‹‹ئۇلۇغ ئالىم ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىننى ئەسلەپ››
قەدىمى ئاستانە ئۇلۇغلار توپى،
ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ئەتمەكتە داۋام.
گاھىدا ئالقىشلاپ گاھىدا نوقۇپ،
باغرىدا ئۆستۈرگەن ئۇلارنى ئاۋام.
قاراخان دەۋرىدە گۈللىنىپ بۇ جاي،
ئەجدادلار جاھانغا تونۇلغان قەۋەت.
قالدۇرۇپ‹‹دىۋانى››ۋە‹‹قۇتادغۇبىلىك››،
ئەۋلادلار بەختىچۈن قىلغان كۆپ سەۋەپ.
شۇ تارىخ ئىزىنى يوقاتماي يەنە،
داموللام①خەلقنى باشلىغان پەنگە.
تەۋپىقمۇ②جاننى ئېلىپ ئالقانغا،
مەرىپەت ئۇرۇقى تېرىغان ئەلگە.
بۈگۈنمۇ بىر ئۇلۇغ ئىنساننى بىزچۈن،
③تەۋەللۇت قىلغانتى بۇ قەدىم زېمىن.
تولۇن ئاي جىمىرلاپ يۇلتۇزلار كۈلۈپ،
ئەجدادلار روھىمۇ تاپقانتى ئەمىن.
ئۇ سۆيگەن خەلقنى سۆيگەن ئېلىنى،
جىسمىدا ياندۇرغان ئەجداد روھىنى.
قوغلىماي شان-شەرەپ قوغلىماي دۇنيا،
بىزلەرچۈن تىكلىگەن شۆھرەت ئۇلىنى.
كىيىنىپ ئىلىمدىن غەۋۋاس كىيىمى،
شۇڭغۇدى تارىخنىڭ چوڭقۇر بېتىگە.
سۈزۈپ شۇ دېڭىزدىن ئالتۇن-جەۋاھىر،
تىزدى رەت-رېتىدە دەپتەر بېتىگە.
(ھە!مانا ئوغۇزخان كۆرۈندى ئاڭا،
كۆك بۆرە ئالىمغا كۆرسىتىپتۇ يول.)
قانائەت ئەيلىمەي شۇنىڭغا يەنە،
④ئارىيانلارغىمۇ سوزۇلۇپتۇ قول .
باشلىنىپ ‹‹ئىنقىلاپ››⑤بۇ دىياردىمۇ،
ئالىممۇ كىيىنىپتۇ بىر ئۈلۈش قالپاق،
ياۋىلار قۇترىدى ئېتىلماق بولۇپ ،
ھەسەتخور،پەسكەشلەر بولۇپ يانتاياق.
زېمىستان قوغلىنىپ كېلىپتۇ كۆكلەم،
〞قالپاقمۇ〝غىپپىدە تىكىپتۇ بەدەر.
يايراپتۇ كۆڭۈللەر ياڭراپتۇ بەزمە،
تۆلەنگەن بولسىمۇ گەرچە كۆپ بەدەل.
ئالىممۇ كۈلۈپتۇ ئەمما يۈرىكى ،
ياش تۆكۈپ بىھۇدە ئۆتكەن ۋاقىتقا.
تولۇقلاش ئۈچۈن بوش كەتكەن ئۆمرىنى،
باش چۆكۈپ كېچىنى ئۇلاپتۇ تاڭغا.
قول ئۈزۈپ بارچىدىن ئەۋلادلار ئۈچۈن،
بېكىندى بىر ئادديھۇجرىغا ئالىم.
ئۆتۈپتۇ قارىسى كۆرۈنمەي ئەسلا،
ئالىمنى چىللىغان سانسىز مۇراسىم.
خەق ساناپ ئۆتكۈزسەكۈنلەپ-ھەپتىلەپ،
ئالىم ئۇ سانىدى مىنۇت-سىكۇنىتنى.
ئىزدەندى،تىرىشتى،قىلمىدى ساقىت،
نەزەردىن ئۆتمۈشنىڭ ھەر چېكىتىنى.
ئەنە شۇ مىللەتنىڭ نۇرلۇق چېرىغى ،
بىر كېچە ئۈستەلدە ئۆچتى ۋاقىتسىز .
گاھىلار يىغلىدى، كۈلگەنلەرمۇ بار ،
ئاھ ھايات سەن نېچۈن بۇنچە رەھىمسىز.
①داموللام:ئابدۇقادىر داموللام
②تەۋپىق:مەمتىلى تەۋپىق
③تەۋەللۇت؛دۇنياععغا كىلىش(ئۇلۇغ كىشىلەر)
④ئارىيانلار:تارىخى ئاتالغۇ
⑤ئىنقىلاب:مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى
ئارافات ئابدۇمىجىت ئۇيغۇرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئۇيغۇرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-4 01:37 AM