|
|
|
|
كېشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ئوغرىلىق قېلمىشى ــ بانكا كارتىسىنى نۇسخىلاش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم... مېسرانىمدىكى بارلىق مۇنبەرداشلار ھەممىڭلارنىڭ مۇندا ئېشتىن ئېھتىيات قىلىپ خەۋەردار بولۇپ قېلىشىڭلار ئۈچۈن مۇنداق بىر شۇم خەۋەرنى خەلق تورىدىن ئىلىپ كەلدىم ئەپۇ قىلغايسىلەر .. بەك مۇھىم ئىكەن ...
زامان تەرەققىياتى بىلەن تەڭ ئوغرىلارنىڭ ئۈسكۈنىلىرىمۇ كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان دەرىجىدە زامانغا لايىقلىشىپ، بانكا كارتىسى سىزنىڭ يانچۇقىڭىزدا تۇرسىمۇ، باشقا جايدا تۇرۇپ كارتىڭىزدىكى پۇلنى نۇسخىلانغان كارتا بىلەن بىمالال ئىشلىتەلەيدىغان يېڭى بىر خىل ئوغرىلىق پەيدا بولدى. تۆۋەندىكىسى بۇ خەۋەرنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالى:
توردا ئوچۇق – ئاشكارا سېتىلغان بانكا كارتىسىنى نۇسخىلاش ماشىنىسىنىڭ بىر يۈرۈشىنىڭ ئەڭ تۆۋەن باھاسى 8 مىڭ يۈەن بولۇپ «نۇسخىلاشنى ئۆگىتىپ قۇيۇشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ»بۇ ئىككى يىلدىن بۇيان، ھەر جايلاردا ئارقا ـ ئارقىدىن بانكا كارتىسىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن «ئوغۇرلۇقچە ئىشلىتىلگەنلىك» خەۋەرلىرى ئاشكارىلىنىپ تۇردى. بولۇپمۇ يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان، بانكا كارتىسى ئۆزىنىڭ يېنىدا تۇرسىمۇ، لېكىن كارتا ئىچىدىكى پۇل «مۆجىزىلەرچە» ئازىيىپ قالغان ھەتتا باشقا جايلاردا كارتىدىكى پۇل ئىستىمال قىلىنغانلىقىدەك خەۋەرلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىدى. بۇ زادى قانداق ئېش؟
يېقىندا، ياڭزى كەچلىك گېزىتى مۇخبىرى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، «بانكا كارتىسىنى نۇسخىلاش يۈرۈشلۈك ئەسۋابلىرى»نىڭ توردا ئوچۇق ـ ئاشكارە سېتىلىۋاتقانلىقىنى، سېتىلىش باھاسىنىڭ 8 مىڭ يۈەندىن 12 مىڭ يۈەنگىچە بولىدىغانلىقىنى، بۇ خىل «كارتا نۇسخىلىغۇچ»نىڭ كارتىدىكى پۇلنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئىستىمال قىلىنىشىدىكى ئاساسلىق «پەردە ئارقىسىدىكى قاتىل» ئىكەنلىكىنى بايقىغان! مۇتەخەسسىسلەر كارتا ئىگىلىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئىستېمال قىلغاندا ئۇچۇر ئەسكەرتىش مۇلازىمىتى بىجىرىپ، بىنورماللىق ھېس قىلغان ھامان يېقىن ئەتراپتىكى تور نۇقتىلىرىغا بېرىپ، كارتا سۈركەشتە ئىشلىتىلىدىغان ئىسپاتنى ئېلىشىنى تەۋسىيە قىلدى.
مەنبە: خەلق تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-3 02:15 PM
|
|
|
|
|
|