ئەلقەمجان، سىز نەدە؟
ئەلقەمجان ئۆمەر ئاقسۇ شەھرى قاراتال بازىرى يوقۇرىقى غالدىر كەنت باشلانغۇچ مەكتىپى 3-يىللىق سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى. ئۇ 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى (جۈمە) ئاتا-ئانىسىنىڭ زورى بىلەن مەكتەپكە قاراپ ماڭغان. بۈگۈن بۇ بالىنىڭ مەكتەپكە پەقەت بارغۇسى كەلمىگەن. ئاتا-ئانىسى مىڭ جاپادا بالىنى قايىل قىلىپ مەكتەپكە يولغا سالغان. بۇ بەختسىز بالا مەكتەپكە قاراپ كېتىۋېتىپ تارىم ئۆستىڭى بويىدا ئوينىغان. بۇ بالىنىڭ يالغۇز ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرگەن كىشىلەر پىسەنت قىلمىغان. بۇ بالا بۇ جايدا قانچىلىك ئوينىغاندۇ؟ دادىسى ئۆمەرجان سۇلايمان، ئاپىسى ئانارگۈل چۈشلۈك تاماققا ئۈلگۈرۈپ كېلەلمىگەن بالىنى ئىزدەشكە باشلىغان. ئەتىگەندىن بىرى مەكتەپ كەلمىگەن ئوقۇغۇچىسىنى ئىزدىگەن سىنىپ مۇدىر ئەلقەمجاننىڭ دادادىغا نەچچە قېتىم تېلىفۇن قىلىپ ئالالىغان، ئەھۋالنى مەكتەپ رەھبەرلىرىگە مەلۇم قىلغان.
چۈشلۈك تاماق تولىمۇ ئىشتىھاسىز يېيىلگەن.تاماقتىن كېيىن بالىنى ئىزلەپ ماڭغان دادا بالىسىنىڭ ماتىرىيال سومكىسىنى تارىم ئۆستىڭى بويىدا كۆرۈپ قاتتىق ئەندىكىپ كەتكەن. بىچارە دادا: «ئەلقەمجان. ئوغلۇم ئەلقەمجان، كۆز قارىچۇقۇم ئەلقەمجان...» دەپ ئەقلىدىن ئېزىپ قالغاندەك توۋلاپ ماڭغانچە مەكتەپكە كىرگەن. سىنىپ مۇدىرى بۇ دادىنىڭ پەرىشان ھالىغا قاراپ ھەيران قالغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ئەلقەمجاننى ئىزدەش باشلانغان. ئەلقەمجاننىڭ تاغىسى مۇھەممەتجان سۇلايمان (بېلىقچى)، كىچىك تاغىسى ئەمەتجان سۇلايمان، سەمەتجان سۇلايمان، پاتەم سۇلانمان، پاتەم سۇلايماننىڭ ئېرى ھامۇتجان، 3يىل سىنىپ مۇدىرى بولغان، باغرى قان ئۇستاز...ۋە يۇرتتىكى تۇنۇش-بىلەشلەر قاغىچاق-كېمىلەرگە ئولتۇرۇپ، ئالى دەرىجىلىك بېلىق تورلىرىنى تاشلاپ، ئەلقەمجاننى ئىزدىگەن، ئىزدەش قاراڭغۇ چۈشكىچە داۋاملاشقان، ئەمما، ئەلقەمجان تېپىلمىغان. يۈرەك پارىسىدىن ئايرىلغان ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلار ئاللاھغا نالە قىلىپ، ئاللادىن تىلەپ كىرپىك قاقماي تاڭ ئاتقۇزغان. ئۆمەرجان سۇلايماننىڭ بىر كېچىدىلا چاچ ساقاللىرى ئۆسۈپ، كىرپىكلىرى تۆكۈلۈپ، چېكە چاچلىرى ئاقىرىپ كەتكەن. 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى تاڭ ھەسەردە تارىم ئۆستىڭىنىڭ سۈيى كۆرىنەرلىك تارتىلىپ ئىزدەشكە قولايلىق يارىتىلغان. بۈگۈنكى ئىزدەشكە ئۆمەرجان سۇلايماننىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئاكىسى تۇرغۇنجان سۇلايمان، ئوغلى ھەرزەتئەلى تۇرغۇن ۋە بىر قىسىم مەھەللە جامائىتى كېلىپ قۇشۇلغان. دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندەك ئەلقەمجاننى ئىزدەش داۋاملاشقان. بىر توپ كىشىلەر تارىم ئۆستىڭىدىن ئاجايىپ نەرسىلەرنى تېپىپ چىققان، ئەمما، ئەلقەمجاننى تاپالمىغان. يۇرت خەلقى تەسەللى بېرىشكە باشلىغان. تەقدىرگە تەن بېرىشكە ئۈندىگەن. ئىسسقلىق ئېلىپ كېرىپ بۇ بەختسىز ئائىلە كىشىلىرىدىن ھال سورىغان...
2012-يىلى 2-كۈنى تارىم ئۆستىڭىدىكى ئىزدەش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، يىراقتىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا خەۋەر قىلىشقا باشلىغان. تارىم ئۆستىڭىنىڭ سۈيى كۆرىنەرلىك تارتىلغان بولسىمۇ، ئىزدىگۈچىلەر كۆپەيگەن بولسىمۇ، ئەلقەمجاننى تاپالمىغان. بۇ كېچە قاتتىق ھېرىپ-چارچىغان ئاتا-ئانا بالدۇرلا ئۇيقۇغا كەتكەن. ئۆمەرجان ئوغلىنى چۈشىدە كۆرگەن. يۈرەك پارىسى بىلەن ئۇزۇنغىچە مۇڭداشقان. بالا دادىسىغا تەسەللى بەرگەن، ئەپۇ سورىغان...ئەلقەمجان ئاپىسى ئانارگۈلنىڭ چۈشىگە كىرگەن ئانا-بالا دىدارلاشقان، مۇڭداشقان، ھاللاشقان، يۈرەك سىرلىرىنى تۆكۈشكەن. دادا ئويغىنىپ بالىسىنى ئىزدىگەن، ئاپا تاتلىق ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ ئوغلىنى ئىزدىگەن. چۈش بەرىبىر چۈش-تە...ئويغىنىپ يۈرەك باغرى ئۆرتەنگەن ئاتا-ئانا ئۈزۈم باراڭلىق ھويلىغا چىقىپ ھازا ئېچىشقا باشلىغان. جامائەت ھويلىغا يىغىلىپ كوللېكتىپ ھازا ئېچىشقان، ماتام-مۇسىبەت ھويلىنى بىر ئالغان.
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى ئەتىگەن سائەت 5 تە مىيىت نامىزىنى ئوقۇشقا نىيەت قىلىشقان. ئاتا قۇشۇلمىغان، ئاپا قۇشۇلمىغان. بۇ بالا بىر يەردىن قايتىپ كېلىدىغاندەك كەيپىياتتا بولۇشقان. بالىنى ئىزدىگىلى بۈگۈن ساق تۆت كۈن بولغان. مەھەللە مۆتىۋەرلىرى، ئوقۇمۇشلۇق ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ مەسلىھەتى بىلەن بۈگۈن سائەت 9 دا مىيىت نامىزىنى چۈشۈرۈش قارار قىلىنغان. غالدىر كەنتىدىكى بىر قىسىم مويسىپىتلار، ياشلار، ئۇرۇق-تۇغقانلار، غالدىر باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئەر ئوقۇتقۇچىلار ئەلقەمجاننىڭ سومكىسى تېپىلغان جايغا يىغىلىپ بىت نەچچە قاتار بولۇپ، مىيىت نامىزىنى چۈشۈرگەن.
مەن ئەلقەمجاننىڭ تاغىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇنىڭ مىيىت نامىزىغا داخىل بولدۇم. يۈرىكىم ئىزىلىپ كەتتى، كۆزلىرىمدىن ياش توختىمىدى...نۇرغۇن ئىشلار ھەققىدە ئويلاندىم. بۇ ئۆستەڭ بويىغا جايلاشقان غالدىر باشلانغۇچ مەكتىپىگە قىزغىن ھەۋەس بىلەن قاراپ چىقتىم.
بۈگۈن كەيپىياتىم تولىمۇ ناچار. كۆزلىرى يوغان-يوغان، يۈزى يۇمۇلاق، ئاقپىشماق جىيەم ئوغلۇم كۆز ئالدىمغا كېلىۋالدى. خوددى بىر يەردىن پەيدا بولۇپ قالىدىغاندەك، بوينۇمغا ئېسسىلىپ سۆيىدىغاندەك، مەندىن قىزىق-قىزىق سۇئاللارنى سورايدىغاندەكلە تۇرىدۇ. مىيىت نامىزىدىن كېيىن ئۇرۇق-تۇغقانلار، دوست-يارەنلەر، ئەھلى-مەھەللە كىشىلىرىدىن بىر قىسىملار تارىم ئۆستىڭىگە قاراپ مېڭىشتى. ئىزدەش داۋام قىلماقتا.
ئەلقەمجان تۇغۇلغان، ئەلقەمجان ئويناپ چوڭ بولغان، ئەلقەمجان ئوماق ئىزلىرىنى قالدۇرغان ئۆيدە 3 نەزىر بېرىلمەكتە. تارىم ئۆستىڭى بويىدا ئەلقەمجاننى ئىزدەش داۋام قىلماقتا، ئەلقەمجان چوڭ بولغان ئويدە 3 نەزىرى بېرىلمەكتە. تارىم ئۆستىڭىگە قاراپ ئوقۇلغان مىيىت نامىزى مېنى چوڭقۇر ئويغا سالماقتا. پىنھاندا ياش تۆكۈۋاتقان ئەلقەمجاننىڭ سىنىپ مۇدىرى كۆز ئالدىمدا نامايەن بولماقتا. ياقىسىنى يىرتىپ يىغلاۋاتقان ئەلقەمجاننىڭ چوڭ ئاپىسى ۋە باشقا ھازىدار كىشىلەرنىڭ قوشاق قېتىپ يىغلاشلىرى سەنئەتكار ئەجدادلىرىمنى قايتا نامايەن قىلماقتا.
مىيىت نامىزى مەسچىتتە چۈشۈرۈلگەن بولسا، بىز مەسچىتكە بارغۇچە بولغان ئارىلىقتا ئەلقەمجاننىڭ تاۋۇتىنى قولدىن-قولغا ئۆتكۈزۈپ كۆتۈرۈپ ئاپارغان بولساق، يۇيۇپ تاراپ يەرلىكىدە قويغان بولساق، ئەنئەنىۋى ئۆلۈم ئۈزىتىش مۇراسىمى بولغان بولسا، مەن بۇ ئۆلۈمگە شەك شۈبھىسىز ئىشەنگەن بولاتتىم.
ئۆلۈم ھەممە ئادەمنىڭ بېشىدا بار. ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ. قانداق چاغدا، قانداق سەۋەپ بىلەن ئۆلۈشنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئۆلۈمنىڭ سىرلىق ھېكمىتى ئادەمنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدۇ. ئۆلۈمنىڭ سۈر-ھەيۋىسى بولغاچقىلا ئادەم ھاياتنى قىزغىن سۆيىدۇ، ھاياتقا قىزغىن مۇھەببەت باغلايدۇ، ھاياتتىن تېخىمۇ ياخشى بەھىرلىنىش ئۈچۈن ئىزدىنىدۇ. ھايات ئىنسانغا بېرىلگەن مۇقەددەس سوۋغا. ئەلقەمجاننىڭ ھاياتى قانداق ھايات؟ ئەمدىلا 11 ياشقا كىرگەن بۇ بالا نەگە كەتتى؟ سۇغا چۈشۈپ كەتكەن بولسا جەسىدى تېپىلىشى كېرەك ئىدىغۇ؟ شۇنچە جىق نەرسە تېپىلغان تارىم ئۆستىڭىدىن بۇ بالىنىڭ جەسىدى نېمىشقا تېپىلمايدۇ؟ تېرىپ بولغان بولسا نېمە سەۋەپتىن ئۆيگە قايتىپ كەلمەيدۇ؟
مەكتەپتە بېرىشقا شۇنچە قىزغىن بۇ بالا 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى نېمىشقا مەكتەپكە بارمىدى؟ مەسىلە سىنىپ مۇدىرىدىمۇ؟ ئاتا-ئانىدىمۇ؟ ئۆمەرجان سۇلايمان بالىسىدىكى ئۆزگىرىشنى ئەتىگەندىلا بايقاپ ئۈلگۈرگەن. بالىسىدىن تەپسىلى ئەھۋال ئىگىلىگەن. ئەلقەمجاننىڭ قولىدىكى كۆكىرىپ قالغان جاينى بايقىغان. ئەلقەمجان ساۋاقدىشىدىن تاياق يېگەن. ساۋاقدىشى ئەلقەمجاننىڭ قولىغا ئۇرۇپ بېلىكىنى كۆكەرتىپ قويغان. ئەلقەمجان قورقۇپ كەتكەن. مەكتەپلەردە ساۋاقداشلار ئارا قىزىرىپ قېلىش، قېيدىشىپ قېلىش، ئۇرۇشۇپ قېلىش، ئاداۋەت ساقلاپ گەپ قىلىشماسلىق...قاتارلىق ئۇششاق ئىشلار دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ئەلقەمجان مۇشۇ ئىش ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆستەڭگە ئاتمىغاندۇ؟
بالا قۇم ئوينىغان، قۇملۇقتا رۇشەن ئاياغ ئىزلىرىنى قالدۇرغان. قۇمدىن تۈرلۈك نەرسىلەرنى، تۈرلۈك شەكىللەرنى ياساپ ئوينىغان.بالىنىڭ كېيىم-كېچەكلىرى، پۇت-قوللىرى مەينەت بولۇپ كەتكەن. بالا قولىنى يۇيۇش ئۈچۈن تارىم ئۆستىڭىنىڭ ئەڭ خەتەرلىك بۆلىكىگە كەلگەن. بالا ئېھتىياتسىزلىقتىن لەڭ ئۇرۇپ ئېقىۋاتقان دەرياغا چۈشۈپ كەتكەن...مانا بولار ئەلقەمجاننىڭ دادىسى ئۆمەرجان سۇلايماننىڭ يەكۈنى. 4 كۈن دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندەك ئىزدەشنىڭ نەتىجىسى ئاخىرى چىققان. ئەلقەمجاننىڭ جەسىدى تېپىلمىغان، قۇمغا كۆمۈلۈپ قالغانمىدۇ؟ ئامبارغا قاراپ ئېقىپ كەتكەنمىدۇ، سۇ ھايۋانلىرى يەپ كەتكەنمىدۇ؟ ئۆستەڭ بويىدىكى دەل-دەرەخلەرنىڭ يىلتىزىغا ئىلىنىشىپ قالغانمىدۇ؟ ئەلقەمجان ھەققىدىكى مۇلاھىزە داۋام قىلماقتا. ئەلقەمجاننىڭ ئاتا-ئانىلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، يېقىن-يۇرۇقلىرى، ئەل ئاغىينە-دوستلىرى كۆز يېشى قىلىشماقتا. مېنىڭ باغرىم زەرداب، كۆزۈم ياش. خىياللىرىم چېچىلىپ كەتكەن. كەيپىياتىم تولىمۇ سۇلغۇن....
ئەلقەمجان ئۆمەر ئاقسۇ شەھىرى قاراتال بازىرى يوقۇرىقى غالدىر باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى. بۇ يىل 11 ياشقا كىرگەن ئىككى بالىنىڭ چوڭى. مەكتەپكە بارماسلىقنىڭ سەۋەبى ناھاىيىتى ئاددىي. سىنىپ مۇدىرىنىڭ تاراملاپ تۆكۈلىۋاتقان كۆز ياشلىرى، بۇ مۇلايىم ئوقۇغۇچىسىنى تەرىپلەشلىرى، كۈتىدىغان بۈيۈك ئارزۇ-ئارمانلىرى مېنى چوڭقۇر ئويغا سالدى. مەنمۇ بىر مائارىپ تەتقىقاتچىسى بولۇپ سۈپىتىم بىلەن ئويلىنىشقا باشلىدىم. تاۋى نازۇك ئوقۇغۇچىلار كۆز ئالدىمدىن نېرى كەتمىدى. «دۆڭ بولمىغان بولسا قاغا قونمايتى، قاغا قونمىغان بولسا ئېتىم ھۈركىمەيتى، ئېتىم ھۈركىمىگەن بولسا، دادام ئۆلمەيتى.» دېگەندەك سەۋەپلەرنى كۆرسىتىپ ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىم تولىمۇ سەۋرچان....
ئەلقەمجان، سىز نەدە؟....
سىرلىق دۇنيا سىرلىرىڭغا يېتەلمىدىم،
يە بىر يولى سەندىن كېچىپ كېتەلمىدىم.
كۆرىنىسەن گاھى گۈزەل، گاھى بەك سەت،
سەتلىكىڭنى كۆزۈمدىن يوق ئېتەلمىدم.
ئەلقەمجان، سىز نەدە؟....
مەنبە: قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سەھرا ئوغلى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-4 11:04 AM