رۇڭچىڭشەھرى تىڭجاجىڭ بازارلىق ھۈكۈمەت قوروسىدا پارتىلىتىش يۈربەردى
تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن سائەت8ئەتىراپىدا رۇڭچىڭ شەھرى تىڭجاجىڭ بازارلىق ھۈكۈمەت قوروسىدا چۈخۇاچاڭ ئىسىملىك كىشى ئۈزىنى قۇشۇپ پارتىلىتىش ۋەقەسى سادىرقىلىپ نەق مەيداندا ئۆلدى ۋە يەنە بازارلىق ھۈكۈمەتنىڭ 6نەپەر خىزمەتچىسىنى يارلاندۇرغان. بۇلارئىچىدىن ئىككى كىشىنىڭ يۈزى ئېغىر دەرىجىدە كۈيۈپ كەتكەن، تۆت كىشى يىنىك يارلانغان.
چۈخۇاچاڭ، ئەر،63-يىلى 10-ئايدا تۇغۇلغان،94-يىلى11-ئايدا قۇرلۇش ئورنىدا يارلانغان، شۇچاغدا شىركەت ئۇنىڭ 200مىڭ يۈەندىن ئارتۇق داۋالىنىش چىقىمىنى كۈتۈرگەن،ۋە شۇچاغدىكى سۇغۇرتا نىزامنامىسى بۇيىچى ئۇنى بىرىنجى دەرىجە زەخمىلەنگەن دەپ قاراپ، ئىش ئورنىدىن قالدۇرغان ۋە ھەرخىل سومما بۇلۇپ بىرلاقېتىمدا 120مىڭ يۈەن تۈلەم بىرىپ ئەمگەك مۇناسىېىتىنى بىكارقىلىپ ئىمزالاشقان. ئەمما2004-يىلى ئۇ يېڭى تۈلەم نىزامنامىسى بۇيىچە تۈلەم بىرىشنى ھەمدە بىردۇككانلىق بىرىش ياكى قوروسىغا بىر ئۇن زاۋۇتى قۇرۇپ بىرىشنى تەلەپ قىلغان. مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ تەلىپىنىڭ قانۇنى ئاساسى يوق دەپ قاراپ، قىيىنچىلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ 2008-يىلىدىن باشلاپ تۈۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمان قىلغان.
شىنجىن گېزىتى مۇخبىرى توردىن چۈخۇاچاڭنىڭ مىكربلوگىنى تاپقان ۋە ئۇنىڭدىكى 17پارچە ماقالىنى كۆرگەن. بۇلارئىچىدىن ئەڭ ئاخىرقى ماقالىدە " مەجۇرى ئىمزالانغان كىلىشىم" سەرلەۋىلىك ماقالىسى2008-يىل2-ئايدا ئېلان قىلىنغان بۇلۇپ، بۇماقالىسىدە ئۇنىڭ ئەرىز قىلىش يۇلىدىكى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار بايان قىلىنغان ۋە " بومبا پارتىلىتىش ئارقىلىق ھەققانىيەتنى قولغا كەلتۈرىمەن" دەپ يېزىلغان.
مەنبە: سۇمرۇغ تورى. ئەسلى مەنبە:
http://news.ifeng.com/mainland/detail_2012_09/04/17316783_0.shtml
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-9-4 05:27 PM):
چۈخۇچاڭ يۇقىرىغا ئەرىز قىلماقچى بولغاندا ھۈكۈمەت خادىملىرى توسقان ئىكەن.