قانۇن قورالىدىن پايدىلىنىپ، قانۇنى ھەق-ھوقۇقلىرىمىزنى قوغدايلى!!!
umidwar728
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، ئۇيغۇر مىللىتى ئۇزۇن تارىخقا، پارلاق مەدەنىيەتكە ئىگە قەدىمى مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىدىكى بىر ئايرىلماس تەركىۋى قىسىم، 56 تال خۇشپۇراق گۈلدىن تەركىپ تاپقان گۈلدەستە ئىچىدىكى بىر خۇشپۇراق گۈلدۇر ، نۆۋەتتىكى تارىخى شارائىتتا ئۆزىنىڭ ئەقىل پاراسىتى بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلىشى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشۇش بىلەن بىرگە دۆلىتىمىز قانۇنىدا بەلگىلەنگەن پۇقرالار ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيەتلەرنى تولوق ئورۇنداپ، ئۆزىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسىلىق مەجبۇرىيىتىنىمۇ تولۇق ئادا قىلىپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر مىللىتىمۇ جۇڭگودىكى باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش دۆلەت قانۇنى تەرىپىدىن پۇقرالارغا بېرىلگەن تۈرلۈك ھەق ھوقۇقلاردىن مەنپەتلىنىش، قانۇندىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى قوغداشتەك مۇقەددەس ھوقۇققا ئىگىدۇر، مانا بۇ قانۇن تەرىپىدىن پۇقرالارغا بېرىلگەن دەخلىسىز ھوقۇقتۇر. لېكىن نۆۋەتتە يەرلىكتىكى بىر قىسىم ئەقلى دۈمبىسىگە ئۆتۈپ قالغان خۇمسى ئەمەلدارلار، دوپپىسىنى ئەكەل دىسە بېشىنى كېسىپ كېلىشتىن يانمايدىغان بىر تۈركۈم ھوقۇق تەمەخورلىرى، بىر كىشىلىك تۆمۈر تاۋىغىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقۇپ قانۇننى ئىجرا قىلىشتا قانۇنسىزلىق قىلىدىغان نائەھلىلەر تەرىپىدىن دۆلەت قانۇنى دەپسەندە قىلىنىپ، مەركىزى ھۆكۈمەت بىلەن يەرلىكنىڭ مۇناسىۋىتىدە ھاڭ پەيدا بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە پارتىيىمىز بىلەن ھۆكۈمىتىمىزنىڭ خەلق قەلبىدىكى شانلىق ئوبرازىغا داغ چۈشۈۋاتىدۇ. جەنۇبى شىنجاڭ رايونىدا ئەۋج ئېلىۋاتقان ياغلىق چەگدۈرمەسلىك، ساقال قىرقىش دىگەندەك يەرلىك سىياسەتلەر بۇنىڭ تىپىك ئىپادىلىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا پۇقرالارنىڭ تۇرالغۇسىنى، يېنىنى قانۇنسىز ئاختۇرۇش، قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇش قىلمىشى كۆرۈنەرلىك ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ.
شۇڭا بۇ ماقالىدە، دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسى قانۇنى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملىرىنىڭ دىنى ئېتىقاد، مىللى مۇناسىۋەت، مىللى ئۆرپ ئادەت، مىللى مائارىپ، كىشىلىك ئىززەت-ھۆرمەتكە ئائىت ماددىلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈش ئارقىلىق، خەلقىمىزنىڭ قانۇن ئېڭىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق قانۇن قورالىدىن پايدىلىنىپ خەلقىمىزنى ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغدىيالايدىغان، قانۇنسىز قىلمىشلارنى پاش قىلىپ ۋە دەل ۋاقتىدا رەددىيە بېرەلەيدىغان قىلىپ تەربىيلەش مەقسەت قىلىنىدۇ.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسى قانۇنى» دۆلىتىمىز قانۇنلىرى ئىچىدىكى ئەڭ مۇقەددەس، ئەڭ بۈيۈك قانۇندۇر، باشقا قانۇن-نىزاملارنى تۈزۈش جەريانىدا «ئاساسى قانۇن» غا زىت كېلىدىغان مەزمۇنلارنى كىرگۈزۈشكە، ئاساسى قانۇن بىلەن زىتلىشىشقا قەتئى بولمايدۇ، لېكىن بىر قىسىم ناھىيە، يېزا، كەنتلەردىكى سامان قوساق خۇمسى ئەمەلدارلار ئۆزىنىڭ يەرلىك سىياسىتىنى «ئاساسى قانۇن» دىنمۇ مۇقەددەس كۆرسىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنلىرىنى قىلچە كۆزگە ئىلماي پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلماقتا.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسى قانۇنى» نىڭ 4-ماددىسىدا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىدە ھەممە مىللەت باپباراۋەر. دۆلەت ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ھۇقۇقى ۋە مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك. ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى قوغدايدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ. ھەر قانداق شەكىلدىكى مىللەتنى كەمسىتىش ۋە ئېزىشنى مەنئى قىلىدۇ. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزىدىغان ۋە مىللى بۆلگۈنچىلىك قىلىدىغان قىلمىشلارنى مەنئى قىلىدۇ .
دۆلەت ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ۋە ئىھتىياجىغا قاراپ، ئاز سانلىق مىللەت رايۇنلىرىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى تىزلىتىشكەياردەم بىرىدۇ .
ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا تېروتورىيلىك ئاپتونومىيە يولغا قۇيۇلىدۇ، ئاپتونومىيە ئورگىنى تەسىس قىلىندۇ، ئاپتۇنۇمىيە ھۇقۇقىيۈرگىزىلىدۇ. مىللى ئاپتۇنۇم جايلارنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئايرىلماس قىسىمىدۇر .
مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز تىل _يېزىقىنى قوللنىش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش ئەركىنلىكىگە، ئۆزلىرىنىڭ ئۆرۈپ_ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش ياكى ئىسلاھ قىلىش ئەركىنلكىگە ئىگە دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى ئاساسى قانۇنى» نىڭ 36-ماددىسىدا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ پۇقرالىرى دىنىي ئىتقاد ئەركىنلكىگە ئىگە . ھەر قانداق دۆلەت ئورگىنى، ئىجىتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخىسنىڭ پۇقرالارنى دىنغا ئىتقاد قىلىشقا ياكى ئىتقاد قىلماسلىققا زورلىشىغا، دىنغا ئىتقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىمۇ، دىنغا ئىتقاد قىلمايدىغان پۇقرالارنىمۇ كەمسىتىشكە يول قۇيۇلمايدۇ .
دۆلەت نۇرمال دىنىي پائالىيەتنى قوغدايدۇ. ھەر قانداق كىشىنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزىدىغان، پۇقرالارنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزدىغان، دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىگە دەخلى قىلىدىغان ھەركەتلەردە بۇلۇشىغا يول قويمايدۇ .
دىنىي تەشكىلاتلار ۋە دىنىي ئىشلار چەت ئەل كۈچلىرىگە بېقىنمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى ئاساسى قانۇنى» نىڭ 115-ماددىسىدا « ئاپتونوم رايون، ئاپتونوم ئوبلاست ۋە ئاپتونوم ناھىيلەرنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئاساسي قانۇننىڭ 3-باب 5-پاراگرافىدا بەلگىلەنگەن يەرلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت ھوقوقنى يۈرگىزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئاساسي قانۇن ، مىللى تېرىتورىيلىك ئاپتونومىيە قانۇنى ۋە باشقا قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن ھۇقۇق دائىرىسى بۇيىچە ئاپتونومىيە ھۇقۇقىنى يۈرگىزىدۇ، دۆلەتنىڭ قانۇن ،سىياسەتلىرنى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئىجرا قىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى ئاساسى قانۇنى» نىڭ 116-ماددىسدا « مىللى ئاپتونوم جايلارنىڭ خەلق قۇرۇلتايلىرى شۇ جايدىكى مىللەتلەرنىڭ سىياسى، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزاملارنى چىقىرىشقا ھوقۇقلۇق. ئاپتونوم رايۇنلارنىڭ ئاپتونومىيە نىزاملىرى ۋە يەككە نىزاملىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىي دائىمىي كومتېتىنىڭ تەستىقى بىلەن كۈچكە ئىگە بۇلىدۇ . ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيىلەرنىڭ ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزاملىرى ئۆلكىلىك ياكى ئاپتونوم رايۇنلۇق خەلق قۇرلتىيى دائىمىي كومتىتىنىڭ تەستىقى بىلەن كۈچكە ئىگە بولىدۇ ھەمدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كوتېتىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى ئاساسى قانۇنى» نىڭ 119-ماددىسىدا: مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئۆز جايىنىڭ مائارىپ، پەن -مەدىنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ئىشلىرنى باشقۇرۇش، مىللىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئاسىراش ۋە رەتلەش، مىللىي مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈشتە ئۆز ئالدىغا ئىش كۈرىدۇ ، دەپ بەلگىلەنگەن.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» نىڭ 9 - ماددىسدا يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى ۋە مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللىي مۇناسىۋىتىنى قوغدايدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ، ھەر قانداق مىللەتنى كەمسىتىش ۋە ئېزىشنى مەنئى قىلىدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزىدىغان ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىدىغان قىلمىشلارنى مەنئى قىلىدۇ دىيىلگەن.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» نىڭ 10- ماددىسدا «مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى شۇ جايدىكى مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىنى قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەركىنلىكىگە، ئۆزلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش ياكى ئىسلاھ قىلىش ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ دىيلگەن .
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» نىڭ 11 - ماددىسدا : مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ھەر مىللەت پۇقرالىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
ھەر قانداق دۆلەت ئورگىنى، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ پۇقرالارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ياكى ئېتىقاد قىلماسلىققا زورلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىمۇ، دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالارنىمۇ كەمسىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
دۆلەت نورمال دىنىي پائالىيەتنى قوغدايدۇ.
ھەر قانداق كىشىنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزىدىغان، پۇقرالارنىڭ تەن ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان، دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
دىنىي تەشكىلاتلار ۋە دىنىي ئىشلار چەت ئەل كۈچلىرىگە بېقىنمايدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.
ئۇيغۇر مىللىتى 10-ئەسىردە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن بۇيانقى مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ئىسلام دىنى مەدەنىيىتى بىلەن مىللى ئۆرۈپ ئادىتى ئۆز ئارا يۇغۇرۇلۇپ بىر مۇكەممەل مەدەنىيەت ئەندىزىسىگە ئايلاندى، ئاياللانىڭ ياغلىق چىگىشى، ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇشى قانداقتۇر ھەپتە –ئون كۈننىڭ ئالدىدا باشقا جايدىن ئۈگىنىۋالغان مۇنداقلا دوراش مەدەنىيىتى ئەمەس، بەلكى مىڭ يىللىق مەدەنىيەتنىڭ ئۇيغۇر پۇقرالىرى قەلبىدىكى چوڭقۇر ئىزناسىدۇر، مىڭ يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مىللى ئەنئەنە ئەمدىلىكتە قانداقتۇر بىر قىسىم ئەقلى كۆتە خۇمسىلار تەرىپىدىن قانۇنغا خىلاپ قىلمىش قىلىپ كۆرسىتىلىپ ئاياللارنىڭ ياغلىغىنى ئالدۇرۇش، ئەرلەرنىڭ ساقىلىنى قىرقىشتەك ھېچقانداق قانۇنى ئاساسى بولمىغان قانۇنسىز قىلمىش بىلەن ئاشكارا شۇغۇللىنىۋاتىدۇ، ياغلىق چەككەن ئاياللار، ساقال قويغان ئەرلەر كەمسىتىلىپ، ئۇلارنىڭ نورمال كۈندىلىك پائالىيىتى چەكلىمىگە ئۇچراۋاتىدۇ.
دىمەك «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى ئاساسى قانۇنى» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» دىكى يۇقارقى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، پۇقرالارنىڭ ھەممىسى قانۇن ئالدىدا باراۋەر، جۇڭگو زىمىنى ئىچىدە دۆلەت قانۇنى ئوخشاش ئىجرا قىلىنىدۇ. ھېچقانداق بىر ھۆكۈمەت ئورگىنى ياكى شەخسنىڭ ھەرقانداق شەكىل، ھەرقانداق ۋاستە بىلەن پۇقرالارنىڭ دىنى ئېتىقاد ، ئۆرپ – ئادەت، كىيىم كېچەك، تىل يېزىق ئەركىنلىگىگە دەخلى قىلىشقا بولمايدىغانلىغى ئېنىق كۆرىنىپ تۇرۇپتۇ. لېكىن يەرلىكتىكى بىر قىسىم ئۆزىنى «قانۇن ئىجراچىلىرى» دەپ ئاتىۋالغان قانۇنسىز ئۇنسۇرلار خەلقىمىزنىڭ قانۇنى بىلىملىرىنىڭ چولتا بولۇشىدەك يوچۇقتىن پايدىلىنىپ دۆلەت قانۇنىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىپ، قانۇننى ئۆزىنىڭ پايدىسىغا ئىجرا قىلىپ، دۆلەتنىڭ «ئاساسى قانۇنى» ۋە باشقا قانۇنلىرى بىلەن ئاشكارا زىتلىشىۋاتىدۇ، قىسمەن رايونلاردا يۈز بەرگەن جىنايى ئىشلار دېلولىرى ۋە بۆلگۈنچىلىك دېلولىرىنى دەستەك قىلىپ پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ، بۇ سەۋر قىلىپ قاراپ تۇرغىلى بولمايدىغان، دۆلەت قانۇنىنىڭ ئىززەت ھۆرمىتى ۋە شەخسنىڭ قانۇنى ھەق –ھوقۇقلىرى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغان قانۇنسىز قىلمىشتۇر. دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن –نىزاملىرىنىڭ ھېچقايسىسىدا پۇقرالارنىڭ قانداق كىيىم كېچەك كيىىشىنى بەلگىلەيدىغان ياكى مىللى ئۆرپ ئادەتنى ئىنكار قىلىشنى قوللايدىغان بىرەر ماددا ھەم يوق، لېكىن يەرلىكتە ئىجرا بولۇۋاتقان بىر قىسىم سىياسەتلەر دۆلەت قانۇنىدىنمۇ مۇقەددەس ئورۇنغا ئۆتۈپ قالدى، شۇنداق قىلىپ دۆلەتنىڭ، پارتىيىنىڭ، قانۇننىڭ خەلق قەلبىدىكى ئوبرازىغا داغ چۈشۈرۋاتىدۇ. بۇنداق قىلمىشلارنىڭ داۋاملىق يۈز بېرىۋىرىشىگە ھەرگىز قاراپ تۇرغىلى بولمايدۇ، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى جۇڭگو جەمئىيىتىدە تېخىمۇ شۇنداق، شۇڭا خەلقىمىز مۇشۇنداق قانۇنسىز ئۇسۇرلارنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغاندا قانۇن قورالىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەتلىرىنى قوغدىشى، ھەرگىزمۇ قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرماسلىغى، قانۇندىن ئىبارەت بۇ قۇدرەتلىك قورالغا تايىنىشى، قانۇن-نىزاملاردىكى مۇناسىۋەتلىك ماددىلارنى ئۇلارنىڭ كۆزىگە كۆرسىتىپ قويۇشى كېرەك.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» نىڭ 21 – ماددىسدا: مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشتا، شۇ مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە نىزامىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان بىر خىل ياكى بىر نەچچە خىل تىل - يېزىقنى قوللىنىدۇ؛ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا ئورتاق قوللىنىلىدىغان بىر نەچچە خىل تىل - يېزىقنى تەڭ قوللىنىدىغانلىرى تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ تىل - يېزىقىنى ئاساس قىلسا بولىدۇ، دىيلگەن.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» نىڭ 23 – ماددىسدا: مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلاردىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئادەم ئېلىشتا، ئالدى بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئالىدۇ ھەمدە يېزىلار ۋە چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاھالىسىدىن ئالسا بولىدۇ، دىيلگەن.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» نىڭ 28 – ماددىسدا: ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئۆز جايىنىڭ تەبىئىي بايلىقىنى باشقۇرىدۇ ۋە مۇھاپىزەت قىلىدۇ.
مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ۋە دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش پىلانىغا ئاساسەن، شۇ جاي ئاچسا بولىدىغان تەبىئىي بايلىقنى ئالدى بىلەن مۇۋاپىق ئاچىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىدۇ، دىيلگەن.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» نىڭ 37 – ماددىسدا: مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى مىللىي مائارىپنى ئۆز ئالدىغا راۋاجلاندۇرىدۇ، ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىدۇ، تۈرلۈك مەكتەپلەرنى ئاچىدۇ، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرىدۇ، ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئادەتتىكى يۇقىرى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك مائارىپنى ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مائارىپىنى راۋاجلاندۇرىدۇ، شارائىت ۋە ئېھتىياجغا قاراپ ئالىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرىدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەردىن كەسپىي خادىملارنى يېتىشتۈرىدۇ.
مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئاز سانلىق مىللەت چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار، تارقاق ئولتۇراقلاشقان ئاز سانلىق مىللەت تاغلىق رايونلىرىدا ياتاقلىق بولۇش ۋە ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىش ئاساس قىلىنغان ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مىللىي باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە مىللىي ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئېچىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇشنى تامالىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. مەكتەپ باشقۇرۇش خىراجىتى ۋە ئوقۇش ياردەم پۇلى شۇ جاينىڭ مالىيەسىدىن ھەل قىلىنىدۇ، شۇ جاينىڭ مالىيەسىدە قىيىنچىلىق بولسا، يۇقىرى دەرىجىلىك مالىيەدىن ياردەم بېرىلىشى كېرەك.
ئاساسلىقى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپلەر (سىنىپلار) ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىدىن شارائىتى بارلىرى ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى دەرسلىكلەرنى قوللىنىشى ھەمدە ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا دەرس ئۆتۈشى كېرەك؛ ئەھۋالغا قاراپ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تۆۋەن يىللىقى ياكى يۇقىرى يىللىقىدىن باشلاپ خەنزۇ تىلى دەرسى تەسىس قىلىپ، مەملىكەت بويىچە ئورتاق قوللىنىلىدىغان پۇتۇڭخۇانى ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى كېڭەيتىشى لازىم.
ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى دەرسلىك ۋە نەشر بۇيۇملىرىنى تۈزۈش، تەرجىمە قىلىش ۋە نەشر قىلىش خىزمىتىنى مالىيە جەھەتتىن قوللىشى كېرەك، دىيلگەن.
دىمەك ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مائارىپنى ئۆز تىل يېزىغىدا ئېلىپ بېرىش، ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىغا ئاساسەن مائارىپنى تەرەققى قىلدۇرۇش، ئۆز جايىنىڭ تەبىئى بايلىغىنى مۇۋاپىق ئېچىش، پايدىلىنىشتەك ھوقۇقلىرى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، بۇ ھوقۇقلارغا ھەرقانداق شەكىل بىلەن دەخلى تەرۈز قىلىش قانۇنسىزلىق بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئۇيغۇرلارمۇ دۆلىتىمىزدىكى ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولغان ئاز سانلىق مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەتلىرى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىشى، قانۇن تەرىپىدىن بېرىلگەن يۇقارقىدەك ھەق ھوقۇقلىرىنى قانۇن بويىچە قوغدىشى، قانۇن بويىچە بەھىرلىنىشى كېرەك.
«جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 251- ماددىسدا قانۇنسىز يوللار بىلەن پۇقرالارنى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلغان ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغان دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، دىيلگەن.
«جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 249- ماددىسدا: مىللىي ئۆچمەنلىككە ۋە مىللىي كەمسىتىشكە قۇتراتقۇلۇق قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەكك سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، دىيلگەن.
«جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 250- ماددىسدا: نەشىر بۇيۇملىرىغا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەمسىتىدىغان ۋە ھاقارەتلەيدىغان مەزمۇنلارنى بېسىپ چىقارغانلاردىن قىلمىشى قەبىھ، ئاقىۋىتى ئېغىر بولغان بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جفزاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، دىيلگەن.
دىمەك، دۆلەت قانۇنى بويىچە بولغاندا پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ھەق-ھوقۇقلىرى قوغدىلىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ھېچقايسى بىر قانۇنىدا پۇقرالارنىڭ قانۇنى ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشقا يول قويۇلىدىغان مەزمۇن يوق. دۆلەت قانۇنى دۆلەت پۇقرالىنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنى قوغداشتەك مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان، پۇقرالار قانۇندىن قورقىشى ئەمەس، قانۇندىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنى قوغدىشى كېرەك ئىدى.
شۇڭا، قانۇن – نىزاملاردىكى يۇقارقىدەك ئالاقىدار ماددىلارنى تېخىمۇ ئەستايىدىل ئۈگىنىپ، ئۆزمىزنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ھەق ھوقۇقلىرىمىزنى تولۇق تونۇپ يېتىپ، قانۇنغا تايىنىپ، قانۇنى بىلىمىمىز بىلەن ئۆزىمىزنى قوغداشنى بىلىۋېلىشىمىز، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ ئۆزىنى «قانۇن ئىجراچىلىرى» دەۋىلىپ، قانۇننى ئاياق ئاستى قىلىپ پۇقرالارنىڭ قانۇنى ھەق-ھوقۇقلىرىغا دەخلى تەرۈز قىلىدىغان، يەرلىك سىياسەتلىرىنى دۆلەت قانۇنىدىنمۇ ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇۋالىدىغان قىلمىشلىرىنى ئۇچراتقاندا دادىللىق بىلەن رەددىيە بېرىشىمىز، دۆلەت قانۇنىنىڭ بىر تۈركۈم نائەھلىلەر تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىشىغا قاراپ تۇرماسلىغىمىز ، قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغدىشىمىز، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتەك مۈشكۈل ۋەزىپىنى ئورۇنداشقا بىر كىشىلىك كۈچىمىزنى ئايانماي چىقىرىشىمىز كېرەك.
بۇ تېما تېما ئىگىسىنىڭ رۇخسىتىسىز ۋە ھېچقانداق ئەسكەرتىش بېرىلمەي تۇرۇپلا ھەرقانداق تور بەتتە، ھەرقايسى QQ توپلىرىدا، مىكرو بىلوگلاردا ئېلان قىلىنسا بولۇۋېرىدۇ. خەلقىمىزنىڭ قانۇنى ئېڭىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرايلى!!!
مەنبە:
http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=11465&fpage=0&page=2