مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 943|ئىنكاس: 12

ھېدايەتنامە__ تولۇق نۇسقا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72453
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3294
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2012-1-2
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 05:15:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇ ئالىمنى تونۇش تۇرمىساممۇ  بەلكىم ھەممىمىز بىلىمىز بەلكىم بىلمىسەك بىزگە سەت ئەمەسسمۇ

ئوتكەن يىلى مەن شىنجىندائىدىم بىركۇنى بىر تۇركىيەلىك بىلىەن بىرئابتۇبۇسقا چىقىپ سالدىم ئۇ مەندىن سورېىدى سەن ئۇيغۇرما دەپ مەن ھەئە دىدىم ئۇبىردىنلا مەندىن سۇئال سورىدى مەھمۇد كاشغىر نىڭ تۇرك تىللار دىۋانى بىلەمسەن دەپ مەن نىمە دىيىشىمنى بىللەلمەي دۇدۇقلاپ ھەئە ھەئە دەپلام جاۋاپ بەردىم ئەپسۇس مەن بىلمەيدىغان تۇرسام بەك ئۇيغاسالدى ئۇ ئادەمنىڭ سۇئالى شۇغا قىرىنداشلا بۇ ئالىمنىڭ ئىش ئىزلىرىنى بەلكىم ھەممىمىز بىلىمىزغۇ شۇنغا تونۇشتۇرمۇدۇم

EOCN8GCAUH2IS0CAMZ1FY3CANLTLBDCAIOITQ1CAAV3UIQCAGLOB05CA3ZTX8MCAY9TWL9CAG917NOCA.jpg

2LHQA1CAZFMS03CANUZU9ICATJ4NL9CAFII0U7CA4Z3VUZCAIB38BWCAG7OKLRCAV0AU80CAY8N7BRCA.jpg

ھېدايەتنامە

ئابدۇرەھېم ئۆتكۈر

ئۆمۈر مەنزىلىدىن تىنماي ئىزلىدىم مەن ھەقىقەتنى,
تەپەككۇر بولدى بىر ھادى تېپىشتا چىن ھىدايەتنى,
تىلەپ ھەر سۆزگە باي مەنا يەنە جانلىق پاساھەتنى,
دىلىم ئىستەيىتتى ئىزھارغە ھەمىشە مەقبۇل پۇرسەتنى.
كىلىڭ ئەي دوستلىرىم ئەمدى خۇشال باشلايلى سۆھبەتنى.

سۆزۇمنىڭ باشى بسم اللھ بۇ مۆئمىنلىك ۋەزىپەمدۇر,
سانا يۇ ھەمدىلەر ئېيتسام تۇمەن مىڭنى يەنە كەمدۇر ,
قۇرۇق ,تۇزسىز ئىبادەتتىن ئەمەل ئەۋزەل ,ئەقىدەمدۇر,
بۇ دەۋايىمغا بورھانىم مۇشۇ يازمىش قەسىدەمدۇر..
تىلەيمەن رەببىم ئاللاھتىن قۇلۇمغا كۇچ ۋە قۇۋۋەتنى ,

تەئەججۇپ ئەيلىشەر بەلكىم بىراۋلەر بۇقەسىدەمدىن.
ئەجەپلەنمەس ئىدى ئىچسە ئەگەر بىر قەترە چەشمەمدىن.
ئېزىقتىم مەنمۇ بىر چاغلار ناگاھ تەۋرەپ ئەقىدەمدىن,
شۈكرىكىم رەھنامە تاپتى كۇڭۈل سۇلتانى تەۋبەمدىن.
ئىلاھە ئەيلىگىل مەڭگۈ ,ماڭا بۇ بەختۇ-ئامەتنى.

تۇغۇلغاچ ئىككى مۆئمىندىن ئۈتۇپ ئەللىكتە سەككىز يىل,
يەكۈنلەش سائىتى يەتتى ئۆمۇرنى ئەمدى ئەستايىدىل.
نەزەر سالسام بېسىپ ئۆتكەن يۇلۇمغا بولمايىن غاپىل,
ئاقۇر كۆز ياشلىرىم گويا بۇلۇپ ئىرىتىش ۋە ياكى نىل .
جاھاندا چەكمىگەي ھېچكىم مىنىڭدەك كۆپ نادامەتنى .

سەھەردە ھەمدىلەر ئېيتار ئۇچار قۇشلارمۇ ھەر دەمدە,
نىمىشقا بولمىسۇن بىر ھېس تىرىك پەرزەنتى ئادەمدە.
ۋاھالەنكى ئادا بولماي ھىساپسىز قەرىز بۇ زىممەمدە,
ھامان قاينايدۇ ھەسرەتلىك پۇشايمانلار بۇ قەلبىمدە ,
ئۆمۇرنى زايە قىلماڭلار ئېلىپ مەندىن بۇ ئىبرەتنى.

باھار يامغۇرلىرى ھەرتاڭ يۇيار ھەم ياشنىتار تاغنى ,
ئېرىقلار بىرلە كەلگەن سۇمۇ ھەتتا گۈللىتەر باغنى .
مۇيەسسەر قىلسا مەقسىدىم مۇراتقا يولنى ئاچماقنى ,
ئېرىتسە ھېچ ئەجەپمەسكىم كۆزۈمنىڭ ياشلىرى داغنى .
ئاتا قىلسا ئىلاھىم خەزىنەسىدىن قەترە رەھمەتنى .
سىراتەل مۇستەقىم تاپماق ئەگەر بولسا نەسىبەمدە .
نادامەت داغلىرى قالماس ئىدى مەھزۇن بۇ سىنەمدە ,
ئۆمۈدۈم بىر بېقىپ ئىقبال كۈلۈپ تەلەي پىشانەمدە.
جاراڭلاپ كەتسە قەلبىمنىڭ ساداسى بۇ قەسىدەمدە .
نىسىپ ئەيلەپ ياراتقان زات ماڭا بەختۇ- سائادەتنى .

خىيالىم دېڭىزى تىنماي چايقىلىپ ھەمىشە قايناق,
كىچىلەر ئاز يۇمۇپ كۆزنى ۋە گاھى تاڭغىچە ئويغاق.
قۇلۇم يەتمەيدىغان شاخقا ئېسىلدىم شۇنچىلىك مۇشتاق ,
ئىلاھىم ئۆزى يار بولغاي ئۆمۈدۈمگە يەنە جىقراق .
ئاسان ئەيلەپ بۇ مەنزىلدە ماڭا ئۇچرار مۇشاققەتنى.

پىكىر دەرياسىغە قانچە تىرەن چۆمگەنسىرى ھەر تۈن ,
كۆڭۈلنىڭ كىرلىرى شۇنچە يۇيۇلدى ,تارقىدى ئەپسۇن .
ھاياتىم گەرچە پۇشمانلىق دىلىمدۇر ناتىۋان مەھزۇن ,
ۋە لېكىن جان كىتابىغە قۇشۇلدى تۇمەن مىڭ مەزمۇن .
يىقىن كەلتۇرمە ئى رەببىم! كۆڭۈلگە ئەمدى غەپلەتنى .

تەپەككۇر كۆز بىلەن باقسا كىشى ئالەمگە بىر مەررە .
ئەمەستۇر خالى ھىكمەتتىن ۋە ھەتتاكى ھەسەل ھەرە.
ئادىمىزات يۇكسىلىپ گەرچە ئاتومدىن تاپتى مول زەررە,
ۋە لېكىن بىپايان سىر دېڭىزىدىن بۇ تېخى ئازغىنە قەترە .
ئىلاھا قىل كەرەم كۆپرەك بىلەيلى سىرۇ-ھىكمەتنى.

بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك ,
كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن تونۇر ئۆز زاتىنى خوپراق .
مىسال:قارىغۇ نىچۇك بىلسۇن ,قۇياش قانداغۇ ئاي قانداق,
بىلۇر ئەمما گۈدەك ھەتتا نىچۈكدۇر گۈل نىچۈك ياپراق .
دىمەككى مەئرىپەتتىن جان تاپۇر ئەقلى -پاراسەتنى.

تۈمەن مىڭ يىل داۋامىدا ئۆتۈپ سانسىز ئاقىل -دانىش ,
ھايات سىرىنى بىلمەكنى قىلىشتى ئارزۇ ھەم خاھىش .
بىراۋلەر قىلسىمۇ كۈچەپ خۇداسىزلىقنى پەرمايىش,
ۋە لېكىن ئەكسىرى مۇتلەق ئېلىپ مەيداندا ئەزمايىش.
ئاخىرى ئېتىراپ قىلدى ئۇلۇغ بىر روھى قۇدرەتنى .

مىسال:بىر قەترىدىن ئادەم بىنا بولغاننى ئويلاپباق ,
ئانا قارنىدا بۇ جايغا ھاۋا بولغاننى ئويلۆپ باق .
تۇغۇلماق سائىتى يەتسە ئانا بولغاننى ئويلۆپ باق ,
بۇ مۈشكۈلگە نە قانۇن پانا بولغاننى ئويلۆپ باق .
شۇ چاغدا تاپقۇسى قەلبىڭ بىرەر مەنتىقى-پىكرەتنى.

بۈگۈن پەن يۈكسىلىپ شۇنچە قىلۇر پەرۋازىنى ئەركىن ,
ۋە ھەتتا ئاي ۋە يۇلتۇزدا يەر ئوغلى ياتقۇسى يالقىن .
بۇڭا ئەۋلادى ئادىمىزات ئۇقۇر مىڭ مەدھىيە تەلقىن ,
لېكىن ئادەم بىنا قىلماق بۇ ئادەمگە نىچۈك مۇمكىن .
ياراتقان تەڭرىدىن باشقا كىشى تاپماس بۇ قۇدرەتنى .

نىمىشقا ئاياغ ئىككى,كۆز ئىككى ,ئېغىز بىردۇر,
يەنە كۆزلەرگە قاش كىرپىك بىنا قىلغان قايسى تەھرىردۇر .
نىمىشقا مىڭ كىشى چىھرى يەنە مىڭ خىلدا تەسۋىردۇر ,
قېنى ئېيتىڭچۇ؟بۇ سىرغا نىچۈك سۆز توغرا تەئبىر دۇر .
تەپەككۇر ئاچقۇسى كەڭ يول چۈشەنمەككە بۇ سۈرەتنى.

ئۈلۈمنى ئويلىسا ھەر كىم بىلۇر ئۆز زاتىنى ئاندىن ,
تۇغۇلماق سۆڭرە ئۆلمەگلىك ئاياندۇر ھەممىگە ئايدىن .
لېكىن نەدە, قاچان,قانداق ئۈلۈشنى كىم بىلۇر ئالدىن ,
ئېچىلماس سىر بۇلۇپ كەلدى بۇ ماۋزۇ دەۋرى -دەۋراندىن .
ھەمىشە يىغسىمۇ دۇنيا بۇ سىرغا ھەممە دىققەتنى .

ئۈلۈمگە بىر دەۋا ئىزلەپ جاھاندىن كەتتى كۆپ دەنا,
ۋە لېكىن تاپمىدى ھېچكىم بۇ ئىشتىن زەررىچە مەنا .
ئارىستو ياكى لوقماندەك ھەكىملەرمۇ بىمۇستەسنا ,
دىيىشتى ئاخىرى مۇتلەق ئۇلۇغ قۇدرەتكە ئامەننا.
دىمەك مۆئمىن ئەمەس بۇزماق بۇ قانۇنى زۆرۈرەتنى.

قۇياش,ئاي ۋە يۇلتۇزلار ساما سەيىر ئىتىپ ھەر كۈن ,
مۇئەييەن يول ۋە تەرتىپتە خاتاسىز دەۋىر ئىتەر ھەر كۈن .
بۇڭا ھاكىم ئىكەن مۇتلەق ئەجەپ بىر مۇنتەزىم قانۇن ,
بۇ چەكسىز كائىنات تاپمىش ئەشۇ خىلدا تولا مەزمۇن .
يۇرۇپ نۇرلانغۇسى قەلبىڭ چۈشەنگەنچە بۇھالەتنى .

ۋە بەلكى بەزىلەر ئېيتار تۈزەلمەكلىك تەبىئەتتۇر ,
ۋەھالەنكى تەبىئەت ھەم ئەجەپ بىر خىلدا ھەيئەتتۇر.
بۇ ئالەم سىرلىرى بىزگە ھۇنۇن بىر ياخشى ئىبىرەتتۇر,
شېغىل تاش ھەر زامان تاشتۇر ,زۇمرەتلەر -زۇمرەتتۇر.
تەپەككۇر تاشقىنى يۈتسۇن كۆرەڭ باتىل -جاھالتنى .

مىسال :پەن -ھۈنەر ئەسىرى قۇرۇپ ھىكمەت دۇكانىنى,
ياراتتى ئىپتىخارلىق بۇمۇ ئىجازەتلەر زامانىنى .
يەنە ھەم ئاشقۇسىى كۆپلەپ بۈيۈك ھىممەت داۋانىنى ,
لېكىن ئادەم تۈگۈل ھەتتا ئۇنىڭ بىر قەترە قانىنى .
ياسالماس ھەر نىچۈك ئالىم قىلىپ تەقلىد بۇ قۇدرەتنى .

ھاياتلىق سىرىغا تەكرار تۇخۇمنى كەلتۈرەي بۇرھان ,
تۇخۇسىز ئالۇر ھەر كىم تۇخّۇمدىن چۈجىنى ئاسان .
ئەگەرچە يەنە مىڭ ھەسسە تەرەققى قىلسىمۇ دەۋران ,
تۇخۇمنىڭ ئۆزىنى لېكىن ياسالماس بەلكى بۇ ئىنسان .
دىمەك مەخلۇق ھامان مەخلۇق بىلۇر خالىقلا خەلقەتنى .

نەزەر سالساق ئەگەر بۇغداي ۋە ياكى باشقا بىر دانغا ,
تېرىپ ئۆستۈرمىسە دىھقان ھۇسۇل تولمايدۇ خامانغا .
ئەگەرچە دان ياساش مۇمكىن بۇلۇپ قالسىدى ئىنسانغا ,
زاۋۇتلاردا ياساپ ھەر كۈن پۇلى توختايتتى ئەرزانغا .
دىمەك مەخلۇق ئەمەس قادىر ياراتماققا تەبىئەتنى .

ھاياتلىق سىر لىرى شۇنداق ئاجايىپ كەڭرى دۇنيادۇر ,
بىلىپ يەتكەنىمىز تامچە ,ئەگەر ئۇ بەھرى دەريادۇر .
كىمكى مەۋجۇدات زاتەن ئۇلۇغ ھىكمەتلەر ئەھيادۇر,
كى تۇپراق بولمىدى كىميا مەگەر بولسا ئۇ خۇليادۇر .
ھايات قانۇنى ھەردەمدە قىلۇر تەكرار بۇ ئىبىرەتنى.

مىسالنى يەنە يۈز-يۈزلەپ تېپىش مۈشكۈل ئەمەس ھەر ئان
ۋە لېكىن ھەممىدىن ئەئلا ئۇلۇغ مۆجىزە دۇر قۇرئان .
خۇسۇسەن بولسا تەپسىرى < سۈرە رەھمان.>
كۇپايە قىلمىسا كاشكى ئاشۇنچە < ما تۇكەززىبان.>
قۇلۇپلۇق بو لمىسا قەلبىڭ قۇبۇل ئەيلەر بۇ نىمەتنى.

تۇلۇق ئون تۆت ئەسىر ئۆتتى نەقىشلەر بولمىدى سادىر,
نىمىكى دىسە قۇرئاندا بۈگۈن دۇنيادا شۇ زاھىر .
بۇنىڭدەك مۆجىزە ئىشىگە نىچۈك مەخلۇق بولۇر قادىر ,
ئۇنىڭ تەئرىپىگە سۆزنى تاپۇر قايدىن ئەدىپ ,شائىر .
نىسىپ قىلمايدىكەن تەڭرى ئەگەرتىلغا بالاغەتنى .

ئۈتۈپ بىر مىڭدا تۆت يۈز يىل ھاۋادىسىلەر بىلەن بىر-بىر,
بىرەر ئىش قالمىدى شەكلەن ۋە مەئنەن بولمىغاي تەغيىر
بىراۋلار قەسىت بىلەن قۇرئان قۇرئان بېتى قىلسىمۇ تەھرىر ,
لېكىن ئۆزگەرمىدى بىر ھەرىپ,بىرەر ساكىن ياكى زىر.
چۈشەنمەك نە مۈشكۈلدۇر بۇ مۆجىزە - كارامەتنى .

پۈتۈن ئۆمرىدە يا مەكتەپ يا ئۇستاز كۆرمىگەن بىر زات ,
ئۇقۇپ بىر كۈن < >نى ھەيھات .
تېپىپ قۇددۇسى قۇدرەتنىڭ ئۇلۇغ ئەنۋارىدىن ئىرشات ,
نەبۇۋەت ئەسىرىنىڭ شانلىق تۇغىنى ئەيلىسە بۇ نىيات .
نىچۈكمۇ ئىتىراپ قىلماس ئەقىل مۇنداق ھەقىقەتنى .

ئۇقۇپ كۆرسەك بۇتارىخنى ئەجەپ بىر ئەسرى ھىكمەتتۇر,
مۇبارەك تەرجىمەھالى تامامى پەزلى -خىسلەتتۇر.
رەقىپلەر ئىتىراپىمۇ بۇڭا ئەلۋەتتە ھۆججەتتۇر ,
بۇ زاتنىڭ ئسمى شەرىپى رەسۇل ئەكرەم مۇھەممەددۇر .
ياراتتى مەڭگۈ ئۆلمەس بىر ئۇلۇغ ئەسرى سائادەتنى.

نەبۇۋەت تاڭى ئاتماستا ئەرەپنىىڭ ھالىنى ئەسلەڭ,
جاھالەت دەستىدىن ئەلنىڭ ئايانىچ ئەھۋالىنى ئەسلەڭ .
زالالەت ھەم رەزىللىكنىڭ ياۋۇز ئىمسالىنى ئەسلەڭ ,
مىسال :بىر قىز تۇغۇلسا گەر زەبۇن ئىقبالىنى ئەسلەڭ .
يىمىردى نەبۇۋۋەتلا ئەرەپتىن بارچە زۇلمەتنى .

ۋەھىنى بەزىلەر ئىلھام دىيىشتى بىر زامان ھۆكمەن,
ۋەھالەنكى ئۇلۇغ قۇرئان ئەمەستۇر قىسسە يا رومان .
ئۇنى ئىلھام بىلەن ئىجاد قىلىشقا بولسا گەر ئىمكان ,
نىمىشقا يازمىدى بىر كىم يەنە ئىككىنجى بىر قۇرئان .
نىچۈكمۇ ئىتىراپ قىلماس كىشى مۇنداق ھەقىقەتنى .

بىراۋلار قىلدىلەر دەئۋا, نەبىلىك ئۈستىدە ھەتتا,
تېپىپ مىڭ ھېلە -نەيرەڭلەر, ئۆزىنى كۆرسىتىپ تەقۋا.
يېزىپ ئايەتكە تەقلىدلەر,ۋە ھەتتا قىلسىمۇ غەۋغا.
جاھاندىن كەتتلەر لىكىن, بولۇپ ئالەمگە مىڭ رەسۋا.
تاپالماس چۈنكى باتىللىق,ھەقىقى شانۇ-شۆھرەتنى.

بۇلارنىڭ ھەممىسى جانلىق ئۇلۇق مۆجىزە ئەلۋەتتە,
يەنە قانداق دەلىل لازىم بايان قىلماققا بۇ ھەقتە.
ئەقىل ساھىپلىرى جاندىن ئۆتەر تەستىق, قانائەتتە,
ئەگەرچە ياق دىسە بەزى مۇخالىپلار جاھالەتتە.
ئۆزىگە رەھنامە قىلسۇن ئەدىل , مەردانە پىكرەتنى.

خاتىمە.
بايان قىلغانلىرىم گەرچە دېڭىزدىن تامچىدۇر ئەمما,
نامايەندۇر قوياش ئەكسى بىر تامچە سۇدىمۇ ھەتتا.
قەسىدەم ئەلگە يەتكۈزسە ھېدايەتتىن بىرەر مەئنا,
مۇكاپات شۇ ئىدى مەنچۈن, ئەمەسمەن ئۆزگىگە تەشنا.
كۆچەتنى تىككۈچى مەيلى كۆرەلمەي ئۆتسە راھەتنى.

ئەقىدەم ھەققە باغلانغان, بۇ يولدا ئەتىمادىم بار,
شۈكرىكىم,ھەق ئاتا قىلغان ئىرادە,ئېتىقادىم بار.
ئەقىدە ساھىبى بولغاچ دىلىمدا پەخرۇ -يادىم بار,
دىمەيمەن مۇنچە گۇستاھلىق,قىلىشقا نىمە ھەددىم بار.
پىسەنىت قىلماس كۆڭۈل چۈنكى قۇرۇق تەئنە -مالامەتنى.

جاھان باقى ئەمەس, لوقمان چېغىدا تاپمىدى دەرمان,
مىسالدۇر رومى ئىسكەندەر, ۋە ھەتتا ۋەھشى چىڭگىزخان.
كېلىپ -كەتمەك بىلەن مەشغۇل, جاھانغا بىھېساپ كارۋان,
ئۆتەر دۇنيا, كېچەر دۇنيا, پەقەت ھەقلا سۈرەر دەۋران.
ئۆمۈر مەنزىلىدە تاپتىم نىھايەت شۇ ھەقىقەتنى.

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر.

باھار بولدى پۈتۈن دۇنيا يۈزىدە ئىلمىلىك ئەلگە,
ئىشەنگەن ھەم چۈشەنگەن ئەمەلدە ئىشلىگەنلەرگە.
قۇلاق سالماي ئۇلۇق تەڭرىم سۆزىگە ئەمەل قىلماي,
قۇرۇق دەۋادا بولغانلار تويۇنماس بىر قوناق نانگە.
بۆيۈك ئىسلام ئۈگەتكەن بىزگە بىلمەك ھەم تىرىشماقنى.
چاقىرغان ئۈستۈن بولماققا,ئىگىلمەي ئەجنەبى خانگە.

ئۇلۇق تەڭرىم ئېچىلدۇرساڭ دىلىم باغىدا گۈل -ئەترە,
تېمىتساڭ رەھمېتىڭ دەرياسىدىن قەلبىمگە بىر قەترە.
ئۆچۈرسەڭ چوڭ -كىچىك قىلمىشلىرىم قىلماي مېنى رەسۋا,
قىيامەت دەشتىدە ياپساڭ, گۇناھىم ئەيلىسەڭ سەترە.
ھاياتىم دۇنيادا قۇربانىڭ, گەر ئۆلسەم مەقسىدىم رىزۋان,
رەسۇلۇللاھ يولىچۈن ئۆمرۈم بارىنى ئەيلىسەم نەزرە


رەسىم مەنبەسى مىنىڭ چ چ بوشلۇقۇم

ئاۋازلىق مەنبەسى ئۇدۇن تورى

http://www.mp3uy.com/play_user_music.asp?id=9206

شىئېرلار مەنبەسى ئاختۇ تورى

http://www.ahtu.cn/news/hawar.asp?id=831


چۇشۇرۇش ئادىرىس

http://www.mp3uy.com/user/UserMusic/Uploads/2009/01/2009011073302985.mp3





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-3 06:38 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
TaRKiN + 50 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58154
يازما سانى: 536
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5362
تۆھپە نۇمۇرى: 338
توردا: 122 سائەت
تىزىم: 2011-9-27
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 07:26:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ شېئرنى قانچە ئوقۇسام ئوقۇغۇم كىلىدۇ بەك يارايدۇ ماڭا بۇ ئالىم شېئىرلىرى  ھازىرقى ھىسياتىمنى ئىپادىلەپ بىرەلمەيمەن بەك خۇرسەن بولدۇم بىر بىرىدىن ئىسىل گۆھەر كەبى مىسرالار................

سەنمۇ قويساڭ ئۈمۈدۈڭنى نەۋرىگە
  مەنمۇ قويسام ئۈمۈدۈمنى نەۋرىگە
  نەۋرىلەردىن نەۋرىلەرگە يۈكلىنىپ
  كۆمۈلمەمدۇ ئۈمۈدىمىز قەبرىگە ?

  

ئۇيغۇر ئوغلى باھارى!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27404
يازما سانى: 207
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5802
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 360 سائەت
تىزىم: 2011-1-23
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 08:06:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ شۇ يىغلىغۇم كېلىدۇ.

سةن تذغذلغاندىن باشلاپ ھاياتلىق رومانىڭنىڭ مۇقەددىمىسىنى يېزىشقا باشلايسەن،سەن ئۆلگەندىن كېيىن باشقىلار ئۇنىڭ خاتىمىسىنى يازىدۇ. . .

www.kapsizbala.com

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6216
يازما سانى: 524
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11357
تۆھپە نۇمۇرى: 496
توردا: 2268 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 08:30:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە ```مەن ئۇزۇندىن بېرى ئىزدەپ يۈرەتتىم ````

www.kapsizbala.com
ئۇلۇغ ئاللا ھەر بىر بەندىسىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن !!!!

ماڭا چاپلانغان بارچە تۆھمەتلەر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3467
يازما سانى: 363
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11266
تۆھپە نۇمۇرى: 625
توردا: 500 سائەت
تىزىم: 2010-7-6
ئاخىرقى: 2012-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 08:51:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرنىڭ غۇرۇرى ئۇ..................

ماڭا چاپلانغان بارچە تۆھمەتلەر ئارىسىدا مەن گۇناھسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8538
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8328
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 311 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 09:14:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان شىئېر. مەن بۇرۇنلا ئوقۇغان، تۆۋەندىكى كۇپلىتى بەك يارايتتى ماڭا، شۇڭا بۇ كۇپلىتنى ھازىرغىچە يادقا بىلىمەن.

جاھان باقى ئەمەس، لوقمان چېغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر رومى ئىسكەندەر، ۋە ھەتتا ۋەھشى چىڭگىزخان.
كېلىپ -كەتمەك بىلەن مەشغۇل، جاھانغا بىھېساپ كارۋان،
ئۆتەر دۇنيا، كېچەر دۇنيا، پەقەت ھەقلا سۈرەر دەۋران.
ئۆمۈر مەنزىلىدە تاپتىم نىھايەت شۇ ھەقىقەتنى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73000
يازما سانى: 558
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3942
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 881 سائەت
تىزىم: 2012-1-12
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 09:16:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر ئوقۇشقا ئەرزىگىدەك ئېسىل شېئىركەن....رەخمەت سىزگە ..

دەرت-ئەلەم كەلمىگىچە، بەندە خۇدا دەپ يىغلىماس! ـــــــــــــــ جودا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84031
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3103
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 49 سائەت
تىزىم: 2012-8-17
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 09:42:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامما لېكىن  تېمىدەكلا  تېما ئىكەن ، تېمىمۇ شۇ ، ئىنكاسمۇ شۇ  ، شېئىرمۇ شۇ ، ھىكايە  رومانمۇ شۇ،
تېما ئىگىسىگە رەھمەت چۈشرۈۋالدىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83960
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3319
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 172 سائەت
تىزىم: 2012-8-15
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 10:40:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82272
يازما سانى: 761
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4224
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 248 سائەت
تىزىم: 2012-6-29
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 09:31:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ تەشەككۈر تېما ئىگىسىگە  

ئامالسىز قالغاندا سۈكۈت ئەڭ ياخشى جاۋاپ،سۈكۈت دەل سەۋىر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش