رۇستەم قاراسۇ
ئىجادىيەتلىرى
ئوخشاتمايمەن
ئوخشاتمايمەن سېنى ئاي كۈنگە،
چۈنكى ئاي كۈن مەندىن بەك يىراق.
قەلبىمدىكى ئوخشايسەن گۈلگە،
مېنىڭ ئۈچۈن شۇنچە خۇش پۇراق.
ئوخشاتمايمەن سېنى ھىچكىمگە،
بۇ كۆڭلۈمنى ئالالماس بىرى.
پەقەت سەنلا دەرمان دەردىمگە،
ئەتراپىمدىن كەتمىگىن نېرى.
ئوخشاتمايمەن سېنى ئۇزلارغا،
ئالەمدىكى ئۇزنىڭ سەن ئۇزى.
ئۆچمەس ئۇتۇڭ تاڭغان مۇزلارغا،
سەنسىز كەمدۇر ئاش يىسەم تۇزى.
ئوخشاتمايمەن سېنى گۈللەرگە،
تالاي بولبۇل شىغىغا قونغان،
ئىشەن نىگار ئىيتقان سۆزلەرگە،
يۈرەك بسۆزۈم ئەمەستۇر يالغان.
ئۇنتالمىسام
سەن يوق ئاقتى كۆزۈمدىن يېشىم،
ئازاپلاردىن ئاغرىدى بېشىم.
ئۇنتۇپ كەتتڭ مېنى سەن بەلكىم،
ئۇنتالمىسام نە قىلاي جېنىم.
يۈرۈكۈمگە نەپرەت سىغمىدى،
تاشلىساڭمۇ سەندىن كەچمىدى.
سالغان ئۇتۇڭ كۆيۈپ ئۆچمىدى،
ئۇنتالمىسام نە قىلاي جېنىم.
تاشلىغىچە بۇنچە ئازاپقا،
يولغا سالغىن رازى مازارغا.
ياكى يەتكۈز مېنى ۋىسالغا،
ئۇنتالمىسام نە قىلاي جېنىم.
مەيلى دىدىم ئۇنتۇپ كەتسەڭمۇ،
بۇ كۆڭلۈمگە ئازار بەرسەڭمۇ.
جاۋاپ بەرگىن بىزار بولساڭمۇ،
ئۇنتالمىسام نە قىلار جېنىم
ئەمگەككە ھۆرمەت قېلىڭ
رۇستەم قاراسۇ