ماتىماتىكىلىق مۇھاببەت
پاراللىل ئازاپ
پەقەت سەنلا چەكتىڭـمۇ ئازاپ،
نېمە ئۈچۈن قاچىسەن مەندىن.
مەنمۇ ئوخشاش دەرتتە،پىراقتا،
روھىم چىقىپ كەتمەكتە تەندىن.
پەقەت سەنلا چەكـتىڭمـۇ ئازاپ،
نەپرەتلـىنىپ قارايسـەن ماڭـا.
دەرتلـىرىمنى بىلىمـەن يالـغۇز،
ئېيتـىپ يۇرۇش كېرەكمۇ ساڭا.
پەقەت سەنلا چەكتىـڭمۇ ئازاپ،
نەسەۋەپ بار ئاچمايسەن چىراي.
پىغـانلىرىم يۈرەكتـە ئاچـچـىـق،
تەسىرلىنـىپ يىغـلار ھەتتا ئاي.
پەقەت سەنلا چەكتىڭـمۇ ئازاپ،
كۆزلىرىڭـدىن قۇرىمايـدۇ ياش.
مەنمۇ ئوخشاش پىغان ئىچـىدە،
كۆزۈمدە قان يۈرەكـىم قۇياش.
پەقەت سەنلا چەكتىڭمۇ ئازاپ،
دەرتلىرىڭنى تۆكمىگىن ماڭا .
يىگىتكەنمەن،ھىجران دەردىنى،
ئۆزۈم بىلىپ ياشايمەن ئەمما...
:-پەقەت سەنلا چەكتىڭمۇ ئازاپ،
دەپ يۈرەكلەر قىلىدۇ خىتاپ.
شۇنداق ئىكەن سۆيگۈ مېۋىسى ،
بەزى چاغدا بولاركەن ئازاپ .
تەتۈر تەڭلىمە
قۇشۇلغاندا بىرگە بىر بولۇپ،
نەتىجىسى بولمىدى ئىككى.
ھەيرانلىقتا سورىدىم كۈلۈپ،
زادى نېمە بۇنىڭ سەۋەبى؟
لەۋلىرىڭنى تەككۈزۈپ دېدىڭ،
سۆيگۈ قىلدى بىزنى بىر گەۋدە.
سەن مېنىڭكى بىلگىن مەن سېنىڭ،
سەنسىز مادار يوقتۇر بۇ تەندە.
پاھ!نىمانداق ئېسىل تەڭلىمە،
نېمىدىگەن رومانتىك ھېسىيات.
مۇھاببەتتىن كۆكلىگەن غۇنچە،
بىر فورمۇلا قىلىپتۇ ئىجاد .
سەيلە قىلىپ سۆيگۈ بېغىدا ،
يۈرگىنىمدە شۇنچىلىك خوشال.
قويدۇڭ مېنى ھىجران دېغىغا،
پىغان چەكتىم باستىغۇ خىيال.
مانا بۈگۈن بولدۇق يەنە جەم،
فورمۇلادا بولدى ئۆزگىرىش.
بىر قاراپلا كۆزۇم بولدى نەم،
دىلىم ئاچچىق خىيالىم چىگىش.
دېدىڭ:-ئاڭلا ھەي مەجنۇن ئاشىق،
قىلالماسمەن سۆيگۈڭنى قۇبۇل.
توختاپ قالسۇن جۈپ سوققان تىنىق،
خازان بولسۇن تەڭ ئېچىلغان گۈل.
ئانچىكى بىرقىزىقىش ھەۋەس،
ئىجاد قىلغان ئىدى فورمىلا.
ئىككى بولسۇن ئەمدى بولدى بەس،
ئۆزگە يولنى تۇتقىن بولدىلا.
ھىجران ئىچرە يېگىنىم زەھەر،
نېمە ئۈچۈن بۇنداق نەتىجە.
بىرسى ئۇردى ئارقامدىن خەنجەر،
بەلكىم ئۇ ئۈچ بولغان دەرىجە. ,
چىن پۈتمەيمەن تەغدىرگە پەقەت،
ئەقىدەمنى قىلدىڭغۇ ۋەيران.
ئىچ ئىچىمدىن ئۆقۇيمەن لەنەت،
سەنمۇ يىغلاپ قالىسەن ھامان.
مەنبەسى: ئەپچىلەم