|
|
|
|
توردىن ئېلىكىتاپ يىغىۋاتقىنىمغا خېلى كۈنلەر بولۇپ قاپتۇ. كومپىيوتىرىمدا ساقلانغان ئېلكىتابلارنى كۆرسەملا، بىر خىل ئىللىق سېزىم قەلبىمنى ئىللىتىدۇ. ئاشۇ ئېلكىتاپلارنىڭ جاپاسىنى تارتقان دوستلارغا ۋە قېرىنداشلارغا چىن دىلىمدىن تەشەككۈر ئېيتىپ كېتىمەن. يېقىندىن بۇيان خېلى جىق كىتابلارنى ھەقسىز چۈشۈرۈپ پايدىلىنىپتىمەن، لېكىن ئۆزۈم ئېلىشنىنىلا بىلىپ، دوستلارغا قايتۇرۇشنى خىيالىمغا كەلتۈرۈپمۇ قويماپتىمەن. بۇنى ئويلىسام ھەقىقەتەن خجىللىق ھېس قىلىمەن. مانا مۇشۇ خىجىللىق تۇيغۇسىدا مەنمۇ بەك سۈپەتلىك بولمىسىمۇ، قولۇمدا بار بولغان بىر قىسىم قىممەتلىك كىتابلىرىمنى دوستلار بىلەن ئورتاقلاشقۇم كەلدى. شۇنىڭ بىلەن غەيرەتكە كېلىپ تۇنجى بولۇپ، ئۈچ ۋىلايەت مەگىلىدىكى باتۇر جەڭچى، قانلىق جەڭلەرنىڭ شاھىدى ئەخمەت تۇردىيۇف ئەپەندىنىڭ "جەڭگاھ خاتىرلىرى"ناملىق كىتابىنى توپتۇغرا بىر كۈن ۋاقتىمنى چىقىرىپ، بەك سۈپەتلىك بولمىسىمۇ، ھەر ھالدا ئېلىكىتاب قىلىپ دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم. بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم قىلغان ئىشىم، شۇنداقلا تېخنىكام ئانچە يۇقىرى بولمىغاچقا، كىتاب ئانچە سۈپەتلىك چىقمىدى. بۇ ھەقتە ياخشى بىلىدىغان دوستلارنىڭ مېنى سۈپەتلىك ئېلكىتاب ياساش بىلىملىرى ھەققىدە ساۋاتلارغا ئىگە قىلىپ قويۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن. خەنزۇچە تور بەتلەرگە كىرسەملا ئۇلارنى ھەقسىز ئېلكىتابلىرىنىڭ تولىلىقىغا قاراپ بەك ھەۋەس قىلىپ كېتىمەن. ئېلىكىتابنىڭ پايدىلىق ھەم قولايلىق تەرەپلىرىنى سۆزلەپ ئولتۇرمىساممۇ بۇ كۆپچىللىككە ئايان. شۇڭىلاشقا، ئۇيغۇر ئېلكىتابچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز دەيدىكەنمىز. ھەممەيلەن قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە بۇ ئىشنى قىلىشىمىز كېرەك. شۇندىلا بۇ پايدىلىق بىلىم سۇپىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، نۇرغۇن ۋاقتىمىزنى تىجەپ قالالىشىمىز ۋە خەلقمىزنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئاز تولا ھەسسىمىزنى قوشالىشىمىز مۇمكىن. بۇ يەردە كۆپ سۆزلىمەي ئۇنداق بولسا، تۇنجى ئېلكىتابىمنى مازاق قىلماي قۇبۇل قىلىشالا! چۈشۈرۈش ئادىرىسى: http://www.lopnuri.com/?p=2378
|
|
|
|
|
|