتىن چۈشمەي ئاشخانىنىڭ ئەتىكى كام تەييارلىقىنى قىلاتتى.راستچىل،سەمىمى ئىدى.ھورۇنلۇق،ساختىپەزلىك قىلمايتتى.كۆپ ئۆتمەي مىجىت ئەپەندىنىڭ ئىشەنچىسىگە،باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى.

         ھاسان ئەينەك بىلەن زۇلەيخان كېچىلىرى كۆزىدىن ئۇيقۇ قاچقاندا،ئۆزلىرىنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەسلەيتتى. ئىمىن تۇڭگۇز،ئايسىخان،پولات ساقچىلارنىڭ سىياقىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرگەندە بەدەنلىرى سوغۇق شۈركىنەتتى.ياسىن بۇقا،ۋارىسجان،مىجىت ئەپەندىلەرنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرگەندە،ئۇلاردىن تولىمۇ مىننەتدار بولاتتى.بولۇپمۇ سىتودىنىت ياش ۋارىسجان،دەم ئېلىشقا چىقىپ ئاشخانا ئېچىۋالغان مىجىت ئەپەندىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە پەرىشتىلەرچە قىلغان مىھرىبانلىقى، ئىنساننىڭ ياشاش توغرىسىدىكى چوڭقۇر ھېكمەتلىك پىكىر،كۆزقاراشلىرى،ئارزو-ئارمانلىرى-ئۇلارنىڭ قەلبىدە ھاياتقا بولغان يېڭى مۇھاببەت،ئىشەنچ،ئارزو-ئارمانلارنىڭ بىخلىرىنى پەيدا قىلاتتى.ئۇلار مىجىت ئەپەندى،ۋارىسجانلارنىڭ مىللەتكە،خەلىققە،يۇرتقا بولغان مۇھابىتىنىڭ تۈرتكىسىدە،پۇل تاپقاندىن كېيىن ئۆز مەھەللىسىدىكى قېرىنداشلىرىغا بۇ شەھەردىكىدەك توك تارتىپ بېرىپ تىلىۋېزۇر كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى،يەر ئاستى سۇ تۇرۇبىسى يەتكۈزۈپ ،ئۇلارنى پاكىز،تاتلىق سۇ ئچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى،مەكتەپ سېلىپ بىرىپ نامرات،ئوقۇشسىز بالىلارنى مەكتەپتە ئوقۇيالايدىغان قىلىشنى،چوڭ زاۋۇت قۇرۇپ،مەھەللىسىدىكى ئىشسىز قالغان ياشلارنى ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇشنى ئويلايتتى.

                          8

  ئۇلارنىڭ مىجىت ئەپەندىنىڭ ئاشخانىسىدا ئىشلەۋاتقىنىغىمۇ ھەش-پەش دىگۈچە بەش-ئالتە يىل بولۇپ قالدى.تۇنجى بالىسى ئون نەچچە يىلار ئىلگىرى يۇرتىدا چېچەك چىقىپ ئۈلۈپ كەتكەندىن كېيىن ،قايتىدىن پەرزەنىت يۈزى كۆرەلمىگەنتى.ئۇلار بۇشەھەرگە كەلگەندىن كېين ھەقىقكەتەن ئىشلىرى ئوڭدىن كەلدى.خودامۇ ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلدىمۇ ،يەنە ئوماققىنە ئۇغۇل پەرزەنىت ئاتا قىلدى.

       ئۇلارنىڭ پەرزەنتى يەسلىدە ساغلام ئۆسۈپ يىتىلمەكتە ئىدى.ئۇلار ئىلگىرى تىرىكچىلىك قىلىشتا ئامالسىز قېلىپ بۇ شەھەرگە چىققان بولسا،ھازىر بۇ شەھەردە خېلى پۇل كۆردى.ئۇلارنىڭ بانكىغا قويغان ئامانەت پۇللىرىنىڭ سانىمۇ تېز ئېشىپ ئالتە خانىلىق سانغا يىتىپ قالدى.«پۇل قانچە كۆپ بولسا،ئەقىلمۇ  شۇنچە بولىدۇ»دېگەندەك ،ئۇلارغا ئەقىل كىرىپ،بۇ شەھەردە ئۆز ئالدىغا ئىش قىلىپ باققۇسىمۇ كېلەتتى.ئەمما «ئىت چېغىدا ئاش بەرگەن ئېگىسىنى تاشلىمايدۇ»دەپ ئۆز شەپقەتچىسى مىجىت ئەپەندىنى تاشلاپ،ئۆز ئالدىغا  بىر ئىش قىلمىغان ئىدى.

      ئۇلارغا ئاخىرى يول ئېچىلدى.بىر كۈنى ئاخشىمى نەچچە ھەپتە يوقاپ كەتكەن مىجىت ئەپەندى ئىچكىرىدىن قايتىپ كېلىپ،ھاسان ئەينەكنى ئۆز يېنىغا چاقىرتقان ئىدى.ھاسان ئەينەك «خوجايىنىم مېنى نېمە ئىشقا بۇيرۇيدىكىن؟»دېگەن نەزەردە ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇراتتى.مىجىت ئەپەندى ئۆزىگە قول قوشتۇرۇپ ئۆرە تۇرغان ھاسان ئەينەكنى ئۆزىنىڭ يېنىدىكى ئۇرۇنغا ئولتۇرۇشقا شەرەت قىلغاندىن كېيىن،ئۈمۈتلۈك نەزىرىنى ئۇنىڭغا تىكىپ سۆز باشلىدى.

-مەن ئىچكىردىكى بىر چوڭ شەھەردە تېخممۇ چوڭ بىر ئاشخانىنى ئېلىپ قۇيۇپ كەلدىم.بۇ ئاشخانىنى بىرەرسىڭلارغا ئۆتۈنۈپ بەرسەم دەيمەن.سىلەر ماڭا ئەگىشىپ ئوبدان ئىشلىدىڭلار.ئەمدى سىلەرمۇ خوجايىن بولۇپ باقساڭلار.-دېدى مىجىت ئەپەندى. ھاسان ئەينەك بېشىنى سەل كۆتىرىپ مىجىت ئەپەندىگە ئىتائەتمەنلىك بىلەن نەزەر تاشلىغاندىن كېيىن،ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنى سەل چۈشنەلمەي ياندۇرۇپ سورىدى.

-كىمگە ئۆتۈنۈپ بېرەي دەيسىز؟

-سىزگە.

-ماڭا!؟-دېدى ھاسان ئەينەك ئەجەپلىنىپ،ئاندىن يەنە گەپنى داۋاملاشتۇردى.

-مەن بۇ ئاشخانىنى باشقۇرۇپ كېتەلەيمەنمۇ؟

-باشقۇرۇپ كېتەلەيسىز-دېدى مىجىت ئەپەندى تۇلۇق ئىشەنچ بىلەن.مىجىت ئەپەندىنىڭ ياخشىلىقىنى ئېسىگە ئالغان ھاسان ئەينەك ئۇنىڭغا بولغان ساداقىتىنى قىلچە يوقاتمىغان ھالدا ئېيتتى.

-بىراق،مەن يەنە سىزگە ۋاكالىتەن باشقۇرۇپ تۇرسامچۇ؟

-شۇنداق دېگىنىڭىزنىڭ ئۆزى ماڭا تىگىل بولدى.ئاشخانىنى يەنىلا سىزگە ئۆتۈنۈپ بېرەي!بۇنىڭدا سىزمۇ تېخىممۇ چېنىقىپ بالدۇرراق تەرەققى قىلىپ،ئۆزىڭىزنىڭ ئارزو-ئارمانلىرىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز.ئۆمۈر بۇيى ماڭا قاراپ تۇرسىڭىز بولمايدۇ-دە؟! سىز تېخى ئەمدىلا ھاياتىڭىزنىڭ تازا قىران دەۋرىگە قەدەم قويدىڭىز.نۇرغۇنلىغان ئىشلار سىزنىڭ قىلىشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا.ئىستىقبالىڭىز پارلاق!-دېدى مىجىت ئەپەندى رازىمەنلىك بىلەن.ھاسان ئەينەك مىجىت ئەپەندىنىڭ مىجەزىنى ئوبدان بىلەتتى.ئۇ تولىمۇ مەدەنيەتلىك،كەڭ قورساق،شەخسىيەتسىز،كىرسىز،باھاسىز ئادەم ئىدى.ھەر قانداق ئىشتا باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشنى ئويلايتتى. ئۇنىڭ ئاشخانىنى ئۆزىگە ئۆتۈنۈپ بەرمەكچى بولغانلىقى-بۇ ئاقكۆڭۈل خوجايننىڭ ئۆزىگە قىلغان ھىممىتى ئىدى.ئۇ ئاخىر بۇ ھىممەتنى قۇبۇل قىلىش قارارىغا كېلىپ.

-ماقۇل-دېدى.

                9

  ھاسان ئەينەك خوجايىن بولغاندىن كېيىن بۇ ئاشخانىنىڭ سودىسى تېخىممۇ باس-باس بولۇپ كەتتى.قاچانلا قارىسا مېھمانلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيتتى،ئەتىگەندە،چۈشتە تاماق يەيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپلۈگىدىن ئاشخانىدا شىرە-ئۇرۇندۇقلار يېتىشمەي قالاتتى-دە،نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلار ئورۇن ساقلاپ ئۆرە تۇرۇشۇپ كېتەتتى.كەچقۇرۇنلۇقى بۇ شەھەردىكى كۈندۈزى ئىشلەپ چارچىغان ھەر مىللەت كىشىلىرى بۇ ئاشخانىدامىغىلدايتتى.كەينىدە قالغانلارغا ئوخشاشلا ئورۇن قالمايتتى.ئۇ خوجايىن بولۇپ بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىتتا،ئۇنىڭ بانكىغا قويغان پۇلى ئالتە خانىلىق ساندىن نەچچە ھەسسسە قاتلىنىپ يەتتە خانىلىق سانغا يىتىپ قالدى.

     مانا ئۇنىڭغا ئىىش قىلىش پۇرسىتى كەلدى. ئۇ يۈرەكلىك بىلەن نەچچە مىليۇن يۈەن پۇل خەجلەپ،نەچچە قەۋەتلىك بىنانىڭ ئاستىنقى قەۋتىدىكى بۇ بىر نەچچە ئېغىزلىق ئاشخانىنى-پۈتۈن بىنانىڭ ھەممە قەۋەتلىرىگە كېڭەيتىپ،بىرلا ۋاقىتتا نەچچە مىڭ مېھمان ئازادە غىزالىنالايدىغان تائاملار شەھەرچىسىگە ئايلاندۇردى.شۇنداق قىلىپ ئارىدىن نەچچە يىل ئۆتمەي ،ئۇ مۇشۇ چوڭ شەھەردىكى ئەڭ چوڭ بايلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

      تائاملار شەھەرچىسىنىڭ سودىسى كەچكى ۋاقىتتا ئىنتايىن قىزىپ كېتەتتى.بۈگۈنمۇ كەچلىك تىجارەت باشلىنىش يۇقىرى دولقۇنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا ،بۇ تائاملار شەھەرچىسى بىناسىنىڭ ئالدىدىكى مەيدان-نەچچە يۈزلىگەن بىر خىل ھاۋا رەڭ فورما كىيگەن،خۇددى گىمناستىكا ئويناش ئۈچۈن مەكتەپ مەيدانىغا يىغىلغان ئۇقۇغۇچىلاردەك قاتار-قاتار رەتلەرنى ھاسىل قىلىپ تىزىلغان مۇلازىملار بىلەن تۇلۇپ كەتكەن ئىدى.مانا شۇنداق مەنزىرە ئىچىدە توساتتىن ئوقۇش پۈتتۈرگىنىگە نەچچە يىل بۇلۇپ قالغان ۋارىسجان بىلەن كۆرۈشمىگىلى ئون يىلدەك بولغان دوستى ياسىن بۇقىلار خۇددى ئاسماندىن چۈشكەندەكلا ئۇنىڭ قېشىدا پەيدا بولدى.ھاسان ئەينەك ئۆزىنى يوقىتىپ ئۇلار بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى.بىردىنلا ئالدىدا تۇرۋاتقان مۇلازىملىرى ئىسىگە كەلدى.ئۇلارغا ئىش ئورنىغا بېرىش شەرىتىنى قىلغاندىن كېيىن،بۇ قەدىناس بۇرادەرلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ تائاملار شەھەرچىسىنىڭ بىرىنچى قەۋتىدىكى ئالاھىدە بېزەلگەن ئايرىم بىر خانىغا باشلاپ كىرىپ ئۇلارنى كۈتۈشكە باشلىدى.

        ئەسلىدە ۋارىسجان ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ھاسان ئەينەكنىڭ يېزىسىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇتقۇچى بولۇپ تەقسىم قىلىنغان ئىدى.سىنىپىدا ياسىن بۇقىنىڭ ئىككىنچى ئوغلى مۇختار توپاق ئوقۇيتتى.مۇختار ئوقۇتقۇچىسىنىڭ«بۇ يېزىدىن ھاسان ئەينەكتەك دېھقانلار چىقىپ چوڭ شەھەرلەردە باشقىلار قىلالمىغان ئىشلارنى قىلماقتا.سىلەرمۇ چوڭ بولساڭلار ئاشۇنداق ياراملىق ئادەم بۇلالايسىلەر،داۋاملىق تىرىشىپ ئوقۇڭلار»دېگەن سۆزىنى ئاتىسى ياسىن بۇقىغا ئېيتقان ئىدى.ياسىن بۇقا ئوغلىدىن ئاڭلىغان بۇ گەپكە ئاساسەن ھاسان ئەينەكنىڭ خەۋىرىگە ئىگە بولالىغان،ھەم ئوغلىنىڭ ئوقۇتقۇچىسىنى ئىزدەپ تېپىپ،ئۇنىڭ بىلەن بۇ شەھەرگە كەلگەن ئىدى.

     ياسىن بۇقا ئايرىمخانىغا كىرگەندىن كېيىن ئۆزىنى تۇتىۋالالماي،ھاسان ئەينەكنى قۇچاقلاپ يىغلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا:

-ساڭا بەك ئۇۋال بولۇپتۇ.مەھەللىدىكىلەر دەسلەپتە سىلەرنى خاتا چۈشىنىپ قالغان ئىكەن.ئىمىن تۇڭگۇز بىلەن ئايسىخان يېزىنىڭ تاشيولىدا موتۇلۇق كىتۋېتىپ ماشنىغا سۇقۇلۇپ ئۆلگەندىن كىيىن،مېنىڭ چوڭ توپىقىم ئەكرەم ئىلگىرى ئايسىخان ئۆزىگە،ئۆز ئاغزى بىلەن ئېيتىپ بەرگەن-سېنىڭ بېشىڭغا ياغدۇرغان شۇملۇقلىرىنى مەھەللىدىكى ئاغىنىلىرىگە سۆزلەپ بەرگەن ئىكەن. مەھەللىدىكىلەر شۇلاردىن ساڭا چاپلانغان«ئاياللارغا يامان نىيەتتە بولغان»دېگەن بەتنامنىڭ ئايسىخان ساڭا قىلغان تۆھمەت ئىكەنلىكىنى،«سۇ ئوغۇرلىغان»دېگەن ئاتاقنىڭ ئەمەليەتتە،ھېلقى كۈنى سەن ئۆستەڭ بويىدا ئۇخلاپ قالغىنىڭدا،ئىمىن تۇڭگۇزنىڭ پىلانلىق ھالدا مەھەللە ئۆستىڭىنىڭ بېشىغا بېرىپ،ئوغۇرلۇقچە تاقاقنق بۇزۇۋېتىپ پەيدا قىلغانلىقىنى،يەنە زۇلەيخانغا چاپلانغان«ئالتۇن بىلەيزۈكنى ئېلۋالغان»دېگەن بەتنامنىڭ،ئايسىخاننىڭ ئۇنىڭغا قىلغان قىپقىزىل تۆھمەت ئىكەنلىكىنى،ئىمىن تۇڭگۇز ئۆز ئايالى ئايسىخاننى پولات ساقچىغا سولاپ بىرىپ،سىلەرنىڭ ئۆي-زېمىنىڭلارنى تارتىۋېلىپ،سىلەرنى شۇنداق پۈتۈنلەي خانىۋەيران قىلغانلىقىنى ئۇقۇپ،ساڭا ئۇۋال بولغانلىقىنى ھېس قىلىپ،ئالاھىدە مېنى سىنى قايتۇرۇپ كىلىشكە ئەۋەتتى-دېدى.

     ياسىن بۇقىنىڭ ھاسان ئەينەككە ئېسىلىپ تۇرۇپ يىغلىغىنىغا دەسلەپتە ھەيران بولغان ۋارىسجان بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ،ئۆزىنىڭ ھاسان ئەينەك توغرىسىدىكى چۈشەنچىسىنىڭ تولىمۇ يۈزەكى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدى.يېزىدا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلگەن ئىمىن تۇڭگۇز بىلەن ئايسىخاننىڭ-دەل ھاسان ئەينەك بىلەن زۇلەيخانغا شۇنچە كۈلپەتلەرنى سالغان ئەسكى بىرنېمىلەر ئىكەنلىكىگە غەزەپلىنىپ ئىچىدە:

-ئۆلگىنىڭ خوپ بوپتۇ-دەۋەتتى.

     ھاسان ئەينەك ياسىن بۇقىدىن ئاڭلىغان- ئۆزىگە ياشاش پۇرسىتى بەرمىگەن ئىمىن تۇڭگۇزنىڭ ئۆزىگە قانداق قىلىپ شۇنداق كۈلپەتلەرنى سالالىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشنىپ ياسىن بۇقىغا:

-ئىمىن تۇڭگۇز ئۆز ئايالىنى ساقچىغا سولاپ بەرگەن،دېگىن!ئۇ ھەقەقەتەن ئادەم ئەمەس،ئىسمى-جىسمىغا لايىق تۇڭگۇزكەن!-دېدى.يەنە ئىمىن تۇڭگۇزغا يانتاياق بولغان ساقچىنىڭ خەۋىرىنى بىلىشكە ئالدىراپ،ياسىن بۇقىدىن سورىدى.

-پولات نەدە؟

-ئۇنى مەن بىلمەيدىكەنمەن.-دېدى ياسىن بۇقا چورتلا قىلىپ.بۇلارنىڭ پارىڭىنى ياندا ئاڭلاپ تۇرغان ۋارىسجان ئالدىراپ گەپ قوشتى.

-ئاڭلىشىمچە،پولات دېگەن بۇزۇق ساقچنى«بىگۇنا بىر ئادەمنى مەجبۇرى ئىقرار قىلدۇرماقچى بولۇپ،ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان»دەپ تۈرمىگە كىرىپ كەتتى دەيدۇ.

-خوپ بوپتۇ.-دېدى ياسىن بۇقا ۋارىسجاننىڭ سۆزىنى تۈگىتىشىگە ئۈلگۈرتۈپ.ھاسان ئەينەكنىڭ كاللىسىغا ئاشۇ يىللاردىكى ئۆزى ئۇچرىغان تۆھمەتلەر كىنو ئېكرانىدىكى كۆرۈنۈشلەردەك بىر-بىرلەپ كەلمەكتە ئىدى.ئاخىرى ئۆزىنىڭ ئاقلىنىپ چىققانلىقىغا خۇشال بولاتتى. كۈشەندىلىرىنىڭ ئەسكىلىكلىرىگە غەزەپلىنىپ،ئۇلارنىڭ قىسمەتلىرىگە ئەجەپلىنىپ،ئۆزىنى تۇتۋالالمىغان ھالدا ئۈنلۈك توۋلايتتى.

-خۇدانىڭ كۆزى باركەن!-بۇنى ئاڭلىغان ياسىن بۇقا بىلەن ۋارىسجانلارمۇ تەڭلا ھاسان ئەينەكنىڭ گىپىنى تەكرارلايتتى.

-خۇدانىڭ كۆزى باركەن!!

      تۈگىدى.

‹قەلەم تەۋرەتكۈچى:شايار ناھىيە يېڭى مەھەللە بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى:تۇنياز غوجا شايارى›

2006-يىل25-ئۆكتەبىر.ئۈرۈمچى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-4 07:41 PM  


تەبەسسۇم بىلەن كەلگۈسىگەنەزەر

تۇزنى تۆكمە، قىز

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 5256
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 35104
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 6658 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 08:41:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەقەلىكى ياخشىكەن، بىراق بەك تىز بېيىپ كەتتىمۇ قانداق؟

‹‹ئۇ خوجايىن بولۇپ بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىتتا،ئۇنىڭ بانكىغا قويغان پۇلى ئالتە خانىلىق ساندىن نەچچە ھەسسسە قاتلىنىپ يەتتە خانىلىق سانغا يىتىپ قالدى.››


باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81687
يازما سانى: 296
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3086
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 130 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 12:58:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zapar يوللىغان ۋاقتى  2012-9-4 08:41 PM
ۋەقەلىكى ياخشىكەن، بىراق بەك تىز بېيىپ كەتتىمۇ قانداق ...

خۇدا بەرسە شۇنداق بىرىدۇ ، !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 70085
يازما سانى: 243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3667
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 464 سائەت
تىزىم: 2011-12-13
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 03:18:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلىپتۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83340
يازما سانى: 434
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3994
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2012-8-2
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 08:49:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇھۇي بەكلا تىز بىيىپتۇ بۇ كىشى ئاللاھ بەرسە پەيغەمبىرىم غىڭ قىلماپتۇ دىگەندەك.

ئادىل ئابابەكرى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82272
يازما سانى: 761
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4224
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 248 سائەت
تىزىم: 2012-6-29
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 12:20:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىلىپتۇ ، لىكىن ئەسكىنىڭ ئۆلۈمى بەك ئاسان بوپ كاپتۇ  قىينىلىپ ئۆلسىچۇ ئۇ خەق

ئامالسىز قالغاندا سۈكۈت ئەڭ ياخشى جاۋاپ،سۈكۈت دەل سەۋىر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14326
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7724
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 447 سائەت
تىزىم: 2010-10-17
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 05:26:34 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇزۇن بوپتىكەن مانداق ھىكايە ئۇقۇپ باقمىغىلى   بەك ياخشى يېزىلىپتۇ ،بالا كەسە قوش كەپتۇ دىگەندەك بەك  ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈپتۇ ئا ئەينەكچى، ئاخىرى بەك پەيزى ئاخىرلىشىپتۇ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش