|
|
|
|
مورى-پىچان يولى تېز ئىشلەنمەكتە8 -ئاۋغۇست ،جۇڭغار ئويمانلىغى بىلەن تۇرپان ئويمانلىغىنى شەرىق تەرەپتىن تۇتاشتۇرىدىغان مورى -پىچان تاشيولى شەرقىي تەڭرىتېغى تونىلىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن تۇتاشتۇرۇلىشى بىلەن بۇ يول قۇرلۇشى ئىككىنچى يىلىغاھەم قۇرۇلۇش تاماملىنىش يىلىغا ھەدەم قويدى ،بۇ مورى -پىچان تاشيول قۇرۇلىشىدىكى زور ئىلگىرلەش ھىساپلىنىدۇ .شەرقىي تەڭرىتاغ تونېلى پىچان ناھىيىسى بىلەن مورى ناھىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى شەرقىي تەڭرىتاغ ئارىسىغا جايلاشقان بولۇپ ،تونېلنىڭ ئۇمومىي ئۇزۇنلىغى 1690مېتىر ،قوش يۆلىنىشلىك يول ئولچىمى بويىچە لايىھەلەنگەن ،بۇ تونېل قۇرۇلۇشىنى جوڭگو تۈمۈريول تونېل قۇرۇلىشى گۇروھى ئۈستىگە ئالغان ،مەزكۈر قۇرۇلۇش مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملىنىپ ،ئاپتۇنۇم رايونىمىزدىكى ئوخشاش ئۇزۇنلىقتىكى تونېل قۇرلۇشلىرى ئىچىدە قۇرلۇش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان قۇرۇلۇش بولۇپ قالدى .2010-يىلى 9-ئايدا ئىش باشلانغان ،2-دەرىجىلىك تاشيول ئولچىمى بويىچە ياسىلۋاتقان مورى-پىچان تاشيولىنىڭ ئۇمومىي ئۇزۇنلىغى 94.45كىلومېتىر ،303-نومۇرلۇق ئولكە تاشيولىنىڭ مورى بازىرىغا 47كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىن باشلىنىپ ،تەڭرى تېغىنى كېسىپ ئوتۈپ ،پىچان ناھىيىسىنىڭ چىقتىم بازىرى(پىچان ناھىيە بازىرىنىڭ 44كىلومېتىرلىق جايى) دا لىيەنيۈنگاڭ-قورغاس يوقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولى بىلەن تۇتىشىدۇ . بۇ تاشيولنىڭ پۈتىشى بىلەن پىچان ناھىيىسى بىلەن مورى ناھىيىسىگە قاتناش قولايلىغى يارىتىپ زور ئىتىسادى مەنپەئەت ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە تەڭرى تېغىنىڭ شىمالى بىلەن جەنۇبىنى تۇتاشتۇرىدىغان يەنە بىر مۇھىم قاتناش تۈگىنى بولۇپ قالىدۇ.مورى-پىچان تاشيولىنىڭ پۈتۈن لىنىيە قۇرۇلۇشى 2012-يىلى10-ئاينىڭ 31-كۈنى تاماملىنىش پىلانلانغان. توۋەندە مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر
مورى-پىچان تاشيولىنىڭ ئىش باشلاش مۇراسىمى
ياسىلۋاتقان مورى-پىچان تاشيولىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
ماي ياتقۇزۇلۇش ئالدىدىكى يول بولىگى
مورى-پىچان تاشيولىغا ماي ياتقۇزۇلماقتا
جىددى ياسىلۋاتقان تونىل
تونىلنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك تۇتاشتۇرۇلۇش مۇراسىمى
تونىلنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك تۇتاشتۇرۇلۇش مۇراسىمى
تونىلنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك تۇتاشتۇرۇلۇش مۇراسىمى
:
|
|
|
|
|
|