جۇدالىق ۋېسالنى سۈرگۈن قىلغاندا،
يۇرۇقلۇق يوقالدى قاپقارا ئاسمان.
تەنلىرىم سەلكىندە تىترىگەن ياپراق،
ئۆتمۈشۈم، ئەسلىمەن قالدى چۈشسىمان.
جۇدالىق بىر چىقىن بولۇپ بېشىمدا،
جىسمىمنى پارچىلاپ ئەيلىدى چۇل چۈل.
سۆيگۈنىڭ چۇغلۇقتەك بەرگىمۇ شۇ دەم،
تۇزىدى، سايراشتىن توختىدى بۇلبۇل.
سەزمەپتىم، بىلمەپتىم «گۈل»دەك ئەپتىڭدىن،
تۇرسىمۇ تۇتقىنىڭ گۈل ئەمەس شىۋاق.
گۈلسىمان ئەپتىڭنى نامايان قىلىپ،
تېرىساڭ مۇھەببەت بېغىمغا قامغاق.
دىلىمنىڭ قۇلپىنى ئاچقان ۋەدەڭمۇ،
بولغاندۇ قامغاقنىڭ ئالدىدا خىجىل.
ۋەياكى ئالۋۇندەك ئېزىتقۇ پەيلىڭ،
رەڭسىمان جۈپتىگە بولغاندۇ ئىجىل.
مەنبە ئىجادىيەت 3-ئاۋغۇست كورلا
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-3 06:41 PM