ئەجەپلا بىر قىلدىڭا يايرىم ئايرىلغىلى ھەپتە بولماستا،
كۆزۈم ياشلىرى قۇرىماستا.
سۆيگۈ گۈلى تىخى سولماستا،
ئەجەپلا بىر قىلدىڭا يايرىم.
بىز ئايرىلغان ئاشۇ ئاخشىمى،
يىغلاپ تۇرۇپ ئىيتقان ناخشىنى.
كۆرمەك بولۇپ مەڭگۈ ياخشىنى،
ئەجەپلا بىر قىلدىڭا يايرىم.
چ چ رىڭدا بىرمۇ يات يوقتى،
بىردەمدىلا گۇرپىلار توشتى.
يات ئوغۇللارغا نەزىرىم ئوقتى.
ئەجەپلا بىر قىلدىڭا يايرىم.
يەتمەي قالدى ساڭا بىر كىچە .
پاراڭ بولدى تا تاڭ ئاتقۇچە .
ياتقا دىدىڭ ئۇنتۇپ كەتكۈچە،
ئەجەپلا بىر قىلدىڭا يايرىم.
مەن سەۋەپلىك چىداپ ياتلاردىن ،
قىسى قاپسەن ياخشى ئاتلاردىن .
ئايرىلىپسەن ئۇلۇغ زاتلاردىن .
ئەجەپلا بىر قىلدىڭا يايرىم.
ۋەدىگە ۋاپا قىلمىدى پەقەت ،
چۈشتى دەپ نەزىرىمدىن قەۋەت.
مۇشۇمۇ گەپمۇ ۋاي ياندۇرىۋەت.
ئەجەپلا بىر قىلدىڭا يايرىم .
سۆزلەپ كەتتى توردىشىڭ تخى،
تىلى يۇمشاق.زەھەردىن تىغى .
ئۆزى ئىكەن شۈنچىلىك سىخى،
ئەجەپلا بىر قىلدىڭا يايرىم .
ئالدىرىسا ئۆتتى ئىككى كۈن ،
مەن يىغلىدىم تازا سىلىپ ئۈن.
ئۇنتۇپ كەتتىڭ ھەممىنى پۈتۈن.
ئەجەپلا بىر قىلدىڭا يايرىم ،
سۆزلەي دىسەم سۆزلىرىم تولا،
يىتەر ئەمدى مۇشۇلار بولا.
بوپتۇ جىنىم گۆرۈمنى كولا.
ئەجەپلا بىر قىلدىڭا يايرىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hijirany تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-3 05:49 PM