موڭغۇلىيەنىڭ قىسقىچە تارىخى
ئومۇمى چۈشەنچە
موڭغۇلىيە ئاسىيا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى بىر يايلاق ۋە قۇملۇقلار تارقالغان ئېگىزلىك رايوننىڭ ئومۇمى نامى.تار مەنىدىكى موڭغۇلىيە ھازىرقى موڭغۇلىيە دۆلىتىنى،كەڭ مەنىدىكى موڭغۇلىيە بولسا ھازىرقى موڭغۇلىيە دۆلىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن سىرت يەنە جوڭگونىڭ ئىچكى موڭغۇلىيە ئاپتونۇم رايونىنى،رۇسسىيەنىڭ جەنۇبى سىبىرىيەدىكى تۇۋا جۇمھۇرىيىتى،بۇريات جۇمھۇرىيىتى ۋە چىتا ئوبلاستى قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايوننى كۆرسىتىدۇ.بۈيۈك موڭغۇل دۆلىتى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇنقى نەچچە مىڭ يىل ئىچىدە باشقا نۇرغۇن مىللەت ۋە قەبىلىلەر مەسلەن:ھۇن،خەن،سىيانپى،جۇرجان،تۈرك،ئۇيغۇر،قىرغىز،زۇبۇ،قىتان قاتارلىقلار بۇ رايوندا پائالىيەت ئېلىپ بارغان.
تارىختىن ئاۋالقى دەۋرى
تەخمىنەن كونا تاش قوراللار دەۋردە ئىنسانلار موڭغۇل ئېگىزلىكىگە كىرگەن بولۇپ ئۇنىڭ ۋەكىلى داياۋ مەدەنىيىتىدۇر،ئەمما مىلادىيەدىن ئاۋالقى 3-ئەسىردىن بۇرۇن مەزكۇر جاي بىلەن ئەتراپتىكى رايونلار ئارسىدا ناھايىتى ئاز مۇناسىۋەت پەيدا بولغان.
ھۇن خانلىقى دەۋرى
ھۇن خانلىقى
دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئاسىيا قىتئەسىنىڭ مەركىزىدىكى موڭغۇلىيە رايونىدا ھۇن،توخار ۋەتونغۇز(شەرقى غۇز)قاتارلىق ئۈچ چوڭ كۆچمەن چارۋىچى مىللەت ياشىغان.مىلادىيەدىن ئاۋالقى 209-يىلى ھۇنلارنىڭ باتۇر تەڭرىقۇتى موڭغۇلىيە رايونى تارىخىدىكى تۇنجى دۆلەتنى قۇرغان.ھۇنلار قۇدىرەتلىك كۆچمەن چارۋىچى مىللەت بولۇپ جوڭگونىڭ چىن سۇلالىسى ۋە خەن سۇلالىسى بىلەن ئۇزۇن مۇددەت تىركەشكەن.ئەمما،قۇدىرەتلىك كۆچمەن چارۋىچى ئېمپىرىيە ئۇزاق داۋاملاشمىغان.كەسكىن ئىچكى جېدەل-ماجرا ۋە سىرتتىن كەلگەن لەشكىرى زەربىدىن كېيىن تەدىرجى خارابلىشىشقا يۈزلەنگەن.گەرچە ھۇنلار شەرقى خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى جوڭگونىڭ ئىچىكى ئۇرۇشى پايدىلنىپ شەرقى خەنگە يىللاپ ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ،بىراق كېيىن مىلادىيە 48-يىلى ھۇنلار جەنۇب ۋە شىمال دەپ ئىككىگە پارچىلنىپ كەتكەن.ھۇنلار مىلادىيە 155-يىلى سىيانپىلارنىڭ لەشكىرى يۈرۈشىدە گۇمران بولغان،ئەڭ ئاخىرى مىلادىيە 158-يىل دىڭلىڭلار تەرىپىدىن مەغلۇب قىلىنغان.مىلادىيە 216-يىلى ھۇنلار ساۋساۋ تەرىپىدىن بەشكە پارچىلىۋېتىلگەن.چىن ۋە خەن ئېمپىرىيەلىرى چۆللۈكنىڭ جەنۇبىدا ۋىلايەت-ناھىيەلەرنى تەسىس قىلغان.
سىيانپى خانلىقى دەۋرى
سىيانپى خانلىقى
سىيانپىلارنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا تېخى بىرلىككە كەلگەن قاراش يوق بولۇپ،بىرخىل كۆزقاراش سىيانپىلارنى خەنچە تارىخى ماتېرىياللاردا ئېيتىلغان سىيانپىلارنى تونغۇز(شەرقى غۇز)لارنىڭ بىر قەبىلىسى دەپ قارايدۇ.مىلادىيە2-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلدە،سىيانپىلار تاۋشىخۇەينىڭ باشچىلىقىدا قەد كۆتۈرگەن ھەم سىيانپى خانلىقى قۇرغان.سىيانپى خانلىقى موڭغۇلىيە رايونىنى ۋە خەن سۇلالىسىنىڭ شىمالى قىسمىدىكى بەزى جايلارنى ئىگەللىگەن ھەم ۋېي،جىن سۇلالىرى مەزگىلىدىكى شىمالى جوڭگوغا سىڭىپ كىرگەن.جوڭگونىڭ بەش غۇز 16 بەگلىك دەۋرىگە كەلگەندە سىيانپىلارنىڭ نۇرغۇن قەبىلىلىرى ئۆزلىرنىڭ دۆلەتلىرىنى قۇرۇشقان.مىلادىيە 386-يىلى سىيانپىلارنىڭ بىر تارمىقى بولغان توبا سىيانپىلىرى شىمالى ۋېي سۇلالىسىنى قۇرۇپ بەش غۇز 16 بەگلىك دەۋرىدىن كېيىنكى جوڭگونىڭ شىمالى قىسىمنى بىرلىككە كەلتۈرگەن ھەم مىلادىيە 581-يىلغا قەدەر ھۆكۈمرانلىق قىلغان.بۇ مەزگىلدە موڭغۇلىيە رايونىدا جانلانغان مىللەتلەردىن تۇرالار(تيېلېلار) بار ئىدى.
جۇرجان خانلىقى دەۋرى
جۇرجان خانلىقى
مىلادىيە 402-يىلى،توبا سىيانپىلىرنىڭ باشقا بىر تارمىقى(قۇللىرى) جۇرجانلارنىڭ ئاقساقىلى شېلۇن قاغان بولغان،شۇندىن كېيىنكى 100يىل ئىچىدە جۇرجانلار موڭغۇلىيە ئېگىزلىكىگە خوجا بولغان.شىمالى ۋېي سۇلالىسى بىلەن جۇرجانلار ئارا نۇرغۇن قېتىم ئۇرۇش بولغان.مىلادىيە 552-يىلى،جۇرجانلار موڭغۇلىيە ئېگىزلىكىدە تۈركلەرنىڭ تۈمەن قاغانى تەرىپدىن مەغلۇب قىلىنغان،شۇنداق قىلىپ جۇرجان خانلىقى گۇمران بولغان.
تۈرك خانلىقى دەۋرى
تۈرك خانلىقى
مىلادىيە 552-يىلى،تۈركلەر جۇرجان خانلىقىنى مەغلۇب قىلىپ موڭغۇلىيە ئېگىزلىكىدىكى يېڭىدىن گۈللەنگەن خانلىققا ئايلانغان.مىلادىيە 583-يىلى،تۈركلەر شەرق ۋە غەرب دەپ ئىككىگە پارچىلنىپ كەتكەن ھەم نەچچە قېتىملىق سۈي سۇلالىسى بىلەن بولغان ئۇرۇشتا خارابلىشىشىقا يۈزلەنگەن.تۈركلەر گەرچە سۈي سۇلالىسنىڭ ئاخىرى تاڭ سۇلالىسنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە جوڭگونىڭ ئىچكى ئۇرۇشىدىن پايدىلنىپ بىر مەھەل كۈچەيگەن ھەم نەچچە قېتىم ھۇجۇم قوزغىغان بولىسمۇ بىراق ئەڭ ئاخىرى مىلادىيە 630-يىلى،شەرقى تۈركلەر تاڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن بويسۇندۇرلۇپ ئۆزىگە قوشۇۋېلىنغان،بىراق مىلادىيە 681-يىل تۈركلەر خانلىقنى تىرىلدۈرگەن ھەم ۋۇزېتيەن مەزگىلدىكى تاڭ سۇلالىسىغا يىللاپ ھۇجۇم قىلغان ،تاڭ سۇلالىسنىڭ چېگرىسىغا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى بۇزغۇنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن.
ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرى
ئۇيغۇر خانلىقى
ئۇيغۇرلار تۇرالار(تيېلېلار)نىڭ بىر قىسمى بولۇپ ئەسلىدە تۈركلەرگە قاراشلىق بىر قەبىلە ئىدى،مىلادىيە 744-يىلى،كۆلبىلگەنى باش قىلغان ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقى تاڭ سۇلالىسى قوشۇنىنىڭ ياردىمى ئاسىتىدا تۈرك خانلىقىنى ئاغدۇرغان ھەم تۈركلەرنىڭ قاغانى بومەي تېكىننى ئۆلتۈرگەن.دەسلىپىدە ئۇيغۇرلار بىلەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ مۇناسىۋىتى تىنىچلىقنى ئاساس قىلغان،بىراق مىلادىيە 762-يىلى،پۇرسەتتىن پايدىلنىپ قالايمىقانچىلىققا پېتىپ قالغان تاڭ سۇلالىسىنى قاقتى-سوقتا قىلغان ھەم لوياڭ شەھىرىنى تالان-تاراج قىلىشنى لوياڭ شەھىرنى قايتۇرۋېلىشنىڭ شەرتى قىلغان،بۇ ئۆڭلۈك-سۆيگۈن توپىلىڭىنى تىنجىتىشتا بەلگىلىك رول ئوينىغان.9-ئەسىردە، تۈبۈتلەر بىلەن بولغان ئۇزۇن مەزگىللىك ئۇرۇش ئۇيغۇرلاردا ئىچكى قالايمىقانچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان،ئاخىرى قىرغىزلارنىڭ مىلادىيە 840-يىل 100مىڭ كىشلىك زور قوشۇن چىقىرىشى بىلەن گۇمران بولغان.
قىرغىز ۋە زۇبۇ مەزگىلى
قىرغىزلار ئۇيغۇر خانلىقىنى يوقاتقاندىن كېيىن،بىر قىسىم ئۇيغۇرلار دۆلەت مۇنقەرز بولغانلىقتىن جەنۇبقا قىتانلارنىڭ زېمىنغا كۆچكەن،كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار غەربكە تارىم ئويمانلىقىدىكى بوستانلىقلاردىكى شەھەر دۆلەتلىرىگە يۆتكەلگەن،ئاز بىر قىسىمى ئەسلى جايىدا قېلىپ قالغان.بۇ مەزگىلدە چۆللۈكنىڭ جەنۇبى قىرغىزلار تەرىپىدىن ئىگەللەنگەن،ئۇنىڭ شەرقى قىسمىدا تۈركى تىللىق زۇبۇلار بولۇپ تاكى مىلادىيە 924-يىلغا كەلگەندە ئاندىن قىتانلارنىڭ قاغانى يوللۇغ ئاپاگې تەرىپىدىن مەغلۇب قىلىنغان.
قىتان خانلىقى دەۋرى
قىتان خانلىقى
قىتانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپ تارىخى ماتېرىياللاردا كۆرۈلگەن ۋاقتى مىلادىيە 405-يىلى كېلىپ چقىش مەنبەسى توغرىسىدا تېخى بىرلىككە كەلگەن كۆزقاراش يوق.خەنچە تارىخى ماتېرىياللاردىكى خاتىرلەرگە ئاساسلانغاندا ئۇلار ئۆزىنى «كۆك كالا ۋە ئاق ئاتنىڭ ئەۋلادى›› دەپ قارايدىكەن،يەنە بىر خىل كۆزقاراشتا قىتانلارنى سىيانپىلارنىڭ بىر تارمىقى دەپ قارايدۇ.مىلادىيە 907-يىلى يوللۇغ ئاپاگې قاغان بولغان.مىلادىيە 916-يىلى قىتانلارنىڭ قاغانى يوللۇغ ئاپاگې بۈيۈك مەركىزى قىتان دۆلىتنى قۇرغان،قىتانلار ئەسلىدە لياۋشۈي دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا ياشىغان ھەم مىلادىيە 938-يىلدىن كېيىن ئەينى ۋاقىتتىكى جوڭگونىڭ يەنيۈن 16 ۋىلايىتىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان بولغاچقا،بۇ دۆلەت ئەينى ۋاقىتتا يەنيۈن 16 ۋىلايەتتە ياشايدىغان خەنلەر تەرىپىدىن لىياۋ سۇلالىسى دەپ ئاتالغان.كېيىن شىمالى سوڭ سۇلالىسىمۇ مۇشۇ نامنى قوللانغان.مىلادىيە 1125-يىلىغا كەلگەندە قىتان خانلىقى جۇرجىتلار تەرىپىدىن يوقىتىلغان.قىتان خانلىقى تولۇق گۈللەنگەن مەزگىلدە زېمنى شەرقتا ياپون دېڭىزىغا،شىمالدا سېلېنگا دەرياسى،شىلكا دەرياسى بويلىرىغا، غەربتە ئالتاي تاغلىرىغىچە يەتكەن،جەنۇبتا شىمالى سوڭ سۇلالىسى بىلەن چېگرىلەنگەن.
موڭغۇللاردىن ئاۋالقى دەۋر
مىلادىيە 1125-يىلى قىتان خانلىقى ئەسلىدە ئۆزىگە تەۋە جۇرجىتلارنىڭ ئالتۇن خانلىقى تەرىپىدىن مەغلۇب قىلىندى،يوللۇغ تاش قىتانلارنىڭ قالدۇق قىسمىلىرنى يىغىپ ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈپ ئۇ يەردە قاراقىتان خانلىقىنى قۇردى،بۇ ۋاقىتتا ھوڭ ھىنگان تېغىنىڭ شەرقى-شىمالى قىسمىدىكى رايونلار جۇرجىتلارنىڭ ئالتۇن خانلىقىغا تەۋە ئىدى،ئەمما موڭغۇل يايلاقلىرىدا تۈركى تىللىق قەبىلىلەر ۋە موڭغۇللارنىڭ قەبىلىلىرى ياشايتى.13-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە موڭغۇللار تەدىرجى قۇدىرەت تېپىشقا باشلىدى ھەم موڭغۇللارنىڭ قىيان قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى تۆمۈرچىننىڭ باشچىلقىدا ئاخىرى مىلادىيە 1206-يىلى باشقا قەبىلىلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ بۈيۈك موڭغۇل دۆلىتىنى قۇردى، بۇ موڭغۇللار تارىخىنىڭ رەسمى باشلانمىسى بولۇپ قالدى.كېيىن موڭغۇللار نەچچە قېتىملىق تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشلىرنى قوزغىدى،1211-يىلدىن 1216-يىلغىچە ئالتۇن خانلىقىغا ئېغىر زەربە بەردى ھەم 1217-يىلدىن 1229-يىلغىچە ئالتۇن خانلىقىغا ئۈزلۈكسىز ھۇجۇم قىلدى.1205-يىلدىن 1227-يىلغىچە بولغان ئارلىقتا تاڭغۇت خانلىقىغا جەمىئى يەتتە قېتىم ھۇجۇم قىلدى ھەم ئاخىرى تاڭغۇت خانلىقىنى تەلتۆكۈس يوقاتتى.1218-يىلى قىتان خانلىقىنى يوقاتقاندىن كېيىن ،1219-يىلدىن 1223-يىلغىچە خارەزىم شاھلىقى،كاۋكاز دۆلەتلىرى ۋە كىيۋرۇس كىنەزلىكىنى يوقاتقاندىن كېيىن قايتىپ كېلىپ تاڭغۇت خانلىقىنى يوقاتتى،1231-يىلى كورىيەگە تاجاۋۇز قىلدى،1234-يىلى 9-مارت ئالتۇن خانلىقىنى تەلتۆكۈس يوقاتتى.
موڭغۇل دەۋرى
باش كۆتۈرشى
موڭغۇللارنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا تېخى بىرلىككە كەلگەن كۆزقاراش يوق بولۇپ ئادەتتە موڭغۇللارنى ئەجدادى كۆك بۆرە بىلەن ئاق بۇغىنى ئۆزىگە لەقەم قىلغان كىشلەرنىڭ ئەۋلادى دەپ قارايدۇ.1127-يىلى،نىلۇن ۋە دىلىجىندىن ئىبارەت ئىككى چوڭ قەبىلىنى ئاساسى گەۋدە قىلغا موڭغۇل خانلىقى قۇرۇلغان.موڭغۇل خانلىقى 12-ئەسىردە ھازىرقى رۇسسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ بۇريات جۇمھۇرىيىتى ۋە چىتا ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردىن بۈگۈنكى موڭغۇل ئېگىزلىكىدىكى ئونۇن دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا كۆچۈپ كەلگەن.1146-يىلى ئۇلارنىڭ قاغانى قابۇل ئالتۇن خانلىقنىڭ لەشكەرلىرىنى چېكىندۈرگەن،ئالتۇن خانلىقى كېرۈلەن دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى زېمىنلارنىڭ موڭغۇل خانلىقنىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان،بىراق بۇ ۋاقتتا چۆللۈكىنىڭ شىمالىدىكى يايلاقلاردا تاتارلار،مەركىتلەر،نايمانلار،كەرەيلەر،ئونغۇتلار،تايچۇدلار قاتارلىق بىر-بىرىگە قاراشلىق بولمىغان تۈركى قەبىلىلەر بار ئىدى يەسۇگەي(تۆمۈرچىننىڭ ئاتىسى) 1170-يىلى تاتارلارنىڭ ئاقساقىلى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلشى موڭغۇل خانلىقنىڭ يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
بۈيۈك موڭغۇل دۆلىتى دەۋرى
موڭغۇل ئېمپىرىيەسىى
1196-يىلدىن 1204-يىلغىچە تۆمۈرچىن ئارقا-ئارقىدىن،تاتار،تايچۇد،مەركىت،نايمان،كەرەي قاتارلىق تۈركى تىللىق كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەرنى بويسۇندۇردى،1204-يىلى ئونغۇت قەبىلسىنى ئىتائەت قىلدۇردى ھەم 1206-يىلى موڭغۇلىيە رايونىدا بۈيۈك موڭغۇل دۆلىتىنى قۇردى.بۈيۈك موڭغۇل دۆلىتى ناھايىتى تېزلا موڭغۇلىيە رايونىنى ئىگەللىدى ھەم تەرەپ-تەرەپكە يۈرۈش قىلدى،بۈيۈك موڭغۇل دۆلىتى ھەرقايسى مەزگىلدىكى قاغانلارنىڭ تىرىشىشى ئاسىتىدا ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنى ھالقىغان بۈيۈك موڭغۇل ئېمپىرىيەسىگە ئايلاندى.
بۈيۈك يۈەن . بۈيۈك موڭغۇل دۆلىتى دەۋرى
بۈيۈك يۈەن ئېمپىرىيەسى
1271-يىلى تۆمۈرچىننىڭ تۆتىنجى ئوغلى تولۇينىڭ تۆتىنجى ئوغلى قۇبلاي دۆلەت نامى« بۈيۈك موڭغۇل دۆلىتى››ئالدىغا«بۈيۈك يۈەن››دېگەن سۈپەتنى قوشتى،شۇ ئارقىلىق بۈيۈك موڭغۇل دۆلىتى زېمىنىڭ بىپايان كەڭرى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى. شۇڭلاشقا بۇ دۆلەت يەنە بۈيۈك يۈەن بۈيۈك موڭغۇل دۆلىتىمۇ دېيىلدى،خەنچە تارىخى ماتېرياللاردا بولسا قۇبلاي دۆلەت نامىنى«بۈيۈك يۈەن››گە ئۆزگەرتكەن دەپ خاتىرلەنگەن.1368-يىلى بۈيۈك موڭغۇل دۆلىتىنىڭ جوڭگو رايونىغا بولغان ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشتى ھەم مىڭ سۇلالىسى بىلەن قارشىلىشىپ كۆپ قېتىم ئۇرۇش يۈزبەردى.بىراق بۈيۈك موڭغۇل دۆلىتى تاكى 1635-يىلى كېينكى ئالتۇن خانلىقى(چىڭ سۇلالىسى) تەرىپىدىن مەغلۇب قىلىنغانغا قەدەر مەۋجۇد بولۇپ تۇردى،لىندانخان مەغلۇب بولغاندىن كېيىن موڭغۇللار كېيىنكى ئالتۇن خانلىقى تەرىپىدىن تولۇق بويسۇندۇرۇلدى.
چىڭ سۇلالىسى دەۋرى
مەنچىڭ سۇلالىسى ۋە ئۇنىڭ تەسىر دائىرسى
1618-يىلى كېينكى ئالتۇن خانلىقىنىڭ يولباشچىسى نۇرخاچ لەشكەر چىقىرىپ مىڭ سۇلالىسىگە قارشى تۇردى.1626-يىلى نۇرخاچ ئۆزى زور قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ بۈيۈك موڭغۇل دۆلىتىنىڭ چاخار قەبىلىسگە يۈرۈش قىلدى.نۇرخاچ ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ سەككىزىنجى ئوغلى قۇنتەيجى 1636-يىلى چىڭ سۇلالىسىنى قۇردى ھەم ئاخىرى جەنۇبى مىڭ سۇلالىسنى يوقىتىپ پۈتۈن جوڭگونى بويسۇندۇردى.ئۇ ۋاقىتتا سەددىچىننىڭ سىرتىدىكى موڭغۇل قەبىلىلىرىنىڭ بەزىلىرى چىڭ سۇلالىسنىڭ ھۆكۈمرانلىرى بىلەن بىرلەشتى،قۇدىلاشتى،مەسلەن:قورچىن قەبىلىسى.بەزىلىرى چىڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلدى مەسلەن:خالخا قەبىلىسى،خوشۇت قەبىلىسى،ئويرات قەبىلىسى،چاخار قەبىلىىسى،جۇڭغار قەبىلىسى قاتارلىق.شۇنداق قىلىپ ئەينى ۋاقىتتىكى پۈتكۈل شەرقى ئاسىيا رايونىدىكى موڭغۇل قەبىلىلىرى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاسىتغا چۈشۈپ قالدى.
چىڭ سۇلالىسى دەۋردە موڭغۇللار ئەمەلدار تەيىنلەپ باشقۇرۇلدىغان ئىچكى موڭغۇل ۋە جاساق بىلەن ۋارسلىق قىلىندىغان تاشقى موڭغۇل دەپ ئىككىگە بۆلۈۋېتىلدى.تاشقى موڭغۇل يەنە تاشقى جاساق موڭغۇل(چۆللۈكنىڭ جەنۇبىدىكى 16 ئايماق)،ئۇلاستاي،قوبدو(خالخا موڭغۇللىرى،غەربى چۆللۈك موڭغۇللىرى) دەپ ئۈچكە بۆلۈنگەنىدى،ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئالدىنقىسى بۈگۈنكى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونۇم رايونىنىڭ ئاساسى گەۋدىسىگە ئايلاندى.چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدە ئىچكى موڭغۇل ۋە تاشقى موڭغۇل دەيدىغان ئۇقۇملار پەيدا بولدى.ئىچكى موڭغۇل دېگەن سۆز ئىچكى جاساق موڭغۇلدىكى 49 خوشۇننى كۆرسىتەتتى،تاشقى موڭغۇل بولسا خالخالارنىڭ تۆت قەبىلىسى(بەزى چاغلاردا قوبدو ۋە تاننۇ ئۇريانقايلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالاتتى)نى كۆرسىتەتتى.چىڭ سۇلالىسى گۇمران بولغاندىن كېيىن خالخا موڭغۇللىرى مۇستەقىللىققا يۈزلەندى،ئەمما ئىچكى موڭغۇل جوڭخۇا مىنگونىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاسىتىدا بولۇپ ئايرىم-ئايرىم ھالدا جوڭخۇا مىنگونىڭ ھىنگان ئۆلكىسى،رېخې ئۆلكىسى،چاخار ئۆلكىسى،سۈييۈەن ئۆلكىسى،نىڭشيا ئۆلكىلىرىگە تەۋە ئىدى.جوڭخۇا مىنگو جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن بۇ رايوندا ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلدى.
چىڭ سۇلالىسى موڭغۇل رايونىدا ئايماق-خوشۇن تۈزۈمىنى قوللانغانىدى.ئايماق دېگىنى ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ قەرەلىك ئىتتىپاق تۈزۈشىدىن شەكىللىنەتتى،خوشۇنلار بولسا ئەسلىدىكى قەبىلىلەردىن تەركىب تاپاتتى.ئايماق-خوشۇنلار ئىچىدە ئورنى ئەڭ يۇقىرسى بولسا ھەرقايسى خوشۇنلارنىڭ جاساقلىرى ۋە تىبەت بۇددا دىنىنىڭ قۇتۇقتۇلىرى ئىدى.
يېقىنقى زاماندىكى موڭغۇلىيە
موڭغۇللارنىڭ دۆلەت تىرىلدۈرۈش ھەرىكىتى
1911-يىلى جوڭگودىكى شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن،موڭغۇللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرى ئىچىدە رۇسپەرەس،سوۋېت پەرەسلىرى،مۇستەقىللىقنى تەشەببۇس قىلدىغانلىرى بارئىدى،يەنە ئۈزلۈكسىز جوڭخۇا مىنگونىڭ ئىچىدە قېلىشنى تەشەببۇس قىلدىغانلىرمۇ بار ئىدى.نەچچە قېتىم تەكرارلىنىش ئارقىلىق موڭغۇللارنىڭ بىرقىسمى 1944-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قوشۇۋېتىلدى،بىر قىسمى موڭغۇل دۆلىتىنى قۇردى،يەنە بىر قىسىمى جوڭگونىڭ ئىچكى موڭغۇليە ئاپتونوم رايونىغا ئايلاندى.
ھازىرقى زاماندىكى موڭغۇلىيە
موڭغۇلىيە دۆلىتى
موڭغۇلىيە دۆلىتى
1921-يىلى موڭغۇلىيە خەلق پارتىيەسى سوۋېت قىزىل ئارمىيەسىنىڭ ياردىمى ئاستىدا «خەلق ئىنقىلابى ھۆكۈمىتى››نى قۇردى،1924-يىلى پادىشاھلىق ئاساسى قانۇنلۇق تۈزۈمنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلاپ موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيتىنى قۇردى ھەم كۈرىيەنى پايتەخت قىلدى ھەم شەھەرنىڭ نامىنى ئۇلان باتۇرغا ئۆزگەرتتى.1961-يىلى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىردى.سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى سوتسيالىزمدىن ۋاز كېچىپ كۆپ پارتىيەلىك تۈزۈم،پرىزدېنتلىق دېموكراتىك تۈزۈم ۋە پارلامېنتلىق تۈزۈمنى يولغا قويدى.يېڭى ئاساسى قانۇن شۇ كۈنىلا كۈچكە ئىگە بولدى ھەم دۆلەت نامىنى «موڭغۇلىيە دۆلىتى››گە ئۆزگەرتتى.
ئىچكى موڭغۇلىيە ئاپتونۇم رايونى
ئىچكى موڭغۇلىيە ئاپتونۇم رايونى
تاشقى موڭغۇلىيەنىڭ مۇستەقىل بولۇش جەريانىدا ئىچكى موڭغۇلىيە ئىزچىل جوڭخۇا جۇمھۇريىتى(مىنگو)نىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاسىتىدا بولدى ھەم چاخار ئۆلكىسى،رېخې ئۆلكىسى،ھىنگان ئۆلكىسى،سۈييۈەن ئۆلكىسى ۋە نىڭشيا ئۆلكىسى قاتارلىق بىر نەچچە ئۆلكىلەرگە بۆلۈۋېتىلدى.ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە 1933-يىلدىن ئىچكى موڭغۇلىيەنىڭ بەزى جايلىرى ياپونىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى دېمچۇغدوڭرۇب(Demchugdongrub)نى باش قىلغان بىر قىسىم كىشلەر ياپونلار بىلەن ھەمكارلىشىپ مېڭجياڭ بىرلەشمە ئاپتونۇم ھۆكۈمىتى قاتارلىق ئورگانلارنى قۇرۇپ ئىچكى موڭغۇلىيە رايونىنى باشقۇردى.1945-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيەسى ۋە موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى ئارمىيەسى يالتا يىغىنىنىڭ قارارىغا ئاساسەن ئەسكەر چىقىرىپ ياپونىيە ئارمىيەسىگە زەربە بەردى ھەم ئىچكى موڭغۇلىيەنى ئىشغال قىلدى.1947-يىل،جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشتىن ئاۋال جوڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى سوۋېت ئىتتىپاقى سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە ئىچكى موڭغۇلىيە ئاپتونۇم رايونىنى قۇردى.ئىچكى موڭغۇلىيە ئاپتونۇم رايونىغا ھازىر 3 ۋىلايەت دەرجىلىك شەھەر،3 ئايماق، 21شەھەر باشقۇرۇش رايونى،11 ناھىيە دەرجىلىك شەھەر،17 ناھىيە،49 خوشۇن،3 ئاپتونۇم خوشۇنلار قارايدۇ،مەركىزى كۆكخوت شەھىرى.
تەييارلىغۇچى:بىلگە
ئەسكەرتىش:مەزكۇر تېمىنى يوللىغۇچىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Bilge تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-3 12:43 PM
|