نەدە بار؟
ھەممىزنىڭ بېشى بىر،ئىككى باشلىق نەدە بار؟
چىن ئەقىدە ۋاپالىق ،قەلەم قاشلىق نەدە بار ؟
ئەجىر قىلماي ئېتىزدىن، ئالغان ئاشلىق نەدە بار؟
ھېممىتىدىن ئەلگە نەپ، بەرگەن ياشلىق نەدە بار؟
بىلمەي ھايات قەدرىنى، ئۆتۈپ كەتتى ئۆمرىمىز،
كەتتى دىدۇق كەتكەننى، قالغىنىمىز نەدە بار؟
قولىمىزدىن كەلمىدى، كىينكىگە يول ئېچىش،
تۇتۇپقىنا بىر كەتمەن، سالغىنىمىز نەدە بار؟
ھالىمىز شۇ تۇرۇقلۇق،قاقشايمىزغۇ توختىماي،
يامان دەيمىز ھەممىنى ياخشى كىشى نەدە با؟
ئۆگەنمەيمىز قول تىقىپ، ئۆزىمىزگە كىرەكنى،
تۆشۈك بىلمەس خوتۇننىڭ، ئەتكەن ئېشى نەدا بار؟
دىمەي تۇراي ئۆزگىنى، قىلماي ئەجىر ئۆزىگە،
ئوڭدا يېتىپ چۈشىدە، ئالتۇن يىققان نەدە بار ؟
ئـويغانمىساق يـولىمىز، زاۋاللىققا يــۈزلىنەر،
تاڭ ئاتماستىن ئالدىراپ، قۇياش چىققان نەدە بار؟
مەنبە: گىرىمسەن سوئاللىرىمدىن ئۈزۈندىلەر