يوق ئىدى سېنىڭدىن ئايرىلغۇم پەقەت
يوق ئىدى سېنىڭدىن ئايرىلغۇم پەقەت ،
بىلمىدىم قاياقتىن كەلگەن بۇ قىسمەت .
‹‹زىيادە ئامراقىلق بولسا جۇدالىق›› ،
قەدىمدىن بىزلەرگە قالغان بۇ ھىكمەت .
يوق ئىدى سېنىڭدىن ئايرىلغۇم پەقەت ،
يەتمىدىم بۇ ئىشتا باردۇر نە سەۋەپ.
نۇقسانسىز ئىنسانلار يوقتۇر دۇنيادا ،
ئىيتقىنا نوقسانغا قايسىمىز سەۋەپ.
يوق ئىدى سېنىڭدىن ئايرىلغۇم پەقەت ،
باستىمىۇ سىېنىلا ئازغۇنلۇق غەپلەت .
غەپلەتتىن ئويغانغىن ئۆتىنەي سەندىن،
سۆيىمەن مەڭگۈگە ئەبەدىلئەبەت.
يوق ئىدى سېنىڭدىن ئايرىلغۇم پەقەت ،
سەن ئۈچۈن يۈرەكتە قالدى ئىز نەپرەت.
ھەر نۆۋەت ئويلىسام ئۆتكەن كۈنلەرنى ،
يۈرەكتىن ئۆرتىنەر ئاچچىق بىر غەزەپ
.
يوق ئىدى سېنىڭدىن ئايرىلغۇم پەقەت،
سىنىڭدىن ئايرىلىپ چەككىنىم ھەسرەت.
ھاياتىم مەنىسىز ئۆتتىغۇ سەنسىز ،
مەنىسىز ھاياتنى كەلتۇرگەن ھەسەت .
يوق ئىدى سېنىڭدىن ئايرىلغۇم پەقەت ،
ئۆلگىچە ھەركىمگە باردۇر قىسمەت.
ئۈتكۈزمەك شۇنچىلىك قىيىن بۇكۈننى ،
چىن دىلدىن سۆيگەنگە ئەڭ زور بىر ئاپەت.
مەنبە :ئۆزۈم (گۈزەل9787)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا guzal9787l تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-3 06:15 PM